- تىزىملاتقان
- 2012-7-19
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-3-19
- ھوقۇقى
- 200
- جۇغلانما
- 4003992
- نادىر
- 5
- يازما
- 52
ئۆسۈش
100%
|
شاخادىيان ئۇرۇش بولغاندا ،بىز شاجادىيانگە 20 چاقىرىم كەلمەيدىغان لىياڭجياچا دېگەن يەردە تۇردۇق.ماۋزىدۇڭ ئۇرۇش پىلانى ئۈستىدە ئويلىنىپ بىر پىكىرگە كەلگەندىن كىيىن ،جۇئېنلەي بىلەن مەسلىھەتلىشىپ پىڭ دوخۇەيگە بۇيرۇق چۈشۈردى .بۇ ئۇرۇش غەربىي شىمالنىڭ ۋەزىيتىگە ھەل قىلغۇچ تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى ئۈچۈن ،ماۋزىدۇڭ بۇنىڭغا ناھايىتى ئەھمىيەت بەردى .ياڭجيايۈنزىدىن لىياڭجاچاغا يىتىپ بارغاندىن كىيىن ،ماۋزىدۇڭ پىڭ دوخەيگە تېلفۇن ئارقىلىق نۇرغۇن كونكىرىت يول يورۇقلارنى بەردى .بۇ يوليورۇقلار ناھايىتى تەپسىلىي بولۇپ ،ئۇنىڭدا ئاكوپ كولاش كېرەكمۇ ـ يوق ،كولىغاندا نەگە كولاش كېرەك ،دېگەندە ئىنچىكە ئىشلارمۇ ئېنىق كۆرسىتىپ ئۆتىلدى .
شاجادىيەن ئۇرۇشى ئۈچ كۈن ئىككى كېچە داۋاملاشتى ،بۇ جەرياندا ماۋزىدۇڭ تالا تۈزگە چىقمىدى ھەم ئۇخلىمىدى .بەش يېرىم بولاق تاماكا چىكىپ بولدى .بىر نەچچە ئون ئىستىكان چاينى ئىچىپ بولدى .بۇ ئۇرۇشتا جۇڭ سۇڭنىڭ 36- دېۋىززىيسى يوقىتىلدى ،6 مىڭدىن ئارتۇق دۈشمەن ئەسىرگە ئېلىندى .
ماۋزىدۇڭ دۈشمەننىڭ خىرىسلىرىغا ئەنە ئاشۇنداق مۇئامىلە قىلاتتى ،ماۋزىدۇڭنىڭ دۈشمەننىڭ ئۇرۇش ئېلان قىلىشغا ئىنتىزار بولۇشتەك بۇخىل خاراكتىرنى گوركىنىڭ : «يەنىمۇ قاتتىق گۈركىرسۇن بوران » دېگەن مەشھۇر سۆزى بىلەن سۈرەتلەشكە بولىدۇ .
ئۇرۇش ۋاقتىدا ماۋزىدۇڭ غايەت زور خىرىسلارغا دۇچ كەلدى .بۇئامىرىكىغا قارشى تۇرۇپ ،چاۋشىيەنگە ياردەم بېرىشنىمۇ ئۆزئىچىگە ئالىدۇ .تېنىچلىق مەزگىللىرىدە قانداق بولدى ؟مېنىڭ قارشىمچە ،بەزى خىرىسلار دېراماتىك خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولدى .بۇ خىرىسلارغا تۇتقان پوزىتسىيسىدىن ماۋزىدۇنىڭ خاراكتىرى ۋە خۇسۇسىيتىنى تېخىمۇ ئېنىق كۆرۋالغىلى بولىدۇ .
1955 ـ يىلى مېنى يېزىغا تۇققان يوقلاشقا ئەۋەتتى .ئۇنىڭ مۇھاپىزەت ئەترىتىدىكىلەر مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى ۋىلايەتلەردىن بىردىن تاللاپ كېلىنگەن ئادەملەر ئىدى .رەھبەرلىك بۇرغۇن ئادەملەرنى ئارقا ئارقىدىن تۇققان يوقلاشقا ئەۋەتتى .تۇققان يوقلاشقا باردىغانلارنىڭ ھەممىسى يېزىلاردا ئىجدىمائىي تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش ۋەزىپىسى تاپشۇراتتى .بۇنىڭدا راست گەپ قىلىش تەلەپ قىلىناتتى .
مەن ئۇرۇق ـ تۇققانلىرىمنى يوقلاپ قايتىپ كەلگەندىن كىيىن ،ماۋزىدۇڭغا يېزىلارنىڭ ۋەزىيتىنى دوكلات قىلدىم .دوكلاتىمنى ئاڭلاپ بولغاندىن كىيىن ،مېنى نەچچە ئېغىز گەپ بىلەن تەقدىرلىدى .ئاندىن ماڭا :«بۇئىككى ئاي ئىچىدە مېنى ھېچكىم ئىزدىمىسۇن ،مەخسۇسلا كوپراتسىيە ئىشلىرىنى ئىشلەيمەن ،مېھمان قوبۇل قىلمايمەن »دېدى .
ئۇ چاغلاردا ماۋزىدۇڭنىڭ ئىش ئۈستىلىدا دۆۋە دۆۋە ماتىرياللار تۇراتتى بۇ ماتىرياللارنىڭ ھەممىسى سەككىز فورماتلىق كوررېكتور نۇسخىسى بولۇپ ،باشقا ھېچقانداق ھۆججەت يوق ئىدى .ئۇ كۈن بويى ئۆيدىن چىقمايتتى ،كېچىسى ،كۈندىزى چۈشتىن ئىلگىرى بىرنەرسە يازاتتى ،چۈشتىن كىيىن بەزىدە بىرنەچچە سائەتلا ئۇخلىۋېلىپ يازاتتى ،شۇڭا ئۇ مەن بىلەن ئۇدا ئون نەچچە كۈن سۆزلەشمىدى چاي ئېلىپ كىرگەن ۋاقلىرىمدىمۇ قاراپمۇ قويمىدى .ئۇنىڭ ھارغىنلىق ،كۆتۈرەڭگۈ ھالىتى روشەن بىلنىپ تۇراتتى .ئۇ كۆڭلىگە پۈككەن نىشان ئۈستىدە ئىزدەنگەندە ئەنە شۇنداق روھىي ھالەتنى ئىپادىلەتتى .
يازنىڭ تومۇز ئايلىرى يىتىپ كەلدى .مەركەز رەھبەرنى بېدەخېغا بېرىپ دەم ئېلىش بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇلدى .مەن بۇ ئىشنى ماۋزىدۇڭغا ئېيتقىنىمدا ،ئۇ:«ئوبدان بوپتۇ ،دېڭىز بويىغا بارايلى ،جۇڭگونىڭ سوتسىيالىستىك دولقۇنى يىتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرىۋاتىدۇ ،بىز دولقۇن باريەرگە بارايلى دېدى »دېدى .بۇگەپنى قىلغاندا ،كۆزلىرىدىن باللارغا خاس سەبىيلىك ،ساددىلىق ۋە چۈشىنىكسىز ئالامەتلەرچىقىپ تۇراتتى.خۇددى ئۇنىڭ كۆزئالدىدا بىپايان ،گۈزەل بىر سېھرى دۇنيا پەيدا بولغاندەك ،ئۇسىرلىق ،قىزىقارلىق كېلەچەككە كۆڭۈل سۆزلىرىنى ئاستا ئېيتىۋاتقاندەك قىياپەتتە تۇرىۋاتقاندەك قىلاتتى .ماۋزىدۇڭنىڭ پۈتكۈل ھاياتى كەلگۈسى دۇنيانىڭ مەشۇقى ئىدى بۇ گېپىمنى چۈشەندىڭىزمۇ؟
خېلى ۋاقىتتىن كېيىن ماۋزىدۇڭ چوڭقۇر خىيال دۇنياسىدىن ئۈزۈپ چىققان ئادەمدەك ،ئۈستەكدىكى تاغدەك دۆۋىلىنىپ كەتكەن ماتىرياللارنى كۆرسىتىپ :«بۇ ماتىرياللارنى ئېلىۋېلىڭ قالايمىقان قىلۋەتمەڭ »دېدى .
ماۋزىدۇڭ بىر كىۋادىرات مېتىر كېلدىغان ئىككى ساندۇقى بولۇپ ،بۇ ساندۇقلارغا كىتاپ سالاتتى .بۇ نى ھازىرقى ياشلار كۆرسە ئەسكى تۈسكە سالدىغان ساندۇقمىكىن دەپ قالاتتى .لېكىن ،ماۋزىدۇڭ سىرتقا چىقسا ،بۇ ساندۇقلارغا كىتاپلارنى سېلىپ ماڭاتتى.بۇ قېتىم ساندۇقلارغا پۈتۈنلەي ماتىريال ماۋزىدۇڭ ئۆزى يازغان ماقالىلەر سېلىندى .مەن ماتىرياللارنى ساندۇققا قاچىلاشتىن ئىلگىرى تەرتىپ بويىچە قەغەز بىلەن ئايرىپ بەلگە قويدۇم .بېدەيخېغا يىتىپ بارغاندىن كىيىن ،بۇماتىرياللارنى ئۇنىڭ ئىش ئۈستىلىگە ئەسلىدىكى تەرتىپ بويىچە تىزىپ قويدۇم .بۇ ماتىرياللار ھەرقايسى ئۆلكە ۋىلايەتلەردىن ئىۋەرتىلگەن كوپراسىيەتلەشكە ئائىت دوكلاتلار ئىدى .ھازىر قارىسام ئۇنىڭ ئىچىدە كاللىسى قىزىپ كەتكەنەرنىڭمۇ ،ساختىپەسلەرنىڭمۇ «ئەسەرلىرى»بارئىكەن . ئۇ چاغدا مەن سەزمىگەن ئىكەنمەن .ماۋزىدۇڭمۇ سەزمىگەن بولسا كېرەك .
بىز بىرىنجى نومۇرلۇق ئۈزۈش مەيدانىغا چۈشتۇق .بۇ كىچىك يوپۇرماقلىق تېرەكلىكنىڭ ئىچىدە كىچىك بىر قەۋەتلىك بىنا ئىدى .ماۋزىدۇڭ شەرىق تەرەپتىكى ئۆيگە ئورۇنلاشتى شەرىق تەرەپتىكى ئۆيلەردە تۇرۇشنى ياخشى كۆرەتتى .جۇڭنەنخەيدىكى جۇشياڭ قىرائەتخانىسمۇ شەرىق تەرەپتە ئىدى ،سىرتلارغا چىققاندىمۇ شەرىق تەرەپلەردىكى ئۆيلەردە تۇراتتى.ئۇ سۇغا چۆمىلمىگەن ۋاقىتلارنىڭ ھەممىسىدە ئولتۇرۇپ بىرنەرسە يازدى.ليۇشاھچى ،جۇئىنلەي ،جۇدىدىن باشقا كىشىلەر بىلەن كۆرۈشمىدى .
مەن مۇنداق بىر قانۇنىيەتنى سەزدىم : ماۋزىدۇڭ ھېسياتى دولقۇنلىغان چاغلاردا قەلەمنى قولىدىن چۈشەرمەي كېچە كۈندۈز يازدىكەن .ھېسياتىنى قەلەم ئارقىلىق ئىپادىلەشكە ئامالسىز قالغاندا ،قەلەمنى تاشلاپ دېڭىز دولقۇنلىرىغا قاراپ ئۈزىدىكەن .
بىركۈنى تۇيۇقسىز تەيفىڭ بورىنى چىقىپ ،ئىسسىق ھاۋامنى ھەيدەپ يورۇقلۇقنى ئېلىپ كەتتى ،تۈرۈم تۈرۈم قارا بۇلۇتلاريەرجاھاننى قاپلىدى ،قاتتىق بوران گۈركىرەپ دېڭىز شاۋقۇنى ئەۋجىگە چىقتى ،ھاۋا گۈلدۈرلەپ چاقماق چېقىپ ،يامغۇر شارقىراپ قۇيىۋەتتى .پۈتكۈل يەجاھان قايناق كۆتۈرەڭگۈ جۇشقۇن قايناق بىرمۇزىكىنى شەكىللەندۈردى .شەكشۈبھىسىزكى بۇمۇزىكا ماۋزىدۇڭغا تەسىر كۆرسىتىۋاتقان بولسىمۇ ،ئۇدېرىزىنىڭ سىرتىغا قاراپمۇ قويماي يېزىۋاتاتتى .بىراق قەلىمى بارغانسىرى تېز كېتىۋاتاتتى .مەيدىسىمۇ سەل پەل كۆتۈرلۈپ .پەسىيىپ تۇراتتى .بىردىنلا كىشىنى چۆچىتىدىغان ئىش يۈز بەردى .
داۋامى داۋاملىق داۋاملىشىدۇ...
|
|