بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ziya تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-12-15 15:51
bilimxumarيازمىسى.344-قەۋەت.ۋاقتى:2013-7-8كۈنى:
مەن كۆرگەن ئالدىنقى بىر ئىنگلىزچە ماقالىدە، پۇتبولنىڭ ئېغىشى بىلەن ئايروپىلان قانىتى ھاسىل قىلىدىغان ئۈنۈمنىڭ ئوخشاشلىقى تىلغا ئېلىنماپتۇ. يەنى، «پۇتبولنىڭ بىر تەرىپىدىكى ھاۋا ئېقىمىنىڭ تېزلىكى يەنە بىر تەرىپىدىكىدىن يۇقىرى بولىدۇ،» دېگەن نەرسە تىلغا ئېلىنماپتۇ. پەقەت ھاۋا زەررىچىلىرى بىلەن پۇتبول يۈزىنىڭ سوقۇشۇش نىسبىتىلا تىلغا ئېنىلىنىپتۇ. بىۋاستە تۇيغۇغا ئاساسلانغاندا، توپنىڭ ئوڭ تەرىپىدىكى ھاۋانىڭ ئېقىم تېزلىگى سول تەرىپىنىڭكىدىن يۇقىرى بولۇپ، شۇ سەۋەبتىن ئوڭ تەرەپتىكى ھاۋا بېسىمى سول تەرىپنىڭكىدىن تۆۋەن بولۇپ، نەتىجىدە توپ ئوڭغا ئاغىدۇ، دەپ چۈشەندۈرسىمۇ بولىدىغاندەك قىلىدۇ. لېكىن، بۇنى مەن ھازىرچە جەزىملەشتۈرەلمەيمەن. ۋاقتىم چىققاندا يەنە ئازراق ئىزدىنىپ باقاي.
345-قەۋەت:
مېنىڭچە، ئەگەر توپنىڭ ئايلانما ھەرىكىتى ھاۋا ئېقىمىنىڭ تېزلىكىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ، دەپ پەرەز قىلساق، بۇ تەسىرنىڭ نەتىجىسى دەل سىز دېگەننىڭ تەتۈرىسىچە بولىدۇ.
بىلىمخۇمار ئەپەندىم ئالدىنقى ئىنكاسىدا يوللىغان گىرافىك:
مىنىڭ مەۋقەرىم:
توپنىڭ سىزىقلىق تېزلىكىگە قارشى يۆنىلىشتە ئايلىنىۋاتقان تەرەپتىكى ھاۋا ئېقىمى تېز ۋە شۇ سەۋەپتىن بۇ تەرەپتىكى ھاۋا بىسىمى قارشى تەرەپتىكىدىن ئاجىز دەپ قاراشنىڭ پۇت تىرەپ تۇرالمايدىغانلىغىنى گىرافىك ئۇزىمۇ ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ.چۈنكى:
1.ئوڭ تەرەپ سىزىقلىق ھەركەت يۆنىلىشىگە قارشى ئايلىنىۋاتقانلىغى ئۈچۈن،بۇ تەرەپنىڭ سىزىقلىق ئىلگىرلىمە ھەركەت يۆنىلىشىدىكى تېزلىكىنى توپنىڭ ئىلگىرلەش يۆنىلىشى بىلەن ماس ئايلىنىۋاتقان سول تەرەپتىكىدىن يۇقۇرى دەپ قارىۋىلىش پاكىتقا،مۇشۇ گىرافىك ئۇزىدىكى ھالەتلەرگە ئۇيغۇن ئەمەس.
2.مۇبادا شامال چىقمىغان ۋاقىتتا جىسىمنىڭ تېز ئىلگىرلەۋاتقان تەرىپىدىكى ھاۋا ئېقىمى ئاستا،ئاستا ئىلگىرلەۋاتقان تەرىپىدىكى ھاۋا ئېقىمى تېز بولىدۇ،دېيىلسە بۇ باشقا گەپ.لىكىن،بۇنداق قاراش بارلىق ئەمىلى پاكىتلار تەرىپىدىن رەت قىلىنىدۇ.
3.سىرىتقى قېپى ئايلانمايدىغان ئىلىكتىر ماتۇردا ئىشلەنگەن ماياتنىك تەجىربىسىدىكى 29-تىئورمىچە ئېغىش ،بۇنداق ئېغىشنىڭ ھاۋانى شەرىت قىلمايدىغانلىغىنى ئىسپاتلىدى.
|