- تىزىملاتقان
- 2013-9-28
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-22
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 4034
- نادىر
- 3
- يازما
- 203
ئۆسۈش
67.8%
|
darya0997 يوللىغان ۋاقتى 2014-12-18 13:24
بۇ تېمىنى ئەلسۆيەر ناملىق توردىشىمىز كۆرگەن بولۇشىنى ...
بۇ تېمىنى مەن ئەلۋەتتە تەپسىلى كۆردۈم، بۇ ماقالىنىڭ ماۋزۇسىنى ھېسابقا ئالمىغاندا يامان ئەمەس يېزىلغانلىقىنى ئېتراپ قىلىمەن. ئۇشبۇ ۋەجىدىن مۇنبەرداش قېرىندىشىم تۇنيۇقۇقنىڭ يازمامغا ئالاھىدە دىققىتىنى ئاغدۇرۇپ، ئىنكاس ماقالىسى يازغانلىقىدىن خوش بولغانلىقىمنى بىلدۈرىمەن، چۈنكى ئىلىمنىڭ ئۆزى يېرىم، يېرىمى دېئالوگ ۋە مۇنازىرە. ماقالەمگە قارىتا بۇ ئوبزورنىڭ چىقىشىنى مەن قانداقتۇر ماڭا بېرىلگەن زەربە دەپ چۈشەنمەستىن، ماقالەمگە يانداشقان پىكىر ، شۇنداقلا ماقالەمنى تولۇقلايدىغان مەزمۇن دەپ چۈشەندىم.
لېكىن، لوپلۇق بۇ قېرىندىشىمىزنىڭ يازمىسىدا تىلغا ئالغان مەزمۇنلارنى يەنىلا باشقا بىر ماقالە بىلەن شەرھىلەشكە توغرا كېلىدىكەن، دەپ ھېس قىلدىم. سەۋەبى:
مەنمۇ ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە لېكسىيە قىزغىنلىقىنىڭ كۆتۈرلىشىنى ئىنتايىن ياخشى ئەھۋال، دەپ قارايمەن، بۇ ھە دېسە «تىكا - تاڭ - تاڭ زورىخان، نەغمە - ناۋا بورىخان» دەپ بىدخۇدلاشقاندىن كۆپ ئەۋزەل. لېكىسىيەمۇ ئەلۋەتتە ئىلىم ئىگىلەشنىڭ ئىنتايىن مۇھىم بىر تەرىپى. شەخسەن مەن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقان مەزگىللىرىمدە نۇرغۇن لېكسىيەلەرگە قاتناشقان، ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىنمۇ داۋاملىق ھالدا، ئەھمىيەتلىك دەپ قارىغانلىكى لېكسىيەلەرگە زۆرۈر ئىشلىرىمنى تاشلاپ قويۇپ بقاتنىشىپ كەلدىم، ئۆزۈممۇ نەچچە ئون قېتىم لېكسىيە سۆزلىدىم.
گېپىمگە كەلسەم، يازمامدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەشھۇرلۇق كوچىسىدا ئەقلىدىن ئازغانلارنى تەنقىدلەش قانداقتۇر بارلىق لېكسىيە سۆزلىگۈچىلەرنى تەنقىدلەش بولماستىن، بىر قىسىم 30 يۈەندىن 100 يۈەنگىچە باھادا سۆزلىسىمۇ بولىدىغان لېكسىيەنىڭ باھاسىنى قەستەن نەچچە يۈز يۈەندىن نەچچە مىڭ يۈەنگىچە باھادا سۆزلەپ، لېكسىيە ساھەسىنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋاتقانلاردۇر.
يەنە بىر تەنقىدلىمەكچى بولغىنىم: قولىدا ھېچقانداق گۇۋاھنامىسى يوق مەشھۇر نام - ئەمەللەرنى ئۆزىگە ئۆزى قاتار قاتار كۆپتۈرۈپ قويۇپ، جەمئىيەتتىكى ھەقىقىي ئىلىم ئىگىلىرىنىڭ ئوبرازىنى خۇنۇكلەشتۈرۈلگەنلەردۇر.
ئويلاپ باقسىڭىز، ئاشۇ ئىككى كۈنلۈك لېكسىيەگە كەتكەن 3500 يۈەن پۇلنى بىر ئۇيغۇر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى بىر يىللىق ئوقۇش خىراجىتىگە تاپشۇرالايدۇ. ئەپسۇس نۇرغۇن ئەلاچى، كاللىسى ئۆتكۈر ئۇيغۇر ياشلىرى ئالىي مەكتەپلەرگە ئۆتۈۋاتقان بولسىمۇ، يانچۇقىدا ئاشۇ 3500 يۈەن پۇل بولمىغاچقا، ئالىي مەكتەپكە كىرىشنىڭ تۇنجى قەدىمىنى ئالالماي، ئوقۇشتىن ۋاز كېچىۋاتىدۇ، شۇنچە كۆپ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق سەۋەبىدىن يۇقىرىلاپ ئوقۇيالماسلىقى ئىچىمىزنى ئۆرتەيدىغان، ھەممەيلەننى ئويلاندۇرىدىغان مەسلە ئەلۋەتتە.
ئىشقىلىپ، مۇنبەرداشلارنىڭ مېنىڭ تېمامغا قارىتا نېمە دېيىشىدىن قەتئىينەزەر، مەن ئاشۇ مەسلىنى ئوتتۇرىغا تاشلاشتىن ئىبارەت بىر مەسئۇلىيىتىمنى ئادا قىلغىنىمغا ئۆكۈنمەيمەن، مۇشۇ ماقالەم چىققاندىن كېيىن، قىسمەن ئۆزلىرىگە ئۇزۇن ناملارنى قويۇۋالغانلار خىجىل بولدى بولغاي، ئۇ نامىنى بىرلا جۈملىگە يىغىنچاقلاپتۇ، بۇنىڭدىن شەخسەن مەن خوش بولدۇم. يەنە كۆپ جايدا، لېكسىيەلەر تۈرلۈك تېمىلاردا، كۆپرەك سۆزلىنىشى، باھاسى بايلارنىلا ئەمەس، نامراتلارنى، ھەتتا ئوقۇغۇچىلارنىمۇ كۆزلىگەن ئاساستا قويۇلىشى كېرەك ئىكەن دېگەن گەپلەر بولۇپتۇ. بۇنىڭدىنمۇ مەن خوش بولدۇم.
مەن ئويلايمەن، ھەرقانداق چاغدا ئومۇمنىڭ مەنپەئەتى شەخسنىڭ مەنپەئەتىدىن ئۈستۈن تۇرۇشى كېرەك، ئومۇمنىڭ مەنپەئەتى ئالدىدا، شەخس ئىككىلەنمەي ئۆز مەنپەئەتىنى قۇربانلىق قىلالىشى مۇتلەق كۆپ قىسىم كىشىلەرنى ئويلاشقان ئاساستا بىر ئىش قىلىش كېرەك. چۈنكى پۇل تاپتىم دېگەن بىلەن، سىز كىمنىڭ پۇلىنى تېپىۋاتىسىز، شۇ تاپقان پۇلىڭىزغا لايىق مۇناسىپ ئەجىر سىڭدۈرۈۋاتامسىز، بۇلارنى ئويلىشىپ قويمىسىڭىز بولمايدۇ.
ھازىر بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق، ئامېرىكىدا ئوقۇغان ئىنىم ئابدۇلخەبىرنىڭ ماڭا دەپ بېرىشىچە، بېيجىڭغا چەتئەللەردىن دائىم دۇنياغا داڭلىق ئالىملار لېكسىيە سۆزلىگىلى كېلىدىكەن، شۇلارنىڭ ئارىسىدا نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن بەزى ئالىملارنىڭ لېكىسيە باھاسى ھەتتا 500 يۈەندىن ئاشمايدىكەن، قارىمامسىلە، بۇ باھاغا، دىيارىمىزدىكى ئەھۋال بىلەن ئۇ يەردىكى ئەھۋال ئوتتۇرىسىدىكى ئاسمان - زېمىن پەرق بار ئىكەن.
ئىشقىلىپ، قالغان بايانلارنى باشقا مۇنبەرداشلارمۇ ئېيتار، ئەمما، سىلەرنىڭ نېمە دېيىشىڭلاردىن قەتئىي نەزەر، مېنىڭ يەنىلا بېرىدىغان جاۋابىم، مەن ئومۇمىي خەلقىمنىڭ مەنپەئەتىنى ئۆزۈمنىڭ مەنپەئەتىدىن ئۈستۈن ئورۇنغا قويىمەن، مۇتلەق كۆپ قىسىم ئاۋام نارازى بولغان ئىشقا مۇۋاپىق ئىنكاسىمنى بىلدۈرۈشنى مۇخبىرلىق سالاھىتىم بىلەن ( ئەسكەرتىش: ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئۇيغۇر مۇخبىرلار نەچچە ئون مىڭغا بارىدۇ، مەن شۇلارنىڭ بىرى) بۇرچۇم دەپ قارايمەن. سۆزۈم تامام، ۋەسسالام، قالغىنىغا لىلا گەپ قىلىش ياكى قىلماسلىق مۇنبەرداشلارنىڭ ۋىجدانى ساپاسىدىلا قالدى....
|
|