- تىزىملاتقان
- 2014-12-14
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-1-8
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 269
- نادىر
- 0
- يازما
- 29
ئۆسۈش
89.67%
|
uly 3, 2011 at 11:20 am
خامۇش ئەپەندىم:
قاسىم سىدىق ئاكىمىزنىڭ ئۇ نەزەرىيىسىنى ئاساس قىلغان ئايىغى چىقماس تالاش-تارتىشلار ھېلىمۇ ئۇيغۇر توربەتلىرىدە نەچچە يىل داۋام قىلدى. بۇلارمۇ يېتەر. ئەمدى بىزنىڭ ئالىمىمىزنىڭ قىممەتلىك ۋاقتىنى بۇنىڭغا ئىسراپ قىلدۇرمايلى.
ئەينى ۋاقىتتا ئۇيغۇر تور دۇنياسىدا بۇ توغرىلىق مۇنازىرىلەر بولغاندا باشقىلارمۇ ئىنتايىن قىممەتلىك پىكىر-تەلەپلەرنى قاسىم سىدىق ئەپەندىم ۋە ئەگەشكۈچىلەرگە توغرا يولدا كۆرسىتىپ بەرگەن. بۇنىڭ ئەڭ تىپىك مىسالى قاسىم ئەپەندىمنىڭ پەقەت نەزەرىيە بىلەنلا ئەمەس، شۇ نەزەرىيىسىنى ئاساس قىلغان بىر مۇكەممەل بولغان ماتېماتىكىلىق مودېل قۇرۇپ چىقىشىنى ئوتتۇرىغا قويغان. چۈنكى ھەرقانداق بىر نەزەرىيە ئەمەلىيەتتىن ئۆتۈشى كېرەك، بولمىسا ئۇ نەزەرىيە پەقەت بىر-نەچچە جۈملە گەپ بولۇپلا قالىدۇ خالاس. قاسىم ئەپەندىنىڭ ئۆز نەزەرىيىسىنى نەچچە يىل سۆزلەپ ھالا باشقىلارنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشەلمەسلىكىدىكى ئەڭ ئاساسلىق سەۋەبمۇ شۇ. ئەپسۇسكى بىزدىكى قارىغۇلارچە مىللىي ئاشقۇنلۇق ھېسسىياتى تۈپەيلى ‘بىر ئۇيغۇر نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشىدىكەن’ دېگەن ئىدىيە ۋە خىياللار بىلەن قاسىم ئەپەندىنىڭ بىر تۈركۈم ئەگەشكۈچىلىرى ئۇيغۇر خەلقىنى بىر-نەچچە يىل بىكارغا ھاياجانلاندۇرۇپ كەلدى. ۋە ھەتتا بۇ ئىش باشقا زىيالىيلارنىڭ ماقالىلىرىدە ‘ئۇيغۇرلاردىن چىققان رېئاللىقتىكى ئەۋلىيا قۇربانجان’، ‘قۇددۇس ھاپىز: 21-ئەسىردە ئۇيغۇر تىلى دۇنيا تىلى بولىدۇ’ دېگەندەك ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولمىغان ئەمما ئۇيغۇرلارنى قانداقتۇر خىيال-ئارزۇ دېڭىزىغا غەرق قىلغان تىپىك مىساللار قاتارىدا تىلغا ئېلىنغۇدەك دەرىجىگە يەتتى. بۇ توغرىلىق ئامېرىكا ۋاشىنگىتون ئۇنىۋېرسىتىدا فىزىكىدا ئوقۇۋاتقان تۇرسۇنجان (جېك) ئەپەندىمۇ باشتىن ئاخىر تەنقىدىي پوزىتسىيىدە تۇرۇپ پىكىر-تەلەپلەرنى بەردى. بىراق قاسىم ئەپەندىم ۋە ئەگەشكۈچىلىرى ھىچ ئۇدارىنى ئۆزگەرتمىدى ۋە ھەتتا ئۇلارغا پىكىر بەرگەنلەرنى ‘مىللەت خائىنى’ دەپمۇ ئۈلگۈردى. ‘بىر ئۇيغۇر نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشسە سەنلەرگە نىمە زىيان’ دېگەن گەپلەرمۇ ئۇيغۇر تور دۇنياسىنى بىر ئالدى. ئەمدى بولسىمۇ بولدى قىلساڭلار. شۇ قۇرۇق شۇئار تولاشقا سەرپ قىلغان ۋاقىت ۋە زېھنىڭلارنى سىلەر قوللاۋاتقان قاسىم ئەپەندىنىڭ نەزەرىيىسىنى ئىسپاتلاشقا سەرپ قىلساڭلار. ئۇيغۇرلار نەچچە يىل قۇرۇق ھاياجانلىنىپ ھېرىپ كەتتى.
ھۆرمەتلىك ئەركىن سىدىق ئاكا، سىزگە تەكلىپىم، ئاۋۋال قاسىم سىدىق ئەپەندىنىڭ ‘جېكقا ئوچۇق خەت’، ۋە جېكنىڭ ‘قاسىم سىدىق ئەپەندىگە جاۋاپ خەت’ دېگەنلەرنى بىر ئوقۇپ چىقسىڭىزلا ئاندىن بەزى ئىشلارنى ئايدىڭلاشتۇرۋالالايسىز، ۋە قىممەتلىك ۋاقتىڭىزنىڭ بۇ ئىشلارغا سەرپ قىلىنىش كېرەكمۇ يوق بىلەلەيسىز(ئۇ ماقالىلار شۇ كائىنات توربېتىدىمۇ بار).
مەنمۇ مىللىتىمنى چىن دىلىمدىن سۆيىمەن، ئەلۋەتتە قاسىم ئەپەندى كۈنلەرنىڭ بىرىدە نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشىپ قالسا يەلكەمگە ئېلىپ كۆتۈرۈشكە مەن تەييار. ئەمما شۇ كۈنلەرنىڭ بولىشى ئۈچۈن قاسىم ئەپەندىگە يېقىندىن تەكلىپ-پىكىر بەرگەنلەرنىڭ ھەممىسىنى ‘قاسىم ئەپەندىنى قوللىمىدى’، ‘مىللەت خائىنلىرى’ دەپ بىر تاياقتا ھەيدىۋېتىشى، ۋە باشتىن ئاخىر شوئار تولاپ مىللەتنى ھاياجانلاشتۇرۇشتىن باشقا ماھىيەت خاراكتېرلىك ئەمەلىي ئىش قىلماسلىقى مېنى ۋە مەن قاتارلىقلارنى ئۈمۈدسىزلەندۈردى |
|