قولاي تىزىملىك
ئىگىسى: batur72

ئوغلانى : مۇنبەرنىڭ ئەخلەت ساندۇقىدىن پەرقى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

0

تېما

0

دوست

309

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   4.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17003
يازما سانى: 12
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 84
توردىكى ۋاقتى: 12
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-4 01:28:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇر مۇنبەرلىرىنىڭ  ئەخلەت ساندۇقى بىلەن بولغان
پەرقىنى كىم بەلگىلەيدۇ ؟

بۇ سوئالنىڭ جاۋابى ئىنتايىن ئاددىي، پەقەت باشقۇرغۇچىلارلا بەلگىلىيەلەيدۇ

باشقۇرغۇچىنىڭ ئۇنىۋىرسال ساپاسى  بولمىسا نېمىنى تەستىقلاش نېمىنى ئۆچۈرۈشنى بىلەلمەيدۇ، مۇنبەرنى ئائىدە تۈزۈملەر بويىچە باشقۇرماي، ئۆز خاھىشى بويىچە باشقۇرىدۇ، تېما ئىنكاسلار قانۇن تۈزۈملەرگە،ئەخلاققا، مۇنبەر تۈزۈملىرىگە ئۇيغۇن بولسىمۇ، ئۆزىگە ياقمىغانلىق سەۋەبلىك  ئۆچۈرىدۇ ياكى تەستىقلىمايدۇ،
بۇ ھال ئاخىرىدە مۇنبەردىن رەنجىشكە سەۋەبچى  بولۇپ قالىدۇ

مېنىڭچە باشقۇرغۇچى ئادىل بولۇشى كېرەك، ئەزالارنىڭ نوپۇزىغا ، ياش قورامىغا ئۇنۋانىغا قارىماستىن تېمىسىغا ئىنكاسلىرىغا قاراش كېرەك
راس گەپنى قىلسام  مەنمۇ بۇرۇنقى باغداشنى سېغىنىدىغان بولۇپ قالدىم

0

تېما

0

دوست

309

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   4.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17003
يازما سانى: 12
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 84
توردىكى ۋاقتى: 12
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-4 01:46:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
hokumran يوللىغان ۋاقتى  2015-1-3 02:20
ئىنتايىن ياخشى پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپسىز.
راست، ي ...

راست دەيسىز، ئەمما ‹زىيالىيلارنى قوغداش ئېڭى›  ئۆزىنى قوغداش ئېڭىغا ئايلىنىپ قالمىغاي
سىز ياخشى ئاپتور، ئامما لاياقەتلىك باشقۇرغۇچى ئەمەس،مەن بۇنى مىسرانىم تورىنى زىيارەت قىلىپ ھېس  قىلدىم
سىزنىڭ تېمىلىرىڭىزدا  قارشى پىكىرلەر چۈشكەن ھامان ئۆچۈرۋېتىدىدىكەنسىز،ئىنكاس يېزىۋېتىپ ھەرخىل ئەپسانە سۆزلەرنى كۆتۈرۈپ چىقىدىكەنسىز ، بۇ ھەرگىزمۇ ياخشى باشقۇرغۇچىنىڭ ئەخلاقى ئەمەس، مۇنازىرە مۇنبىرىدە قارشى پىكىردىكى تېما ئىنكاسلار چۈشۈپ تۇرۇشى بۇ ئەقەللى نورمال ئىش، قارشى پىكىلەرگە كەڭ قورساق مۇئامىلىدە بولالماي ھېسياتقا تايانسىڭىز ئۆز ئوبرازىڭىزنى زىيانغا ئۇچرىتىپلا قالماي، باشقۇرۇۋاتقان مۇنبەرنىڭمۇ كۇرسىنى چۈشۈرۈپ قويىسىز خالاس
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

2

دوست

2067

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   2.23%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  7153
يازما سانى: 112
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 72
تۆھپە : 588
توردىكى ۋاقتى: 143
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-4 02:55:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-4 11:49  
bugun يوللىغان ۋاقتى  2015-1-3 16:18
سىزنى يەنە بىر قېتىم سىزلەپ تۇرۇپ چىرايلىق گەپ قىلاي . ...


بولىدۇ، پىكرىڭىزنى قۇبۇل قىلىمەن.
بىراق، ئېسىڭىزدە بولسۇن، مەن بىر ئەركەك. مەن ھېچقاچان بىراۋغا ئازار بېرىشنى ئويلاپ باقمىغان. لېكىن ئىككى قېتىملىق ‹‹سۆھبەت››، ‹‹چاي ئىچۈرۈش››لەردىن كېيىن شۇنى ھېس قىلدىمكى توردىن ئىبارەت مەۋھۇم دۇنيادا ئۆز نامى بىلەن كىرمەي قانداقتۇ باشقا نام بىلەن كىرىپ سېنى ئانچىكى غىدىقلىماقچى بولغانلارنى يەر بىلەن يەكسان قىلىۋېتىشىڭ كېرەك دېگەن نىيەتكە كەلدىم. شۇ مەقسەتتە ماڭا سامان تېگىدىن سۇ يۈگۈرتۈش مەقسىدىدە بولغان ھەر قانداق كىشىگە يۈز خاتىرە قىلمايمەن.(مەيلى ئۇ ئەر ياكى ئايال بولسۇن).

باغداش نېمىشقا 3 ئاي تاقالدى، سەۋەبىنى كىم بىلىدۇ؟ سىز بىلمەيسىز، ئەمما مەن بىلىمەن. مەن شۇ چاغدىلا باغداش باشقۇرغۇچىلىرىغا بەزى زۈرۈر ئەسكەرتىش ئۇچۇرى ئەۋەتكەن. ئەمما قۇلاق سالىدىغان ئادەم چىقماي ئاخىرى مۇنبەر 3 ئايلىق تاقالدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بىلىملىك ئادەملىرىمىز............ بولدى.

ئېنىق دەڭا، كىم مېنىڭ ئاجىزلىقىمنى كۆرسىتىپ بېرىپتۇ؟ ئاشۇ نام-زاتى ئېنىقسىز ئەزاما؟ مەن شۇ ماقالىنىڭ يېزىلىشىدىكى سەۋەبنى تۇنجى ئىنكاسىمدا ئوتتۇرىغا قويغان. ئانا يېزىقىمدا يازغان مەزمۇننى چۈشىنەلمەي يەنە مەندىن ئىسپات تەلەپ قىلسا مەن نېمە دىيەلەيمەن.
مەن تور دۇنياسىدا ئەزەلدىن پاكىتسىز ئىش قىلغان ئەمەسمەن. مەن شۇ ئىسپاتلارنى ئوتتۇرىغا چىقارسام(خەنچە كەچۈرۈمنامەنى)، تېخىمۇ كۆپ جامائەت پىكرى جۇغلانسا ئاقىۋىتى نېمە بولماقچىدى؟ باغداش تاقىلىدۇ، مىسرانىم تاقىلىدۇ.(چۈنكى ئۇ ماقالە ئىككى مۇنبەردە تەڭلا ئېلان قىلىنغان). لېكىن ئەزالار يەنە باشقا مۇنبەرگە كۈچۈپ ئۆز ئىشىنى قىلىۋېرىدۇ. لېكىم مەن مۇنبەرنىڭ تاقىلىشىغا سۈكۈت قىلىپ تۇرالمايمەن.
بەس يېتەر، ھەممە ئىشنىڭ ئۆز يۇلى بار،  سىز ئاۋال قانۇننى پۇختا ئۆگىنىپ، تور نازارەتچىلىكى مىخاينىزىمى ھەققىدە ئېنىق بىر چۈشەنچە ھاسىل قىلغاندىن كېيىن ماڭا قارىتا ئىنكاس يېزىڭ! بولمىسا ماڭا ئارتۇقچە باھا بېرىش ھەققىدە ئويلىنىپ يۈرمەڭ!!!!

0

تېما

2

دوست

2067

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   2.23%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  7153
يازما سانى: 112
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 72
تۆھپە : 588
توردىكى ۋاقتى: 143
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-4 03:35:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-4 11:51  
umun يوللىغان ۋاقتى  2015-1-3 06:46
مۇنبەر تەرەققىياتىنىڭ ئىجابىي يۆلنىشتە مىڭىشى مۇنبەر ...


ئىنتايىن ياخشى پىكىر قىلىپسىز ، مەن سىزنى قوللايمەن. ئەمما بۇرۇنقى باغداش مەڭگۈ ئەسلىگە كېلەلمەيدۇ. چۈنكى ئەكبەرجان شىركەت ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش، مۇنبەر باشقۇرغۇچىلىرى بولسا تېما ئۆتكىلىنى چىڭ تۇتۇش بىلەنلا، ئىنكاس بىلەن قەتئى كارى يوق.

باغداش ئەپەندى باشقۇرغۇچىلارغا ھوقۇقنى بەردى(تېما ۋە ئىنكاس تەستىقلاش، ئۈچۈرۈش). لېكىن باشقۇرغۇچىلار مۇشۇ ئاددى ھوقۇقنىمۇ جايىدا ئىشلىتەلمەيۋاتىدۇ. بەلكىم ئەزالارنىڭ نارازى بولۇشىدىن قورققان بولۇشى مۇمكىن.
مەن باغداش باشقۇرغۇچىلىرىغا شۇنى دەيمەن: تېما تەستىقلاش ۋە ئۆچۈرۈشتە كەسكىن، قاتتىق قول بولۇڭلار! ئەزالارنى ھۆرمەتلەڭلار، ئەمما ئۇلارنىڭ چېكىدىن ئاشقان تېمىسى ۋە ئىنكاسىنى ئىككىلەنمەي ئۈچۈرۈۋېتىڭلار! بەكلا ھەددىدىن ئاشقانلارنىڭ ئارخىپىنى مۇنبەردىن مەڭگۈلۈك يۇيۇۋەتسەڭلارمۇ بولىدۇ. بىر تېما ياكى بىر-ئىككى ئىنكاس ئۈچۈن مۇنبەرنى قۇربان قىلىۋېتىشنىڭ ھاجىتى يوق.

نۇرغۇن زىيالىيلار، بىلىملىك كىشىلەر مۇنبەرلەردىن چېكىندى. سەۋەبى بىزگە ئوخشاش مۇنبەر باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ ئاشۇ زىيالىلىرىمىزغا قىلىنغان ھاقارەتلىك ئىنكاسلارنى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلالماسلىقىمىزدىن بولدى.

0

تېما

9

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   10.91%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8496
يازما سانى: 519
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 981
تۆھپە : 3940
توردىكى ۋاقتى: 1616
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-4 10:18:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەر مۇنبەرنىڭ بىر خاسلىغىنى كۆردۈم. مەنچە باغداشنىڭ خاسلىغى ئەل-ئاۋام بىلەن يېقىنلىغىدۇر. باغداشنىڭ بۇ تەرىپىدە ئۆزگۈرۈش بولمىدى.  مەنچە زېيالىلارنىڭ تور مۇنبەرلىرىگە بولغان ئۇمۇمى قىزغىنلىغى سۇسلاشتى. تۈرلۈك مۇنبەرلەرنىڭ ، جامائەت سورۇنلىرىنىڭ چۆلدەرىشى خەلقىمىزنىڭ روھى دۇنياسىنى چۆلدەرەتكەن نېگىزلىك سەۋەبلەر.
مانا مۇشۇ تېمىنىمۇ بىر قىسىم ئاكتىپ «تۆھپىكار» لار جىدەلگە ئايلاندۇرۇپ كىشىلەرنى مۇنبەرلەردىن بەزدۈرۈش ئۈچۈن بېجاندىل«خىزمەت» لىرىنى باشلاپتۇ، يېڭى يىلدا سىلەرگە يېڭى «نەتىجە» تىلەيمەن.....!!!

0

تېما

9

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   10.91%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8496
يازما سانى: 519
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 981
تۆھپە : 3940
توردىكى ۋاقتى: 1616
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-4 10:38:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
bulaksuyi يوللىغان ۋاقتى  2015-1-3 09:24
قاسىم سىدىق ھادىسىنىمۇ ئويلاپ قۇيغۇلۇق
ئەركىن سىدىق ، ...

باغداش ئىقىن دەرياغا ئوخشايدۇ. شەخسى ئىستەكلىرىنى ئەل-ئاۋامنىڭ ئىستەكلىرىنىڭ ئارقىسىغا تىزالىغان ھېكىم باغداشتىن ئۆزىنى چەتكە ئالمايدۇ. چەتكە ئالغانلاربولسا بۇنىڭ سەۋەبى  ئۇلارنىڭ ئۆز شەخسى ئىستىگىدۇر...

0

تېما

9

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   10.91%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8496
يازما سانى: 519
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 981
تۆھپە : 3940
توردىكى ۋاقتى: 1616
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-4 10:50:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
tugluq يوللىغان ۋاقتى  2015-1-3 16:40
ناھايىتى ياخشى تىما بوپتۇ.تېما يوللىغۇچىىنىڭ قولىغا ، ...

«قاسىم سىدىق ھادىسىسى» ئۇيغۇر جەمىيىتىنىڭ  جۈملىدىن مۇنبەرلەرنىڭ  ۋىجدانىغا قويۇلغان بىر سوئال.   باغداش بۇ ھادىسىگە ئەڭ مەردانە يۈزلىنەلىگەن مۇنبەر بولۇش سۈپىتى بىلەن «قاسىم سىدىق ھادىسىسى» ئۆز نۆۋىتىدە باغداش نوپۇزىنىڭمۇ بىر يارقىن بەلگىسى بوپ قالدى.
باغداشلا ئەمەس بۈتۈن ئۇيغۇر جامائەت سورۇنلىرى يولۇققان ئەڭ چوڭ خىرىس  قانداقتۇر قاسىم سىدىققا ئەمەس دەل سىزدەكلەرنىڭ ئەقلى-ۋىجدانى ۋە ئېنسابى بىلەن ئالاقىلىق.

0

تېما

9

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   10.91%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8496
يازما سانى: 519
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 981
تۆھپە : 3940
توردىكى ۋاقتى: 1616
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-4 11:14:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
hokumran يوللىغان ۋاقتى  2015-1-4 03:35
ئىنتايىن ياخشى پىكىر قىلىپسىز ، مەن سىزنى قوللايمەن.  ...

نۇرغۇن زىيالىيلار، بىلىملىك كىشىلەر مۇنبەرلەردىن چېكىندى. سەۋەبى بىزگە ئوخشاش مۇنبەر باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ ئاشۇ زىيالىلىرىمىزغا قىلىنغان ھاقارەتلىك ئىنكاسلارنى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلالماسلىقىمىزدىن بولدى.
قېنى، بۇ ئىنكاسىمغا باغداش باشقۇرغۇچىلىرى قانداق ئىپادە بىلدۈرەركىن؟

=======================
ھاقارەتكە ئۇچرىغاندا توختاپ قالىدىغان، چېكىنىدىغان ئېنسانلار پەقەتلا شەخسى ئىستىگىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا ئىشەنچىسى قالمىغاندىلا شۇنداق قىلىدۇ.
لېكىن دۇنيادا يەنە شۇنداق ئېنسانلارمۇ بار، ئۇلار ئەڭ قەبىھ تۆھمەت-ھاقارەتكە ئۇچرىغاندىمۇ  ئاخىرقى نەپىسىگىچە چېكىنمەيدۇ.  بۇ پەقەتلا ئېستەكلىرىنى ئۆزىدىن تولىمۇ يۈكسەك بولغان قىممەتلەرگە باغلىيالىغانلار ئېرىشەلەيدىغان جاسارەت.  
ياش لوتپۇللا، ئابدۇخالىق ئۇيغۇرلار ياشلارغا بۇ ھەقتە ئۈلگە بولالايدۇ.  ئۈلگە ئالساڭ دەۋىر لىڭتاسمىلىرىدىن ئەمەس  مۇشۇنداق چېكىنمەسلەردىن ئال.....!!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )