ئىلاۋە:
بۇنىڭدىن بىر ھەپتە بۇرۇن تورلاردا 2015-يىلىنى ئۇيغۇرلارنىڭ «كىتاپ ئوقۇش يىلى» قىلىش ھەققىدىكى بىر تەشەببۇس ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن كېيىن، قانداق كىتابلارنى ئوقۇش كېرەكلىكى مەسىلىسى تورلاردىكى بىر قىزىق مۇزاكىرە تېمىسىغا ئايلاندى. ئاشۇنداق مۇزاكىرلەرگە ماسلاشقان ھالدا مەمەتتۇرسۇن زۇنۇن ئوقيا ئۇكىمىز تۆۋەندىكى تېكىستنى كومپيۇتېرغا ئۇرۇپ كىرگۈزۈپ، ئۇنى فېيىسبۇكتا دوستلىرىنىڭ پايدىلىنىشىغا سۇنۇپتۇ. فېيىسبۇكنى ئاچالمايدىغان قېرىنداشلارنىڭمۇ ئوقۇپ پايدىلىنىشى ئۈچۈن، مەن مەمەتتۇرسۇن ئۇكىمىزدىن ئىجازىت ئېلىپ، ئاشۇ مەزمۇننى بۇ يەرگە كۆچۈرۈپ چىقىرىپ قويدۇم.
= ============== =
كىتاب دېڭىزى ۋە غەۋۋاسلىق ماھارىتى
ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن
دەۋرىمىزدە كىتاب شۇ قەدەر كۆپەيدىكى، ئۇنى رەقەم بىلەن ئىپادىلەشمۇ مۈشكۈل بولدى. ئەمما ھېلىمۇ كىتاب يۈزىگە چىقمىغان بوشلۇقلار ناھايىتى نۇرغۇن. دەرۋەقە، «كىتابنى ئاچسىلا مەنپەئەت بېرىدۇ». ئەمما، كىتاب دېڭىزىدا قانداق جاۋاھىرات يىغىدىغان غەۋۋاس بولۇش، بۇ مۇھىم ماھارەت.
كىتابلارنى دېڭىز قىلىۋەتكەن نەرسە، ئەسلىي مەنبە، ئاساسىي نەزەرىيە مۇتەپەككۇرانە مۇھاكىمە قىلغۇچى كىتابلارنىڭ كۆپلۈكى بولماستىن، بەلكى، تارقاقلاتما، يەشمە، ۋەقە بايان، ئىچ پۇشۇقى، قۇراشتۇرما كىتابلارنىڭ كىتاب بازىرىغا كەلكۈندەك كىرىپ كېلىشىدىن بولدى. بۇ ھال ھەر بىر ئەقىل ئىگىسىدىن كىتاب پەرق ئېتىش ۋە كىتاب تاللاش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئېيتىش كېرەككى، ھەقىقىي دانىشمەنلەر كىتابنى ھەممىدىن كۆپ كۆرگەن كىشىلەر بولۇشى ناتايىن، ھەقىقىي ئالىملارلا ئەڭ نۇرغۇن كىتاب يازغان كىشىلەر بولۇشىمۇ شەرت ئەمەس. بۇ بىزدە خۇددى سۇغا تاشلانغان نەرسىلەرنىڭ چۆكۈشى ياكى لەيلىشى، ماكان ۋە زامان جەھەتتە بىردەك بولمايدىغانلىقىغا ئوخشاش بىر ھەقىقەتنى يەنى، كىتابلار بىر قانچە سىزىق ۋە قاتلام، تۈر ۋە قىممەتكە بۆلۈنىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرىدۇ.
كىتاب ئوقۇغۇچى كىشى ئۈچۈن ئومومەن ۋەزىيەت ۋە سىياسەتكە دائىر كىتاب–ماتېرىياللاردىن تاشقىرى، ئۈچ خىل كىتاب ئوقۇش تەۋسىيە قىلىنىدۇ:
بىرىنچى، ئاساسىي بىلىم كىتابلىرى. بۇ خىل كىتابلار ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ. ئۇ، چوقۇم ئالىي مەلۇماتلىق سەۋىيىگە ئېرىشىش ئۈچۈن شەرت–بالداق بولغان كىتابلار بىلەن مەلۇم ساھە بويىچە ئىزدىنىش، تەتقىقات ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن لازىم بولغان كىتاب–ماتېرىياللاردىن ئىبارەت.
ئىككىنچى، بىلىم قۇرۇلمىسىنى بېيتقۇچى كىتابلار. بۇ خۇددى ئاۋىئاماتكىغا يانداش يۈرگەن پاراخوت–كېمىلەرگە ئوخشاش ئالاقىدار ئوبيېكتلاردىن بىلىم ۋە ئۇچۇر بېغىشلىغۇچى كىتابلار بولۇپ، ئۇ ئاساسىي بىلىم كىتابلىرىنىڭ تاشقى پوستىنى تەشكىل قىلىدۇ.
ئۈچىنچى، بەدىئىي لەززەت بېغىشلىغۇچى كىتابلار. بۇ خىل كىتابلارغا ئەدەبىيات–سەنئەتكە دائىر ئەسەر ياكى ئويۇن–كۆرگەزمىلەر، كىشىلىك تۇرمۇشقا ئائىت ئۆرنەك، قوللانما، مەسلىھەت بەرگۈچى كىتابلار كىرىدۇ.
مېنىڭچە، كىتابلارنى تاللاپ كۆرۈش بىلەن ئۇدۇل كەلگىنىچە كۆرۈش، قاتلام، نۇقتا، چەمبەر تۈزۈلمىسىگە ئايرىپ كۆرۈش بىلەن خالىغانچە كۆرۈشنىڭ كىتاب كۆرگۈچىگە بولىدىغان تەسىرى، بولۇپمۇ نەچچە ئون يىلدا مۇنتىزىم ئوقۇتۇپ ئىختىساس ئىگىلىرىنى تەربىيەلەپ چىقىشقا سېلىشتۇرغاندا ھاسىل قىلىدىغان ئۈنۈمى ئوخشاش بولمايدۇ.
كىتاب كۆرۈش ئېغىر زېھنىي ئەمگەك. شۇنىڭدەك يەنە كۆڭۈللۈك ساياھەت. ھەرخىل كىتابلارغا بولغان كىتاب كۆرۈش تەلىپى ۋە ئۇسۇلى بىردەك بولمايدۇ. بىر قۇر كۆرۈپ قويىدىغان، مەلۇم باب ۋە سەھىپىلىرىنى تاللاپ كۆرىدىغان، تەپسىلىي كۆرىدىغان، تەكرار كۆرىدىغان كىتابلار بولىدۇ. بەزى كىتابلارنىڭ پەقەت مۇندەرىجىلىرىنى ۋاراقلاپلا، ئۇنىڭ ئاپتورىنىڭ بىلىم قۇرۇلمىسىنى نەزەرە تۇتۇپ قويۇپ قويۇلىدۇ. ئومومەن تەپسىلىي ۋە تەكرار كۆرۈلىدىغان كىتابلار ئۈچۈن مەخسۇس ۋاقىت، قەلەم–خاتىرە ھازىرلىنىدۇ. ئۇنداق كىتابلارنىڭ بىر قانچىسىنى بىر يۈرۈش قىلىپ، سىستېمىلىق كۆرگەن ياخشى. شەخسەن مەن بۇنداق كىتابلارنى رەڭدار قەلەم بىلەن خەت، بەلگە، سىزىق قويۇپ بويۇۋېتىشنى ياخشى كۆرىمەن. بۇ خۇددى يالقۇندىن ئوت تۇتاشتۇرغاندەك بىر ئىش. بۇ خىل كىتابلاردا چۈشىنىشلىك بولمىغان ئاتالغۇ، مۇھاكىمە ۋە تەدبىرلەرنىڭ ئۇچرىشى ناھايىتى ياخشى ئەھۋال. بۇ، كىتاب كۆرگۈچىنىڭ ئۆزىدە يوق يېڭى بىلىمگە دۇچ كېلىشى بولۇپ، بۇنداق ئەھۋاللاردا لۇغەت–قوللانمىلارنىڭ ياردىمى بىلەن بۇ بىلىمنى ئۆزلەشتۈرۈۋېلىش لازىم. سەن ھەمىشە ئاممىباب، گېزىت سەۋىيەسىدىكى چۈشىنىشلىك ماتېرىياللارنى ياخشى كۆرسەڭ، مەڭگۈ ئۆز ئىزىڭغا سەكرەپ قېلىۋېرىسەن. مېنىڭچە، تۈگمەنگە ئوخشاش خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولۇپ قالغان ياخشى ئەھۋال ئەمەس، لۇغەت ئاختۇرۇشقا مەجبۇر بولغىنىڭدا ھورۇنلۇق بىلەن كايىماي يېڭى بىر بالداق كۆتۈرۈلۈش ئالدىدا تۇرغاندەك روھلان!
مۇئەييەن مەدەنىيەت سەۋىيەسىگە ئىگە بىر زىيالىي ئۈچۈن كىتاب ئوقۇش ئالدىدا «ئېھتىمال مېنىڭ خاتا بولۇشى مۈمكىن» دېگەن قاراشتا بولۇشنىڭ پايدىسى ناھايىتى چوڭ بولىدۇ. ئەكسى ھالدا ئوقۇغاندا بۇ كىتابتىن ھېچنەرسە يۇقماسلىقى، ھەتتا «بۇ ئەرزىمەس ئەسەر ئىكەن» دېگەن قاراش تۇغۇلۇشى مۈمكىن.
(«ئۇيغۇرلاردا ئىسلام مەدەنىيىتى» كىتابىنىڭ 86–بېتىدىن ئېلىندى)
|