قولاي تىزىملىك
ئىگىسى: ziya

قاسىم سىدىق: پاكىت،مۇلاھېزە،بايانات

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

66

تېما

23

دوست

5 تۈمەن

جۇغلانما

دەلىللەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4372
يازما سانى: 5380
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2602
تۆھپە : 13406
توردىكى ۋاقتى: 6608
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-15 08:55:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

339-قەۋەت،bilimxumarيازمىسى:


مېنىڭ جاۋابىم مۇنداق:

ئايلانما ۋە سىزىقلىق ھەرىكەتنى تەڭلا قىلىۋاتقان جىسىم «قاتتىق جىسىم» لا بولىدىكەن (مەن «قاتتىق جىسىم» غا بۇرۇن بىر ئېنىقلىما بەرگەن)، ماكرو-دائىرە بويىچە ئېلىپ ئېيتقاندا، ھەر بىر پەيىتتە، ئۇ جىسىمنىڭ تاشقىي يۈزىدىكى ھەر بىر نۇقتىنىڭ سىزىقلىق ھەرىكەت تېزلىكى پۈتۈن جىسىمنىڭ تېزلىكى بىلەن ئوخشاش بولىدۇ.


http://bbs.misranim.com/forum.php?mod=viewthread&tid=108056&page=34&extra=#pid1645357


____________________________________

جىسىمنىڭ تۆز سىزىقلىق ھەركىتى ئەڭ كەم بولغاندىمۇ تۆۋەندىكىچە شەرىت ئۈستىدە كاپالەتكە ئىگە بولىدۇ:

سىزىقلىق ئىلگىرلەش يۆنىلىشىدە جىسىمنىڭ ھەممە نۇقتىلىرى ماس قەدەملىك ۋە ئوخشاش يۆنىلىشلىك بولۇش.

ئەگرى سىزىقلىق ھەركەتچۇ؟:

سىزىقلىق ئىلگىرلەش يۆنىلىشىدە جىسىمنىڭ ھەممە نۇقتىلىرى ئوخشاش يۆنىلىشلىك،ماس قەدەملىك بولماسلىق.سىزىقلىق تېزلىك پەرقىگە ۋە يۆنىلىش پەرقىگە ئىگە بولۇش.

بەزىلەر تۆز سىزىقلىق ھەركەتنىڭ شەرتىنى ئەگرى سىزىقلىق ھەركەتنىڭمۇ شەرتى دەپ قارىۋالغاچقا مانا مۇشۇنداق چۈشەنمەسلىك كېلىپ چىقىۋاتىدۇ.
29-تىئورمىچە ئېغىشنى ئىنكار قىلغۇچىلارنىڭ بەزىلىرى مانا مۇشۇنداق خاتالىققا يول قويدى.

66

تېما

23

دوست

5 تۈمەن

جۇغلانما

دەلىللەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4372
يازما سانى: 5380
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2602
تۆھپە : 13406
توردىكى ۋاقتى: 6608
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-15 10:33:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


سۆرەتنى سىزغۇچى ئۇيغۇن ئەپەندى

يۇقۇرقى سۆرەت Cدىن D غا قاراپ ئوقىدا پېقىراپ كېتىۋاتقان شارجىسىمنىڭ بوشلۇقتىكى ھەركەت شەكلى(تىرايىكتورىيىسى).تەھلىل قىلساق ۋە كۆزەتسەك DغانىسبەتەنQشارنىڭA نۇقتىسىنىڭ تىزلىكى يۇقۇرى B نۇقتىسىنىڭ تىزلىكى تۆۋەن ئىكەنلىگىنى،ئوخشاش پەيىتتە A ياينىڭ Bيايغانىسبەتەن ئۇزۇن ئىكەنلىگىنى بايقايمىز.مانا مۇشۇنداق سىزىقلىق تىزلىك پەرقى مۇشۇنداق تىپتىكى بارلىق شارجىسىملارنىڭ ئۆز ئوقىدا ئايلىنىش يۆنىلىشگەئېغىشىنى كەلتۆرۆپ چىقىرىدىغان تۆپ سەۋەپ.لىكىن شارجىسىمنىڭ بۇلۇڭلۇق تىزلىكى Aۋە  Bنۇقتىلاردا ئوخشاش.

باشقا چۈشەندۆرۆش بولسا ئوتتۇرىغا قويۇڭلار.

يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

7

تېما

5

دوست

3231

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   41.03%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5979
يازما سانى: 226
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 277
تۆھپە : 791
توردىكى ۋاقتى: 210
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-15 14:53:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   matimatika تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-15 14:56  

ئەركىن سىدىق ئەپەندىنىڭ بۇ ھەجۋى سۇرىتى ماڭا يارىدى.
............
تىمىغا ئەركىنكام بىر نىمە دىسە بولغۇدەك.


66

تېما

23

دوست

5 تۈمەن

جۇغلانما

دەلىللەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4372
يازما سانى: 5380
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2602
تۆھپە : 13406
توردىكى ۋاقتى: 6608
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-15 15:30:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ziya تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-15 15:53  

bilimxumarيازمىسى.344-قەۋەت.ۋاقتى:2013-7-8كۈنى:




مەن كۆرگەن ئالدىنقى بىر ئىنگلىزچە ماقالىدە، پۇتبولنىڭ ئېغىشى بىلەن ئايروپىلان قانىتى ھاسىل قىلىدىغان ئۈنۈمنىڭ ئوخشاشلىقى تىلغا ئېلىنماپتۇ.  يەنى، «پۇتبولنىڭ بىر تەرىپىدىكى ھاۋا ئېقىمىنىڭ تېزلىكى يەنە بىر تەرىپىدىكىدىن يۇقىرى بولىدۇ،» دېگەن نەرسە تىلغا ئېلىنماپتۇ.  پەقەت ھاۋا زەررىچىلىرى بىلەن پۇتبول يۈزىنىڭ سوقۇشۇش نىسبىتىلا تىلغا ئېنىلىنىپتۇ.  بىۋاستە تۇيغۇغا ئاساسلانغاندا، توپنىڭ ئوڭ تەرىپىدىكى ھاۋانىڭ ئېقىم تېزلىگى سول تەرىپىنىڭكىدىن يۇقىرى بولۇپ، شۇ سەۋەبتىن ئوڭ تەرەپتىكى ھاۋا بېسىمى سول تەرىپنىڭكىدىن تۆۋەن بولۇپ، نەتىجىدە توپ ئوڭغا ئاغىدۇ، دەپ چۈشەندۈرسىمۇ بولىدىغاندەك قىلىدۇ.  لېكىن، بۇنى مەن ھازىرچە جەزىملەشتۈرەلمەيمەن.  ۋاقتىم چىققاندا يەنە ئازراق ئىزدىنىپ باقاي.

345-قەۋەت:

مېنىڭچە، ئەگەر توپنىڭ ئايلانما ھەرىكىتى ھاۋا ئېقىمىنىڭ تېزلىكىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ، دەپ پەرەز قىلساق، بۇ تەسىرنىڭ نەتىجىسى دەل سىز دېگەننىڭ تەتۈرىسىچە بولىدۇ.


بىلىمخۇمار ئەپەندىم ئالدىنقى ئىنكاسىدا يوللىغان گىرافىك:
مىنىڭ مەۋقەرىم:

توپنىڭ سىزىقلىق تېزلىكىگە قارشى يۆنىلىشتە ئايلىنىۋاتقان تەرەپتىكى ھاۋا ئېقىمى تېز ۋە شۇ سەۋەپتىن بۇ تەرەپتىكى ھاۋا بىسىمى قارشى تەرەپتىكىدىن ئاجىز دەپ قاراشنىڭ پۇت تىرەپ تۇرالمايدىغانلىغىنى گىرافىك ئۇزىمۇ ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ.چۈنكى:
1.ئوڭ تەرەپ سىزىقلىق ھەركەت يۆنىلىشىگە قارشى ئايلىنىۋاتقانلىغى ئۈچۈن،بۇ تەرەپنىڭ  سىزىقلىق ئىلگىرلىمە ھەركەت يۆنىلىشىدىكى تېزلىكىنى توپنىڭ ئىلگىرلەش يۆنىلىشى بىلەن ماس ئايلىنىۋاتقان سول تەرەپتىكىدىن يۇقۇرى دەپ قارىۋىلىش پاكىتقا،مۇشۇ گىرافىك ئۇزىدىكى ھالەتلەرگە ئۇيغۇن ئەمەس.
2.مۇبادا شامال چىقمىغان ۋاقىتتا جىسىمنىڭ تېز ئىلگىرلەۋاتقان تەرىپىدىكى ھاۋا ئېقىمى ئاستا،ئاستا ئىلگىرلەۋاتقان تەرىپىدىكى ھاۋا ئېقىمى تېز بولىدۇ،دېيىلسە بۇ باشقا گەپ.لىكىن،بۇنداق قاراش بارلىق ئەمىلى پاكىتلار تەرىپىدىن رەت قىلىنىدۇ.
3.سىرىتقى قېپى ئايلانمايدىغان ئىلىكتىر ماتۇردا ئىشلەنگەن ماياتنىك تەجىربىسىدىكى 29-تىئورمىچە ئېغىش ،بۇنداق ئېغىشنىڭ ھاۋانى شەرىت قىلمايدىغانلىغىنى ئىسپاتلىدى.

0

تېما

0

دوست

269

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   89.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32695
يازما سانى: 29
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 80
توردىكى ۋاقتى: 10
سائەت
ئاخىرقى: 2015-1-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-15 18:10:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ziya يوللىغان ۋاقتى  2014-12-13 19:10
يوق.
لىكىن مىىنىڭ خەلىقئارادا داڭلىق بولغان ئىلمى رىق ...

مەن ھەيران قالدىم ،ئەركىن سىدىقنى رىقابەتچىم دىسىڭىز سەل بالدۇردەك قىلامدۇ قانداق؟
ياكى سىز ئاشتاق مەشھۇرلانىڭ نامىدىن پايدىلنامسىز.

66

تېما

23

دوست

5 تۈمەن

جۇغلانما

دەلىللەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4372
يازما سانى: 5380
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2602
تۆھپە : 13406
توردىكى ۋاقتى: 6608
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-15 19:49:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

تەرمە:

YasinEhmet يازمىسى.61-قەۋەت:

‹‹تېما دەبدەبىلىك، لىكىن مەزمۇن قۇپقۇرۇق››-  بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتىت ناملىق تورداش، چۈشەنچىڭىز دەل توغرا. تېمىدا ئىشلىتىلگەن تېرمىن دەبدەبىلىك ئەمما مەزمۇنى قۇپقۇرۇق بولغاچ ئىشلار شۇنداق بولۇپ قالدى. تېزلىك كۈچ پەيدا قىلالايدۇ دىگەن بۇ ھۆكۈملۈك ئىنسانلار تالاي يىللار مابەينىدە يەكۈنلىگەن مېخانىكا ئىلمىي سىستېمىسىنىڭ يادرولۇق قىممەت قارشىنى نۆلگە ئايلاندۇرىدۇ شۇنداقلا ئىنسانلار ئەڭ ئىپتىخارلىنىدىغان بۇ ئىلمىي نەزەرىيە سىستېمىسىنى ئۆلتۈرىدۇ. قاسىمكام بۇ ھۆكۈمى بىلەن ئاۋال مىخانىكىنى ئۆلتۈردى، ئاندىن يەنە توختىماي شۇ ئۆلتۈرۈلگەن مىخانىكا بىلىملىرىدىن پايدىلىنىپ ئۆزىنىڭ گىپىنى ئىسپاتلىماقچى بولىدۇ. قاسىمكامنىڭ نەزىرىدە بۇ مىخانىكا ئۆلگەن، پۈتۈن دۇنيادا ھەرقانداق بىر ئالىم ئۆلگەن مىخانىكا بىلەن ‹‹29-تېئورىما›› نىڭ توغرا خاتالىقىنى ئىسپاتلىيالمايدۇ. ناۋادا مىخانىكا ھايات بولسا ‹‹29-تېئورىما›› نىڭ پىكىر يولى ئۆلگەن بولىدۇ. بۇنىڭغا بىر نىمە دىيىش ئۈچۈن دەبدەبىلىك ئىسپات بىھاجەت. مىنىڭچە بۈگۈنكى مىخانىكا ھاياتلا بولىدىكەن ‹‹29-تېئورىما›› ھەرگىز ئۆلمەيدۇ، خۇددى تىرىك موردىدەك، مەيلى قانچە رەددىيە بىرەيلى، ئوقلارنى ئېتىپ ئۆتمە تۆشۈك قىلىۋىتەيلى ئۇ يەنىلا دەلدەڭشىپ كىتىۋىرىدۇ.

بەلكىم قاسىمكامنىڭ توغرا، باشقا ئىنسانلارنىڭ خاتا بولىشىمۇ مۇمكىن. مەيلى قانداقلا بولسۇن مەن بۇ تېمىنى ئۆزۈم توغرا دەپ ئىشىنىپ كەلگەن، ماڭا خوشاللىق ۋە پەخىرلىنىش تۇيغۇسى ئاتا قىلىپ كىلىۋاتقان بىر ئىدىيە سىستېمىسىنى ھىمايە قىلىش ئۈچۈن يازدىم، قاسىمكاممۇ ئۆز ئېتىقادىنى قوغداۋاتىدۇ، ئەمەلىيەتتە ئىككىلىمىز ئوخشاش. قوغدىغۇدەك ئىدىيە بولۇشمۇ بىر بەخىت. كۆڭۈللەرگە تېگىپ كەتكەن بولسا كەچۈرۈم سورايمەن.

ھارماڭ قاسىمكا، ياشلار سىزنىڭ روھىڭىزدىن ئۈلگە ئالسۇن، ئەمما خاتاغا يول قۇيۇشنىڭ ئۆمۈرلۈك خىيىم خەتىرىنى تەكىتلەشنىمۇ ئۇنۇتماڭ.

ئاخىرقى رەددىيە دىگەننىڭ مەنىسىنى مۇشۇنداق چۈشۈنۈپ قالساڭلار بولدى.

./thread-27334-8-1.html

_________________

ziyaنىڭ يازمىسى.62-63-قەۋەتلەر:

رەھمەت.

ئەپەندىم،29-تىئورمىچە ئېغىش پاكىت بولغان تەقدىردىمۇ، بىز بۇ ئېغىشنى ئىتراپ قىلساق  مېخانىكا ئۆلۈپ  كېتىدۇ،شۇڭا 29-تىئورمىچە ئېغىشنى كۇرسەكمۇ كۇرمەسكە سېلىپ ئىنكار قىلىپ تۇرىۋالىمىز دىمەكچىما؟.
قىززىق گەپ ،29-تىئورمىچە ئېغىش مېخانىكىنى ئۇلتۈرمەيدۇ،ئەكسىچە بېيىتىدۇ.ئۇنداق ئەمەس دېسىڭىز بۇنداق ئېغىشنى تەييار بىلىملەر ئارقىلىق چۈشەندۆرۆپ بېقىڭ.ھەرقانچە بولسىمۇ بۇنداق ئېغىش مەۋجۈت ئەمەس،دەپ تۇرىۋالمايدىغانسىز؟!.


مىنىڭچە بۈگۈنكى مىخانىكا ھاياتلا بولىدىكەن ‹‹29-تېئورىما›› ھەرگىز ئۆلمەيدۇ

مانا ماۋۇ گېپىڭىز بولىدۇ،بۆگۆنكى مېخانىكىدا چەكلىمىلىك بار.شۇڭا ئۇنى تولۇقلاش كېرەك!.

شۇنداق قىلىپ ھازىرقى مېخانىكىنىڭ 29-تىئورمىنىڭ ياشىشىغىمۇ يول قويالمايدىغان،ئۇنى ئۇلتۆرىۋىتىشكىمۇ قوربى يەتمەيدىغانلىغى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.بۇ راسىت گەپ.لىكىن،29-تىئورمىچە ئېغىش بىر پاكىت بولغانلىغى ئۈچۈن مېخانىكىنىڭ ئىدىيە سېستىمىسىنى بېيىتىش لازىملىغىمۇ زۇرۇرىيەت بولۇپ قالدى.بۇمۇ راسىت گەپ.

نۇقسان 29-تىئورمىدا ئەمەس،بەلكى بۆگۆنكى مېخانىكىدا بولۇپ قالدى.بۇ تېخىمۇ راسىت گەپ!.

مەن ئاخىر بىر كەسپ ئېگىسىنىڭ سەمىمى گېپىنى ئاڭلىغاندەك قىلىمەن!.

66

تېما

23

دوست

5 تۈمەن

جۇغلانما

دەلىللەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4372
يازما سانى: 5380
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2602
تۆھپە : 13406
توردىكى ۋاقتى: 6608
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-15 20:20:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماھىيەتتە،نىيوتۇننىڭ 1-قانۇنىنىڭ ئۇقۇم دائىرىسىنى كېڭەيتىپ قويساقلا ھەممە ئىش ئوڭشىلىدۇ.

0

تېما

0

دوست

1545

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   54.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  30690
يازما سانى: 69
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 492
توردىكى ۋاقتى: 142
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-15 21:34:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باشقىلارنىڭ ئەيىپلەشلىرنىغۇ قەتتىلا كۈچۈرۈپ چاپلىمايدىكەنسىز،ماختاشلىرى بىلەن  ئۆزىڭىزگە مەدھىيە تەرىپىنىلا چاپلايدىكەنسىزغۇ ئاكا…سىزمۇ ماختاش بىلەن مەدھىيەگە كۈنۈپ كەتكەنمۇ نىمە ھە
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )