قولاي تىزىملىك
ئىگىسى: batur72

ئوغلانى : مۇنبەرنىڭ ئەخلەت ساندۇقىدىن پەرقى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

66

تېما

23

دوست

5 تۈمەن

جۇغلانما

دەلىللەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4372
يازما سانى: 5406
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2602
تۆھپە : 13470
توردىكى ۋاقتى: 6630
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-28
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-6 16:55:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

نىيوتۇننىڭ ئۇزى نۇر(پېقىرىغۇچ) ۋاكىئومدا ئاغىدۇ،دەۋاتسا بۇ ئاداشلار ئېغىشنىڭ سەۋەبىنى تەھلىل قىلماي،ۋاكىئومدا ئاغمايدۇ،دەپ كاج تالاشقىنى قىززىق!.
تېخى، بىز فىزىكىدا مەخسۇس ئوقۇغان،فىزىكىنى بىز بىلىمىز،سەن بىلمەيسەن دەپ كېتىشلىرىچۇ!
ئوقۇغاندا ياخشى ئوقۇمايدۇ،كەڭلىككىلا ئېسىلىۋىلىپ چوڭقۇرلۇققا دېققەت قىلمايدۇ،ھادىسىنىلا كۇرۆپ،ماھىيەتكە شۇڭغىيالمايدۇ.شۇنىڭ بىلەن يېڭى مەسىلە ئۇچرىساھەل قىلالماي،سىنىڭ دىگىنىڭ خاتا،بىز ئوقۇغان كىتاپتا بۇنداق گەپ يوق،دىگەندەك گەپلەرنى قىلىپ،كۆرەڭلەپ كېتىدۇ.تېمىدىن چەتنەيدۇ!.

نىيوتۇننىڭ نىمە دىگەنلىگىنىڭ ئىسپاتى مانا:

ئالاقىدار كىلاسسىك ۋەسىقىلەردىن تەرمىلەر:

ھەر بىر جىسىم ئۆزىنىڭ تىنىچ ھالىتىنى ياكى تۆز سىزىقلىق تەكشى ھەركەت ھالىتىنى ساقلايدۇ،پەقەت تاشقى كۈچ تەسىرى بولغان ئەھۋال ئاستىدىلا ئۇزىنىڭ ئەسلىدىكى ھالىتىنى ئۆزگەرتىشكە مەجبۇر بولىدۇ.
نىيوتۇن يۇقۇرقى قۇرلاردىن كىيىنلا شۇنداق يازىدۇ:
تاشلانغان جىسىم ئەگەرھاۋانىڭ قارشىلىغى بولمىسا ئۇزى تاشلانغان پەيىتتىكى ھەركەت ھالىتىنى ساقلايدۇ.پىقىرىغۇچ(نۇر)نىڭ ھەرقايسى قىسىملىرىدىكى يىغىندى كۈچ ئۈزلۆكسىز ھالدا تۇز سىزىقلىق ھەركەتتىن يىراقلىشىپ ئېغىشىدۇ.ئەگەر ھاۋانىڭ قارشىلىغى بولمىسا،توختىماي پىقىراۋىرىدۇ.سەييارىلەر ۋە كۇمىتىلارغا ئوخشاش چوڭ جىسىملار ئەركىن بوشلۇقتا ھىچقانداق قارشىلىققا ئۇچرىمىسا،ئۇزۇن ۋاقىت ئىلگىرلىمە ھەركەت ۋە ئايلانما ھەركىتىنى ساقلايدۇ.

ــــــــــ ئىسائاك نىيوتۇن« «تەبىئەت پەلسەپەسىنىڭ ماتىماتىكىلىق پىرىنسىپلىرى»-بىجىڭ ئونۋىرىستىتى نەشىرياتى 2006-يىلى خەنزۇچە نەشىرى 2011-يىلى 9-قىتىملىق باسمىسى 8-بەتتىن.

66

تېما

23

دوست

5 تۈمەن

جۇغلانما

دەلىللەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4372
يازما سانى: 5406
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2602
تۆھپە : 13470
توردىكى ۋاقتى: 6630
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-28
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-6 17:07:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


مېنى ئاتساڭ ئۇستاڭ ئات،

نائۇستاڭ يېقىن كەلمە!



_ سېيىت نۇچى قۇشاقلىرىدىن

يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

66

تېما

23

دوست

5 تۈمەن

جۇغلانما

دەلىللەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4372
يازما سانى: 5406
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2602
تۆھپە : 13470
توردىكى ۋاقتى: 6630
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-28
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-7 11:09:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ziya تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-7 11:20  

بۇ تېمىدا تەنقىت قىلىنغان،تەشەببۇس قىلىنغان قاراشلارنىڭ ئىسپاتى تېما ئاستىدىكى بەزى ئىنكاسلاردىنلا  كۇرۇلۈپتۇ.

66

تېما

23

دوست

5 تۈمەن

جۇغلانما

دەلىللەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4372
يازما سانى: 5406
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2602
تۆھپە : 13470
توردىكى ۋاقتى: 6630
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-28
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-8 01:16:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ziya تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-8 10:00  

بېلىپ قېلىڭكى دۇنيادا چەكسىزئەركىنلىك،چەكسىز  ھوقۇق بولمايدۇ.سىز باشقىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئەتلىرىگە چېقىلسىڭىز  ھامىنى قانۇننىڭ جازاسىغا ئۇچرايسىز.“ئارقا تىرەك”لىرىڭىزگە بەك ئىشىنىپ كەتمەڭ،ۋاقىتلىق ئېنىدىن پايدا ئالغاندەك قىلغىنىڭىز بىلەن،سىزنىڭ ھەممە ئىشلىرىڭىزنى كۇرۈپ تۇرىۋاتقان جامەئەتچىلىكنىڭ نەزەرىدىن چۈشۈپ كېتىسىزدە_ بويىدىن زىيان تارتىسىز.تۆۋەندىكى ئومۇمى ئۇقتۇرۇشنىڭ قىزىلغا بوياپ قويۇلغان يەرلىرىنى ئوبدان ئوقۇۋىتىپ،ئاندىن ئىنكاس يازغايسىز:



شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاقە تورى ئۇچۇرلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشى


مەنبە شىنجاڭ گېزىتى



     1. بۇ ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش ئالاقە تورىدىن پايدىلىنىپ زوراۋانلىق، تېررورلۇق ئۇچۇرى تەييارلاش، كۆپەيتىش، ئېلان قىلىش، تارقىتىش، ساقلاش قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ جىنايى ھەرىكەتلەرگە قاقشاتقۇچ زەربە بېرىپ ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، دۆلەت بىخەتەرلىكى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش ئۈچۈن، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ «تور ئۇچۇرلىرىنى قوغداشنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى قارارى»، گوۋۇيۈەننىڭ «ئالاقە تورى ئۇچۇر مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش چارىسى» ۋە دۆلەت، ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن، ئاپتونوم رايوننىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ ئېلان قىلىندى.



2. ئالاقە تورى ئۇچۇر مۇلازىمەتچىلىرى ئابۇنىچىلارنى تېز ئالاقىلىشىش، تور قاتتىق دىسكىسى، توردا پاراڭلىشىش، ئۈن – سىن پىروگراممىلىرىدىن بەھرىلىنىش ۋە باشقا تور ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسى مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدىغان بولسا، ئىجازەت ۋە ئەنگە ئالدۇرۇش رەسمىيىتىنى جەزمەن قانۇن بويىچە بېجىرىشى ھەم مەزكۇر ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشقا رىئايە قىلىشى كېرەك.
3 . ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مەمۇرىي رايونلاردا ئەنگە ئالدۇرۇپ تىزىملاتقان، مەزكۇر ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشنىڭ 2 – تارمىقىدىكى ئالاقە تورى ئۇچۇر مۇلازىمىتى پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار ياكى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مەمۇرىي رايونلاردىن باشقا جايدا ئەنگە ئالدۇرۇپ تىزىملاتقان، شىنجاڭلىق ئابۇنىچىلارنى مەزكۇر ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشنىڭ 2 – تارمىقىدىكى ئالاقە تورى ئۇچۇر مۇلازىمىتى پائالىيىتى بىلەن تەمىنلىگۈچىلەر جەزمەن ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مەمۇرىي رايونلاردا مۇلازىمەت سۇپىسى تەسىس قىلىشى؛ مەخپىي كود تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىدىغانلار ئالاقىدار ئاساسلىق باشقۇرغۇچى تارماقلارغا مۇناسىۋەتلىك ئەسلىھە ۋە سانلىق مەلۇمات ئۇچۇرلىرىنى ئەنگە ئالدۇرغانلىقىنى مەلۇم قىلىشى كېرەك.
4 . ئالاقە تورى ئۇچۇر مۇلازىمەتچىلىرى ئابۇنىچىلارنى ئۇچۇر تارقىتىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدىغان بولسا، ئابۇنىچىلار جەزمەن ئۇلارنى ھەقىقىي سالاھىيەت ئۇچۇرى بىلەن تەمىنلىشى كېرەك. ئابۇنىچى شەخس بولسا، كىملىك ياكى باشقا كۈچكە ئىگە سالاھىيەت ئىسپاتىنى ئاساس قىلىپ ئەنگە ئالدۇرۇپ تىزىملىتىشى؛ ئابۇنىچى ئورۇن بولسا، تەشكىلىي ئاپپارات كود گۇۋاھنامىسى ياكى تىجارەت كىنىشكىسىنى ئاساس قىلىپ رويىخەتكە ئالدۇرۇپ تىزىملىتىشى كېرەك.
5 . ئالاقە تورى ئۇچۇر مۇلازىمەتچىلىرى تىزىمغا ئالدۇرۇپ ئابۇنىچىلارنىڭ سالاھىيەت ئۇچۇرىنىڭ مەخپىيەتلىكىنى ساقلاش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپتىن ئۆتكۈزمەي تۇرۇپ، باشقىلارنى ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەشكە، ئۇچۇرنىڭ ئىشلىتىلىش ئورنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ؛ ئۇچۇر مەزمۇنىنى چۈشۈرۈپ قويۇشقا، بۇرمىلاشقا، بۇزۇۋېتىشكە، ئابۇنىچىلارنىڭ ھەقىقىي سالاھىيەت ئۇچۇرىدىن پايدىلىنىپ پايدا ئۈندۈرۈۋېلىشىغا بولمايدۇ.
6.    ئالاقە تورى ئۇچۇر مۇلازىمەتچىلىرى ۋە ئابۇنىچىلارنىڭ تۆۋەندىكىدەك مەزمۇندىكى ئۇچۇرلارنى يېزىشى، كۆپەيتىشى، ئېلان قىلىشى، تارقىتىشى، ساقلىشى چەكلىنىدۇ:
    (1) ئاساسىي قانۇندا بېكىتىلگەن تۈپ پىرىنسىپقا قارشى تۇرۇپ، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇن، نىزاملارغا ھاقارەت كەلتۈرىدىغان ئۇچۇرلار؛
    (2) دۆلەتنىڭ شان – شەرىپى ۋە مەنپەئىتىگە زىيان سېلىپ، دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاش، دۆلەت ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇش، دۆلەتنىڭ بىرلىكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش مەزمۇنىدىكى ئۇچۇرلار؛
    (3) «غازات» ۋە مىللىي بۆلگۈنچىلىكنى تەرغىب قىلىدىغان، مىللىي ئۆچمەنلىك، مىللىي كەمسىتىشكە قۇتراتقۇلۇق قىلىدىغان، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان ئۇچۇرلار؛
   (4) دىن ئەسەبىيلىكى ئىدىيەسىنى تارقىتىپ، دۆلەتنىڭ دىن سىياسىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان، بىدئەت ۋە فېئودال خۇراپىي مەزمۇندىكى ئۇچۇرلار؛
    (5) ئىغۋا توقۇپ ۋە تارقىتىپ، جەمئىيەت تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىققا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان ئۇچۇرلار؛
   (6) زوراۋانلىق، تېررورلۇق ئىدىيەسىنى، زوراۋانلىق، تېررورلۇق ئۈن – سىن پىروگراممىلىرىنى تارقىتىش، پارتلاتقۇچ، پارتلىتىش قۇرۇلمىسى، مىلتىق، تىزگىنلىنىدىغان تىغلىق ئەسۋاب، خەتەرلىك بۇيۇملارنى ياساش، ئىشلىتىشنى ئۆگىتىش قاتارلىق زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايى ھەرىكەتلىرىنى يولغا قويۇش ئۇسۇلى، تېخنىكىسىغا دائىر ئۇچۇرلار؛
   (7) زوراۋانلىق ۋاسىتىسى ئارقىلىق باشقىلارنىڭ ھاياتى ۋە جامائەت، شەخسنىڭ مال – مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە زىيان سېلىشقا قۇترىتىدىغان ئۇچۇرلار؛
  (8) شەھۋانىيلىق، بۇزۇقچىلىق، قىمارغا دائىر مەزمۇنلارنى تارقىتىدىغان ياكى جىنايەت ئۆتكۈزۈشكە كۈشكۈرتىدىغان ئۇچۇرلار؛
   (9) باشقىلارغا ھاقارەت قىلىدىغان ياكى تۆھمەت چاپلايدىغان، باشقىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان ئۇچۇرلار؛
   (10) قانۇن – نىزاملاردا چەكلەنگەن باشقا مەزمۇندىكى ئۇچۇرلار.
    7. ئالاقە تورى ئۇچۇر مۇلازىمەتچىلىرى مەزكۇر ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشنىڭ 6 – تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھەرىكەتلەرگە قارىتا، دەرھال ئۇچۇر ئېلان قىلىش، يوللاشنى توختىتىش ياكى نومۇرىنى ئۆچۈرۈۋېتىش، يېڭىلاشنى ۋاقىتلىق توختىتىش، بىۋاسىتە تاقىۋېتىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىدۇ ھەم ئالاقىدار خاتىرىلەرنى ساقلاپ قېلىپ، ۋاقتىدا ئالاقىدار مەسئۇل تارماققا دوكلات قىلىدۇ.
ھەر قانداق ئورۇن ياكى شەخسنىڭ بۇ ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشنىڭ 6 – تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھەرىكەتلەرنى ئالاقىدار باشقۇرغۇچى تارماقلارغا دوكلات قىلىش ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيىتى بار.
ئالاقىدار باشقۇرغۇچى تارماقلار بۇ ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشنىڭ 6 – تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھەرىكەتلەرنى ئۆزىنىڭ ھوقۇق دائىرىسىدە قانۇنغا ئاساسلىنىپ فۇنكسىيەسىنى ئادا قىلىشى، تېخنىكىلىق تەدبىر ياكى باشقا زۆرۈر تەدبىرلەرنى قوللىنىشى، تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.

8. ئالاقىدار باشقۇرغۇچى تارماقلار بۇ ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشنىڭ 3 – تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھەرىكەتلەرنى ئۆز خىزمەت ھوقۇقى دائىرىسىدە قانۇنغا ئاساسلىنىپ چەكلىشى ياكى ئالاقە تورى ئۇچۇر مۇلازىمەتچىلىرىنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مەمۇرىي رايونلاردا ئالاقە تورى ئۇچۇر مۇلازىمەتچىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىشىنى توختىتىش توغرىسىدا قارار چىقىرىشى كېرەك.
بۇ ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشتىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپ باشقا ھەرىكەتلەر ئالاقىدار قانۇن – نىزاملارغا ئاساسەن بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.
9. بۇ ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىنىشتىن بۇرۇن ئالاقە تورى ئۇچۇر مۇلازىمىتى پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار جەزمەن مۇشۇ ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ 90 كۈن ئىچىدە مەزكۇر ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشنىڭ 3 – تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، مۇلازىمەت سۇپىسى ئورنىتىپ، ئالاقىدار ئەسلىھە ۋە سانلىق مەلۇمات ئۇچۇرلىرىنىڭ ئەنگە ئېلىنىش ئەھۋالىنى دوكلات قىلىشى كېرەك.
10. بۇ ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

2014 – يىل 12 – ئاينىڭ 24 – كۈنى

مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

http://uy.ts.cn/homepage/content/2015-01/07/content_393088.htm



66

تېما

23

دوست

5 تۈمەن

جۇغلانما

دەلىللەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4372
يازما سانى: 5406
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2602
تۆھپە : 13470
توردىكى ۋاقتى: 6630
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-28
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-8 14:50:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ziya تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-8 15:22  

ھەراسىت،بىر زامانلاردا سىز كوچىدا تۇپ-تۆز كېتىۋاتىسىڭىز ئۇزى قەستەن كىلىپ سىزنىڭ مۇرىڭىزنى سوقۇپ ئۆتۈپ كېتىدىغان كوچا لۇكچەكلىرى بولىدىغان.سىز ئىختىيارسىز ئۇنداقلارغا بۇرۇلۇپ قاراپ سالسىڭىز“ھە،قايلايسىلەرغۇ”دەپ سىز بىلەن جىدەل قىلىشىدىغان.شۇنداق لۇكچەكلەر ھازىر توردا پەيدا بولغىنى تۇردى .مەن مانداق ئوقۇغان دەپ كۇرەڭلىگىنى بىلەن بۇ قىلمىشلىرى ئەشۇ  كوچا لۆكچەكلىرىنىڭ قىلمىشىدىنمۇ رەزىل بولىۋاتىدۇ.لىكىن،ئۇلارنىڭ ئۇسۇلى ھەرگىز بو تور لۇكچەكلىرنىڭ ئۇزىنىڭ كەشپىياتى ئەمەس.ئۇلار كوچا لۇكچەكلىرىنىڭ مېتودىنى ئېنتىرىنىتقا سۈرەپ كىردى،خالاس!.

مۇنبەرلەرنى تور لۇكچەكلىرىگە تاشلاپ بېرىشكە ھەرگىز بولمايدۇ.بۇ بىر پىرىنسىپال مەسىلە!.

66

تېما

23

دوست

5 تۈمەن

جۇغلانما

دەلىللەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4372
يازما سانى: 5406
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2602
تۆھپە : 13470
توردىكى ۋاقتى: 6630
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-28
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-15 22:46:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

0

تېما

1

دوست

782

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   56.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33251
يازما سانى: 71
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 222
توردىكى ۋاقتى: 15
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-16 12:40:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر نەچچە تال  سېسىق ئالما بىر  سىۋەت ئالمىنى سېسىتىدۇ .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )