قولاي تىزىملىك
ئىگىسى: marip

2015-يىلدا مۇنداق كىتابلارنى ئوقۇڭ

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

16

تېما

1

دوست

2925

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   30.83%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4104
يازما سانى: 100
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 372
تۆھپە : 650
توردىكى ۋاقتى: 262
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-8 21:35:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   xerqi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-8 21:36  

كىتاپ     
  
ئاپتورى: يۈسۈپ نەمەنشاھ

  
ئىنساننىڭ گۆھىرى تىللاسى كىتاپ،
ئەجىرنىڭ گۈلتاجى جەۋھىرى كىتاپ.
سەن بىلەن گۈللىنەر ئۇلۇغ ۋەتىنىم،
ئەجداتتىن –ئەۋلاتقا تۇتىيا كىتاپ.
ھەر بېتىڭ ھەسەلدۇر تاتلىقىم كىتاپ،
ھەرە بوپ سېنىڭدىن بال ئالاي كىتاپ.
سېنىڭدىن ئىلىگ ئەپ ھەر كۈنى- تۈنى،
قابىل بوپ يېتىلەي قۇدرىتىم كىتاپ.
بوۋامنىڭ سۆزلىرى سېنىڭدا كىتاپ،
يۇرتۇمنىڭ گۈل بېغى سېنىڭدا كىتاپ.
ئوت يۈرەك ئوغلانلار سەندە مۇجەسسەم،
غالىپلار شەجەرى بىر ئۆزۈڭ كىتاپ.
قەدىرلەي مەن سېنى ئۇلۇغۇم كىتاپ،
قەلبىمنىڭ تۆرىدە نۇر زىيا كىتاپ.
يولۇمنىڭ ،ئەقلىمنىڭ ماياكى كىتاپ
سەن بىلەن ھاياتىم نۇر چاچسۇن كىتاپ!

2014 -يىل 1-دېكابىر قومۇل
10#
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن

0

تېما

0

دوست

170

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   56.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32473
يازما سانى: 14
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 52
توردىكى ۋاقتى: 6
سائەت
ئاخىرقى: 2014-12-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-8 21:48:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنسانغا ئېقىلنى بىردۇ كىتاپ،
ناداننىڭ ئەقلىنى ئاچىدۇ كىتاپ.
مىللەتنى خارلىقتىن قوتقۇزار كىتاپ،
غەپلەتتە ياتقاننى ئويغۇتار كىتاپ.

دونيادىكى ئىنسانغا  ئەقىل بەرگىسى،
غەپلەتتە ياتقانغا يوللار ئاچقۇسى.
نادانلار باغىغا خاتىمە بەرگۇسى
ئۇلۇغدۇر -ئۇلۇغ نۇر چاچقان كىتاپ.

  ئۇيغۇرنى غەپلەتتىن ئويغۇتار  كىتاپ،
مىللەتنى تونتۇشقا كىرەكتۇر كىتاپ.
غەپلەتتە ياتقاننى ئويغۇتار كىتاپ،
خوراپىلىق جامبىنى تاشلىتار كىتاپ.

0

تېما

0

دوست

53

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   17.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32507
يازما سانى: 5
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 16
توردىكى ۋاقتى: 1
سائەت
ئاخىرقى: 2014-12-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-8 23:15:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
2015-يىلىنى مۇشۇنداق  ئەھمىيەتلىك يىل قىلايلى دىگەنلىكىڭلارنى كۆرۇپ بەك خوش بۇلدۇم ھەممەيلەن بۇ يىلنى ئەھمىيەتلىك ئۆتكۇزەيلى .

0

تېما

0

دوست

2371

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   12.37%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22421
يازما سانى: 64
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 754
توردىكى ۋاقتى: 160
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-8 23:27:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى ياخشى تەكلىپ ئىكەن.مەن يۇقۇرىدا تەۋسىيە قىلىنغان كىتاپلارنىڭ يېرىمىدەكنى ئوقۇغان ئىكەنمەن.ئۆزەمگە يارىغان كىتاپلارنى ئامال قىلىپ ئوقۇيمەن.مەن بىركىتاپ تەۋسىيە قىلسام،خالىغانلار ئوقۇپ باقسا،ئاجايىپ ئېسىل كىتاپ.ئادەمنى ئاجايىپ بىرخىل ھىسسىياتقا كەلتۈرۈپ قويۇدۇ.ئۇكىتاپنىڭ ئىسمى      «بۆرە تۇتىمى» (2قىسىم ).ئەقلى بار ئادەم بۇكىتاپتىن ناھايىتى ياخشى مەنپەئەت ئالىدۇ.

0

تېما

0

دوست

1287

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   28.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  29741
يازما سانى: 99
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 396
توردىكى ۋاقتى: 102
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-9 01:01:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ramadan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-9 01:19  

ئاپتور تەۋسىيە قىلغان تۆۋەندىكى كىتابلارنى ئوقۇمىغان ياخشى:

گۆر ئاغزىدىن يانغانلار»   ( سۇلايمان ئابدۇرىھىم )
-«ئىلى دولقۇنلىرى»         ( ئابدۇراخمان   قاھار)
-«تاغ جۇدۇنلىرى »               ( جالالىدىن بەھرام)
-«مۇئەللىم ئۆكۈنمەيدۇ»           ( ئوسمان ھاجى ئابدۇراخمان)
«كۈن شەرقتىن چىقىدۇ»         ( مالىك كېۋىر )
-«ئۇنتۇلغان كىشىلەر»          ( ئەخەت تۇردى)
27- «تەڭرىتاغ بۈركۈتى»           ( سەيپىدىن ئەزىزى)
28- «ئەجداتلار ئىزىدىن»          ( تۇرسۇن لىتىپ )
-«مىھرىگىياھ»       (جالالىدىن بەھرام )
31-«جىمجىت جۇڭغارىيە»        ( قەييۇم تۇردى )
32-«ھايات سىرى »              (ئابدۇراخمان قاھار )
34-«قىساس»                   ( قاھار جىلىل )

ئەدەبىي ئەسەرلەر لازىم بولسا خالىدە ئىسرائىلنىڭ، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ، خېۋىر تۆمۈرنىڭ ئەسەرلىرىنى ئاۋال ئوقۇش كېرەك.  ئالدىنقى تېمىدا كىتاب ئوقۇش دېسە رومان ئوقۇش دەپلا چۈشىنىۋالماسلىق كېرەك دېگەن تېمىدا ئىنكاس يازغان ئىدىم. ئاپتورنىڭ كۆڭلى ياخشى، تەشۋىقاتى توغرا بولسىمۇ، كىتاب تاللاشتا پاخپاخ كىتاتلارنىمۇ خېلى تاللاپتۇ. تايىنى يوق رومانلارنى پەقەت ئوقۇماسلىق كېرەك.
كىتاب ئوقۇشنىڭ مۇھىملىقىنى چۈشىنىش باشقا گەپ، ياخشى كىتابلارنى پاخپاخ كىتابلاردىن ئايرىيالايدىغان گەپ يەنە باشقا گەپ ئوخشايدۇ.

تورداشلار ئۇيغۇر تىلىدىكى كىتابلارنى سېتىۋېلىشنى ئاساس قىلىپ، خەنزۇ تىلىدىكى ۋە ئېنگىلىز تىلىدىكى، شۇنداقلا تۈرك تىلىدىكى ياخشى كىتابلارنى ئوقۇپ تۇرسا بولىدۇ. ئۇيغۇرچە ياخشى كىتابلارنى چوقۇم ئوقۇش كېرەك. ئەمما، نوقۇل ئۇيغۇرچە كىتاب ئوقۇش بىلەن ئىش تاڭاتمايدۇ.

0

تېما

0

دوست

1287

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   28.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  29741
يازما سانى: 99
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 396
توردىكى ۋاقتى: 102
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-9 01:03:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
samawar يوللىغان ۋاقتى  2014-12-8 21:32
خالىدە ئىسرائىل خانىمنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇپ بىقىڭلار ، ...

«يېڭى ھايات» نى ئوقۇپ بولۇشقا قانداق چىدىغانسىز. مەن شۇنچە ئوقۇپمۇ كېيىنكى يېرىمىنى ئوقۇغۇم كەلمىدى. ئەمما، بۇ ناچار ئەسەر ئەمەس. بولۇپمۇ بەدئىيلىك جەھەتتە.

11

تېما

8

دوست

1535

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   53.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  23221
يازما سانى: 49
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 22
تۆھپە : 488
توردىكى ۋاقتى: 53
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-9 10:12:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ramadan يوللىغان ۋاقتى  2014-12-9 01:01
ئاپتور تەۋسىيە قىلغان تۆۋەندىكى كىتابلارنى ئوقۇمىغان  ...

رەھمەت قىرىنىداشلىرىم ،كىتاب ھەققىدە يەنە خوش خەۋەرنى ئىيتاي : سىز ئۈندىداردا ئىلان قىلىنىۋاتقان ئۆز ئەسىرىڭىز ئاۋازغا ئېلىنىپ توردا ئىلان قىلىنسا ئالەمچە شاتلىققا چۈمىلىدىغىنىڭىز تەبىئىي. ئارتۇچ ئاۋاز تەھرىرلەش ئىشخانسى سىزنى ئەنە ئەشۇنداق خۇشاللىقتىن بەھرىمان قىلىش ئۈچۈن ئەسەرلىرىڭىزنى تەھىرىلەش ،ئاۋازغا ئېلىپ مۇزىكىلاشتۇرۇش ۋە تورغا چقىرىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنىلەيدۇ.بۇنىڭغا مۇئەييەن ھەق ئىلىنىدۇ،ئەمما بۇ پۇل يىتىم بالىلار كىتاب فوندىغا قۇشۇلۇپ 2015-يىل مىللىتىمىزنىڭ كىتاب ئوقۇش يىلى قىلىش ئۈچۈن كىتاب سىتىۋىلىشقا ئىشلىتىلىدۇ.دىمەك، ئەسىرىڭىز ئاۋازلىق ئىلان قىلىنىش بىلەن بىرگە ساخاۋەت ئىشلىرىغا ئىشلىتىلىدۇ.مۇشۇنداق خاسىيەتلىك ئىشلارغا قىزىقىدىغان تور يازغۇچىللىرى ئالاقىلاشساڭلار بولىدۇ!
ئۈندىدار :      artuq77   تېلغۇن :  13899198079 (ھەم qq)
دوستلار تەۋسىيە قىلىپ قويساڭلار ۋە توپلارغا ئەۋەتىپ قويساڭلار
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )