- تىزىملاتقان
- 2012-7-19
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-3-18
- ھوقۇقى
- 200
- جۇغلانما
- 4003986
- نادىر
- 5
- يازما
- 52
ئۆسۈش
100%
|
ماۋزىدۇڭ دېڭىزغا قاراپ ئولتۇراتتى .كۆكرىكى بىر كۆتۈرلۈپ بىر پەسىيىپ تىنغان ئاۋازى ئاڭلىنىڭ تۇراتتى .كۆزلىرى خۇددى ئاتاكىغا ئۆتكەن جەڭچىنىڭ كۆزلىرىدەك چاقناپ تۇراتتى .ئېلىشىش ئالدىدىكى بۇخىل ھالەت ئۇزۇنغا بارمايتتى .ماۋزىدۇڭ يېنىدا تۇرغان مۇھاپىزەتچىلەرنى ئىككى قولى بىلەن ئاستا ئىتتىرۋېتىپ ،جىممىدىلا كىيىمىنى سېلىشقا باشلىدى .بۇ خىل سۈكۈت قىلىش كىشىنىڭ يۈرەك تارىنى تىترىتىدىغان سېھرى كۈچكە ئىگە ئىدى .بىزخۇددى ھۇجۇمغا ئۆتۈش سىگنالى چېلىنىدىغاندەك روھلۇنۇپ ،تىغدەك تىك تاغلارغا چىقىشقا ،ئوت دېڭىزىغا كىرىشكە تەييارلانغاندەك ناھايىتى تېزلا كىيىملەرنى سالدۇق .بىز جىددىيلىشىپ ھاياجانلىنىپ تۇرغان ۋاقتىمىزدا ،مۈزدەك سۇ تامچىلىرى ئۈستى بېشىمىزغا چۈشۈپ پۈتۈن ھۇجۇدىمىزغا ئىختىيارسىز تىترەك ئولاشتى .
ھەممەيلەن كىيىملىرىنى سېلىپ بولدى .ماۋزىدۇڭ ھەممىمىزگە بىرقۇر كۆزيۈگۈرتىۋېتىپ ،سەل پەل كۈلۈمسىرگەن ھالدا :
ــ قورقۇۋاتامسىلەر ؟ــ دەپ سورىدى .
ــ ياق ،ــ دەپ جاۋاپ بېرىشتۇق .جاۋابىمىز ئىلگىرى كىيىن ھەم كۈچسىز چىقتى .
ـــ سىلەر مەن بىلەن بىللە ماڭساڭلارمۇ ،بۇيەردە قالساڭلارمۇ ياكى چەتتە تۇرۇپ تۇرساڭلارمۇ ۋەياكى قايتىپ كەتسەڭلارمۇ ،ــ بولىدۇ ،ــ ماۋزىدۇڭ گېپىنى سوغۇقلا تۈگۈتۈپ ،بۇرۇلدى ـ دە ،دېڭىزغا قاراپ يۈرۈپ كەتتى .ئۇنىڭ تەن تۈزۈلىشى ناھايىتى يوغان بولۇپ .قورسىقى سەل پەل چىقىپ قالغاچقا ،خۇددى ئارقىسىغا غادىيىۋالغاندەك قىياپەتتە ماڭاتتى بۇنداق ماڭغاندا ،7 بال بورانمۇ يىقىتالمايتتى ئۇ قۇملۇقتا چوڭقۇر ئىزلارنى قالدۇرۇپ كېتىۋاتاتتى .
مۇھاپىزەتچى خادىملار خۇددى ئاتاكىغا ئۆتۈش بۇيرۇقى تاپشۇرۋالغاندەك يۈگۈرۈپ بېرىپ ،ماۋزىدۇڭنى ئارىغا ئېلىپ مېڭىشتى .7ــــ 8 نەپەر مۇھاپىزەتچى ياش ماۋزىدۇڭنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ توغۇرسىغا سەپ تارتىپ ماڭدى .تۆت بەش مۇھاپىزەتچى ماۋزىدۇڭنى قوغداپ پىداكارلىق بىلەن ماڭدى .
غايەت زور سۇ تېمى خۇددى ماۋزىدۇڭنىڭ ھۇجۇمىنى كۈتىۋاتقاندەك ئۆركەشلەپ يىتىپ كەلدى .دولقۇنلار ئالدىدا يۈگۈرۈشۈپ كېتىۋاتقان بۇژغۇنلار خۇددى تامنىڭ ئۈستىدە پېتىراپ يۈرگەن جىن شاياتۇنلارغا ئوخشايتتى .بۇ ئاق بۇژغۇنلار گاھ ئىگىز تاغ ئۈستىگە چىقسا گاھ چوڭقۇر ھاڭ ئىچىگە چۈشۈپ ،قۇم قىرغاققا قاتتىق ئۇرۇلۇپ ،ئېچىنىشلىق چىرقىرايتتى بوغۇق ئاۋازدا ئىڭرايىتتى .
ــ يۈرۈڭلار ،ئۇنىڭغا يىتىشۋالايلى !ــ ماۋزىدۇڭ تۇيۇقسىزلا بالىلاردەك ۋارقىرىدى .ھەممەيلەن پۈتۈن كۈچى بىلەن دەلدەڭلەشكىنىچە ئاھ ئۇرۇپ كەينىگە چىكىنىۋاتقان دولقۇن ئىچىگە كىرىپ كەتتى .بىراق،گۈلدۈرلەۋاتقان قورقۇنۇچلۇق ئاۋاز بىلەن تەڭ ،چىكىنىگەن دولقۇن كېلىۋاتقان دولقۇنغا قاتتىق ئۇرۇلۇپ،ئۈستىمىزدە مۆلچەرلىگىسىز ئىگىزلىكتە قارامتۇل ئەگمە تام ھاسىل قىلدى .ئۆزىمىزنى ئوڭشاپ بولغۇچە كىشىلەرنىڭ روھىي دۇنياسىنى زىل - زىلگە كەلتۈردىغان بۇ ئاۋاز يەرجاھاننى زىلزىلگە كەلتۈردىغان قاتتىق زەربىگە ئايلاندى .شۇ ھامان كۆزئالدىم قاراڭغۇلىشىپ ،دولقۇننىڭ ئاستىدا قالدىم .دولقۇن ئاستىدا قالغانلىقىمنى تۇيۇپ تۇرغان چېغىمدا يەنە تىك ئۇچار ئايروپىلاندەك كىلىپ قۇملۇققا بېرىپ كەينىمچە چۈشتۈم ـ دە ،ئەس ھوشۇمنى يوقاتتىم .
ــ جۇشى ،جۇشى ،بىرەر يېرىڭىز يارلانمىغاندۇ ؟ ــ دېگەن ئاۋاز خىرە شىرە ئاڭلاندى .
ئەندىكىپ ھوشۇمغا كەلسەم ،ماۋىدۇڭدىن باشقىلار دولقۇننىڭ زەربىسىدە يېقىلىپ يېتىشىپ كېتىپتۇ.مەن شۇھامان ئورنۇمدىن تۇرۇپ ماۋزىدۇڭغا قاراپ ئېتىلغىنىچە :
ــ جۇشى ،جۇشى ئەھۋالىڭىز قانداقراق بىرەر يېرىڭىز زەخمىلەنمىگەندىمۇ ؟ــ دەپ ۋارقىرىدىم.
ماۋزىدۇڭ قولۇمنى ئىتتىرۋېتىپ ئورنىدىن تۇردى .ئاغزىدىكى قۇملارنى تۈكۈرۋېتىپ ،دېڭىزدىكى ئۇزۇن دولقۇنلارغا ۋە دېڭىزنىڭ چېتىگە ئۇرىلىۋاتقان ھەيۋەتلىك دولقۇنغا كۆزىنىڭ قۇيرۇقىدا قاراپ قويدى ـ دە ،تۇيۇقسىزلا بارمىقىنى چىقىرىپ دېڭىزغا قاراپ قويدى ــ دە ،،تۇيۇقسىزلا بارمىقىنى چىقىرىپ دېڭىزنى كۆرسەتتى :
ــ قاراڭلار ،ماڭا ھەقىقىي رەقىپ بولالىغىدەك جۇمۇ .
ــ مەن ئىچىمدە ئاپلا ،چاتاق بولدى ،دەپ ئويلىدىم .ماۋزىدۇڭ ئۆزىگە كىمنى رەقىپ قىلىۋالسا شۇنى بويسۇندۇرماي يوقاتماي قويمايتتى .
دەرۋەقە ،ھاردىقىمىز تېخى چىقماي تۇرۇپلا ،ئۇ يەنە ھەيۋەتلىك دولقۇنغا قاراپ يۇرۇپ كەتتى .بىزيەنە يۈگۈرۈپ بېرىپ ئۇنى ئارىغا ئېلىپ ماڭدۇق .بىزنى يەنە دولقۇن ئىچىگە ئىلىپ كىرىپ كەتتى ـ دە ،قۇملۇققا ئاپىرىپ تاشلىدى. بۇ ئىش بىرنەچچە قېتىم تەكرارلانغاندىن كىيىن قورقۇپ قالدۇق دېڭىز شاۋقۇنى قۇلاقلارنى پاڭ قىلۋەتتى ،تۈگۈشۈپلا كەتتۇق .بىز قۇملۇقتا ماۋزىدۇڭنىڭ يېنىدا ياتتۇق .زادىلا ئورنىمىزدىن قوپقىمىز كەلمىدى .
ماۋىدۇڭ قوشۇمىسى تۈرۈلگەن ھالدا مېنى چاقىرىپ :
ــ يىن چاۋ ،قوپالمايۋاتامسەن ؟ بۇ سۇليۇكەننىڭ يەتتە بىرگادىسىدىنمۇ يامانمىكەن ؟ ــ دېدى .بۇگەپنى ئاڭلاپ تېنىم جۇغغىدە قىلىپ قالدى ـ دە،قوپۇپ تۇردۇم .ماۋزىدۇڭ جىددىي تەلەپپۇزدا ھەممەيلەنگەنگە قاراپ سۆزلەۋاتاتتى :
ــ ھەممىڭلار كاردىن چىقتىڭلارما ؟ مەن بىلەن مېڭىشنى خالىمىساڭلار ،قايتىپ كەتسەڭلەر بولىدۇ.مەن باشقىدىن قوشۇن ئادەم تەشكىللەپ ئۇنىڭ بىلەن ئېلىشىمەن .
بۇ گەپنىڭ ۋەزنى چوڭ ئىدى .مەن ئىنجىقلاپ ئورنۇمدىن تۇردۇم.مۇھاپىزەتچىلەرنىڭ ھەممىسى ئىنجىقلىغىنىچە ئورنىدىن تۇرۇشتى قىران يىگىتلەر ئالدىغا ئۆتۈپ ،مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ ،قوللىرىنى تۇتۇشۇپ قوزۇق شەكىللىك مۇستەھكەم سەپ ھاسىل قىلدى.قاۋۇل جەڭچىلەر قوللىرىنى ماۋزىدۇڭنىڭ بىلىكىدىن ئۆتكۈزگىنىچە مۇستەھكەم سەپنىڭ كەينىدىن دېڭىزغا قاراپ ھەيۋەت بىلەن ئالغا ئىلگىرلىدى بۇسەپ دولقۇنغا ئۇرۇلۇپ ،دولقۇننىڭ ئاستىغا كىرىپ كەتكەن بولسىمۇ ،لېكىن دولقۇن ئۇنى چەتكە ئاپىرىپ تاشلىيالمىدى .دولقۇن ئارقىغا يانغاندا ،ئۇ يەنە داۋاملىق ئىلگىرلىدى .گوياكى مىڭلىغان ئون مىڭلىغان قوشۇن بىر يەردە قاتتىق ئېلىشىۋاتقاندەك بوران گۈركىرەپ ،دولقۇنلار شاۋقۇن سېلىپ ،كىشىلەر ھۇرراغا توۋلىماقتا ئىدى .بىز قاتمۇ قات دولقۇن توساقلىرىدىن بۆسۈپ ئۆتۈپ ،دېڭىزنىڭ قوينىغا كىردۇق .يولداشلار پۈتۈن كۈچى بىلەن ماۋزىدۇڭغا يىققىنلىشىۋاتقان بولسىمۇ ،تۇرۇپ تۇرۇپ دولقۇننىڭ كۈچى بىلەن تارقىلىپ كېتەتتى ،دېڭىز سۈيى قەھرى غەزەپ بىلەن بىر كۆتۈرلۈپ ،بىر پەسىيەتتى ،بىرتۇرۇپ ئىگىز تاغ ھاسىل بولسا ،بىرتۇرۇپ چوڭقۇر ھاڭ پەيدا بولاتتى .،بىز ئەمدى ئۆلىدىغان بولدۇق دەپ ئويلىدۇق .بەزىلەر ھاياتلىقتىن پۈتۈنلەي ئۈمۈد ئۈزگەن ھالدا :
ــ قۇتقۇزۇش چەمبىرىكىنى ماۋجۇشىغا تېزرەك بېرىڭلار ،تېز بولۇڭلار ،ــ دەپ ۋارقىراشتى .
ماۋزىدۇڭ دولقۇن ئۈستىدە تۇرۇپ:
ــ خاتىرجەم بولۇڭلار ،تەمتىرەپ كەتمەڭلار ،ھازىر دولقۇن كۆتۈرۈلۋاتىدۇ،ــ دەپ ۋارقىرىسا ،دولقۇن پەسەيگەندە ،ھاڭ ئىچىدە تۇرۇپ :تەمكىن بولۇڭلار ،قىرغاققىلا چىقىۋالساق ،دېڭىزنىڭ ئىچىگە كىرىپ كەتمەيمىز ،ـ دەپ ۋارقىرايتتى .ئۇ يەنە دولقۇن ئۈستىگە چىقىپ :ـ ھازىر سىلەرنىڭ باتۇرلىقىڭلارنى سىنايدىغان ۋاقىت ،ــ دېدى .
شۇكۈنى دېڭىزدا ئۈزۈپ قايتىپ كەلگەندىن كىيىن ،ماۋزىدۇڭ شاجيادىيەن ئۇرۇشىدا غەلبە قىلغاندىنمۇ بەكرەك خۇشال يۈردى .
ماۋزېدۇڭ باشقىلارغا ئۇرۇش ئېلان قىلغاندا ياكى باشقىلارئۇنىڭغا ئۇرۇش قىلغاندا ،ئىككىلەنمەي قەتئىي ئىشەنىچ بىلەن تۇراتتى .ئۇنىڭ قەيسەرلىكى بىلەن بوينى قاتتىقلىق ئوخشاشلا كىشىنى چۆچۈتەتتى .ئۇنىڭ بوينى قاتتىقلىق سەۋەپلىك چاتاق چىقسا ،ئۆزىگە بولغان ئىشەنىچ ۋە قەيسەرلىك بىلەن زور تۈركۈمدىلى كىشىلەرنى قايىل قىلىپ ۋە ئۇلار بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ ،ئالغا ئىنتىلدىغان كۈچلەرنى ،غالىپ كۈچلەرنى ھۇجۇتقا كەلتۈرەلەيتتى .شۇنىڭ ئۈچۈن ماۋجۇشى ئۆزھاياتىدا باشتىن ئاياغ يېڭىلمەس ئورۇندا تۇرۇپ كەلگەنىدى .بۈگۈن بىز سىياسىي ھەققىدە ئەمەس ،تۇرمۇش ھەققىدە توختىلىۋاتقانلىقىمىز ئۈچۈن ،توغرا بىلەن خاتاغا باھا بېرىشنى كىچىكتۈرۈپ ،ئۇنىڭ دۈشمەننىڭ خىرىسلىرى ئالدىدىكى قەھرىمانلىق خىسلىتى ئۈستىدىلا توختالدۇق .
داۋامى بار...
|
|