- تىزىملاتقان
- 2014-4-28
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-23
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 4291
- نادىر
- 6
- يازما
- 125
ئۆسۈش
76.37%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ahmatjantarimi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-12-18 22:07
ھۆرمەتلىك تورداشلار، ھەممىڭلارنىڭ ئوتتۇرىغا قۇيۇلغان مەسىلىلەرگە ئەركىن -ئازادە پىكىر قىلىدىغان روھىڭلار سۇلۇپ قالمىغاي. توردا ئەركىن پىكىر بايان قىلىش پىكىر بايان قىلمىغاندىن ياخشى. مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قۇيۇش ئوتتۇرىغا قويمىغاندىن ياخشى. ھازىر قارايدىغان بولساق ، دەرۋەقە جەمئىيىتىمىزدە نۇرغۇن مەسىلىلەر بار، ھەتتا ھازىر بىلىنمەيۋاتقان، كېيىنچە بىلىنىدىغان مەسىلىلەرمۇ ھەم بار. بەلكىم بەزى مەسىلىلەر بىزگە نىسبەتەن بىر «مەسىلە» ھېسابلانماسلىقىمۇ مۇمكىن. چۈنكى نۇرغۇن مەسىلىلەرنى بىز ئۇ ئېغىرلاشقاندىلا ئاندىن تونۇپ يېتىشىمىز مۇمكىن. مېنىڭچە ، ھەركىم ئۆزى سەزگەن مەسىلىلەرگە ئۆز قۇدرىتىنىڭ يېتىشىچە نەزىرىنى ئاغدۇرسا، ئوتتۇرىغا چۈشكەن مەسىلىلەرگە ھەركىم مۇشۇنداق بىر مەۋھۈم تور ۋاسىتىسى ئارقىلىق بولسىمۇ ئىپادىسىنى بىلدۈرسە، ئوخشاش قاراشلاردا بىرلىككە كېلىپ، ئوخشىمىغان قاراشلاردا ھەركىم ئۆزپىكرىنى ساقلاپ قالسا، ھامان بەزى مەسىلىلەر دەماللىققا ھەل بولمىدى دېگەندىمۇ بۇ توغرىدىكى قاراش خېلى ئايدىڭلىشىدۇ. مۇشۇ ئارقىلىق بارا-بارا پىكىر بىرلىكى ھاسىل بولىدۇ. مېنىڭچە، بۇ تور يۈزىدىكى مۇھاكىمىنىڭ ئەڭ چوڭ نەتىجىسى بولۇشى مۇمكىن دەپ ئويلايمەن. بۇ يالغۇز ئەلسۆيەر ياكى تۇنيۇقۇق قېرىندىشىمىزنىڭ يازمىسىغىلا قارىتىلغان ئەمەس.
ئۇچۇقىنى ئېيىتسام، ئەلسۆيەر ۋە يەنە بىر ئاپتۇر قەلىمىدىكى ماقالىدە ھېچبولمىسا نۆۋەتتە باش كۆتىرىپ قېلىۋاتقان بەزى مەسىلىلەر ئوتتۇرىغا قۇيۇلغان، بەلىكىم بۇ مەسىلە نۇرغۇنلارنىڭ نەزەرىدە بىر «مەسىلە» ھېسابلانماسلىقىمۇ مۇمكىن، چۈنكى بۇ مەسىلىنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەپ بولغان لېكسىيە سۆزلەش ھادىسىسىمۇ تېخى يېقىندىن بۇيان باش كۆتىرىۋاتقان بىر ھادىسە بولۇش سۈپىتى بىلەن بۇنىڭ ئىجابىي ۋە سەلبىي تەرەپلىرىنى تېخى كۆپىنچەيلەن ئايدىڭلاشتۇرۇپ بولالىغىنى يوق. ئەمما شۇنىڭغا كۆز يۇمۇشقا بولمايدۇكى ، ھەرقانداق ئىلىم ___ ئۇ توغرا يەتكۈزۈلۈشى كېرەك. بۇنىڭدا مۇرەسسەگە يول يوق. ئىلىمنىڭ خاتا يەتكۈزۈلۈشىدىن كېلىپ چىققان مۆلچەرلىگۈسىز پاجىئەلەر تارىخىمىزدا تولۇپ يېتىپتۇ. ئەمما ، ئەلسۆيەر ۋە يەنەبىر ئاپتورنىڭ ماقالىسىدە تورداشلار ئېيتقاندەك كەمچىللىكلەرمۇ بار، مەيلى تېمىدىن تارتىپ تېكىستىگىچە بۇنى بايقىۋېلىش مۇمكىن. لېكىن بۇنىڭلىق بىلەن بۇ يازمىنى ئىنكار قىلىۋەتكىلى بولمايدۇ، ئۇ ھېچبولمىسا باش كۆتىرىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان بىر مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئەمدى تونيۇقۇقنىڭ بۇنىڭغا جاۋابەن يازغان يازمىسىمۇ دەل ۋاقتىدا ئوتتۇرىغا چىقتى ھەم مەسىلىلەر ئەلسۆيەرنىڭ ماقالىسىدىكىدىنمۇ بەكرەك كونكىرىت ئوتتۇرىغا تاشلاندى.بۇ جەھەتتە بۇ يازما ئادەمنى تېخىمۇ بەكرەك ئويلاندۇرىدۇ. بۇ يەردە تۇنيۇقۇق قېرىندىشىمىزغىمۇ كۆپ تەشەككۈر. لېكىن ، شۇنى ئۇنتۇماسلىقىمىز كېرەككى، ناۋادا ئەلسۆيەرنىڭ يازمىسى بولمىغان بولسا، ئېھتىمال بۇ يازمىمۇ ئوتتۇرىغا چىقماس ئىدى. شۇڭا بۇيەردە بىرىنى كۆتۈرۈپ بىرىنى چەتكە قاقىدىغان خاھىش بولمىغىنى ياخشى دەپ ئويلايمەن. نېمىلا بولمىسۇن، ھەرئىككىلا يازما ئالدى بىلەن بىر مەسلىنى ئوخشىمىغان نۇقتىدىن تەھلىل قىلىپ، بۇ ھەقتىكى چۈشەنچىنى بىلدۈرگەن ۋە چۇڭقۇرلاتقان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن مەسىلىنى ئىلىمى مۇھاكىمە ۋە مۇنازىرە قىلىشنىڭ ياخشى بىر يولىنى ئاچتى، تۇنيۇقۇق دەل ۋاقتىدا ئىنكاس قايتۇردى، ئەلسۆيەرمۇ بۇنى ئېتىراپ قىلدى. مېنىڭچە ، بۇ قەدىرلەشكە تېگىشلىك ئىش.
ئۆزۈمنىڭ قارىشى شۇكى، ھەرقانداق بىر نەرسىنىڭ ناچىرى بولمىسا ، ئۇنىڭ ياخشىسىنى پەرق ئەتكىلى بولمايدۇ، ياخشىسى پەقەت ناچىرى بىلەن بىر يەرگە قۇيۇلغاندىلا ئاندىن ئۇ ئۆز قىممىتىنى نامايان قىلىپ تېخىمۇ جۇلالىنىدۇ. شۇنىڭغا كۆرە، كىشىلەر ھەرخىل لېكىسىيەلەرنى ئاڭلىغاندىلا ئاندىن قايسىسىنىڭ مەنپەئەتلىك ئىكەنلىكى، قايسىسىنىڭ ئەمەسلىكىنى بارا-بارا بايقىۋالالايدۇ. مۇشۇنداق ئەھۋالدا ، قىممىتى ياكى ئەھمىيىتى ۋە ياكى مەنپەئەتى بولمىغان لېكىسىيەلەر ۋە شۇنداق لېكسىيەلەرنى سۆزلىگۈچىلەر تەبىئىيلا شاللىنىپ قالىدۇ، ئەلۋەتتە بۇنىڭغا بىر جەريان كېرەك. ئەمما، شۇنى ئېتىراپ قىلىمەن ھەم قوللايمەنكى، لېكسىيە سۆزلەشتىن ئىبارەت بۇ ھادىسىنىڭ بارلىققا كېلىشى ئالقىشلاشقا تېگىشلىك ئىش. بۇنىڭدىن مەن خىرە يۈز ئېچىۋاتقان بىر ئىلىمگە ئىنتىلىش روھىنى كۆرگەندەك بولدۇم. ئەلۋەتتە ، بۇنىڭ قانداق ھالەتتە، قانداق شەكىلدە ، قاچانغىچە داۋاملىشىشى خەلقنىڭ رايىغا ۋە مايىللىقىغا باغلىق. چۈنكى ، بىزدە بىر گەپ بار:«چۈجىنى كۈزدە ساناڭ».قاچانكى كىشىلەر شۇ لېكسىيەلەردىن ھەقىقىي، ئەمەلىي نەپ ئالسا ئاندىن ئۇنى قوللايدۇ، كۆتىرىدۇ. ئۇزۇن زامانلاردىن بۇيان ئاتا-بوۋىلىرىمىز، شۇنداقلا دەۋرىمىزدىكى زامانداشلار مەيلى خالايلى، خالىمايلى نۇرغۇن «لېكسىيە»لەرنى ئاڭلاپ كەلدۇق، بۇنداق لېكسىيەلەردىن جەمئىيىتىمىزنىڭ ھەرقاتلىمىدىكى كىشى مۇستەسنا قالمىدى، ھەتتا مۇشۇنداق لېكسىيەلەرنى ئاڭلاۋېرىپ، ئىدىيىمىزمۇ بىلىپ-بىلمەي ئۆزگىرىش ياسىدى. ئەمدى سوغۇققانلىق بىلەن كەينىمىزگە قارايدىغان بولساق، شۇنداق شەكلى ئۆزگەرگەن «لېكسىيە»لەر ئاتا-بوۋىلىرىمىزغا ، بىزگە نىمىلەرنى ئېلىپ كەلدى؟نېمىلەرنى ئېلىپ كېلىۋاتىدۇ؟يەنە نېمىلەرنى ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن؟نېمە ئۈچۈن ھازىر ئىدېئولوگىيە ساھەسى ھەرقانداق ۋاقىتتىكىدىنمۇ بەكرەك چىڭ تۇتۇلۇۋاتىدۇ؟مەسىلىنىڭ نېگىزى مانا مۇشۇ يەردە.
شۇڭا ، ھۆرمەتلىك تورداشلار، مەسىلىگە سوغۇققانلىق بىلەن قارايلى، خاتالاشمايدىغان ھېچقانداق ئىنسان يوق، ئەمما ھېچبولمىسا ھازىرقىدەك مۇشۇنداق لېكسىيە سۆزلەپ بولسىمۇ ھەرھالدا بەزى جەھەتلەردە ئەركىن پىكىر بايان قىلغىلى بولىدىغان، مۇشۇنىڭغا ھەرھالدا يول قۇيۇلۇۋاتقان بىر دەۋرنى قەدىرلەيلى، لېكسىيەنىڭ قانداقلىقىغا يەنىلا خەلق باھا بەرسۇن. ئاخىرىدا يەنىلا شۇنى تەكىتلەيمەنكى، ئىلىم___ توغرا يەتكۈزۈلۈشى كېرەك ، شۇنداقلا ھەم قىزغىنىلماسلىقى كېرەك. ئەڭ مۇھىمى لېكسىيەلەر ئۈزۈلۈپ قالماسلىقى كېرەك. يۇقىرىدا ئىسمى ئاتالغان ھەرئىككى يازما ئاپتۇرىغا كۆپ تەشەككۈر. |
|