قولاي تىزىملىك
ئىگىسى: bulbuljan

مەدەنىيلىشىش ساراڭلىقىغا تەنقىد: زۇلپىقار بارات ئۆزباش

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

0

تېما

3

دوست

2161

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   5.37%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28151
يازما سانى: 172
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 648
توردىكى ۋاقتى: 116
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-13 13:56:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئادەمدەك ياشاشنى ئويلايدىغان ھەر بىر شەخسنىڭ مىللىتىنىڭ،قەۋمىنىڭ مەنپەتىنى ئۆزىنىڭ شەخسى مەنپەئەتىدىن يۇقىرى ئۇرۇنغا قۇيۇشى -ئەقەللى ھېكىمەت،بىز ئۇيغۇرلاردا ھازىر مۇشۇنداق كىشىلەر بارغانسىرى ئازلاپ،ئۆزىنىڭلار مەنپەتىنى يۇقىرى ئۇرۇنغا قۇيىدىغان (ھايۋان سۈپەت)ئادەملەر كۈپەيدى........شۇڭا بۇنداق ماقالىلار ھازىر ئۇيغۇرلارغا بەك تەسىر قىلىپ كەتمەيدۇ،چۈنكى ئۇيغۇر جەمىيىتى ھازىر يىمىرىلىشنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىنى ئۇرۇنلاش ئۈچۈن ناھايىتى بەك ئالدىراش ئىشلەۋاتىدۇ.....

1

تېما

6

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   10.75%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17755
يازما سانى: 133
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 4706
توردىكى ۋاقتى: 147
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-13 14:02:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزدىن نىمىشقا بىلگەيتىس چىقمايدۇ؟

ئىلاۋە : بۇ نۇقتىنى ھەربىر ئۇيغۇر زاتىنىڭ ئويلىنىش مەجبۇرىيىتى بار دەپ ئويلايمەن ، شۇڭا ئاددىي بىر ئوقۇغۇچىلىق سالاھىيىتىم بىلەن بۇ يازمىنى يازدىم.

قاراخانىيلار سۇلالىسى ۋە يەكەن سەئىدىيە خانلىقىنى قۇرۇپ ، دۇنياغا تەسىر كۆرسەتكەن ، ھەممىنى ھاڭ - تاڭ قالدۇرغان ئۇيغۇرلىرىمىزغا بۈگۈنكى كۈندە زادى نىمە بولدى؟ بىز قاچان ئويغىنىمىز ؟ ئۆزىمىزنى قاچان تونۇيمىز؟ ئەڭ مۇھىمى بىزنىڭ تەرەققىياتىمىزنىڭ بۇنچە ئاستا بولىشىدا زادى قانداق سەۋەب بار؟ بۇنىڭ ئۈچۈن يەنىلا ئۆتكەن يىلى قاتتىق مۇنازىرە قوزغىغان ئۈمۈد غەنىنىڭ لېكسىيەسىنى دەپ ئۆتۈشنى توغرا تاپتىم (تورداشلارنىڭ بۇ ھەقتە باشقا ئويدا بولماسلىقىنى سورايمەن). ئادەم دېگەن شۇنداق بولىدىكەن ، بىر ئىشقا سەۋەب تاپالمىسا ئۆزى تونۇشراق بولغان باشقا نەرسىگە دۆڭگەپ قويۇپلا قۇتۇلۇشنى ئويلايدىغان گەپكەن. جۈملىدىن مەن بۇرۇن بەك ھۆرمەت قىلىدىغان ئۈمۈد غەنىمۇ شۇنداق قىلدى. ئۇيغۇرلارنىڭ ، جۈملىدىن مۇسۇلمانلارنىڭ تەرەققى قىلماسلىقىدىكى سەۋەبىنى ئىسلام دىنىغا ئارتىپ قويۇش بىلەن سۆزىنى خۇلاسىلىدى. ئەڭ ئاچچىقىمنى كەلتۈرگىنى ئاخىرىدا ئۆز پىكىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان بالىنىڭ نەق مەيداندا ئازار يېگەنلىكى ۋە مۇنبەرلەردە تىل - ھاقارەت ئوبېيىكتىغا ئايلىنىپ قالغانلىقى ، ھەتتا فىلىمدىن شۇ يېرىنىڭ چىقىرىۋىتىلگەنلىكى بولدى . بىز نىمىشقا باشقىلارنىڭ پىكىرىنى قوبۇل قىلالمايمىز؟ بولدى گەپنى يۆتكىمەي. ئەجەبا بىزنىڭ تەرەققىياتىمىزغا توسالغۇ بولۇۋاتقىنى راستىنلا ئىسلام دىنىمۇ ؟ بەلكىم بەزى ئاز ساندىكى ئددىيىسى قاتمالراق مۇسۇلمانلار بولغاچقا مۇشۇ گەپلەر چىققاندۇ. بىراق بىز نىمىشقا سەۋەبىنى ئاۋۋال ئۆزىمىزدىن ئىزدەپ باقمايمىز ؟

    ئۈندىداردا مۇنۇ پارچىنى كۆرۈپ قالدىم : 《 كىچىك بالا كىچىكىدە ئۇچقۇچى بولۇشنى ئويلىدى، كېيىن ئادەملەر ئۇنىڭغا بولالمايدىغانلىقىنى دېدى، ئۇ شوپۇر بۇلۇشنى ئويلىدى، ئادەملەر بولالمايسەن دېدى، ئۇ ئاخىرى ئېشەك ھارۋىسى ھەيدەي دېدى ، ئادەملەر باش  بارمىقىنى كۆرسىتىپ ئەركەك دېدى. غايىلىك بىر ئۇيغۇر مەھەللەمدە دېھقانغا ئايلاندى. بارىكاللا سەن داداڭنىڭ قولىدىن كەتمەننى ئالدىڭ دېيىشتى. بەلكىم ئۇ غايىسىنى يوقاتمىغىنىدا قولىغا دۇنيانى ئالار ئىدى 》.

     يۇقارقى سۇئاللارنىڭ جاۋابى بۇ پارچىدىن مانا مەن دەپلا چىقىپ تۇرىدۇ ، بۇ يازمىنى يېزىشىمغا تۈرتكە بولغىنىمۇ مۇشۇ پارچە. بىزدىن نىمىشقا ئېينىشتىيىن ، بىلگەيتىسلار چىقمايدۇ ؟ ئەجەبا يەھۇدى ياكى ئامېرىكىلىق بولمىغانلىقىمىز ئۈچۈنمۇ؟ ئۇنداق ئەمەس قېرىنداشلار ، ئۇيغۇرلارمۇ بوش ئەمەس . دۇنيادا تۇنجى بولۇپ ياپونىيەنى خەرىتىدە كۆرسەتكىنى ، قالماقلارغا يېزىق ئۈگەتكىنى دەل بىزنىڭ ئەجدادلىرىمىز . بىزدە چەتئەللىكلەردىن كەم بولىۋاتقىنى پەقەتلا قوللاش ، رىغبەتلەندۈرۈش .
      ئاڭلىسام چەتئەللىكلەر بالىلىرىدىن غايىسىنى سورايدىكەن ، مەيلى ئۇلار زوڭتۇڭ بولىمەن دېسۇن ياكى مال دوختۇرى بولىمەن دېسۇن ، چوقۇم قوللايدىكەن . 《سەن زوڭتۇڭ بولىمەن دېگۈچە بېرىپ ئۇمىچىڭنى ئىچ 》دېگەن گەپنى ئىللا - بىللا دەپ سالمايدىكەن . شۇڭا ئۇلاردىن مۇۋەپپەقىيەت قازانغانلار كۆپ چىققان ، بۇنىسى ھەممېمىزگە ئايان. ئۇيغۇر جەمئىيتىگە ئاددىي مىساللار بىلەن نەزەر سېلىپ باقايلى.
     ئائىلىدە:
      بالىسى: - دادا، دادا، مەن كەلگۈسىدە چوقۇم ئەمەلدار بولىمەن.
    دادا:- بالام ، 《دېھقان بالىسى كادىر بولماس ، ئۈجمە ياغىچى بادرا》دەيدىغان گەپ بار ، مۇئاشلىق بولۇپ تۇرمۇشۇڭنىلا قامدىساڭ بولدى.

      مەكتەپتە:
      ئوقۇغۇچى: - مۇئەللىم ، مەن كەلگۈسىدە چوقۇم ئۇچقۇچى بولىمەن.
      ئوقۇتقۇچى:- ئۇكام ، ئۇچقۇچى بولۇشنى ئاشۇنداق ئاسان چاغلاپ قالدىڭما؟ ئاۋۋال بېرىپ ئۆيۈڭدىكى ئىشەكنى تىزراق چاپتۇرۇپ ئوينىغىنا!

   جەمئىيەت:
      ياش: - ئاداش ، چوڭراق ئىشقا تۇتۇش قىلايمىكىن دەيمەن.
     دوستى:- ئاداش قىلالماسسەنمىكىن مۇشۇ ئىشنى…………

مانا ئائىلە ، مەكتەپ ۋە جەمئىيەتتىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ تەربىيە بازىسىدا ئېرىشكىنىمىز مۇشۇنداق 《قوللاش》تۇرسا بىز يەنە قانچىلىك چوڭ ئىش قىلىپ كىتەلەيتتۇق؟ مۇشۇنداق قاتمۇقات كەمسىتىش ، كۆرەلمەسلىكلەر تۇرسا تەرەققىياتتىن سۆز ئاچقىلى بولامدۇ ؟ بىزدە بىر كىشىنى قوللايدىغان ئاڭ بەك ئاجىز ياكى يوق دېيەرلىك.
     ئەگەر بىرسى مەن چوقۇم پىرىزدىنت بولىمەن دېسە ، تىرىشقىن قېرىندىشىم ، سەن چوقۇم بولالايسەن ، ۋاقتى كەلگەندە مەن بىر قوللىغۇچى بولىمەن سەن ئۈچۈن بىلەت تاشلايمەن دەيلى!
      چوڭ ئىشلارنى قىلماقچى ئىدىم دېسە ، ئاشۇ تىرىشچانلىق روھىنى بولسىمۇ ماختاپ قويايلى . بەلكى شۇ بىر ئېغىز سۆزىمىز سەۋەبىدىن ئارىمىزدىن ئېينىشتىيىن ياكى بىلگەيتىس چىقىپ قېلىشى مۇمكىن.

مۇنبەرداشلارغا سۆز: بولسا ھەممەيلەن مەيلى تور نامى ياكى تەخەللۇس قويغاندا بولسۇن چوقۇم ئۇلۇغۋار ئاتالغۇلارنى قوللانساق . مەيلى مەشھۇر شەخسلەرنىڭ ئىسمى بولسۇن ۋە ياكى باشقا چوڭقۇر مەنىلىك سۆزلەر بولسۇن ، چوقۇم شۇ ئىسىملار ئۆز غايىمىز ۋە ئىنتىلىشىمىزنى ئىپادىلىيەلەيدىغان بولسا. بىزمۇ ھەم تەرەققى قىلالماسلىقىمىزنى باشقا سەۋەبلەرگە ئارتىپ قويماي ، ئۆزىمىزدىن خاتالىقنى تېپىپ ، ئۆز غايىمىز ئۈچۈن تىرىشساق.

گەپلىرىم سەل چۇۋالچاق بولىشى مۇمكىن ، ھەممىسى كۆڭۈل سۆزلىرىم.

ئۇيغۇر ياشلار كۇلۇبى مۇنبىرىدىن باتۇر ئابلەت
                 ugyaxliri.com/bbs
2014-يىلى 11- ئاينىڭ 12-كۈنى
                    شەندۇڭ
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

3

دوست

3746

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   58.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  7562
يازما سانى: 207
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 663
تۆھپە : 684
توردىكى ۋاقتى: 428
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-13 15:54:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   iparay تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-13 15:55  
umun يوللىغان ۋاقتى  2014-11-13 03:16
ماقالىگە قاراپ شەخىسكە باھا بىرىشنى ئەخلاقسىزلىق ھىسا ...

قىسمەن ۋاقىتلاردا  جۆيلۈپ قويسىڭىزمۇ لېكىن بەزى سۆزلىرىڭىزنىڭ  ھەقىقەتەن ئورۇنلۇق ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىمەن .

0

تېما

0

دوست

728

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   45.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17539
يازما سانى: 20
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 236
توردىكى ۋاقتى: 64
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-9
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-13 18:16:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يازما ئاپتورى جەنۇبى شىنجاڭدا مەجبۇرى ئۇمۇلاشتۇرىلىۋاتقان(دېھقانلاردىن-خىزمەتچىلەرگىچە)«ئالما ئۇسۇلى»نى ئوينىغانلارنى كۆرسە قاندان تەسىراتقا كىلەر ھە..

12

تېما

16

دوست

3207

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   40.23%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21614
يازما سانى: 154
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 39
تۆھپە : 1028
توردىكى ۋاقتى: 262
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-13 19:25:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
iparay يوللىغان ۋاقتى  2014-11-13 15:54
قىسمەن ۋاقىتلاردا  جۆيلۈپ قويسىڭىزمۇ لېكىن بەزى سۆزلى ...

سىز ياقتۇرغان نەرسىلەر ئورۇنلۇق، ياقتۇرمىغانلىرىڭى جۆلۈش،بەلكىم بۇ نەزىريەلەر بىلەن خىلى بىر زامانلارغىچە كۆڭلىڭىزگە تەسەللى بىرەلىشىڭىز مومكىن.

1

تېما

2

دوست

4529

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   84.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  13238
يازما سانى: 44
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 76
تۆھپە : 1441
توردىكى ۋاقتى: 49
سائەت
ئاخىرقى: 2014-11-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-13 20:03:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
غەيۋەت بىلەن تولغان ماقالىكەن.

2

تېما

12

دوست

4274

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   75.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25041
يازما سانى: 337
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 1296
توردىكى ۋاقتى: 326
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-13 21:22:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزدىن نىمىشقا بىلگەيتىس چىقمايدۇ؟

ئىلاۋە : بۇ نۇقتىنى ھەربىر ئۇيغۇر زاتىنىڭ ئويلىنىش مەجبۇرىيىتى بار دەپ ئويلايمەن ، شۇڭا ئاددىي بىر ئوقۇغۇچىلىق
بەكمۇ توغرا پىكىر ئويلاپسىز قىرىندىشىم....قوللايمەن.

0

تېما

3

دوست

3746

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   58.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  7562
يازما سانى: 207
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 663
تۆھپە : 684
توردىكى ۋاقتى: 428
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-13 22:00:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   iparay تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-13 22:27  
umun يوللىغان ۋاقتى  2014-11-13 19:25
سىز ياقتۇرغان نەرسىلەر ئورۇنلۇق، ياقتۇرمىغانلىرىڭى  ...


مانا يەنە جۆيلۈپسىز، قالغان ئون جۈملە قىسقارتىلدى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )