قولاي تىزىملىك
ئىگىسى: YasinEhmet

‹‹29- تېئورىما›› غا ئاخىرقى رەددىيە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

0

تېما

0

دوست

2805

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   26.83%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3753
يازما سانى: 223
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 151
تۆھپە : 747
توردىكى ۋاقتى: 100
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-7
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-16 06:13:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، شۋېيتسارىيىلىك تەتقىقاتچى دۇنيا بۇيىچە سۈرئىتى ئەڭ تېز ئېلېكتىرىك مۇسابىقە ئاپتوموبىلى ياساپ چىققان بولۇپ، ئۇنىڭ سۈرئىتنىڭ 0 دىن 100 كىلومېتىر ھەر سائەتكە چىقىشى ئۈچۈن پەقەت 1.8 سېكونت كېتىدىكەن. بۇ خىل ئېلېكتىرىك ئاپتوموبىلغا Grimsel دەپ ئىسىم قويۇلغان بولۇپ، سىرىتقى كۆرۈنۈشى كىشىگە ئويۇنچۇق ماشىنىدەك تۇيغۇ بېرىدىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ بىر يۇقىرى-يېڭى تېخنىكىلىق مۇسابىقە ئاپتوموبىلى. بۇ كىچىك تىپتىكى مۇسابىقە ئاپتوموبىلى ئىلگىرىكى دۇنيا تېزلىنىش رېكوردىنى بۇزۇپ تاشلاپ، 30 مېتىر مۇساپىنى باسقۇچە سۈرئىتىنى 100 كىلومېتىر ھەر سائەتكە يەتكۈزدى .

Grimsel قا كاربونلۇق تالا ماتېرىيال قىلىنغان بولۇپ، ئۇمۇمىي ئېغىرلىقى ئاران 168 كىلوگىرام كېلىدىكەن، قۇۋىتى 200 ئات كۈچى ئەتراپىدا ئىكەن.
uyghuray

0

تېما

0

دوست

2805

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   26.83%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3753
يازما سانى: 223
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 151
تۆھپە : 747
توردىكى ۋاقتى: 100
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-7
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-16 06:14:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خەۋەرلەرگە قارىغاندا ،ئىسپانىيە Aدەرىجىلىكلەر بىرلەشمە پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ 28-ئايلانمىسىدا 17-مارىت بارسىلنا كوماندىسى بىلەن ئوساسۇنا كوماندىسى مۇسابىقىلەشكەن .مۇسابىقىدە بارسىلونا كوماندىسى 0گە قارشى7نەتىجە بىلەن غەلبە قىلغان .مېسسى مۇسابىقىدە ئۈچ توپ كىرگۈزۈپ ،مۇسابىقىلەردە كىرگۈزگەن توپ سانى 371گە يەتكەن ھەم بارسىلونا تارىخىدا 1-لىكنى ياراتقان ،يەنە فېلىپپىن ،ئىسپانىيە قوش دۆلەت تەۋەلىكىدىكى ماھىر ئەركەنتارا 87يىل ئىلگىرى ياراتقان رېكورىتنى بۇزۇپ تاشلىغان .

ئەركەنتارا1912-يىلىدىن 1927-يىلىغىچە بارسىلونا كوماندىسىدا توپ ئوينىغان ھەمدە 357مەييدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ ،369توپ كىرگۈزگەن.

0

تېما

0

دوست

2805

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   26.83%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3753
يازما سانى: 223
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 151
تۆھپە : 747
توردىكى ۋاقتى: 100
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-7
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-16 06:14:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«بايلىق» ژورنىلىنىڭ يېقىندا يىللىق كىرىمى ئەڭ يۇقىرى پۇتبولچىلارنى باھالاپ ،رەت تەرتىپىنى ئېلان قىلدى ،بۇ قېتىمقى باھالاش ھەممەيلەننىڭ ئويلىغىنىدەك كىرىستىيانو رونالدو بىلەن مىسسى ئوتتۇرسىدىكى رىقابەت ئىدى .ئىلگىركى يىللاردا بېكخام قاملاشقان تەققى –تۇرقى بىلەن يىللىق باھالاشتا 1-لىكنى ئۇزاق يىل ھېچكىمگە بەرمەي كەلگەن ئىدى ،بېكخامنىڭ سەپتىن چېكىنىشى بىلەن باشقا پۇتبولچىلارغا پۇرسەت كەلدى .ئالتۇن كەش مۇكاپاتىدا ئۈچ يىل مىسسىغا يېڭىلگەن كىرىستىيانو رونالدو ئەڭ ئاخىرى بۇ قېتىمقى باھالاش تەرتىپىدە 1-لىككە ئۆتۈپ ،مەيلى پۇتبول ساھەسىدە بولسۇن ،مەيلى سودا ساھەسىدە بولسۇن ،قىممىتى ئەڭ يۇقىرى پۇتبولچى بولۇپ ،مىسسىنى كەينىگە تاشلىدى .

2013-يىلى كىرىستىيانو رونالدو 73 مىليون ئامرىكا دوللىرى كىرىم قىلغان ،مائاش ،مۇكاپات ۋە ئوبراز ئەلچىسى بولۇش ئۇنى ھەممە قىزىقىدىغان ،ئېرىشىش ئىنتايىن مۈشكۈل بولغان بۇ ئورۇنغا ئېرىشتۈردى .بېكخام بۇلتۇر 5-ئايدا سەپتىن چېكىنگەن بولۇپ ،گەرچە بۇلتۇر بۇ باھالاشتا 1- بولغان بولسىمۇ ،لېكىن پەقەت 50 مىليون ئامرىكا دوللىرى كىرىم قىلغان ئىدى ،بۇ كىرىستىيانو رونالدونىڭ كىرىمىگە سېلىشتۇرغاندا پەرىق ھەقىقەتەن چوڭ .بېكخام بۇ يىلقى باھالاشتا 37مىليونلۇق كىرىم بىلەن سەپتىن چېكىنگەن تەنھەرىكەتچىلەر تىزىملىكىدە 3-ئورۇندا تۇرىدۇ .

0

تېما

0

دوست

1014

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   1.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32407
يازما سانى: 102
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 304
توردىكى ۋاقتى: 41
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-16 06:18:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پېرېۋوت قىممىتى داۋاملىق تۆۋەنلەيدىغان بولسا 2015-يىلى ئىقتىسادى كىرزىس يىلىنى كۈتىۋالىدىكەنمىزدە..... قارىغاندا لاڭ شەنپىڭ ئەپەندى توغرا دەپتۇ. لىكىن ماۋۇ گەپلەرنى ساۋاتسىزلار چۈشەنمەيدۇ جۇما.......
uyghuray

0

تېما

0

دوست

2805

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   26.83%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3753
يازما سانى: 223
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 151
تۆھپە : 747
توردىكى ۋاقتى: 100
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-7
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-16 06:19:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاپتونوم رايون بۇ يىلنىڭ بېشىدا مالىيەدىن مەخسۇس 880 مىليون يۈەن تۈر مەبلىغىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئىككى ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ تېز ئۈنۈم بېرىدىغان تۈرلىرىنى قوللاپ، توقۇمىچىلىق، كىيىم – كېچەك، خاسلىققا ئىگە مىللىي قول ھۈنەر بۇيۇملىرى، يېمەكلىك پىششىقلاپ ئىشلەش، ئۇيغۇر تېبابەت دورىگەرلىكى، دېھقانچىلىق قۇشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىق كەسىپلەرنىڭ تەرەققىي قىلىشىنى نۇقتىلىق يۆلەپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئىككى ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا قاينام – تاشقىنلىققا چۆمگەن تەرەققىيات دولقۇنىنى قوزغاپ، قىسقىغىنا ۋاقىتتا ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇشتا كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرگەنلىكى كىشىنى ھاياجانغا سالىدۇ.

   شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ئاپتونوم رايوننىڭ تېز ئۈنۈم بېرىدىغان تۈرلەرنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنىڭ ئېھتىياجى بولۇپلا قالماي، يەنە ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى قوغداشنىڭ ئېھتىياجى. ئۇنىڭدا سانائەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش تەپەككۇرى ئارقىلىق، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزىلاردىكى نۇقتىلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تۈپ نىشان قىلىنغان.

   شۇڭا، بىز بۇ خىزمەتنىڭ ئەھمىيىتىنى ئىقتىسادىي قاتلامدىلا ئەمەس، بەلكى ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشتىن ئىبارەت سىياسىي قاتلامدىكى ئەھمىيىتىنى تېخىمۇ تونۇپ يېتىشىمىز كېرەك. ھازىر شىنجاڭ پەۋقۇلئاددە مەزگىلدە تۇرۇۋاتىدۇ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئاساسىي مەقسەت قىسمەن دېھقانلار (ياكى ئىشقا ئورۇنلىشالمىغانلار)نى قول ھۈنەرۋەنلەر ياكى سانائەت ئىشچىلىرىغا ئايلاندۇرۇپ، ئۇلارغا زامانىۋى تۇرمۇش ئۇسۇلىنى ئۆگىتىش، زامانىۋى ئىدىيەنى تەشۋىق قىلىش ئارقىلىق، دىن ئەسەبىيلىكى ئىدىيەسىنىڭ سىڭىپ كىرىشىگە قارشى تۇرۇشنى بۇ خىزمەتنى ئىلگىرى سۈرۈش جەريانىدا نامايان قىلىشتىن ئىبارەت.

   شىنجاڭنىڭ كەسىپلەر ئالاھىدىلىكى جەھەتتىن ئېيتقاندا، رايون، شەھەر ۋە يېزىلارنىڭ تەرەققىياتى تەكشى بولمىغانلىقتىن، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئىككى ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا ئىشقا ئورۇنلىشىش تەس بولۇش ۋە خىزمەتچى قوبۇل قىلىش قىيىن بولۇشتەك ئەھۋال تەڭلا مەۋجۇت. بىر تەرەپتىن، تېخىمۇ كۆپ كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ قاتتىق ماتېرىيالىغا كۈچ سەرپ قىلىپ، يۇرتىدىن ئايرىلىپ باشقا جايدا ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە ئۆز جايىدا، يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلىشىشتىن ئىبارەت ئىككى خىل ئۇسۇلنى بىرلەشتۈرۈپ، ھەر ئىككىسىگە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. بولۇپمۇ يېقىن ئەتراپتا، ئۆز جايىدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش جەھەتتە، سىياسەت ئارقىلىق يېتەكلەپ، شۇ جايدىكى كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئارقىلىق، يېقىن ئەتراپتىكى ئىش ئورنىنى كۆپەيتىش كېرەك.

   يەنە بىر تەرەپتىن، ئىدىيەنى ئۆزگەرتىشتىكى يۇمشاق ماتېرىيالغا كۈچ سەرپ قىلىش كېرەك. جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئىككى ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى دېھقانلارنى ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىدىيەسىنى ئۆزگەرتىشكە يېتەكلەپ، شۇ جاينىڭ سانائەت ئىشچىلىرىنى يېتىلدۈرۈش قەدىمىنى تېزلىتىش كېرەك. جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئىككى ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ سانائەت ئىشچىلىرى قوشۇنىنى تەدرىجىي زورايتىپ، ئۇلاردا زامانىۋى قىممەت قارىشى، ئۈنۈم قارىشى، ئىنتىزام قارىشىنى تۇرغۇزغاندىلا، ئاندىن جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، بازارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، شۇ جايدىكى خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرگىلى بولىدۇ.

   بىز تېز ئۈنۈم بېرىدىغان تۈرلەرنىڭ ھەم ئىقتىسادىي پائالىيەت، ھەم جانلىق – تىتىك زامانىۋى مەدەنىيەت ئەمەلىيىتى ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ يەتتۇق. جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئىككى ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا تېز ئۈنۈم بېرىدىغان تۈرلەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن نۇرغۇن كارخانىلار زامانىۋى سانائەتنىڭ مەدەنىي ئەندىزىسى، ئىلغار كارخانا باشقۇرۇش ئىدىيەسىنى قوللىنىپ، يەرلىكتىكى دېھقانلارغا تەسىر كۆرسىتىپ ۋە ئۇلارنى ئۆزگەرتىپ، ئۇلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش قارىشىنى ئۆزگەرتىپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى ئۇلارغا زامانىۋى سانائەت مەدەنىيىتىنى سىڭدۈرمەكتە.

   بىز بۇ بىر يىللىق ئىزدىنىش ۋە ئەمەلىيەت جەريانىدا ئاياللارنىڭ بىر بىرلەپ ئۆزگىرىۋاتقانلىقى، ئائىلىلەردە يېڭى ئۆزگىرىشلەرلەرنىڭ بولۇۋاتقانلىقى، كارخانىلارنىڭ تېزدىن بىر بىرلەپ قەد كۆتۈرۈۋاتقانلىقى قاتارلىقلاردىن تېز ئۈنۈم بېرىدىغان تۈرلەرنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئىككى ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش رولىنى ئوينىغانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز. بىز دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ سىياسەت جەھەتتە قوللىشى بىلەن جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئىككى ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ تەدرىجىي تەرەققىي قىلىپ، يەرلىكنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ئۈچۈن تېخىمۇ ئەمەلىي، تېخىمۇ زور تۆھپىلەرنى قوشىدىغانلىقىغا ئىشەنچىمىز كامىل.

0

تېما

0

دوست

2805

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   26.83%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3753
يازما سانى: 223
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 151
تۆھپە : 747
توردىكى ۋاقتى: 100
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-7
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-16 06:20:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گۈلمىرە مۇھەممەد خەۋەر قىلىدۇ: 2 – دېكابىر كەچتە ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى 0001 دىن ئارتۇق قاتناش ساقچىسى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ نۇقتىلىق يول بۆلەكلىرىدە كېچىلىك تەكشۈرۈشتە بولدى ۋە بۇ جەرياندا قاتناش ساقچىلىرى ئۈرۈمچى شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ تۈرلۈك ئىنكاس، تەكلىپ – پىكىرلىرىنى ئاڭلىدى. بۇ تەكلىپ – پىكىرلەرگە چۈشەنچە بېرىش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتى 11 – دېكابىر ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، شەھەر ئاھالىلىرىدىن چۈشكەن تەكلىپ – پىكىرلەرگە چۈشەنچە بەردى.

    بىر شوپۇر ئۆزىنىڭ يېقىنقى بىر قانچە ئاي ئىچىدە، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ‹‹مەرھابا›› يولىدا جەمئىي ئالتە قېتىم قاتناش قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلىپ پىراۋىسىدىن 72 نومۇر تارتىلىپ، 0021 يۈەن جەرىمانە تۆلىگەنلىكىنى، ئەگەر ئۇ بۇ ئۇچۇرلاردىن ۋاقتىدا خەۋەردار بولالىغان بولسا ھوشيارلىقىنى ئۆستۈرىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭدىن باشقا ئۈرۈمچى شەھىرىدە قاتناش قائىدىسىگە خىلاپ قىلمىشلار كۆپلەپ يۈز بەرسىمۇ، بۇ قىلمىشلارنى بىر تەرەپ قىلىدىغان قاتناش ساقچىلىرىنىڭ ئاز بولۇشى سەۋەبلىك، تۇتۇپ قېلىنغان ئاپتوموبىللارنىڭ تۇتۇپ قېلىنىش ۋاقتىنىڭ ئۇزىراپ كېتىدىغانلىقىنى ئىنكاس قىلدى.

    بۇ ئىنكاسقا ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتى قانۇن – تۈزۈم ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇلى چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە شوپۇر ۋە ئاپتوموبىل ھەيدىگۈچىلەرنىڭ قاتناش قائىدىسىگە خىلاپ قىلمىشىنى تەكشۈرۈش ئۇسۇلى كۆپ بولۇپ، تور، تاراتقۇلاردا ئېلان قىلىنغاندىن باشقا، يەنە يان تېلېفون مۇلازىمەت سۇپىسى 22185601 ئارقىلىق خەۋەر قىلىش ئۇسۇلىمۇ بار.

    ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: ئاپتوموبىلنى تۇتۇپ قېلىشتا ئاپتوموبىلنىڭ رەسمىيىتى تولۇق بولماسلىق، قۇراشتۇرۇلغان ئاپتوموبىللار، بىراك قىلىنغان ئاپتوموبىللارنى ھەيدەش، ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدەش قاتارلىق سەۋەبلەر بولۇپ، مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللار، ئىسپاتلارنىڭ تولۇق بولماسلىقى تۈپەيلىدىن بۇ ئاپتوموبىللارنىڭ تۇتۇپ قېلىنىش ۋاقتى ئۇزىراپ كېتىدۇ. شۇڭا بۇنى شوپۇرلار ۋە ئاپتوموبىل ھەيدىگۈچىلەرنىڭ توغرا چۈشىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

0

تېما

0

دوست

2805

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   26.83%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3753
يازما سانى: 223
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 151
تۆھپە : 747
توردىكى ۋاقتى: 100
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-7
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-16 06:20:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىز دوختۇرخانىدا كېسەل كۆرسىتىش نومۇرى ئېلىشتا ئۆچرەت ساقلاشتىن بېشىڭىز قاتامدۇ؟ بۇ باش قېتىنچىلىقىڭىز ئەمدى ھەل بولدى. ئۆيىڭىزدە ئولتۇرۇپ يان تېلېفونىڭىزدا ئابۇنىچىلار مۇلازىمەت سۇپىسى ئارقىلىقلا كېسەل كۆرسىتىش نومۇرى ئالالايسىز. 12 – دېكابىر ‹‹ئاپتونوم رايونلۇق ئالدىن كېلىشىپ كېسەل كۆرسىتىش مۇلازىمەت سۇپىسى›› ئىشقا كىرىشتى. بۇنىڭ بىلەن ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت ئاغرىقلىرى ھەرقانداق ۋاقىتتا، ھەرقانداق جايدا تېلېفون، يان تېلېفون ئابۇنىچىلار مۇلازىمەت سۇپىسى، كومپيۇتېر ئارقىلىق دوختۇرخانىلاردىكى مۇتەخەسسىسلەرگە كېسەل كۆرسىتىشنى ئالدىن كېلىشەلەيدۇ.

    12 – دېكابىر ئېچىلغان ‹‹ئاپتونوم رايونلۇق ئالدىن كېلىشىپ كېسەل كۆرسىتىش مۇلازىمەت سۇپىسى››نىڭ يولغا قويۇلۇش مۇراسىمىدىن ئۇقۇشۇمچە، بۇ مۇلازىمەت سۇپىسىنى ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى ۋە جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتى شىنجاڭ تارماق شىركىتى بىرلىكتە تەسىس قىلغان، مەملىكەت بويىچە بىر تۇتاش يولغا قويۇلغان ئالدىن كېلىشىپ كېسەل كۆرسىتىش سۇپىسى بولۇپ، بۇ سۇپا شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى قارىمىقىدىكى 1 – دوختۇرخانا، 2 – دوختۇرخانا، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى قاتارلىق يەتتە چوڭ دوختۇرخانىدىكى 100 بۆلۈم، 3000 دوختۇر، مۇتەخەسسىسنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. ئاغرىقلار 12580 نومۇرىغا تېلېفون ئۇرۇش ياكى يان تېلېفون قاتارلىقلار ئارقىلىق تاللىغان دوختۇرخانا ۋە مۇتەخەسسىسكە كېسەل كۆرسىتىشكە ئالدىن كېلىشىپ نومۇر ئالسا بولىدىكەن. ئالدىن كېلىشىپ نومۇر ئالغان يەتتە كۈن ئىچىدە ئۆچرەت ساقلىمايلا بىۋاسىتە نومۇر ئالالايدىكەن.

    ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى ئۇچۇر مەركىزىنىڭ مەسئۇلىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، دوختۇرخانىلارنىڭ ئۇچۇرى، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كەسپىي ئۇچۇرى، داۋالاش ۋاقتى قاتارلىق ئۇچۇرلار مۇلازىمەت سۇپىسىدا ئەسكەرتىلگەن بولۇپ، ئاغرىقلارنىڭ قولايلىقى ئۈچۈن دوختۇرخانىلار ئالدىن كېلىشىپ نومۇر ئالغان ئاغرىقلارنى ئاۋۋال داۋالاش ئەندىزىسىنى يولغا قويىدىكەن.

    ئىگىلىنىشىچە، 2014 – يىلى ئاپتونوم رايونىمىز 4 مىليون 500 مىڭ يۈەن مەبلەغ ئاجرىتىپ، ‹‹ئاپتونوم رايونلۇق ئالدىن كېلىشىپ كېسەل كۆرسىتىش مۇلازىمەت سۇپىسى›› تەسىس قىلغان بولۇپ، نۆۋەتتە ئالدىن كېلىشىپ كېسەل كۆرسىتىش نومۇر ئېلىش سۇپىسى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 2 – دەرىجىلىكتىن يۇقىرى دوختۇرخانىلارنى قاپلىغان. بۇنىڭدىن كېيىن ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەردىكى داۋالىنىش ئاپپاراتلىرىمۇ مۇشۇنداق مۇلازىمەت سۇپىسى بىلەن قاپلىنىپ، بۇ مۇلازىمەت سۇپىسىنىڭ ئىقتىدارىنى تېخىمۇ ئۆستۈرۈلۈپ، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ كېسەل كۆرسىتىشتە نومۇر ئېلىشىغا تېخىمۇ قولايلىق يارىتىپ بېرىلىدىكەن.

0

تېما

0

دوست

2805

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   26.83%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3753
يازما سانى: 223
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 151
تۆھپە : 747
توردىكى ۋاقتى: 100
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-7
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-16 06:21:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    بۇ يىل مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ‹‹جۇڭگو تۇراقلىق ئىبارىلەر مۇسابىقىسى›› پىروگراممىسى رەسمىي قويۇلغاندىن بۇيان، شىنجاڭ قۇتۇبى ناھىيەسىدىن كەلگەن داۋۇلجان ئېرخالىق مۇسابىقىدە تۇراقلىق ئىبارىلەرنىڭ مەنىسىنى دەل جايىدا، توغرا يېشىپ، مەملىكەت بويىچە 12 – بولۇپ باھالىنىپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى كۆرۈرمەنلەرگە خەنزۇ تىلى جەھەتتىكى ئەمەلىي كۈچىنى نامايان قىلدى.

    بۇنىڭدىن تۆت يىل ئىلگىرى ئالىي مەكتەپ تىل – ئەدەبىيات ئىمتىھانىدا 147 نومۇر ئېلىپ، جياڭسۇ ئۆلكىسىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىدىكى ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا ئىجتىمائىي پەن بويىچە 1 – بولۇپ بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىغا قوبۇل قىلىنغان داۋۇلجان كىشىلەر تەرىپىدىن ‹‹تالانتلىق شىنجاڭلىق››، دەپ تەرىپلەندى.

    جياڭسۇ ئۆلكىسىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىدا داۋۇلجان بىلەن بىللە ئوقۇغان يۈ جيې مۇنداق دېدى: داۋۇلجاندا جياڭسۇ ئۆلكىسىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىدا ئوقۇۋاتقان چاغدىلا مۇشۇنداق ئاڭ پەيدا بولغان، ئۇ ھەر قانداق ئىشتا ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قوياتتى. ئۇ دائىم ھەر بىر سۆز – ھەرىكىتىمىز ئۆزىمىزگىلا ئەمەس، پۈتكۈل شىنجاڭ خەلقىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ، دەيتتى.

    داۋۇلجاننىڭ ئاتىسى ئېرخالىق مۇنداق دېدى: پەخىرلىك ئوغلۇم داۋۇلجان مۇسابىقىگە قاتناشقاندا، ئۇرۇق – تۇغقان ۋە قوشنا – قولۇملار ھەر كۈنى دېگۈدەك تېلېۋىزور ئالدىدىن نېرى كېتەلمىدۇق. كۆپچىلىك داۋۇلجان قۇتۇبى خەلقىگە، شىنجاڭلىقلارغا شان – شەرەپ كەلتۈردى! دەپ تەرىپلەشكەندە، گويا بېشىم كۆككە تاقاشقاندەك بولدى، دېدى.

    داۋۇلجان ‹‹جۇڭگو تۇراقلىق ئىبارىلەر مۇسابىقىسى››دە شۆھرەت قازاندى

    بۇ يىل مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئۇيۇشتۇرغان ‹‹جۇڭگو تۇراقلىق ئىبارىلەر مۇسابىقىسى›› پىروگراممىسىدا 24 ياشلىق داۋۇلجان ئېرخالىق 30 مىڭدىن ئارتۇق كىشى تىزىمغا ئالدۇرغان، 8800 دىن ئارتۇق تۇراقلىق ئىبارە ئىشلىتىلگەن، 300 دىن ئارتۇق كىشى تاللانغان مۇسابىقىدە 12 كۈچلۈك ماھىر قاتارىدىن ئورۇن ئالدى.

    شىنجاڭ قۇتۇبى ناھىيەسىدە بىر ئاددىي قازاق ئائىلىسىدە تۇغۇلغان داۋۇلجان ھازىر بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئارخېئولوگىيە – مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىنستىتۇتىدا ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇماقتا.داۋۇلجان يەنە بىر تەربىيەلەش ئورنىدا قوشۇمچە تىل – ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىشلەپ، باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 5 –، 6 – يىللىقىدىكى ئوقۇغۇچىلارغا دەرس بېرىۋاتىدۇ.

    دۇڭ شاۋخۇا

    خەنزۇ تىلىغا ئىشتىياق باغلاش

    داۋۇلجان باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چېغىدا خەنزۇ تىلىدا تەلەپپۇز قىلىشتا قىينالغانىدى.

    ئانىسى خالىيا موكەن ئۇنىڭغا دائىم دەرستىن سىرتقى كىتابلارنى ئېلىپ بېرىپ، ئۇنىڭ خەنزۇ تىلىغا ئىشتىياق باغلىشىغا تۈرتكە بولغان.

    خالىيا داۋۇلجانغا كۈندىلىك خاتىرە، ماقالىلەرنى خەنزۇچە يازدۇرغان ھەم ياخشى يېزىلغان ماقالىلىرىنى گېزىت – ژۇرناللارغا ئەۋەتىپ بەرگەن.

    داۋۇلجان: باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چېغىمدا يازغان‹‹چىۋىننىڭ سوتلىنىشى›› سەرلەۋھىلىك بالىلار چۆچىكىم بىر ماقالىلەر توپلىمىدا ئېلان قىلىندى. بۇ تۇنجى ئەسىرىم كېيىنكى كۈنلەردە تېخىمۇ تىرىشىپ ئۆگىنىشىمگە تۈرتكە بولدى، ئەسەرلىرىمنىڭ گېزىت – ژۇرناللاردا ئېلان قىلىنىشىغا ئەگىشىپ، تىل – ئەدەبىياتقا بولغان قىزىقىشىم تېخىمۇ ئاشتى، دېدى.

    تىل – ئەدەبىيات دەرسىگە زور ئىشتىياق باغلىغان داۋۇلجان تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقاندا تىل – ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسىغا ساۋاقداشلىرىغا بىر سائەت تىل – ئەدەبىيات دەرسى ئۆتۈشنى تولىمۇ ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ،ئوقۇتقۇچى ئۇنىڭ تەلىپىگە دەرھال قوشۇلۇپ، ئۇنىڭغا بىر تېكىستنى تاللاپ كۆپچىلىككە چۈشەندۈرۈشنى ئورۇنلاشتۇرىدۇ. داۋۇلجان بۇ بىر سائەتلىك دەرسنى ياخشى ئۆتۈش ئۈچۈن نۇرغۇن ماتېرىيال توپلاپ، ئەستايىدىل تەييارلىق كۆرىدۇ ھەم دەرسنى ئىنتايىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتىدۇ. خالىيا: داۋۇلجان دەرستىن سىرتقى كىتابلارنى كۆرۈشكە بەكلا قىزىقىدۇ، ناھىيە بازىرىدىكى شىنخۇا كىتابخانىسى ئۇ دائىم بارىدىغان جاي بولۇپ قالدى، دېدى.

    ئۇ ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىدا ئوقۇپ توغرا قىلدى

    يالغۇز پەرزەنت داۋۇلجانغا نىسبەتەن ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىدا ئوقۇش كىشىلىك تۇرمۇشىدىكى زور بۇرۇلۇش ئىدى. ئۇ: ئىچكىرى ئۆلكىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىدا ئوقۇۋاتقاندا، ئاتا – ئانام يېنىمدا بولمىغاچقا، ھەممە ئىشنى ئۆزۈم قول سېلىپ قىلىشقا توغرا كەلدى، دېدى.

    ئەينى چاغدا داۋۇلجاننى سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدا تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇتماقچى بولغان ئاتىسى ئۇرۇق – تۇغقانلارنىڭ قايىل قىلىشى بىلەن داۋۇلجاننى ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىدا ئوقۇشقا ئىمتىھان بەرگۈزدى. داۋۇلجانمۇ ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىدا ئوقۇغانلىقىنىڭ ئەڭ توغرا تاللاش بولغانلىقىنى ھېس قىلدى.

    داۋۇلجاننىڭ ئالىي مەكتەپ تەقلىدىي ئىمتىھانىدا يازغان بىر پارچە ماقالىسى ‹‹ئۆسمۈر يازغۇچىلار››ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىندى، ئۇ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا تىل – ئەدەبىياتتا 147 نومۇر ئېلىپ، جياڭسۇ ئۆلكىسىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىدىكى ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا ئىجتىمائىي پەن بويىچە 1 – بولۇپ، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئارخېئولوگىيە – مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى كەسپىگە قوبۇل قىلىندى. ئۇ: ئەگەر ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىدا ئوقۇمىغان بولسام، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئۆتەلمىگەن بولاتتىم، دېدى.

    ئۇنىڭ يەنە بىر سالاھىيىتى تىل–ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى

    داۋۇلجان ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان مەزگىلىدە، بىر تەربىيەلەش ئورنىدا قوشۇمچە تىل – ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ، ئاساسلىقى بەزى سىنلىق كۆرۈنۈشلۈك دەرسلىكلەرنى ئىشلەپ، تور ئارقىلىق 5 –، 6 – يىللىقتىكى ئوقۇغۇچىلارغا دەرس ئۆتتى. بۇ تەربىيەلەش ئورنىدا ئىشلىگەن ئىككى يىل جەريانىدا ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى 2686 گە يەتتى، توردىكى مەكتەپنىڭ تىل – ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرى ئارىسىدا ئۇنىڭ ئوقۇتۇش مېتوتى ۋە سۈپىتىدىن رازى بولۇش دەرىجىسى ۋە ئۇ ئىشلىگەن سىنلىق كۆرۈنۈشلۈك دەرسلىكنى سېتىۋېلىش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى بولغان.ئۇنىڭ چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلىرىمۇ بار ئىدى.

    تىرىشچان داۋۇلجان ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇشقا ئەۋەتىلدى

    تىل – ئەدەبىيات ئاساسى پۇختا داۋۇلجان ئالىي مەكتەپ ئوقۇشىدا ئانچە قىينالمىدى، بۇ يەنە ئۇنىڭ ھەر تەرەپتىن تولۇق يېتىلىشى ئۈچۈنمۇ پۇرسەت بولدى.داۋۇلجان مەكتەپ ئۇيۇشتۇرغان ئەدەبىيات – سەنئەت، تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپ قاتناشتى، ئۇنىڭ رىياسەتچىلىك ، دېكلاماتسىيە قىلىش، نۇتۇق سۆزلەش قابىلىيىتى يەنىمۇ ئاشتى.

    بۇ يىل 3 – ئايدا مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ‹‹جۇڭگو تۇراقلىق ئىبارىلەر مۇسابىقىسى››ئۆتكۈزۈشكە تەييارلىق كۆرۈۋاتقاندا، داۋۇلجاننىڭ بۇ مۇسابىقىگە قاتنىشىشقا تەييارلانغان ساۋاقدىشى ۋاڭ فەن داۋۇلجاننىڭمۇ بۇ مۇسابىقىگە قاتنىشىشىنى تەۋسىيە قىلغان. ئويلىمىغان يەردىن داۋۇلجان بۇ مۇسابىقىدە 12 – بولۇپ باھالانغان.

    ‹‹جۇڭگو تۇراقلىق ئىبارىلەر مۇسابىقىسى›› مەيدانىدا، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىن كەلگەن داۋۇلجان بىلەن فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتىدىن كەلگەن قىز ئوقۇغۇچى لى فەن ئىنتايىن ياخشى ماسلاشقاچقا، كۆپچىلىك ئۇلارنى ئەڭ ياخشى ھەمكارلاشقۇچىلار، دەپ تەرىپلىدى.

    داۋۇلجان بۇلتۇر شەندۇڭ ئۆلكىسىدىكى خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى بىر قەبرىستانلىققا بېرىپ،يېرىم يىل ئارخېئولوگىيە ئەمەلىيىتى ئېلىپ بېرىپ نۇرغۇن تەسىراتقا ئىگە بولدى. ئۇ: شىنجاڭدا مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى، قەدىمىي يادىكارلىقلار ئىنتايىن كۆپ. بۇ، شىنجاڭنىڭ كۆپ مەنبەلىك تارىخى، مەدەنىيىتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. مەن ئۆگەنگەن بىلىملىرىدىن پايدىلىنىپ شىنجاڭنىڭ ئارخېئولوگىيە تەتقىقاتى ئۈچۈن بىر كىشىلىك ھەسسە قوشىمەن، دېدى.

    داۋۇلجاننىڭ پىراكتىكا مەزگىلىدىكى ئىپادىسى ياخشى بولغاچقا، ئالىي مەكتەپنىڭ 4 – يىللىقىدا ئوقۇۋاتقاندا دۆلەت ئوقۇش مۇكاپاتى ۋە ‹‹ئۈچتە ياخشى ئوقۇغۇچى›› دېگەن شەرەپكە نائىل بولغان، ئوقۇشنى تاماملىغاندا، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئارخېئولوگىيە – مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىنستىتۇتىدا ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇشقا ئەۋەتىلگەن. داۋۇلجان قازاق تىلى، خەنزۇ تىلى، ئىنگلىز تىلىنى پىششىق ئىگىلىگەندىن سىرت، ھازىر يەنە رۇس تىلىنىمۇ ئۆگىنىۋېتىپتۇ.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )