2014-يىللىق فىزىكا ئىلمىدىكى 10 چوڭ نەتىجە باھالاپ چىقىلدى
ئىسپانىيە «ABC گېزىتى» خەۋەر تورى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئەنگلىيە مەخسۇس ژۇرنىلى «فىزىكىلىق دۇنيا» 2014-يىلدىكى فىزىكا ئىلمىدىكى 10 چوڭ ئىلگىرىلەشنى باھالاپ چىقتى.
پايدىلىنىش خەۋەرلىرى تورى 14-دېكابر خەۋىرى: ئىسپانىيە «ABC گېزىتى» خەۋەر تورى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئەنگلىيە مەخسۇس ژۇرنىلى «فىزىكىلىق دۇنيا» 2014-يىلدىكى فىزىكا ئىلمىدىكى 10 چوڭ ئىلگىرىىلەشنى باھالاپ چىقتى. بۇ تەتقىقات نەتىجىلىرى نەزەرىيە بىلەن ئەمەلىيەتنى بىرلەشتۈرۈشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىلىم-پەن ساھەسىدىكىلەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك دىققەت-ئېتىبارىنى قوزغىدى.
1. «Philae»نىڭ كومېتاغا چىقىشى
11-ئاينىڭ 12-كۈنى ياۋروپا ئالەم بوشلۇقى ئىدارىسى كومېتاغا قونغۇچى «Philae»نىڭ ئوڭۇشلۇق ھالدا كومېتاغا قونغان. بۇ تۈرلۈك نەتىجە 2014-يىلدىكى كۆزگە كۆرۈنەرلىك ئىلىم-پەن تەرەققىياتى، دەپ قارالدى. گەرچە «Philae» كومېتاغا قونغاندىن كېيىن پىلان بويىچە كومېتا يادروسىغا مۇقىملىشالمىغان بولسىمۇ، نۆۋەتتە ئۇيقۇ ھالىتىگە كىردى، بىراق بۇ قېتىم تارىخىي قىممەتكە ئىگە تەكشۈرۈش ۋەزىپىسى ئورۇنلاندى.
2. ئالەم تور گرافىكى
ئامېرىكا كالىفورنىيە ئونۋېرسىتېتىدىكى ئاسترونوملار يەر شارى بىلەن بولغان ئارىلىقى 10 مىليارد يورۇقلۇق يىلى بولغان يۇلتۇزسىمان جىسىمنى تەتقىق قىلغان، تۇنجى قېتىم ئالەمدىكى پۈتۈن يۇلتۇز سېستىمىسىغا تۇتاشتۇرۇلغان ئالەم دىففۇزىيە گاز تورىنى تارتقان.
3. قۇياشنىڭ ئىچكى قىسىمىدىكى نېيترىنو
ئامېرىكا ماسساچۇسېتس ئونۋېرسىتېتىدىكى تەتقىقاتچى خادىملار ئىتالىيەنىڭ ئوتتۇرا قىسمى تاغلىق رايۇنىدا تەكشۈرۈش ئەسۋابىدىن پايدىلىنىپ، قۇياشنىڭ ئىچكى قىسىمىدىكى پروتون بېرىكىش رېئاكسىيەسىدە تۆۋەن ئېنىرگىيەلىك نېيترىنونى قويۇپ بېرىدىغانلىقىنى بايقىغان.
4. «غايەت زور ئېنىرگىيە خوراشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان» يادرو يىغىلىشى
ئامېرىكا LLNL دۆلەتلىك تەجرىبىخانىسىدىكى تەتقىقات گورۇپپىسى 2-ئايدا ئېلان قىلغان تەتقىقات دوكلاتىدا، تۇنجى قېتىم «غايەت زور ئېنىرگىيە خوراشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان» يادرو يىغىلىش رېئاكسىيەسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇلغانلىقى، شۇنداقلا يادرو يىغىلىشىدا قويۇپ بېرىلگەن ئېنىرگىيە يادرو يىغىلىشى خوراتقان ئېنىرگىيەگە تەڭ ئىكەنلىكى ئېيتىلغان.
5. ئېلېكترونلار ئارىسىدىكى ماگنىتلىق رېئاكسىيە
ئىسرائىلىيە ئېشكول پەن تەتقىقات ئورنىدىكى فىزىكا ئالىملىرى ماگنىتلارنىڭ ئەڭ كىچىك ئۆز-ئارا تەسىرىنى، يەنى ئىككى ئېلېكترون ئارىسىدا يۈز بەرگەن ئاجىز ماگنىتلىق تەسىرنى ئۆلچىگەن.
6. يېڭى تىپتىكى ئوپتىك تالا
ئامېرىكا ئالىملىرى رەسىم يەتكۈزۈش ئىقتىدارى تېخىمۇ كۈچلۈك بولغان بىر خىل ئوپتىك تالانى كەشىپ قىلغان. بۇ تارىختىن بۇيان تۇنجى قېتىم «قىسمەنلەشتۈرۈلگەن» قېتىش ھالىتى فىزىكىسىغا ئاساسەن ئىشلەپچىقىرىلغان ئەمەلىي قوللىنىشچان مەھسۇلاتتۇر.
7. گولوگرافىك ساقلىغۇچ
ئامېرىكا كالىفورنىيە ئونۋېرسىتېتىنىڭ رىۋېرسايد تارماق مەكتەپ رايونىدىكى ئالىملار يېڭى تىپتىكى بىر خىل كولوگرافىك ساقلىغۇچنى كەشىپ قىلغان. بۇ خىل ساقلىغۇچ ئېلېكترونلۇق ئەسلىھەلەرگە ئەزەلدىن كۆرۈلمىگەن سانلىق-مەلۇماتلارنى ساقلاش ۋە بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارى ئېلىپ كېلىدۇ.
8. تەقلىدىي ئادەتتىن تاشقىرى يېڭى يۇلتۇز پارتلىتىش
ئوكسفورد ئونۋېرسىتېتىدىكى ئالىملار تەجرىبىخانىدا يۇقىرى ئۈنۈملۈك لازېر نۇرى ئەسلىھەلىرىدىن پايدىلىنىپ، مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا تەقلىدىي قىلىپ ئالەمدىكى غايەت زور ئېنىرگىيە قويۇپ بېرىش، يەنى ئادەتتىن تاشقىرى يېڭى يۇلتۇز پارتلىتىش قىلدى.
9. چەكسىز پرېسلانغان سانلىق-مەلۇماتلار
كانادا تورونتو ئونۋېرسىتېتىدىكى تەتقىقاتچى تۇنجى قېتىم كۋانت ئارقىلىق ئالاھىدە ساقلانغان ئۇچۇرلارنى ئۇچۇرلار يۈتۈپ كەتمىگەن ئەھۋال ئاستىدا نەچچە ھەسسە پرېسلىغان. بۇ تەتقىقات نەتىجىسى يۇقىرى ئۈنۈملۈك كۋانت ئالاقىسى ۋە ئۇچۇر ساقلاشتا ئىشلىتىلىدۇ.
10. ئاۋاز ئىلمى«نۇر دەستىسى تارتىش»
ئەنگلىيە دوندى ئونۋېرسىتېتى ۋە ئامېرىكا ئىللنوئىس ئونۋېرسىتېتىدىكى تەتقىقاتچى خادىملار فانتازىيەلىك فىلىمدىكى «نۇر دەستىسى تارتىش»نى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇپ، ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنى دەستىسىدىن پايدىلىنىپ مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا جىسىمنى تەخمىنەن 1 سانتىمېتىر يۆتكىگەن.
|