داۋامى:
ۋاڭ جېن : ــ جۇشى ،بۈگۈن مۇشۇ يەرگىچە سۆزلىشەيلى ،تېزراق يولغا چىقىڭ ،ــ دېدى . جۇ ئېنلەيمۇ : ــ جۇشى ،ۋاقىت توشتى ،ماڭايلى ،ــ دېدى . ماۋزىدۇڭ ئورۇندۇقتا بىخىرامان ئولتۇرۇپ: ــ ئورگاندىكىلەركىتىپ بولدىمۇ ؟ــ دەپ سورىدى : ــ ئۇلار كېتىپ بولغىلى نەۋاق ،ــ دېدى بىرنەچچەيلەن بەس ـ بەس بىلەن . ــ ئاممىچۇ ؟ ــ ماڭدى ،ھەممىسى مېڭىپ بولدى . ماۋزىدۇڭ مەمنۇن بولغان ھالدى : ــ ھىم ،بولىدۇ، تاماق يەۋالايلى ،ــ دېدى . ماۋزىدۇڭ يەنئەندىن ھەممىدىن كىيىن كىتىمەن دىگەچكە ،ھەممىسىنىڭ ئارقىسىدا قالغانىدى .يەنە تاماق يەيمەن دەپ تۇرۇپ تۇرىۋەرسە ئىش چاتاق بولاتتى .باشلىقلار ۋە ،مۇھاپىزەتچىلەر ماۋزىدۇڭنىڭ خۇزۇڭنەننىڭ ئەسكەرلىرىنىڭ قانداقلىقىنى بىركۆرۈپ باقاي دىگەننى ئىسىگە ئالدى . مىلتىق ئاۋازى بارغانسىرى يېققىنلاشتى ،قاتتىق ئېتىشقان ئاۋازلار ۋە گىراناتلارنىڭ پارتىلغان ئاۋازلىرى ئاڭلىنىپ تۇراتتى .يولداشلار تىت تىت بولۇشۇپ تۇرالماي قېلىشتى .تاماق ۋەسەي يولدا يىيىش ئۈچۈن تاماق قۇتىسىغا سىلىنىپ بولۇنغانىدى .نائىلاج ئۇنى قايتىدىن ئېلىپ چىقىپ ماۋزىدۇڭنىڭ ئالدىغا قويۇشقا مەجبۇر بولدۇق.ماۋزىدۇڭ تاماقلارنى تېز يىيىشتا مەشھۇر بولۇپ ،بىردەمدىلا يەپ بولاتتى .بۇگۈن يولداش ئالدىرىغانسىرى ئۇ شۇنچە ئاستا يىدى .ئۇ خۇزۇڭنەننىڭ ئەسكەرلىرىنىڭ زادى قانداقلىقىنى بىركۆرۈپ بېقىشقا بەل باغلىغانىدى . جۇئېنلەي پېڭ لاۋزۇڭنى چاقىرىتىپ كەلدى .پىڭ لاۋزۇڭ ئىشىكتىن كىرە كىرمەيلا ۋارقىراپ كەتتى .: ــ جۇشى ،تېخىچە ماڭمىدىڭىزما ؟ ئۇھارامزادىنىڭ ئەسكەرلىرىنى كۆرگىدەك نىمىسى بار ؟ تېز بولۇڭ .قىسىملار سىز ئۈچۈن كۆردى .،بىر مىنۇتمۇ ھايال بولۇشقا بولمايدۇ،يولغا چىقىڭ . ماۋىدۇڭ تىت تىت بولۇۋاتقان پىڭ دوخەيگە قاراپ قويۇپ ،تامىقىنى يەپ ئولتۇرىۋەردى .پىڭ دوخەي ماۋزىدۇڭنىڭ قولىدىكى چوكىنى تارتىۋالماقچى بولدىيۇ ،لېكىن ئۆزىنى تۇتىۋالدى .ئۇ بىردىنلا بۇرۇلۇپ كاتىپ مۇھاپىزەتچىلىرىگە قاراپ : ــ نىمىگە قاراپ تۇرىسەن نەرسە كېرەكلەرنى ئەپ چىقىڭلار دەپ ۋارقىرىدى .كاتىپلار شۇھامان ئىشخانىدىكى نەرسىلەرنى رەتلەشكە كىرىشتى .بۇچاغدا ئاپتوموبىل ئاۋازىنىڭ گۈركىرىگەن ئاۋازى ئاڭلاندى . ماۋزىدۇڭ قوشۇمىسىنى تۈرۈپ : ــ ئۆينى تازلىۋېتىڭلار ،ھۆججەتلەر قېلىپ قالمىسۇن ،ئېلىپ كەتكىلى بولمايدىغان كىتاپلارنى رەتلىك تىزىپ قويۇڭلار.خۇزۇڭنەننىڭ ئەسكەرلىرى ماركىزىزىم ـ لېنىنىزىم كىتاپلىرىنى ئازتولا ئوقۇپ قويسا پايدىسى بار ،ــ دېدى . ماۋزىدۇڭ قولىدىكى چوكىنى قويۇپ ،تازلىۋېتىلگەن ئۆيگە بىرقۇر كۆز يۈگىرتىۋەتكەندىن كىيىن .جىممىدە گەمىدىن چىقتى ئۇ ئەتراپتىكى ھەربىر ئادەمگە سەپ سېلۋېتىپ قولىنى كەينىگە قىلدى – دە ،باۋتا مۇنارىغا قاراپ تۇرۇپ قالدى .ئۇ تۆۋەن كالپۇكىنى شوراپ ،ئاغزىدىكى تۈكىرىكنى غۇرتتىدە يۇتىۋەتتى ـ دە ،مىلتىق ۋە توپ زەمبىرەكلەر ئېتىلىپ .نۇرلار چاقناپ تۇرغان شەرقىي جەنۇپ تەرەپكە قارىدى ،بىردەمدىكى جاۋغىيى ئىچىگە كىرىپ ،دۈشمەننى مەنسىتمەيدىغان چوڭقۇر ئىككى قورۇق پەيدە بولدى .ئۇ يېنىدا تۇرغان جۇئىنلەيگە ۋە بارلىق خىزمەتچى خادىملارغا قاراپ : ــ مەن ئەسلىدە خۇزۇڭنەننىڭ ئەسكەرلىرىنىڭ زادى قانداقلىقىنى بىر كۆرۈپ باقماقچى ئىدىم .بىراق پىڭ لاۋزۇڭ قىسىم سەن ئۈچۈن كۆرۈپ قويسۇن دەپ زادىلا ئۇنىمايۋاتىدۇ.ئۇنى خاپا قىلىپ قويسام بولمىغۇدەك ،شۇنداق بوسۇن ـ دېدى . ماۋزىدۇڭ جېپ ماشىنىنىڭ قېشىغا كېلىپ ماشىنغا چىقدىغان چاغدا بىردىنلا كەينىگە بۇرۇلۇپ ،خىتاپنامە ئېلان قىلغاندەك ياڭراق ئاۋاز بىلەن : ــ يولداش ماشىنىغا چىقىڭلار ،بىز يەنە چوقۇم قايتىپ كېلىمىز .دەپ ۋارقىرىدى. جۇئېنلەي بىر يىلدىن كىيىن ،ماۋزىدۇڭنىڭ «بىز چوقۇم قايتىپ كېلىمىز»ىگەن گىپىگە قاتتىق باش قاتۇرۇشقا مەجبۇ بولدى .شۇ چاغدا ماۋزىدۇڭ يىچۈەن ئۇرىشىنى ئورۇنلاشتۇردى .بۇ ئۇرۇش دۈشمەننىڭ بەش بىرگادىسىنى يوقىتىدى ،20 ـ كورپۇسنىڭ كوماندىرى لىيۈكەن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلدى .ئارمىيىمىز غەربىي شىمال ئۇرىشىدا زور قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتتى .پۈتۈن مەملىكىتىمىزدە ئارمىيە خەلىقمۇ زور قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتتى .يەنئەننىڭ ئېلىنىشغا ساناقلىقلا كۈن قالغانىدى .بىراق، پۈتۈن مەملىكەت ئازاتلىق ئۇرىشىنىڭ ۋەزىيىتى ماۋزىدۇڭدىن شەرىققە يۈرۈش قىلىپ خۇڭخې دەرياسىدىن بالدۇراراق ئۆتۈپ،ئۇرۇشقا قومانداقلىق قىلىشقا ئەڭ ئەپ؛ىك ،ئەڭ پايدىلىق يەرگە بېىرىشنى تەلەپ قىلاتتى . ئەگەر ماۋزىدۇڭنىڭ مەيلىگە قويۇۋېتىلسە دىگەن گېپىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن يەنئەنگە قايتماي قويمايتتى .ماۋزىدۇڭنى خۇاڭخې دەرياسىدىن ئۆتۈشكە كۆندۈرۈش ئۈچۈن جۇئېنلەي بىلەن رېنبىشى تەكرار مۇزاكىرە قىلىش ئارقىلىق تولۇق تەييارلىق كۆردى .بەختىمىزگە يارىشا ماۋزىدۇڭ ئالدىمىزدا ئېيتقان سۆلەر ئاز ئەمەس ئىدى .ماۋزىدۇڭ يەنە «خۇزۇڭنەننى مەغلۇپ قىلماي تۇرۇپ،خۇاڭخې دەرياسىدىن ھەرگىز ئۆتمەمىز»دېگەن گەپنىمۇ قىلغانىدى .جۇئېنلەي ماۋزىدۇڭنىڭ خۇي پەيلىنى ئوبدان بىلگەچكە ئۇنىڭدىن يېچۈەن ئۇرىشىدا خۇزۇڭنەننى مەغلۇپ قىلدۇق دىسەك بولامدۇـ بولمامدۇ ؟دەپ سورىدى.ماۋزىدۇڭ:«بۇ ئۆزگەرتىپ بولمايدىغان پاكىت »دېدى .جۇئېنلەي پۇرستنى چىڭ تۇتۇپ دەرھال :«جۇشى ،سىز خۇزۇڭنەننى مەغلۇپ قىلماي تۇرۇپ خۇاڭخې دەرياسىدىن ھەرگىز ئۆتمەيمىز دېگەنتىڭىز .خۇزۇڭنەننى مەغلۇپ قىلدۇق ،ئەمدى پۈتۈن مەملىكەت بويىچە غەلبىگە ئېرىشىش ئۈچۈن ئالدىنقى سەپ ،ئارقا سەپ كومېتىتلىرىمىز بىلەن خىزمەت كومىتىتىنى بىرلەشتۈرمەي بولمايدۇ»دېدى.شۇنىڭ بىلەن جۇئېنلەي ماۋزىدۇڭ دېمەكچى بولغان گەپنى ماۋزىدۇڭ ئۆزى دېدى :«ئۇنىڭدا بىز شىمالىي شەنشىدىن كېتىمىزما؟»،جۇئېنلەي دەرھال بېشىنى لېڭشىتىپ :«شۇنداق،مەركەز شىمالىي شەنشىگە تۇرۇپ مەقسىتىگە يەتتى ،ئەمدى ئۇرۇشقا قوماندانلىق قىلىشقا ئەڭ ئەپلىك ،ئەڭ پايدىلىق يەرگە بېرىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ »دېدى .شۇنداق قىلىپ ماۋزىدۇڭ يەنئەنگە قايتماي شەرىققە يۈرۈش قىلىپ ،خۇاڭخېدىن ئۆتۈپ شىبەيپغا باردى .
باغداش تورىغىلا خاس رۇخسەتسىز كۆچۈرمەڭ!
داۋامى داۋاملىق داۋاملىشىدۇ .
|