قولاي تىزىملىك
ئىگىسى: YasinEhmet

‹‹29- تېئورىما›› غا ئاخىرقى رەددىيە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

0

تېما

0

دوست

2805

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   26.83%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3753
يازما سانى: 223
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 151
تۆھپە : 747
توردىكى ۋاقتى: 100
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-7
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-16 06:22:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  - شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى قانۇنشۇناسلىق تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى بەي لىنى زىيارەت

ياڭ شۇخەن

    12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 11 – يىغىنىدا قانۇن چىقىرىش شەكلى ئارقىلىق 4 – دېكابىرنى دۆلەت ئاساسىي قانۇن كۈنى قىلىپ بېكىتىش قارار قىلىندى. ئاساسىي قانۇن كۈنىنىڭ تەسىس قىلىنىشى دۆلەتنىڭ قانۇن چىقىرىش شەكلى ئارقىلىق ئاساسىي قانۇننىڭ مۇقەددەسلىكىنى گەۋدىلەندۈرگەنلىكى. مەركەز بۇ ئارقىلىق قانۇن ئىدارە قىلىدىغان جۇڭگو قۇرۇپ چىقىش ئىرادىسىنى تولۇق نامايان قىلدى. بۇ، دۆلەت ۋە جەمئىيەتنىڭ دۆلەت ئاساسىي قانۇن كۈنىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، ئاساسىي قانۇن تەشۋىقاتىنى پائال تۈردە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۈنۈملۈك ئېلىپ بېرىشىدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. شۈبھىسىزكى، دۆلەتنىڭ ئاساسىي قانۇن كۈنى ئىگىلىك ھوقۇقلۇق دۆلەتنىڭ ھازىر يولغا قويۇۋاتقان ئاساسىي قانۇننىڭ ياكى تارىختىكى مۇھىم ئاساسىي قانۇن ھۆججەتلىرىنىڭ بارلىققا كەلگەنلىكىنى خاتىرىلەيدىغان كۈن.

    نېمە ئۈچۈن دۆلەتنىڭ تۇنجى ئاساسىي قانۇن كۈنىنى تەسىس قىلىمىز؟ دۆلەت ئاساسىي قانۇن كۈنى بىلەن قانۇن تەشۋىقات كۈنىنىڭ قانداق پەرقى بار؟ بۇ سوئالغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن، شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى قانۇنشۇناسلىق تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى بەي لىنى زىيارەت قىلدىم.

    دۆلەت ئاساسىي قانۇن كۈنى دەل ۋاقتىدا تەسىس قىلىندى

    دۆلىتىمىزدە 2001 – يىلىدىن باشلاپ ھەر يىلى 4 – دېكابىر مەملىكەتلىك قانۇن – تۈزۈم تەشۋىقات كۈنى قىلىپ بېكىتىلىپ، قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش تەشۋىقات پائالىيىتى كەڭ قانات يايدۇرۇلۇپ كەلگەن. قانۇن – تۈزۈم تەشۋىقات كۈنى بار بولغان ئەھۋالدا يەنە ئاساسىي قانۇن كۈنىنى تەسىس قىلىش ئۆزئارا زىددىيەتلىك بولۇپ قالارمۇ؟ دېگەن مەسىلە كىشىلەردە سوئال پەيدا قىلدى. بۇنىڭغا قارىتا بەي لى مۇنداق دېدى: جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇن سىستېمىسىدا ئاساسىي قانۇن ئالىي قانۇنىي كۈچكە ئىگە، قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇشنىڭ يادروسى ئاساسىي قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇشتا. ھەر يىلدىكى قانۇن – تۈزۈم تەشۋىقات كۈنىدە جەمئىيەتتىكى ھەرقايسى ساھەلەر ھەر خىل تېمىدا ئاساسىي قانۇننى تەشۋىق قىلىدۇ، لېكىن، بۇنداق تەشۋىقاتتا ئاساسىي قانۇنغا مۇناسىۋەتلىك مەزمۇن يېتەرلىك بولمىغاچقا، جەمئىيەتتە مۇكەممەل بولغان قانۇن ئىدىيەسى شەكىللەندۈرەلمەيۋاتىدۇ. قىسمەن رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئاساسىي قانۇنغا بولغان تونۇشى كەمچىل بولغاچقا، ئاساسىي قانۇننى قوغداشتىكى ئاڭلىقلىقى جەمئىيەتنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچىگە ئايلىنالمايۋاتىدۇ.

    بەي لى مۇنداق دېدى: بۇ قارار پارتىيە سىياسىتىنىڭ دەل ۋاقتىدا دۆلەت قانۇنىغا ئايلىنىشىنىڭ تىپىك مىسالى، بۇ ‹‹ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشتىكى بىرقانچە زور مەسىلە توغرىسىدىكى قارارى››دىكى قانۇن – تۈزۈم ئىسلاھاتى توغرىسىدىكى تەدبىرلەرنى دەل ۋاقتىدا ئېلان قىلىشتا ئاكتىپ تەسىرگە ئىگە. ئاساسىي قانۇن تەشۋىقاتىنى، ئاساسىي قانۇن قارىشىنى ئومۇملاشتۇرۇشنى كۈچەيتىش، پۇقرالىق ئېڭى ۋە ئاساسىي قانۇن ئېڭىنى يېتىلدۈرۈشنى گەۋدىلەندۈرۈش ئۈچۈن، دۆلەت قانۇن كۈنىنى تەسىس قىلىش ئىنتايىن زۆرۈر.

    دۆلەت ئاساسىي قانۇن كۈنىنىڭ تەسىس قىلىنىشى زور ئەھمىيەتكە ئىگە

    بەي لى مۇنداق دېدى: دۆلەت ئاساسىي قانۇن كۈنىنى تەسىس قىلىش دۆلەتنى ئاساسىي قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاساسىي قانۇننىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئاساسىي قانۇننىڭ نوپۇزىنى قوغداشقا پايدىلىق. ئاساسىي قانۇن روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، دۆلەتنى ئاساسىي قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەتنى ئاساسىي قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈش قانۇن ئىدارە قىلىش قۇرۇلۇشىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈلگەنلىكى، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ تېخىمۇ چوڭقۇر ۋە مۇكەممەل بولغانلىقىنىڭ ئىپادىسى. ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 – ئومۇمىي يىغىنىدا بۇ نۇقتا تەكىتلەندى ھەم مەملىكىتىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلق، بارلىق دۆلەت ئورگىنى ۋە قوراللىق كۈچلەر، پارتىيەلەر، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ۋە كارخانا، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ ئاساسىي قانۇننى تۈپ ھەرىكەت مىزانى قىلىش ھەم ئاساسىي قانۇننىڭ ئىززەت – ھۆرمىتىنى قوغداش، ئاساسىي قانۇننىڭ يولغا قويۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش مەسئۇلىيىتىنىڭ بارلىقى تەكىتلەندى.

    بەي لى ئاساسىي قانۇن كۈنى تەسىس قىلىشنىڭ ئەمەلىي ئەھمىيىتى توغرىسىدا مۇنداق دېدى: دۆلەت ئاساسىي قانۇن كۈنىنىڭ تەسىس قىلىنىشى ئاساسىي قانۇن بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇشقا، پۇقرالارنىڭ ھەرخىل ئاساسىي قانۇن تەشۋىقات پائالىيەتلىرى ئارقىلىق ئاساسىي قانۇننىڭ قىممىتىنى ھېس قىلىشىغا، ئاساسىي قانۇننى يولغا قويۇشنىڭ ئاممىۋى ئاساسىنى كېڭەيتىشكە، شۇنداقلا خەلقئارا جەمئىيەتتە دۆلىتىمىزنىڭ ئاساسىي قانۇنغا ھۆرمەت قىلىدىغان ياخشى ئوبرازىنى تىكلىشىگە، دۆلىتىمىز ئاساسىي قانۇنىنىڭ خەلقئارالىق تەسىرىنى كېڭەيتىشكە پايدىلىق.

    ئاساسىي قانۇن كۈنىدىكى تەشۋىقات پائالىيەتلىرىنىڭ شەكلى ھەرخىل

    بەي لى مۇنداق دېدى: دۆلەت ئاساسىي قانۇن كۈنىدە تەشۋىقات پائالىيەتلىرىنى ھەرخىل شەكىلدە تەشكىللەشكە بولىدۇ. مەسىلەن: ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا، مەھەللە ئاھالىسىگە ئاساسىي قانۇن بىلىملىرىدىن لېكسىيە سۆزلەش، ھۆكۈمەت خىزمەتچىلىرىنى ئاساسىي قانۇنغا قەسەم بېرىشكە تەشكىللەش؛ دوكلات يىغىنى، سۆھبەت يىغىنى قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرۇش؛ ئاساسىي قانۇن بىلىملىرى بويىچە زېھىن سىناش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش، ئاساسىي قانۇن توغرىسىدا ماقالە قوبۇل قىلىش؛ ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنغا خىلاپ دېلولار توغرىسىدا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنىمۇ ئۇيۇشتۇرۇشقا بولىدۇ. ئاساسلىق پائالىيەتلەرنىڭ يادروسى ئاساسىي قانۇننى ھەممە كىشىگە ئومۇمىيلاشتۇرۇپ، پۇقرالارنىڭ ئاساسىي قانۇن ئېڭىنى تىكلەشتىن ئىبارەت.

    سوت مەھكىمىسىنىڭ خىزمەتچىلىرىنى ئاساسىي قانۇنغا قەسەم بېرىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈش؛ ئاساسىي قاتلام سوت مەھكىمىلىرىنى ئاساسىي قانۇن دوكلات يىغىنى ئېچىش، جامائەتكە ئېچىۋېتىلگەن كۈنلەرنى تەسىس قىلىش قاتارلىق پائالىيەتلەر ئارقىلىق قانداق قىلغاندا ئاساسىي قانۇن ئېڭىنى يېتىلدۈرگىلى بولىدىغانلىقىنى بايان قىلىشقا؛ ئاساسىي قانۇن بىلىملىرىگە مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەرنى قوبۇل قىلىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈپ، پۇقرالارنى كەڭ كۆلەمدە قاتناشتۇرۇشقا بولىدۇ. تاراتقۇلار ئاساسىي قانۇن بىلەن پۇقرالارنىڭ مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ تەشۋىق قىلىشى كېرەك. ھەرخىل ئاشكارا خەۋەر قىلىش، تېخىمۇ كۆپ شەكىللەر ئارقىلىق پۇقرالارغا ئاساسىي قانۇننى تېخىمۇ ياخشى چۈشەندۈرۈش كېرەك. قانۇن ئىدارە قىلىش تەشۋىقات سالمىقى ۋە سۈپىتىنى ئاشۇرۇپ، ئاساسىي قانۇن تەشۋىقاتىنى قانۇن ئىدارە قىلىش تەشۋىقاتىنىڭ يادروسى قىلىپ، دۆلەت ئاساسىي قانۇن كۈنى پائالىيىتىنى پۇقرالارنىڭ ئاساسىي قانۇن ئېڭىنى ئاشۇرىدىغان، ئاساسىي قانۇن تەپەككۇرى ۋە تەربىيەسىنى شەكىللەندۈرىدىغان ياخشى پۇرسەتكە ئايلاندۇرۇش كېرەك.

    ئاساسىي قانۇننى كەڭ تەشۋىق قىلىپ، قانۇن ئىدارە قىلىدىغان شىنجاڭ قۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرەيلى

    قانداق قىلغاندا ئاساسىي قانۇننى كەڭ تەشۋىق قىلىپ، قانۇن ئىدارە قىلىدىغان شىنجاڭ قۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ؟ بەي لى بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: خىزمەت ۋە تۇرمۇش جەريانىدا، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار ئاساسىي قانۇن بويىچە ئىش قىلىشى، ئاساسىي قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈشى ۋە قانۇن بويىچە باشقۇرۇشى، ئاساسىي قانۇننى ئاساسىي قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈشنىڭ ئۆلچىمى قىلىشى، ئاساسىي قانۇننى خەلق ئۈچۈن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش، خەلق ئۈچۈن قانۇن ئىجرا قىلىشنىڭ ھەرىكەت مىزانى قىلىشى، ئاساسىي قانۇن روھى بىلەن ئاساسىي قانۇنلۇق سىياسىي ئېڭىنى خىزمەت ئەمەلىيىتىدە ھەقىقىي تۈردە ئەمەلىيلەشتۈرۈشى، تەشۋىقات – تەربىيەنى كۈچەيتىش بىلەن بىللە ‹‹ئاز سانلىقلار ھالقىلىق›› بولۇشنىڭ باشلامچىلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشى كېرەك.

    بەي لى مۇنداق دېدى: قانۇننىڭ ئادىل يۈرگۈزۈلۈشى ۋە قانۇننى قاتتىق ئىجرا قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە ھەر بىر دېلودا ئادىللىقنى ھېس قىلدۇرۇشنى ئالدىنقى شەرت قىلغانلىقىمىز قانۇننى قاتتىق ئىجرا قىلىشنىڭ تەلىپىنى قانۇن ئىجرا قىلىش ھەرىكەتلەرىدە ھەقىقىي تۈردە ئىزچىللاشتۇرغانلىقىمىز ھېسابلىنىدۇ. قانۇن ئىجرا قىلىش، قانۇننى قېلىپلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، قانۇن ئىجرا قىلىپ دېلو بېجىرىش تەرتىپى ۋە ھەرىكىتىنى قاتتىق قېلىپلاشتۇرۇپ، مىللەت، كەسىپ، ئەمەلنىڭ ئوخشىماسلىقى تۈپەيلىدىن پەرق كەلتۈرۈپ چىقارماي، قانۇن ئىجرا قىلىش ۋە قانۇننىڭ ئوچۇق – ئاشكارىلىقىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاشكارا بولۇش مېخانىزمى ۋە يولىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈشىمىز؛ قانۇن يۈرگۈزۈش مەسئۇلىيىتى تۈزۈمى ۋە جازالاش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشىمىز؛ ھەرقايسى قانۇن ئىجرا قىلىپ دېلو بېجىرىش ھالقىلىرىدىكى مەسئۇلىيەتلەرنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇشىمىز كېرەك. ‹‹قانۇننىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇشتا، ئالدى بىلەن پۈتۈن جەمئىيەتنى قانۇنغا ئىشىنىدىغان قىلىش››نى ھەقىقىي تۈردە ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، جەمئىيەتتە قانۇن ئىدارە قىلىش ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ، دېگەن ياخشى كەيپىياتنى شەكىللەندۈرگەندىلا، ئاساسىي قانۇن بىلەن قانۇننى ئۈنۈملۈك يولغا قويغىلى بولىدۇ.

   
uyghuray

0

تېما

0

دوست

2805

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   26.83%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3753
يازما سانى: 223
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 151
تۆھپە : 747
توردىكى ۋاقتى: 100
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-7
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-16 06:23:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گوۋۇيۈەن 20 – نويابىر ‹‹شەھەر كۆلىمىنى ئايرىش ئۆلچىمىنى تەڭشەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش›› تارقىتىپ، دۆلىتىمىزدىكى شەھەرلەرنى نوپۇس كۆلىمىگە قاراپ بەش خىل، يەتتە دەرىجىگە ئايرىدى . يەنى دائىمىي تۇرۇشلۇق نوپۇسى 500 مىڭدىن تۆۋەن شەھەرلەر كىچىك شەھەرگە، بۇنىڭ ئىچىدە نوپۇسى 200 مىڭدىن كۆپ، 500 مىڭدىن ئاز شەھەرلەرⅠتىپتىكى كىچىك شەھەرگە، 200 مىڭدىن ئاز شەھەرلەرⅡ تىپتىكى كىچىك شەھەرگە؛ دائىمىي تۇرۇشلۇق نوپۇسى 500 مىڭدىن كۆپ، 1 مىليوندىن ئاز شەھەرلەر ئوتتۇرا دەرىجىلىك شەھەرگە؛ دائىمىي تۇرۇشلۇق نوپۇسى 1 مىليوندىن كۆپ، 5 مىليوندىن ئاز شەھەرلەر چوڭ شەھەرگە، بۇنىڭ ئىچىدە 3 مىليوندىن كۆپ، 5 مىليوندىن ئاز شەھەرلەرⅠ تىپتىكى چوڭ شەھەرگە، بىر مىليوندىن كۆپ، 3 مىليوندىن ئاز شەھەرلەرⅡ تىپتىكى چوڭ شەھەرگە؛ دائىمىي تۇرۇشلۇق نوپۇسى 5 مىليوندىن كۆپ، 10 مىليوندىن ئاز شەھەرلەر ئالاھىدە چوڭ شەھەرگە؛ دائىمىي تۇرۇشلۇق نوپۇسى 10 مىليوندىن ئاشىدىغان شەھەرلەر پەۋقۇلئاددە چوڭ شەھەرگە ئايرىلدى.

    يېڭى ئۆلچەمگە ئاساسلانغاندا، ‹‹دۆلەتنىڭ يېڭىچە شەھەرلىشىش پىلانى ( 2014 – 2020 – يىلىغىچە) ›› دا ئېلان قىلغان دەرىجىدىن تاشقىرى شەھەردىن ئالتىسى بولۇپ ، بېيجىڭ، شاڭخەي، تيەنجىن، چۇڭچىڭ، گۇاڭجۇ، شېنجېن ئىكەن؛ ئالاھىدە چوڭ شەھەر ئۆلچىمىگە توشىدىغان شەھەر ئون ؛ چوڭ شەھەر ئۆلچىمىگە توشىدىغان شەھەر 124 ئىكەن.

0

تېما

0

دوست

2805

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   26.83%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3753
يازما سانى: 223
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 151
تۆھپە : 747
توردىكى ۋاقتى: 100
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-7
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-16 06:25:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خۇنەننىڭ خېڭياڭ شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى ئامانلىق ساقلاش تارماق ئەترىتى 8–دېكابىر خېڭياڭ شەھىرىدىكى مەلۇم ھاۋا ئارمىيە بومباردىمان قىلىش مەشىق مەيدانىدا كونا بومبىلارنى مەركەزلىك بىر تەرەپ قىلىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىپ ، 1000 دىن ئارتۇق كونا بومبىنى پارتلاتقان . بۇ بومبىلارنىڭ ئومۇمىي ئېغىرلىقى 10 توننا كېلىدىغان بولۇپ ، كۆپ قىسمى ياپونغا قارشى ئۇرۇش مەزگىلىدە قېپقالغان كونا بومبىلار ئىكەن .

0

تېما

0

دوست

2805

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   26.83%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3753
يازما سانى: 223
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 151
تۆھپە : 747
توردىكى ۋاقتى: 100
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-7
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-16 06:26:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ج خ مىنستىرلىقى 2014 – يىللىق ‹‹مەملىكەت بويىچە قاتناش بىخەتەرلىكى كۈنى›› ئاساسىي تېما پائالىيىتىنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، مەملىكەت بويىچە ج خ قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ 2 – دېكابىر بىر تۇتاش ھەرىكەت قوللىنىپ، سۈرئەتنى ئاشۇرۇپ ئاپتوموبىل ھەيدەش، نورمىدىن ئاشۇرۇپ يۈك قاچىلاش، ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدەش، زەھەر چېكىپ ئاپتوموبىل ھەيدەش، قىزىل چىراغتىن بۆسۈپ ئۆتۈش، جىددىي ئەھۋالدا ئىشلىتىلىدىغان ئاپتوموبىل يولىنى ئىگىلىۋېلىش، پىيادىلەر يولىدىن ئۆتكۈچىلەرگە يول بەرمەسلىكتەك قانۇنغا خىلاپ گەۋدىلىك قىلمىشلارنى نۇقتىلىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشنى ئورۇنلاشتۇردى.

    ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە، جايلاردىكى ج خ قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى يۇقىرى سۈرئەتلىك يوللاردا چارلاش ۋە سىن ئارقىلىق چارلاپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى نەق مەيداندا تۈزىتىش ۋە جازالاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، سۈرەتنى ئاشۇرۇپ ئاپتوموبىل ھەيدەش، جىددىي ئەھۋالدا ئىشلىتىلىدىغان يولنى ئىگىلىۋېلىشتەك قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى نۇقتىلىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىدۇ؛ شەھەر ئىچىدە ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدەش، زەھەر چېكىپ ئاپتوموبىل ھەيدەش، قىزىل چىراغتىن بۆسۈپ ئۆتۈش، پىيادىلەر يولىدىن ئۆتكۈچىلەرگە يول بەرمەسلىكتەك قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى قانۇن ئىجراسى بويىچە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، شەھەر رايونىدىكى يېمەك – ئىچمەك، كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرى قاتارلىق نۇقتىلىق رايونلارنى باشقۇرۇپ تىزگىنلەش سالمىقىنى ئاشۇرىدۇ؛ يېزىلاردا پارتكوم، ھۆكۈمەتكە تايىنىپ قانۇن ئىجرا قىلىش تارماق ئەترىتى، نەسىھەت قىلىش ئەترىتى تەشكىللەپ، يېزىلاردىكى مىنىبۇس، ئوقۇغۇچىلار ئاپتوبۇسىغا نورمىدىن ئاشۇرۇپ ئادەم سېلىش، ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدەش قاتارلىق قاتناش قانۇنىغا خىلاپ قىلمىشلارنى ۋاقتىدا تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىدۇ ۋە تۈزىتىدۇ.

    ج خ مىنستىرلىقى قاتناش باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ مەسئۇلى مۇنداق دېدى: سۈرئەتنى ئاشۇرۇپ ئاپتوموبىل ھەيدەش، نورمىدىن ئاشۇرۇپ يۈك قاچىلاش، ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدەش، زەھەر چېكىپ ئاپتوموبىل ھەيدەش، قىزىل چىراغتىن بۆسۈپ ئۆتۈش، جىددىي ئەھۋالدا ئىشلىتىلىدىغان ئاپتوموبىل يولىنى ئىگىلىۋېلىش، پىيادىلەر يولىدىن ئۆتكۈچىلەرگە يول بەرمەسلىكتەك قانۇنغا خىلاپ گەۋدىلىك قىلمىشلار ئاممىنىڭ ھاياتى ۋە مال – مۈلكىنىڭ بىخەتەرلىكىگە ئېغىر تەھدىت سېلىۋاتىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش ئەھۋالىدىن قارىغاندا، بۇ قانۇنغا خىلاپ يەتتە خىل قىلمىش قاتناش قانۇنىغا خىلاپ قىلمىش ئومۇمىي نىسبىتىنىڭ تۆتتىن بىر قىسمىنى ئىگىلىگەن، بۇنىڭ ئىچىدە سۈرەتنى ئاشۇرۇپ ئاپتوموبىل ھەيدەش قىلمىشى ئالدىنقى ئورۇندا بولۇپ، ‹‹يولدىكى بىرىنچى قاتىل››غا ئايلانغان؛ نورمىدىن ئاشۇرۇپ يۈك قاچىلاش، جىددىي ئەھۋالدا ئىشلىتىلىدىغان يولنى ئىگىلىۋېلىش ئەھۋالى كۆپ يۈز بېرىپ تۇرغان. زەھەر چېكىپ ئاپتوموبىل ھەيدەش قاتناش بىخەتەرلىكىگە ئېغىر دەرىجىدە خەۋپ يەتكۈزۈۋاتقان يېڭى مەسىلە. خەۋپ يەتكۈزۈش دەرىجىسىدىن قارىغاندا، نورمىدىن ئاشۇرۇپ يۈك قاچىلاش، ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدەش، قىزىل چىراقتىن بۆسۈپ ئۆتۈش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان قاتناش ھادىسىسى كۆپ بولۇپ، ئاقىۋىتى ئىنتايىن ئېغىر بولۇۋاتىدۇ؛ جىددىي ئەھۋالدا ئىشلىتىلىدىغان يولنى ئىگىلىۋېلىش ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان سېلىۋاتىدۇ؛ پىيادىلەر يولىدىن ئۆتكۈچىلەرگە يول بەرمەي، پىيادىلەرنىڭ يول يۈرۈش ھوقۇقىغا زىيان يەتكۈزۈش ئەھۋاللىرى پىيادىلەرنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكىگە بىۋاسىتە خەۋپ يەتكۈزۈۋاتىدۇ.
uyghuray

0

تېما

0

دوست

2805

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   26.83%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3753
يازما سانى: 223
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 151
تۆھپە : 747
توردىكى ۋاقتى: 100
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-7
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-16 06:27:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ج خ مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى خۇاڭ مىڭ 24 – نويابىر مۇنداق دېدى: شوپۇرلارنى تەربىيەلەش ئىمتىھانى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، ھازىر دەلىل – ئىسپاتلار تەكشۈرۈلۈۋاتىدۇ، پىكىر ئېلىنىپ، تۈزىتىپ مۇكەممەللەشتۈرۈلگەندىن كېيىن جەمئىيەتتىن يەنە ئاشكارا پىكىر ئېلىنىدۇ.

    خۇاڭ مىڭ 24 – يانۋار شى جياجۇاڭ شەھىرىگە بېرىپ، ئۆلكىلىك، شەھەرلىك خ خ قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە تەكشۈرۈش پونكىتى، شوپۇرلۇق مەكتەپ، شەخسىي ئاپتوموبىل ئىگىسى ۋەكىللىرى بىلەن سۆھبەتلەشتى. خۇاڭ مىڭ مۇنداق دېدى: مەسىلە يېتەكچىلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ، خەلققە مۇلازىمەت قىلىشنى نىشان قىلغان ئاساستا ئاپتوموبىللارنى تەكشۈرۈش ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش بىلەن بىللە، ۋەزىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئېھتىياجىغا، خەلقنىڭ ئارزۇسىغا ماسلىشىش ئۈچۈن شوپۇرلارنى تەربىيەلەش ئىمتىھانى تۈزۈمى ئىسلاھاتى پائال ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ.

    خۇاڭ مىڭ مۇنداق دېدى: شوپۇرلارنى تەربىيەلەش ئىمتىھانى تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىش خىزمىتىدە مۇھىم ھالقىلارنى ياخشى ئىگىلەش كېرەك: بىرىنچى، ئاشكارا بولۇش: جەمئىيەتنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئادىل، ھەققانىي بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك؛ ئىككىنچى، ئوچۇق بولۇش: ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىپ، ئىجتىمائىي بايلىقلارنى بىرىكتۈرۈپ، تەمىنلەش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش كېرەك؛ ئۈچىنچى، مۇناسىۋەتنى ئۈزۈش: تارماقلارنىڭ ئوچۇق ياكى يوشۇرۇن مەنپەئەت زەنجىرىنى ئۈزۈپ تاشلاش كېرەك؛ تۆتىنچى، قولايلىق بولۇش: كىشىلەرگە تېخىمۇ كۆپ تاللاش ھوقۇقى بېرىپ، خەلققە تېخىمۇ قولايلىق يارىتىش كېرەك؛ بەشىنچى، شوپۇرلۇققا تەربىيەلەش ئىمتىھانىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، يول قاتناش بىخەتەرلىكىنىڭ مەنبە ئۆتكىلىنى چىڭ تۇتۇش كېرەك.

    خۇاڭ مىڭ مۇنداق دېدى: شوپۇرلۇق ئىمتىھانى ئىسلاھاتىدا مەسىلە يېتەكچىلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ساقلانغان مەسىلىلەرنى ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزىتىش كېرەك. ئاممىنىڭ شوپۇرلۇقنى ئۆگىنىپ كىنىشكا ئېلىش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش، ئىمتىھاننىڭ ئوچۇق – ئاشكارا، ئادىل، پاك بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، شوپۇرلارنىڭ بىخەتەر ئاپتوموبىل ھەيدەش ساپاسىنى ئۆستۈرۈش، ئاممىنىڭ شوپۇرلاردىن رازى بولۇش دەرىجىسىنى ئاشۇرۇش قاتارلىقلارنى چۆرىدىگەن ھالدا بىر يۈرۈش ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇش ئارقىلىق شوپۇرلۇققا تەربىيەلەش ئىمتىھانى ئىقتىدارى ۋە شوپۇرلارنى تەربىيەلەش تىجارەت ئەندىزىسىنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجىغا ماس كەلمەسلىك مەسىلىلىرى، شوپۇرلۇق ئىمتىھانىنىڭ ئوچۇق – ئاشكارا، ئادىل، پاك بولماسلىق مەسىلىلىرى، ئامما ئىنكاس قىلغان قولايسىز، قىممەت بولۇش مەسىلىلىرى ئەستايىدىل، پۇختا ھەل قىلىنىدۇ.

68

تېما

29

دوست

6 تۈمەن

جۇغلانما

دەلىللەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4372
يازما سانى: 7038
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2606
تۆھپە : 17522
توردىكى ۋاقتى: 8097
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-16 09:02:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ziya تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-16 09:06  

力_百度百科

“كۈچ”نىڭ ئېنىقلىمىسى .....

تەكشى تېزلىك بىلەن كېلىپ ئۇرۇلغان مۇشمۇ كۈچنىڭ ئېنىقلىمىسىنى قانائەتلەندۆرىدۇ.

68

تېما

29

دوست

6 تۈمەن

جۇغلانما

دەلىللەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4372
يازما سانى: 7038
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2606
تۆھپە : 17522
توردىكى ۋاقتى: 8097
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-16 09:26:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

0

تېما

0

دوست

269

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   89.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32695
يازما سانى: 29
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 80
توردىكى ۋاقتى: 10
سائەت
ئاخىرقى: 2015-1-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-16 09:39:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قاسىم سىدىق----2010
تولىمۇ خىجىلمەن، شەكىل نەزەرىيىسى ۋە مەن ھەققىدە گەپ بولغاندا مەدھىيە خاراكتېرلىك سۆز -جۇملىلەرنى يولۇقتۇرسام بەكمۇ بىئارام بولىمەن. مەن بۇ ھەقتە بەزىلەرگە بىرقانچە قېتىم مۇشۇنداق سۆز - جۇملىلەردىن ساقلىنىشنى ئەسكەرتكەن ئىدىم، كۆرۇنەرلىك ئۈنۈمى بولمىدى. ئۇلار «بۇ بىزنىڭ ئىشىمىز، سەن ئۆزەڭ ئىلىم-پەندە دىموكىراتىيە بولۇشى كېرەك دېگەننى تەشەببۇس قىلىپ تۇرۇقلۇق بىزنىڭ سۆز قىلىش ھوقۇقىمىزغىمۇ رامكا بەلگىلەپ بىرەمتىڭ» دېيىشت
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )