- تىزىملاتقان
- 2013-4-19
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-2-6
- ھوقۇقى
- 200
- جۇغلانما
- 10756
- نادىر
- 10
- يازما
- 141
ئۆسۈش
100%
|
ئىنكاس يازغاندا بىر ئىشنى كۆپتۈرۈپ سۆزلىمىسەڭلار ، ئىنكاسنى يۇيۇش ئاسان ،لېكىن ئىنكاسنى ئوقۇغان كۆڭۈلدىن يۇيۇش تەس .باغداشقا چىقىپ ئەسەر ئوقۇپ تۇرغىنىڭىز سىزنىڭ بىلىمگە ئىنتىلشىڭىزنىڭ ، مۇنازىرە قىلىشقا ھىرىسمەنلىكىڭىزنىڭ ئىپادىللىرىدىن بىرى بولۇشى مومكىن، باشقا تورغا كۆچۈپ كەتسىڭىزمۇ مەيلى ، چۈنكى ئۇ ھەممەيلەننىڭ ئۆزىنىڭ ھوقوقى .
قاسىم سىدىق ئاكىمىز توغۇرلۇق سۆزلىگەنلەرنى ،ئۇنىڭ گەپلىرىنى قۇرۇق گەپ دىگەنلەرنى كۆپ ئاڭلىدىم ، قاسىم سىدىق ئاكىمىز مەيلى فىزىكىدا ئالىم بولسۇن ياكى بولمىسۇن ، سىزنىڭ ئۇنى ئىنكار قىلىپ ئىزدىنىش روھىنى يوقۇتۇش ھوقوقىڭىز يوق. بۇنى مەن قاسىم سىدىق ئاكىمىزنى تونۇغانلىقىم ئۈچۈن دىمىدىم ،مەن ئاكىمىزنى تونۇمايمەن ، ئۇنىڭ قىلۋاتقان تەپسىلى ئىشىدىنمۇ خەۋرىم يوق ، ئاكىمىز مىنى تونۇمدۇ بۇمۇ ماڭا نامەلۇم. سىز ياپۇنىيەدە ، ئامېرىكىدا ئاتمىش ،يەتمىش ياشتا تۇرۇپمۇ ئالىي مەكتەپتە ، باشلانغۇچتا قايتىدىن ئوقۇغانلارنى ئاڭلىغان بولىشىڭىز مومكىن ، ئۇنداق خەۋەرنى ئادەتتە خەلقئارا خەۋەرلەرنىڭ ئارىسىدا قويىدۇ ، نىمە ئۈچۈن ؟ چۈنكى مەيلى ياخشى ئوقۇسۇن ئوقۇيالمىسۇن ئۇ كىشىلەردىكى ئىزدىنىش روھى ئادەمگە ئىلھام بېغىشلايدۇ . بۇنداق روھنى خەلقئارادىمۇ ھۆرمەتلەيدۇ . قاسىم سىدىق ئاكىمىز ئەجابا يېنىمىزدا بولغانلىقى ئۈچۈنلا شۇنداق تىللاپ كىتىش كېرەكمۇ ؟ ئامېرىكىدا بولغان بولسا ئاندىن ھۆرمەتلىمەكچىمىدىڭىز ؟ مەن باشقىلارنىڭ كەتمىنىنى چاپقىنىم يوق . سىز كومپيوتىرنىڭ ئالدىدا قاسىم سىدىقنى تىللاپ ئولتۇرغاندا ، قانچىلىك ياش ئىزدەنگۈچىلەرنىڭ ئاكىمىزنىڭ روھىدىن ئىلھام ئېلىۋاتقانلىقىنى بىلەمسىز ؟ مەن نەنكەي ، بېيجىڭ ئونۋېرستىتى ، مىللەتلەر ئونۋېرستىتى قاتارلىق داڭلىق مەكتەپلەردىكى ياشلارنىڭ قاسىم سىدىق ئاكىمىزدىن ئىلھام ئېلىۋاتقانلىقىنى ، ئۇ كىشىنىڭ شۇنچە ياشتىمۇ مۇنتىزىم فىزىكىدا ئوقۇمايمۇ فىزىكىغا بولغان قىزىقىشىنىڭ سۇسلاپ قالماي،قېيىنچىلىقنى يېڭىپ كىلىشىدىن ئىبارەت دادىل روھى ئۇلارنىڭمۇ ئۆزىنىڭ ساھەلىرىدە تېخىمۇ تېرشىشىغا تۈرتكە بولىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ ، بىرەر ئەسەر يازاي دەپ ئويلاشقان ،لېكىن يەنە شۇ ۋاقتىم بەك زىچ بولۇپ قالدى .
پىكىر بەرسىڭىز قوبۇل قىلسا مەيلى ، قوبۇل قىلمىسا ئۇمۇ مەيلى ، سىز توغرا دەپ قارىغىنىڭىزنى ئىسپاتى بلەن ئوتتۇرغا قويۇڭ ،چۈنكى توغرا خاتا ھامان ئايرىلىدۇ ، سىزنىڭ تىللاپ،باشقىلارنىڭ شەخسىيتىگە ھۇجۇم قىلىپ ،چوقۇم خەقنى گېپىڭىزگە كىرگۈزۈپ ئۆزىڭىزنىڭ يولىغا ماڭغۇزىمەن دىگىنىڭىز سىزنىڭ نىرۋىڭىزدا ياكى ئەخلاقىڭىزدا مەسىلە بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ . شۇڭا باشقىلارنىڭ مەيدانىدا تۇرۇپمۇ ئويلاپ باقسىڭىز ، قاسىم سىدىقمۇ ئادەم ، سىزمۇ ئادەم ، ھۆرمەتلىسىڭىز ھۆرمەتكە ئېرىشىسىز . بۇ ئەقەللى قائىدە . شۇڭا ياشلارغا ئىلھام بولىدىغان ، ئۈگۈنۈش روھى سۇسلىشىپ قالمايدىغان قاسىم سىدىقتەك ئاكىللىرىمىزنىڭ تەبئىي پەن ۋە باشقا ساھەلەردە تېىخمۇ كۆپلەپ چىققىنىنى ھەممەيلەننىڭ كۆرگۈسى بار ، كۆرگۈسى كەلمىگەنلەرنىڭ ئۆزىدە چاتاق بار ،ھەقىقىي تالانتلىق تەبئىي پەن ئالىملىرى ۋە ئىقتىساسلىقلار ئازلىقىدىن كىرزسقا ئايلانغان جەمئىيەت ئىلھاملاندۇرۇشقا مۇھتاج بولىدۇ. شۇڭا ئويلىنىپ كۆرسىڭىز .
كۆپچىلىكنىڭ بىزگە بەرگەن پىكىرلىرىنى بىزمۇ ئويلىشىۋاتىمىز ، ھەممىڭلارغا رەھمەت . |
|