- تىزىملاتقان
- 2014-10-15
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-3
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 3658
- نادىر
- 0
- يازما
- 442
ئۆسۈش
55.27%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا YOQSUL تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-11-20 14:52
oghuzkhan يوللىغان ۋاقتى 2014-11-19 11:28
دۇنيادا ئادەم ئىسىملىرىدىن تولا نەرسە يوق، بۇلارنىڭ ھ ...
مەن ''ترانسكرېپىسسىيە''دېگەن بۇ تېرمىننى مەلۇم بىر يېزىقتىكى ئاتالغۇنى باشقا بىر يىزىققا ماسلاشتۇرۇپ ئوقۇلۇش قائىدىسى،دەپ چۈشىنىمەن. كەچۈرۈڭ،دۇنيادا ''خەلقارالىق بىرلىككە كەلگەن ئوقۇلۇش قائىدىسى ''دېگەن گەپ مەۋجۇت ئەمەس.سىز بۇنى خاتا چۈشىنىۋالغان ئوخشايسىز.ئەمما ''خەلقئارالىق ترانسكپېرىسسسىيە''دېگەن ئاتالغۇ بار.بۇ نېمە دېگەنلىك دېگەندە،مەلۇم بىرتىل-يىزىقتىكى ئاتالغۇنى خەلقئارالىق بىرلىككە كەلگەن ھەرپ -بەلگىلەرئاساسىدا ئۆزتەلەپپۇزىغا ماسلاشتۇرۇپ يېزىشنى كۆرسىتىدۇ.
مەن يەنە شۇنى قىستۇرۇپ ئۆتەي بىزنىڭ ھازىرقىي ئۈگۈنۇپ-قوللىنىپ كىلىۋاتقان ئىنگىلىز تىلى ئامېرىكا تەلەپپۇزىدىكى ئىنگىلىز تىلى بۇنىڭدا بىز دەۋاتقان نيۇ-يورك ''نېۋيووك''دېگەنگە يېقىن تەلەپپۇزقىلىنىدۇ.سىز دېگەندەك بۇيەردىكى ر ھەرىپى ھەددىدىن زىيادە ئاجىزلاپ كېتىدۇ.مېنىڭ بۇيەردە تەكىتلەيدىغىنىم ''نيۇ''سۆزى .ئۇ خەن تىلىدا نيۇ''دەپ تەلەپپۇزقىلىنغىنى بىلەن بىزنىڭ يىپىشقاق تىلىمىزدا ئەسلىسىگە ئاساسەن ئوخشاش تەلەپپۇزقىلش ۋە بۇنىڭغا ماسلاشقان يىزىقىمىزدا بۇنى شۇنداق ئىپادىلەشكە قادىر.شۇڭا ئۇنى بىز''نېۋ يورك''دەپ ئالساق توغرا بولىدۇ.
يەنە شۇدەپ قويايكى،سىز لۇغەت دېگەن گەپنى تۇتقا قىلىۋېلىپ ئۇدېگەن تەرجىمىگە مۇناسىۋەتلىك ،ئىسىملانىمۇ تەرجىمە قىلامدۇ؟دېگەندەك مەزمۇنلاردا ئاپتۇرغا ھۇجۇم قىلدىڭىز .ئىسىملارنى ئەلۋەتتە تەرجىمە قىلىدۇ ،بۇنى ئاھاڭ تەرجىمە ،دەيدۇ.سىز ئاھاڭ تەرجىمىنى ئىروگلىف يىزىقىنى قوللىنىدىغان بىرقىسىم مىللەت ئىسىملىرىغىلا خاس،دەيدىغان ئوخشايسىز.دۇنيادا نۇرغۇن تىللار بار ،ئۇلارنىڭ يەنە ئۆزىگە خاس ،باشقا تىللارنىڭ فونىتىكىسىغا زادىلا كەلمەيدىغان تاۋۇشلىرى بار تىللارمۇ خېلى بار.مەسىلەن نېمىس تىلىدىكى نۇرغۇن ئاتالغۇلارنى روس تىلىدا بىرقەدەر يىقىنمۇ ئىپادەقىلغىلى بولمايدۇ.بۇنىڭدەك مىساللار نۇرغۇن.بۇيەردە كۆپ سۆزلەشنىڭ ھاجىتى يوق .يىغىپ ئېتقاندا ھەرقانداق بىر تىلدا خۇددىي ئابدۇلھافىز ئەپەندىنىڭ ئەمگىكىدەك بىر ئىسىم تەلەپپۇزقىلىش قوللانمىسىنىڭ بولىشى ھەرگىزمۇ ئارتۇقچە ئىش ئەمەس.شۇنى قىستۇرۇپ قويغۇم كەلدى،بۇ ''لۇغەت'' دېگەن ئاتالغۇ ھەرگىزمۇ تەرجىمە بىلەنلا مۇناسىۋەتلىك تېرمىن ئەمەس.ئۇ ئۇنىڭدىنمۇ كەڭ مەزمۇنلارنى ئۆزئىچىگە ئالىدۇ.''لۇغەت؛''دېگەن بۇ سۆز ئەرەپچىدىن كىرگەن بولۇپ'' تىل''دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.شۇڭا ئۇ تىل-يىزىققا مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق نەرسىنى ئۆزئىچىگە ئالىدۇ. |
|