قولاي تىزىملىك
ئىگىسى: tunyukuk

تۇنيۇقۇق: تەنقىدچىلىك كوچىسىدا ئەقلىدىن ئازغانلارغا تەنقىد

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

0

تېما

0

دوست

868

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   73.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  23843
يازما سانى: 19
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 268
توردىكى ۋاقتى: 39
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-18 13:20:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇنداق بىر ماقالىنىڭ چىقىشىنى تولىمۇ ئۈمىد قىلاتتىم ،تېما ئىگىسىگە رەھمەت!

0

تېما

8

دوست

1199

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   19.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  13396
يازما سانى: 77
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 374
توردىكى ۋاقتى: 102
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-18 13:24:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تېمىنى ئەلسۆيەر ناملىق توردىشىمىز كۆرگەن بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن .
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

3

دوست

2131

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   4.37%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28151
يازما سانى: 172
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 640
توردىكى ۋاقتى: 114
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-18 14:05:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم قېرىنداشلار،ھەممىڭلارنىڭ مۇشۇنداق ئالدىراش ۋاقىتلىرىمىزدىمۇ يەنە ۋاقىت چىقىرىپ مۇشۇنداق ياخشى ماقالىلارنى سۇنغانلارغا ئاپىرىن ئېيتىمىز.....راست ئۇيغۇرلار ھازىر نۇرغۇن مەسىللەرگە دۇچ كەلدى،دېھقانلار كادىرلارغا باقتى(ھەقنى سۆۆزلەيدىغانلار دىن چىقىپ قېلىشىنى ئۈمىت قىلىپ)جەمىيەت زىيالىلارغا باقتى(لۇتپۇللادەك ھەق ئۈچۈن كۆكرىكىنى كېرىپ چىقالايدىغان بىرەرسى چىقىپ قالارمىكىن دەپ)،زىيالىلار بولسا مەشھۇرلارغا باقتى(شۇلاردىن بىرەرسى بولسىمۇ مىللەت ئۈچۈن ھەق گەپ قىلىپ ئوتتۇرغا چىقسا ئىشلار ياخشى بوپ كىتىدىغاندەك ئويلىشىپ)....نەتىجىدە دېھقانلار جەمىيەتنىڭ تەرەققى قىلىپ كىيىمى پۈتۈن قورسىقى توق بولغان چاغدا تەرەققىياتنىڭمۇ ئۆزلىرىنى ئالدىراش قىلىۋەتكەنلىكىنى ،ئۆزلىرىنىڭ تۇيۇقسىز بۇنچە ئالدىراش بوپ كەتكەنلىكىنى سەزمەي قېلىشتى.....تەرەققىياتقا ماسلىشىپ ئۇسۇل ئويناش،تەرەققىياتنى كۈيلەپ ناخشا ئېيتىش،تەرەققىياتنى كۈيلەپ سەھنىلەردە،ناخشا-ئۇسۇل،رەسىم ....چارلاش،كەنتنى قوغداش......دىگەندەك ئىشلارنىڭ ئۆزلىرىنى چارچىتىپ قۇيىۋاتقانلىقىنى ھىس قىلىشماقتا،لىكىن تەرەققىياتقا،ھاللىق سەۋىيەگە يەتكەنلىكى ئۈچۈن ،يەتكۈزگەنلەر ئۈچۈن چىشىنى چىشلەپ كۈرەشكە ئاتلىنىۋاتىدۇ......كادىرلار بولسا ئۆزلىرىنىڭ خىزمىتىدىن باشقا تۈرلىك پائالىيەتلەتلەر،يىغىن ئۈگىنىشلەر بىلەن،ئىدارىنى بېقىپ گاڭدا تۇرۇش بىلەن.......ئۆزلىرىنى چارچاپ قالغاندەك ھىس قىلىشسىمۇ لىكىن يەنىلا تەشكىلنىڭ ھەر بىر ئۇرۇنلاشتۇرىشى ئۈچۈن قىلچىمۇ ۋايسىماي يەڭنى تۈرۈپ ئىشلىمەكتە.....زىيالىلار بولسا تەشكىلنىڭ ئۇرۇنلاشتۇرىشى،باشلىقنىڭ بۇيرۇقلىرى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىنى قايتىدىن ئىزاھلاپ ،ھەتتا بەزىلىرى بۇندىن بۇرۇنقى نەچچە يۈز يىل بۇرۇنقى تارىخقا قايتىپ،ئۇيغۇرلار ئۇنتۇپ قېلىشقان بەزى تارىخلارنى تەتقىق قىلىپ،ماقالە يېزىش بىلەن كىچە-كۈندۈز جاپا تارتسىمۇ تەرەققىياتنىڭ نىشانى بولغان زامانىۋى مەدەنىيەتكە ئۇيغۇرلارنىڭ باشقىلاردىن بۇرۇن يۈزلىنىشى ئۈچۈن تىنىم تاپماي كۈرەش قىلماقتا....ئەمدى مەشھۇرلارغا كەلسەك،مەن مەشھۇر دىگەن سۆزنىڭ مەنىسىنى پەقەت ئوقىۋاتقان چاغلاردا باشقىلارنىڭ ئىسمىنىڭ ئالدىغا قۇيىلىدىغان بىر سۆز ئىكەنلىكىنىلا بىلسەممۇ،ئېنىق مەنىسىنى يېقىننىڭياقى ئازراق چۈشەنگەندەك قىلىمەن،ئۇلار بولسا ھەممەيلەندىن بەك ئالدىراش.........شۇنداق تۇرۇغلۇق بۇلارمۇ ئورۇنلاشتۇرۇشقا بويسۇنمىسا بولمايدۇ-دە ئەلۋەتتە،چۈنكى ئۇيغۇرلارنىڭ  زامانىۋى مەدەنىيەتكە ناھايىتى تېز يېتىشى ئۈچۈن ئۇلار ھەممەيلەندىن بەك جاپا تارتىۋاتىدۇ......ئۇلار يا كەتمەن چاپالمايدۇ،يەر تېرىيالمايدۇ،كادىرلاردەك گاڭغا چىقالمايدۇ.....شۇ لېكسىيە سۆزلەيدۇ ،بۇنىمۇ قىلمىسا نىمە ئىش قىلىدۇ؟......ھەممەيلەن ھېرىپ چارچاپ كەتسەكمۇ،ئات ئىشەكتەك ئىشلەپ كەتسەكمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ بۇرۇن زامانىۋى مەدەنىيەتكە يەتكەن مىللەت بولىشى ئۈچۈن ھۇرراااااااااااااااااااااا!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!

1

تېما

0

دوست

358

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   29%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32650
يازما سانى: 19
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 98
توردىكى ۋاقتى: 17
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-18 14:13:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇمكىن بولسا سىز كۆرگەن ئاشۇ خاتىرە بىلەن بىزنىمۇ ئەسرالاشتۇرسىڭىز،ئۇنىڭ نامى نىمە ؟ قەيەدىن تېپىش مۇمكىن.



ئۇيغۇردا  مەشھۇرسىراش  .....ئىشقىلىپ مەندە مەۋجۇت ،نىمىشقا نەچچە ئەسىر بۇيى شۇنداق ئادەملەر ئاز چىقىدۇ ياكى چىقمايدۇ ، بىزگە داڭلىق بولغان بىلەن ئەللەر تۇنىمىسا بۇنىڭ رىۋايەتلەردىكى ئۆز پۇتىنى ئۆزى كۆتۆرۆپ پەرۋاز قىلغاندىن نىمە پەرقى ؟ يا بىز بەك ئارقىدا قالدۇقمۇ؟ يا تەلەپ شۇنچە يۇقىرىمۇ؟

0

تېما

0

دوست

1654

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   65.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28150
يازما سانى: 40
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 538
توردىكى ۋاقتى: 61
سائەت
ئاخىرقى: 2015-1-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-18 15:58:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاقىت ھەممىنى ئىسپاتلايدۇ

0

تېما

0

دوست

1654

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   65.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28150
يازما سانى: 40
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 538
توردىكى ۋاقتى: 61
سائەت
ئاخىرقى: 2015-1-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-18 16:19:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆڭلىمدىكى گەپنى قىلسام مۇشۇ داڭلىق دىگەن گەپنى ئاڭلاۋىرىپ ئۆزۈمنىڭ داڭلىق ئەمەسلىكىمدىن پەخىرلىنىدىغان بۇلۇپ قالدىم،ئىچكىردە ئۇقۇغىلى 7 يىل بوپتۇ،ئۇچراتقان داڭلىقلار ناھايىتى كۆپ،ئۈنۋان بەرگەن داڭلىقلار،خەلىق بەرگەن داڭلىقلار،لىكىن ئىتىراپ قىلىدىغىنىم ئۆز داڭلىقلىقنى دىمەي تۇرۇپ نەتىجە يارىتىپ ئاندىن تونۇلغان كىشىلەر،بۇلار تولىمۇ كەمتەر كىلىدىكەن،داڭلىق دىگەن سۆزنى ئاز ئىشلىتىدىكەن،شىنجاڭدائۇيغۇرلار ئىچىدە داڭلىق كىشىدىن ئىككىسى بار،ھوشۇر ئىسلام،ئالىم ئەھەت.پەخىردىن قارلۇق يىتىشىپ چىقىۋاتىدۇ،چۈنكى بۇلار مەلۇم قەۋىمگە تەسىر كۆرسەتكەن،ئۇيغۇرلاردا ھازىرقى ئاتالمىش داڭلىقلار بولسا ئۈنۋان بىلەن ئىلاندا تونۇلغان ،سىلەر دەپ بېقىڭلار،ئەلى قۇربان،زۇلپىقار بارات ئۆزباش،ئابدۇقادىر جالالىدىن،قاتارلىق كىشىلەر نىمىگە تەسىر كۆرسەتتى،ئۇلار ئىرىشكىنى بولسا كەسىپتىكى ئۇتۇقلا خالاس،ھۇشۇر ئىسلام،ئالىم ئەھەت بولسا بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزغا بۆسۈش خاراكتىرلىك قۇلايلىقنى ئېلىپ كەلدى،شۇڭا ئۇلار ھەققىي داڭلىق كىشىلەردۇر،باشىقىلار بولسا كەسىپتىكى ئۇتۇق قازانغۇچىلاردۇر،داڭلىق دىگەن گەپنى ئالدىراپ ئىشلەتكىلى بولمايدۇ

18

تېما

17

دوست

4034

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   67.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22212
يازما سانى: 203
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى: 56
تۆھپە : 1300
توردىكى ۋاقتى: 174
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-18 16:24:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
darya0997 يوللىغان ۋاقتى  2014-12-18 13:24
بۇ تېمىنى ئەلسۆيەر ناملىق توردىشىمىز كۆرگەن بولۇشىنى  ...

بۇ تېمىنى مەن ئەلۋەتتە تەپسىلى كۆردۈم، بۇ ماقالىنىڭ ماۋزۇسىنى ھېسابقا ئالمىغاندا يامان ئەمەس يېزىلغانلىقىنى ئېتراپ قىلىمەن. ئۇشبۇ ۋەجىدىن مۇنبەرداش قېرىندىشىم تۇنيۇقۇقنىڭ يازمامغا ئالاھىدە دىققىتىنى ئاغدۇرۇپ، ئىنكاس ماقالىسى يازغانلىقىدىن خوش بولغانلىقىمنى بىلدۈرىمەن، چۈنكى ئىلىمنىڭ ئۆزى يېرىم، يېرىمى دېئالوگ ۋە مۇنازىرە. ماقالەمگە قارىتا بۇ ئوبزورنىڭ چىقىشىنى مەن قانداقتۇر ماڭا بېرىلگەن زەربە دەپ چۈشەنمەستىن، ماقالەمگە يانداشقان پىكىر ، شۇنداقلا ماقالەمنى تولۇقلايدىغان مەزمۇن دەپ چۈشەندىم.

لېكىن، لوپلۇق بۇ قېرىندىشىمىزنىڭ يازمىسىدا تىلغا ئالغان مەزمۇنلارنى يەنىلا باشقا بىر ماقالە بىلەن شەرھىلەشكە توغرا كېلىدىكەن، دەپ ھېس قىلدىم. سەۋەبى:
مەنمۇ ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە لېكسىيە قىزغىنلىقىنىڭ كۆتۈرلىشىنى ئىنتايىن ياخشى ئەھۋال، دەپ قارايمەن، بۇ ھە دېسە «تىكا - تاڭ - تاڭ زورىخان، نەغمە - ناۋا بورىخان» دەپ بىدخۇدلاشقاندىن كۆپ ئەۋزەل. لېكىسىيەمۇ ئەلۋەتتە ئىلىم ئىگىلەشنىڭ ئىنتايىن مۇھىم بىر تەرىپى. شەخسەن مەن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقان مەزگىللىرىمدە نۇرغۇن لېكسىيەلەرگە قاتناشقان، ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىنمۇ داۋاملىق ھالدا، ئەھمىيەتلىك دەپ قارىغانلىكى لېكسىيەلەرگە زۆرۈر ئىشلىرىمنى تاشلاپ قويۇپ بقاتنىشىپ كەلدىم، ئۆزۈممۇ نەچچە ئون قېتىم لېكسىيە سۆزلىدىم.

گېپىمگە كەلسەم، يازمامدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەشھۇرلۇق كوچىسىدا ئەقلىدىن ئازغانلارنى تەنقىدلەش قانداقتۇر بارلىق لېكسىيە سۆزلىگۈچىلەرنى تەنقىدلەش بولماستىن، بىر قىسىم 30 يۈەندىن 100 يۈەنگىچە باھادا سۆزلىسىمۇ بولىدىغان لېكسىيەنىڭ باھاسىنى قەستەن نەچچە يۈز يۈەندىن نەچچە مىڭ يۈەنگىچە باھادا سۆزلەپ، لېكسىيە ساھەسىنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋاتقانلاردۇر.

يەنە بىر تەنقىدلىمەكچى بولغىنىم: قولىدا ھېچقانداق گۇۋاھنامىسى يوق مەشھۇر نام - ئەمەللەرنى ئۆزىگە ئۆزى قاتار قاتار كۆپتۈرۈپ قويۇپ، جەمئىيەتتىكى ھەقىقىي ئىلىم ئىگىلىرىنىڭ ئوبرازىنى خۇنۇكلەشتۈرۈلگەنلەردۇر.

ئويلاپ باقسىڭىز، ئاشۇ ئىككى كۈنلۈك لېكسىيەگە كەتكەن 3500 يۈەن پۇلنى بىر ئۇيغۇر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى بىر يىللىق ئوقۇش خىراجىتىگە تاپشۇرالايدۇ. ئەپسۇس نۇرغۇن ئەلاچى، كاللىسى ئۆتكۈر ئۇيغۇر ياشلىرى ئالىي مەكتەپلەرگە ئۆتۈۋاتقان بولسىمۇ، يانچۇقىدا ئاشۇ 3500 يۈەن پۇل بولمىغاچقا، ئالىي مەكتەپكە كىرىشنىڭ تۇنجى قەدىمىنى ئالالماي، ئوقۇشتىن ۋاز كېچىۋاتىدۇ، شۇنچە كۆپ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق سەۋەبىدىن يۇقىرىلاپ ئوقۇيالماسلىقى ئىچىمىزنى ئۆرتەيدىغان، ھەممەيلەننى ئويلاندۇرىدىغان مەسلە ئەلۋەتتە.

ئىشقىلىپ، مۇنبەرداشلارنىڭ مېنىڭ تېمامغا قارىتا نېمە دېيىشىدىن قەتئىينەزەر، مەن ئاشۇ مەسلىنى ئوتتۇرىغا تاشلاشتىن ئىبارەت بىر مەسئۇلىيىتىمنى ئادا قىلغىنىمغا ئۆكۈنمەيمەن، مۇشۇ ماقالەم چىققاندىن كېيىن، قىسمەن ئۆزلىرىگە ئۇزۇن ناملارنى قويۇۋالغانلار خىجىل بولدى بولغاي، ئۇ نامىنى بىرلا جۈملىگە يىغىنچاقلاپتۇ، بۇنىڭدىن شەخسەن مەن خوش بولدۇم. يەنە كۆپ جايدا، لېكسىيەلەر تۈرلۈك تېمىلاردا، كۆپرەك سۆزلىنىشى،  باھاسى بايلارنىلا ئەمەس، نامراتلارنى، ھەتتا ئوقۇغۇچىلارنىمۇ كۆزلىگەن ئاساستا قويۇلىشى كېرەك ئىكەن دېگەن گەپلەر بولۇپتۇ. بۇنىڭدىنمۇ مەن خوش بولدۇم.

مەن ئويلايمەن، ھەرقانداق چاغدا ئومۇمنىڭ مەنپەئەتى شەخسنىڭ مەنپەئەتىدىن ئۈستۈن تۇرۇشى كېرەك، ئومۇمنىڭ مەنپەئەتى ئالدىدا، شەخس ئىككىلەنمەي ئۆز مەنپەئەتىنى قۇربانلىق قىلالىشى مۇتلەق كۆپ قىسىم كىشىلەرنى ئويلاشقان ئاساستا بىر ئىش قىلىش كېرەك. چۈنكى پۇل تاپتىم دېگەن بىلەن، سىز كىمنىڭ پۇلىنى تېپىۋاتىسىز، شۇ تاپقان پۇلىڭىزغا لايىق مۇناسىپ ئەجىر سىڭدۈرۈۋاتامسىز، بۇلارنى ئويلىشىپ قويمىسىڭىز بولمايدۇ.

ھازىر بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق، ئامېرىكىدا ئوقۇغان ئىنىم ئابدۇلخەبىرنىڭ ماڭا دەپ بېرىشىچە، بېيجىڭغا چەتئەللەردىن دائىم دۇنياغا داڭلىق ئالىملار لېكسىيە سۆزلىگىلى كېلىدىكەن، شۇلارنىڭ ئارىسىدا نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن بەزى ئالىملارنىڭ لېكىسيە باھاسى ھەتتا 500 يۈەندىن ئاشمايدىكەن، قارىمامسىلە، بۇ باھاغا، دىيارىمىزدىكى ئەھۋال بىلەن ئۇ يەردىكى ئەھۋال ئوتتۇرىسىدىكى ئاسمان - زېمىن پەرق بار ئىكەن.

ئىشقىلىپ، قالغان بايانلارنى باشقا مۇنبەرداشلارمۇ ئېيتار، ئەمما، سىلەرنىڭ نېمە دېيىشىڭلاردىن قەتئىي نەزەر، مېنىڭ يەنىلا بېرىدىغان جاۋابىم، مەن ئومۇمىي خەلقىمنىڭ مەنپەئەتىنى ئۆزۈمنىڭ مەنپەئەتىدىن ئۈستۈن ئورۇنغا قويىمەن، مۇتلەق كۆپ قىسىم ئاۋام نارازى بولغان ئىشقا مۇۋاپىق ئىنكاسىمنى بىلدۈرۈشنى مۇخبىرلىق سالاھىتىم بىلەن ( ئەسكەرتىش: ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئۇيغۇر مۇخبىرلار نەچچە ئون مىڭغا بارىدۇ، مەن شۇلارنىڭ بىرى) بۇرچۇم دەپ قارايمەن.  سۆزۈم تامام، ۋەسسالام، قالغىنىغا لىلا گەپ قىلىش ياكى قىلماسلىق مۇنبەرداشلارنىڭ ۋىجدانى ساپاسىدىلا قالدى....

























0

تېما

0

دوست

1654

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   65.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28150
يازما سانى: 40
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 538
توردىكى ۋاقتى: 61
سائەت
ئاخىرقى: 2015-1-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-18 17:39:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
alsuyer يوللىغان ۋاقتى  2014-12-18 16:24
بۇ تېمىنى مەن ئەلۋەتتە تەپسىلى كۆردۈم، بۇ ماقالىنىڭ م ...

مەن باشتىلا ئىسلىنى قوللىغان،چۈنكى يازغىنىڭلا ھەق گەپ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )