- تىزىملاتقان
- 2013-9-6
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-10
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 3207
- نادىر
- 2
- يازما
- 154
ئۆسۈش
40.23%
|
ماقالىگە قاراپ شەخىسكە باھا بىرىشنى ئەخلاقسىزلىق ھىساپلىغىنىم ئۈچۈن زۇلپىقار ئەپەندىدىن ئامرىكىدا نىمە ئۈگەنگەنلىكىنى سورىمايمەن.
ماقالە پەقەت بىر قاتار غەرىپ جەمىيەتشۇناسلىرىدىن ئالغان زامانىۋىيلىققا ئالاقىدار تەبىرلەر بىلەن ماقالە سۈپىتىگە ئىرىشكەن.ئەگەر ئۇ ئۈزۈندىلەر بولمىغان بولسا بۇ ماقالىنى زۇلپىقار ئەپەندىنىڭ كۈندىلىك خاتىرىسىكەن دەپ بىلگەن بولاتتىم.
1.جەمىيەتشۇناسلىقتا جەمىيەتنى تەكشۈرۈش دۇكلاتى ياكى جەمىيەتشۇناسلىق ئىلمىي ماقالىسىنىڭ مەنبەسى كەڭ كۆلەملىك جەمىيەت تەكشۈرىشىدىن ھاسىل قىلىنغان ئىشەنچىلىك سان-سىپىردۇر.
كىيىمىنى خەلقارالاشتۇرغان ئايال شىنجاڭ ئۈنۋىرسىتىدىكى ھاياسىز قىز ۋە مودا بولغان بىر قانچە ئۇسۇلغا تايىنىپ جەمىيەتشۇناسلىق ماقالىسى يازغىنى بولمايدۇ.
2.ئىلمىي ماقالە چوقۇم ۋە چوقۇم دىننى،مىللىي چۈشەنچىلەرنىڭ تەسىرى ئاستىدا يىزىلماسلىقى كىرەك.ماقالىدە سان-سىپىر ۋە ئىسپات ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىمەي ئورنىغا ھىسسى تۇيغۇلارنى ئولتۇرغۇزۇپ قويسا ئىلمىي ماقالە ئەمەس شىئىر يازسا بولىدۇ.
3.ماقالىدە جەمىيەتشۇناسلىقنىڭ نەزەريىۋىي قۇراللىرىنى جەمىيەت تەكشۈرشىڭىزدە ياخشى ئەمەلىيلەشتۇرەلمەپسىز.
ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەل مەھسۇلاتلىرىغا قىززىقىشى،يىڭىچە ئۇسۇللارنىڭ كۈلتۈر ئىقىشى بىلەن مەدىنيىتىمىزگە كۆرسىتىۋاتقان تەسىرىنى نەزىريىۋىي ئاساسلارغا تايىنىپ راتسىئونال تەپەككۈر بىلەن ئەمەس بەلكى ئۆز چۈشەنچىڭىز،شەخسىي ھىسياتىڭىز بىلەن باھالاپسىز.
4.پۈتۈن دۇنيا غەرىپنىڭ يىڭىچە مەدىنيىتى ۋە كۈلتۈرى تەرىپىدىن زور ئاسمىلاتسىيە بىسىمىغا دۇچ كىلىۋاتىدۇ.لىكىن بۇ دۇنياۋىي كۈلتۈر توقۇنىشىدا ئۇيغۇرلارنىڭ مەدىنيىتى ئىنتايىن چەكلىك ۋە ئاجىز تەسىرگە ئۇچراۋاتىدۇ.
ئۇيغۇر جەمىيىتى يىپىق ۋە سىرتقا بولغان ئالاقىسى دىن ۋە مىللىي كىملىك تەرىپىدىن چەكلىنىپ تۇرغان جەمىيەت قۇرۇلمىسىغا ئىگە.
ئۇيغۇر جەمىيىتى دۇنياۋىي مەدەنىيەت توقۇنىشىدا ئىنتايىن ئاجىز تەسىرگە ئۇچراۋاتىدۇ.
ئۇيغۇر جەمىيىتىنىڭ ئۇچراۋاتقان مەدەنىيەت ۋە ئەنئەنە بىسىمىنىڭ نەدىن كىلىۋاتقانلىقىنى ئاپتۇرغا ئوچۇق سۆزلىمىسەممۇ ئاپتۇر تەخمىن قىلالايدۇ دەپ ئويلايمەن.
5.چەتئەل ماللىرىغا قىززىقىش،دۇنياۋىي مودا كۈلتۈرلىرىگە ئاكتىپ بولۇش قانداقتۇر پەقەت ئۇيغۇرلارغىلا خاس ھادىسە ئەمەس.ئاپتۇرنىڭ ئامرىكىنى مىسالغا ئىلىپ كۆرمۈدۈم دەپ ئومۇملاشتۇرۋىتىشى جەمىيەتشۇناسلىق مىتوتىغا خىلاپ.بەزى دۇنياۋىي كۈلتۈر توقۇنىشى ۋە مودا كۈلتۈرىنىڭ تارقىلىشىنى ئۇيغۇرلارغا خاس ئىللەت قىلىپ ئارتىپ قويۇش ئىلمىيلىك ئەمەس دەپ ئويلايمەن.
6.ماقالىڭىزدە دىنى چۈشەنچىڭىز بىلەن زامانىۋىي مەدەنىيەت ئۇقىمى ۋە ئىلىم-پەن(سەنئەت)توقۇنۇشۇپ قاپتۇ.
ئامرىكىدا ئوقۇش جەريانىدا ئىلىم -پەن بىلەن دىننىڭ چەك-چىگرىسىنى ئايرىيدىغان بىر زىيالىي بولۇپ يىتىشىدىغىنىڭىزنى ئويلىغان ئىكەنمەن.
نەپرەت ناخشىسىدىكى قىزنى سەنئەت ۋە ئىستىتىكا نۇقتىسىدىن ئەمەس دىننى ئەقىدە نۇقتىسىدىن باھالىغىنىڭىزنى كۆرۇپ ئۆمۈدىمنى ئەپسۇس كەلىمىسىگە ئارتىپ قويدۇم.
7.سەنئەت بىلەن زامەنىۋىيلىق ئوتتۇرسىدىكى لوگىكىلىق خاتالىق.
سىز بىشىدا دەپ ئۆتكەندەك سەنئەت بىلەن زامانىۋىيلىقنىڭ،مەدەنىيلىشىشنڭ ھىچقانداق ئالىقىسى يوق.
بىر كىشىنىڭ ئۇسۇلنى ياخشى ئوينىشى ۋە ناخشىنى ياخشى ئىيتىشى ياكى زامەنىۋىي مودا ناخشىلاردىن خەۋەردار بولىشى ئۇنۇڭ زامانىۋىي كىشى ئىكەنلىكىدىن دىرەك بەرمەيدۇ.
سەنئەت زامانىۋىيلىشىدۇ.لىكىن زامانىۋىي سەنئەتتىن خەۋەردار بولغان كىشىنى زامانىۋىيلاشتى دىمەيمىز.
چۈنكى سەنئەت بىلەن زامانىۋىيلىق ۋە ئادەم بىلەن زامانىۋىيلىقنىڭ مۇناسىۋىتى ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل.قانداقتۇر سەنئەت بىلەن ئادەمنىڭ مۇناسىۋىتى ئادەم بىلەن زامانىۋىيلىقنىڭ مۇناسىۋىتىگە ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.
ئەمما ئاپتۇرنىڭ كەتكۈزۈپ قويغان يىرى زامانىۋىيلىق بىلەن سەنئەتنىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ يوقلىقىنى سۆزلەپ كىلىپ سەنئەت بىلەن زامانىۋىيلىقنى دۈشمەن قىلىپ قويغان.
ناۋا پىرۇگراممىسى ۋە ناۋاغا قاتناشقان سەنئەت سۆيەرلەرنى زامانىۋىيلىقنىڭ دۈشمىنىدەك ھالغا چۈشۈرۇپ قويغان.
بۇ يەردىكى لوگىكىلىق خاتالىق شۇكى ئاپتۇر زامانىۋىيلىق بىلەن سەنئەتنى مۇناسىۋەتسىز دەپ كەينىدىن سەنئەت بىلەن زامانىۋىيلىقنى دۈشمەن مۇناسىۋىتىگە چۈشۈرۇپ قويغان.بۇ ھەم لوگىكىلىق ھەم تەپەككۈر خاتالىقى.
ماقالىڭىز ئومۇمىي جەھەتتىن ئىلىپ ئىتقاندا دوگماتىك ئۇسۇلدا قۇرۇلغان،سۇبىكتىپ ھىسيات ۋە ئەمىلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەس نەزىريەلەر بىلەن زىننەتلەنگەن،ھىكايە ۋە شەخسى ھادىسىلەردىن پۈتكۈل جەمىيەتنىڭ ئومۇمىي قۇرۇلمىسىغا باھا بىرىش ئۇرۇنغان.
ۋاقىت قىسلىقى سەۋەبىدىن بەزى مەسىلىلەر ئۈستىدە توختىلالمىدىم. |
|