قولاي تىزىملىك
ئىگىسى: marip

2015-يىلدا مۇنداق كىتابلارنى ئوقۇڭ

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

225

تېما

6

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

سۆزى چەكلەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8737
يازما سانى: 981
نادىر تېمىسى: 28
مۇنبەر پۇلى: 1357
تۆھپە : 6655
توردىكى ۋاقتى: 2105
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-12 12:03:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىلاۋە:
بۇنىڭدىن بىر ھەپتە بۇرۇن تورلاردا 2015-يىلىنى ئۇيغۇرلارنىڭ «كىتاپ ئوقۇش يىلى» قىلىش ھەققىدىكى بىر تەشەببۇس ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن كېيىن، قانداق كىتابلارنى ئوقۇش كېرەكلىكى مەسىلىسى تورلاردىكى بىر قىزىق مۇزاكىرە تېمىسىغا ئايلاندى.  ئاشۇنداق مۇزاكىرلەرگە ماسلاشقان ھالدا مەمەتتۇرسۇن زۇنۇن ئوقيا ئۇكىمىز تۆۋەندىكى تېكىستنى كومپيۇتېرغا ئۇرۇپ كىرگۈزۈپ، ئۇنى فېيىسبۇكتا دوستلىرىنىڭ پايدىلىنىشىغا سۇنۇپتۇ.  فېيىسبۇكنى ئاچالمايدىغان قېرىنداشلارنىڭمۇ ئوقۇپ پايدىلىنىشى ئۈچۈن، مەن مەمەتتۇرسۇن ئۇكىمىزدىن ئىجازىت ئېلىپ، ئاشۇ مەزمۇننى بۇ يەرگە كۆچۈرۈپ چىقىرىپ قويدۇم.

= ============== =

كىتاب دېڭىزى ۋە غەۋۋاسلىق ماھارىتى

ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن

دەۋرىمىزدە كىتاب شۇ قەدەر كۆپەيدىكى، ئۇنى رەقەم بىلەن ئىپادىلەشمۇ مۈشكۈل بولدى. ئەمما ھېلىمۇ كىتاب يۈزىگە چىقمىغان بوشلۇقلار ناھايىتى نۇرغۇن. دەرۋەقە، «كىتابنى ئاچسىلا مەنپەئەت بېرىدۇ». ئەمما، كىتاب دېڭىزىدا قانداق جاۋاھىرات يىغىدىغان غەۋۋاس بولۇش، بۇ مۇھىم ماھارەت.

كىتابلارنى دېڭىز قىلىۋەتكەن نەرسە، ئەسلىي مەنبە، ئاساسىي نەزەرىيە مۇتەپەككۇرانە مۇھاكىمە قىلغۇچى كىتابلارنىڭ كۆپلۈكى بولماستىن، بەلكى، تارقاقلاتما، يەشمە، ۋەقە بايان، ئىچ پۇشۇقى، قۇراشتۇرما كىتابلارنىڭ كىتاب بازىرىغا كەلكۈندەك كىرىپ كېلىشىدىن بولدى. بۇ ھال ھەر بىر ئەقىل ئىگىسىدىن كىتاب پەرق ئېتىش ۋە كىتاب تاللاش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئېيتىش كېرەككى، ھەقىقىي دانىشمەنلەر كىتابنى ھەممىدىن كۆپ كۆرگەن كىشىلەر بولۇشى ناتايىن، ھەقىقىي ئالىملارلا ئەڭ نۇرغۇن كىتاب يازغان كىشىلەر بولۇشىمۇ شەرت ئەمەس. بۇ بىزدە خۇددى سۇغا تاشلانغان نەرسىلەرنىڭ چۆكۈشى ياكى لەيلىشى، ماكان ۋە زامان جەھەتتە بىردەك بولمايدىغانلىقىغا ئوخشاش بىر ھەقىقەتنى يەنى، كىتابلار بىر قانچە سىزىق ۋە قاتلام، تۈر ۋە قىممەتكە بۆلۈنىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرىدۇ.

كىتاب ئوقۇغۇچى كىشى ئۈچۈن ئومومەن ۋەزىيەت ۋە سىياسەتكە دائىر كىتاب–ماتېرىياللاردىن تاشقىرى، ئۈچ خىل كىتاب ئوقۇش تەۋسىيە قىلىنىدۇ:

بىرىنچى، ئاساسىي بىلىم كىتابلىرى. بۇ خىل كىتابلار ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ. ئۇ، چوقۇم ئالىي مەلۇماتلىق سەۋىيىگە ئېرىشىش ئۈچۈن شەرت–بالداق بولغان كىتابلار بىلەن مەلۇم ساھە بويىچە ئىزدىنىش، تەتقىقات ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن لازىم بولغان كىتاب–ماتېرىياللاردىن ئىبارەت.

ئىككىنچى، بىلىم قۇرۇلمىسىنى بېيتقۇچى كىتابلار. بۇ خۇددى ئاۋىئاماتكىغا يانداش يۈرگەن پاراخوت–كېمىلەرگە ئوخشاش ئالاقىدار ئوبيېكتلاردىن بىلىم ۋە ئۇچۇر بېغىشلىغۇچى كىتابلار بولۇپ، ئۇ ئاساسىي بىلىم كىتابلىرىنىڭ تاشقى پوستىنى تەشكىل قىلىدۇ.

ئۈچىنچى، بەدىئىي لەززەت بېغىشلىغۇچى كىتابلار. بۇ خىل كىتابلارغا ئەدەبىيات–سەنئەتكە دائىر ئەسەر ياكى ئويۇن–كۆرگەزمىلەر، كىشىلىك تۇرمۇشقا ئائىت ئۆرنەك، قوللانما، مەسلىھەت بەرگۈچى كىتابلار كىرىدۇ.

مېنىڭچە، كىتابلارنى تاللاپ كۆرۈش بىلەن ئۇدۇل كەلگىنىچە كۆرۈش، قاتلام، نۇقتا، چەمبەر تۈزۈلمىسىگە ئايرىپ كۆرۈش بىلەن خالىغانچە كۆرۈشنىڭ كىتاب كۆرگۈچىگە بولىدىغان تەسىرى، بولۇپمۇ نەچچە ئون يىلدا مۇنتىزىم ئوقۇتۇپ ئىختىساس ئىگىلىرىنى تەربىيەلەپ چىقىشقا سېلىشتۇرغاندا ھاسىل قىلىدىغان ئۈنۈمى ئوخشاش بولمايدۇ.

كىتاب كۆرۈش ئېغىر زېھنىي ئەمگەك. شۇنىڭدەك يەنە كۆڭۈللۈك ساياھەت. ھەرخىل كىتابلارغا بولغان كىتاب كۆرۈش تەلىپى ۋە ئۇسۇلى بىردەك بولمايدۇ. بىر قۇر كۆرۈپ قويىدىغان، مەلۇم باب ۋە سەھىپىلىرىنى تاللاپ كۆرىدىغان، تەپسىلىي كۆرىدىغان، تەكرار كۆرىدىغان كىتابلار بولىدۇ. بەزى كىتابلارنىڭ پەقەت مۇندەرىجىلىرىنى ۋاراقلاپلا، ئۇنىڭ ئاپتورىنىڭ بىلىم قۇرۇلمىسىنى نەزەرە تۇتۇپ قويۇپ قويۇلىدۇ. ئومومەن تەپسىلىي ۋە تەكرار كۆرۈلىدىغان كىتابلار ئۈچۈن مەخسۇس ۋاقىت، قەلەم–خاتىرە ھازىرلىنىدۇ. ئۇنداق كىتابلارنىڭ بىر قانچىسىنى بىر يۈرۈش قىلىپ، سىستېمىلىق كۆرگەن ياخشى. شەخسەن مەن بۇنداق كىتابلارنى رەڭدار قەلەم بىلەن خەت، بەلگە، سىزىق قويۇپ بويۇۋېتىشنى ياخشى كۆرىمەن. بۇ خۇددى يالقۇندىن ئوت تۇتاشتۇرغاندەك بىر ئىش. بۇ خىل كىتابلاردا چۈشىنىشلىك بولمىغان ئاتالغۇ، مۇھاكىمە ۋە تەدبىرلەرنىڭ ئۇچرىشى ناھايىتى ياخشى ئەھۋال. بۇ، كىتاب كۆرگۈچىنىڭ ئۆزىدە يوق يېڭى بىلىمگە دۇچ كېلىشى بولۇپ، بۇنداق ئەھۋاللاردا لۇغەت–قوللانمىلارنىڭ ياردىمى بىلەن بۇ بىلىمنى ئۆزلەشتۈرۈۋېلىش لازىم. سەن ھەمىشە ئاممىباب، گېزىت سەۋىيەسىدىكى چۈشىنىشلىك ماتېرىياللارنى ياخشى كۆرسەڭ، مەڭگۈ ئۆز ئىزىڭغا سەكرەپ قېلىۋېرىسەن. مېنىڭچە، تۈگمەنگە ئوخشاش خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولۇپ قالغان ياخشى ئەھۋال ئەمەس، لۇغەت ئاختۇرۇشقا مەجبۇر بولغىنىڭدا ھورۇنلۇق بىلەن كايىماي يېڭى بىر بالداق كۆتۈرۈلۈش ئالدىدا تۇرغاندەك روھلان!

مۇئەييەن مەدەنىيەت سەۋىيەسىگە ئىگە بىر زىيالىي ئۈچۈن كىتاب ئوقۇش ئالدىدا «ئېھتىمال مېنىڭ خاتا بولۇشى مۈمكىن» دېگەن قاراشتا بولۇشنىڭ پايدىسى ناھايىتى چوڭ بولىدۇ. ئەكسى ھالدا ئوقۇغاندا بۇ كىتابتىن ھېچنەرسە يۇقماسلىقى، ھەتتا «بۇ ئەرزىمەس ئەسەر ئىكەن» دېگەن قاراش تۇغۇلۇشى مۈمكىن.

(«ئۇيغۇرلاردا ئىسلام مەدەنىيىتى» كىتابىنىڭ 86–بېتىدىن ئېلىندى)
uyghuray

0

تېما

0

دوست

446

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   73%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28925
يازما سانى: 50
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 132
توردىكى ۋاقتى: 4
سائەت
ئاخىرقى: 2015-10-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-14 22:11:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياناچۇ

0

تېما

4

دوست

1388

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   38.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  23663
يازما سانى: 17
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 442
توردىكى ۋاقتى: 119
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-15 11:02:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
oychiman يوللىغان ۋاقتى  2014-12-10 17:53
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! ناھايىتى ياخشى ئىشقا تۇتۇش قىلىپ ...

بۇ تېمىدىكى ئەڭ ئېسىل ئىنكاس

0

تېما

4

دوست

1388

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   38.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  23663
يازما سانى: 17
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 442
توردىكى ۋاقتى: 119
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-15 11:08:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاپتورى ئاللاھ بولغان ‹‹ قۇرئان كەرىم›› نى نەرگە تىزىمىز؟  
uyghuray

0

تېما

0

دوست

453

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   76.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32389
يازما سانى: 18
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 130
توردىكى ۋاقتى: 22
سائەت
ئاخىرقى: 2015-11-3
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-15 12:10:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دوستلار «يېگىت دېگەن شۇنداق بولسا »دېگەن كىتاب چۈشۈپ قالدىمۇ قانداق؟
تورداشلار مومكىن بولسا 2015-يىللىق كىتاپ ئوقۇش پائالىيىتى ھەققىدە ئۆزۈڭلارنىڭ تۈزگەن پىلانىڭلارنى (ئۈلگەقىلىپ) ئوتتۇرىغا قويساڭلار قانداق باشلاشنى بىلەلمىگەن دوستلىرىمىز پايدىلانسا .

0

تېما

9

دوست

1807

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   80.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  13396
يازما سانى: 103
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 568
توردىكى ۋاقتى: 136
سائەت
ئاخىرقى: 2015-11-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-15 12:50:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىلىمخۇمار ئاكىمىزغا رەخمەت

3

تېما

4

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   1.85%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12096
يازما سانى: 581
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 644
تۆھپە : 2927
توردىكى ۋاقتى: 852
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-15 13:20:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
mehri29 يوللىغان ۋاقتى  2014-12-9 11:19
بەك ياخشى پائالىيەت بۇلۇپتۇ. مۇشۇنداق ياخشى ئىشلرنىڭ ك ...

‹‹پولات قانداق تاۋلاندى››؟
ۋاقتى ئۆتكەن شوئارلار دۆۋىسى.

3

تېما

4

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   1.85%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12096
يازما سانى: 581
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 644
تۆھپە : 2927
توردىكى ۋاقتى: 852
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-15 13:27:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‹‹تاغلار غۇلىغاندا››---چىڭغىز ئايتماتوۋ
‹‹بابۇرنامە›› -- زوھۇرىددىن  مۇھەممەت بابۇر
‹‹قەشقەرنى ئەسلەيمەن›› --- كاتارىن ماكارتىني
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )