ئۇيغۇر مۇنبەرلىرىنىڭ ئەخلەت ساندۇقى بىلەن بولغان پەرقىنى كىم بەلگىلەيدۇ ؟
مۇھەممەدتۇرسۇن ئابدۇرېھىم ئوغلانى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، مۇنبەر ئەھلى،مەن بىر باشقۇرغۇچى ۋە ئاددىي ئىزدەنگۈچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئادديغىنە ئويلىغانلىرىمنى تورداشلار بىلەن ئورتاقلىشىشنى ئۈمىد قىلىپ قەلەم تەۋرەتتىم . ماۋزۇنى كۆرۈپلا مۇنبەرنى ئەخلەت ساندۇقى بىلەن سېلىشتۇرۇپتۇ دەپ ئاچچىقىڭىز كەلدىمۇ ؟توغرا ، مۇنداق بىر چوڭ ئىلىم سورۇنىنى ئەخلەت ساندۇقى بىلەن سېلىشتۇرۇش بىر ئەخمەقلىق بولۇشى مومكىن ، بەلكىم بەزىلەرنىڭ ئاچچىقى كەلگەندۇ ، كەلمىگەنلەرنىڭ ئۆزىنىڭ سەۋەبى باردۇر .
ئەخلەت ساندۇقىنىڭ رولى قانداق ؟ ئۇنى ئاڭلىغان ئادەم چوقۇم سېسىقچىلىقنى ، مەينەتچىلىكنى ئويلاپ كۆڭلى ئېلىشدۇ ياكى ئەخلەت ساندۇقىنىڭ كەم بولسا بولمايدىغانلىقى، ئۇنىڭغا ئەخلەت سالىدىغانلىقى ھەققىدە مۇنازىرىگە چۈشىدۇ . ئەمەليەتتە مېنىڭ دىگىنىم باشقا بىر نوقتا ، ئەخلەت ساندۇقى ئۇ رول ئۆتىمەيدۇ ، ئۇنى ئىنسانلار كەشىپ قىلىپ ، ئاشۇنداق رولنى ئۆتەيدىغان قىلىپ ئۇنىڭ خاراكتىرىنى بەلگىلگەن . دىمەك ئىنسانلار شۇنداق بىر ئەخلەت ساندۇقىنى ئۆزىنىڭ ئىھتىياجى بىلەن ياساپ ، ئۇنى ئەخلەت ساندۇقى دەپ ئاتىغان ،شۇڭا بۇنىڭ رولى ھەرگىزمۇ ئەخلەت ئېلىشلا ئەمەس ، ئەگەر زامان تەرەققىي قىلسا رولىمۇ باشقا بولۇپ ئۆزگىرىشى مومكىن .
مەن نىمىشقا ئەخلەت ساندۇقى توغۇرلۇق توختىلىمەن ؟
بىرىنجىدىن ،تېما جەھەتتىن ئالغاندا ، ئەخلەت ساندۇقىغا كىشىلەر ئادەتتە ئىشىلتىپ بولغان ،لازىمى بولمىغان نەرسىلەرنى تاشلايدۇ ، ھېچكىممۇ ئۆزىنىڭ يېڭى ئالغان ئايىغىنى ، بىلەيزۈك ۋە بايلىقلىرىنى ئەخلەت ساندۇقى ئىچىگە تاشلىمايدۇ . ئەگەر موھىم،قىممەتلىك نەرسىلەرنى ئەخلەت ساندۇقى ئىچىگە تاشلىدى دىسىمۇ ئەھۋال ئالاھىدە بولغاچقا تاشلىغان بولىدۇ . ئۇنداقتا مۇنبەرگە سىز ئەخلەت تاشلىدىڭىزمۇ ؟ مېنىڭ ئالدىنقى بىر مەزگىللىك ئازغىنە تەجىربەمدىن قارىغاندا ، تېمىلاردا ئىملا خاتالىقىنى دىمەي تۇرساقمۇ ، كۆپ كىشىلەرنىڭ ئەۋەتكەن تېمىلىرى ياكى ئۆزىنىڭ قاملاشمىغان يازمىللىرى ، ياكى خالىغان بېشى بار ئايىغى يوق مەزمۇنسىز بىر ئابزاس گەپ،يەنە شېركەت ئىلانلىرى ، بىر قىسىم ئاساسسىر ئۆسەك سۆزلەرنى ئۆزى ئويلىنىشتىن ئۆتكۈزمەيلا كۆچۈرۈپ ئېلىپ كەلگەن ... قاتارلىق ئشىلار ئېغىر (يېقىندا ئازراق ياخشىلاندى لېكىن يەنە خېلى بار، ) . ئەگەر بۇ توغۇرلۇق گەپ بولغاندا بىر قەلەم ھەققى بەرمەيمىز ، شۇڭلاشقا بىزنىڭ سىزنىڭ ئەسىرىڭىزنى ئۇنداق مۇنداق دەيدىغان ھوقوقىمىز يوق. لېكىن بىزنىڭ مۇنبەرنىڭ ئەسەرلىرىنى سەرخللاشتۇرىدىغان ، مۇنبەرنى گۈللەندۈرىدىغان ھوقوقىمىز ۋە مەسئۇلىيتىمىز بار ، ئەگەر بىزنىڭچە بولغاندا ھەر بىر ئەسەرگە ئاپتورنىڭ جاپاسى ئۈچۈن مۇۋاپىق قەلەم ھەققى بەرسەك بولاتتى ، لېكىن ھازىرچە ئۇيغۇر مۇنبەرلىرىدە ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلى بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش تەس .گەپنىڭ پوسكاللىسىنى دىسەك ،باشقۇرغۇچىلار نوقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتساق مۇنبەرگە نىمە تىما يوللىشىڭىزنى بىز باشقۇرالمايمىز ، پەقەت تەستىقلايمىز ، شۇڭلاشقا قازاندا نىمە بولسا چۆمۈچكە شۇ چىقىدۇ . مۇنبەرنىڭ خاراكتىرى مۇنبەرگە چىقىۋاتقان زىيالىلارنىڭ ساپاسى ، قوشقان تۆھپىسى شۇنداقلا مۇنبەرگە قانداق قارىشى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ . ئەگەر سىز مۇنبەرنى بىر بىلىم سورۇنى دەپ يېڭىلىقىڭىزنى ، ئەڭ ياخشى ئەسەرلىرىڭىزنى،يېڭى ئىددىيلىرىڭىزنى سۇنسىڭىز مۇنبەر ئەخلەت ساندۇقى ئەمەس ئالتۇن ساندۇققا ئايلىنىدۇ ، بولمىسا ئەخلەت ساندۇق بىلەن پەرىقى بولمايدۇ . دىمەك كومپىيوتىرنىڭ ئالدىدا ئولتۇرغان مۇنبەرنىڭ ھەربىر ئەزاسى مۇنبەرنىڭ ئەخلەت ساندۇقى ياكى ئەمەسلىكىنى بەلگىلەيسىز ،ھەربىرىڭىز باھالىغۇچىلىقتىن ئۇنى ياخىشى كۆرگۈچىگە ، ئۇنى گۈللەندۈرگۈچىگە ،ئۇنى سۆيگۈچىگە ئايلانسىڭىز مۇنبەر تېخىمۇ گۈللىنىدۇ، بۇ خۇددى بالىڭىزنى دۆت دەپ باھالاپ ئۇنى تىللاپ يۈرگەننىڭ ئورنىغا ئۇنىڭ ئۈچۈن ۋاقىت سەرىپ قىلىپ ، ئۇنى ياخشى تەربىيلىسىڭىز بالىنىڭ ئەقىللىق بولۇپ كەتكىنىدەك ئەھۋال . دىمەك مۇنبەرنىڭ ئەخلەت ساندۇقى بىلەن بولغان پەرقىنى سىز ۋە مەن بەلگىلەيمىز ، كىچىككىنە تۆھپىڭىزگە ۋە ئىزدىنىشىڭىزگە سەل قارىماڭ .
ئىككىنجى ، ئەزا جەھەتتىن ئالغاندا ، مۇنبەرنىڭ ئىچىدە چوڭ -كىچىك ، قېرى ياش ، ئالىم سودىگەر، داڭلىق داڭسىز ھەممە كىشىلەر دىگۈدەك بار ، لېكىن كۆپىنچە كىشىلەرنىڭ ئۇنداق داڭلىق بولۇشى ناتايىن . بىزنىڭ قوشنا مەھەللىنىڭ "قالماق مەھەللىسى" دەپ نامى بار ئىدى ،مەيلى كىم بولسۇن ئۇ مەھەللىدىكىلەر قالماق دەپ ئاتىلاتتى ، باللىرى ، بايلىرى ، كەمبەغەللىرى ھەممىسى "قالماق" لار ئىدى . كېيىن بىلسەم ئۇلارنىڭ بۇرۇنقى ئاتا بوۋىللىرى گەپ ئاڭلىماي ، باشقىلارغا يولسىزلىق قىلىپ ، ئۆزىنىڭ گېپىنى راست قىلىۋەرگەچكە ، ئۇلار قالماق بولۇپ ئاتىلىپتىكەن . تور بىر مەۋھۇم دۇنيا ،ئۇ سىزنىڭ ئىنكاسلىرىڭىزدىن سىزنىڭ سالاھىيتىڭىزنى بىلمەيدۇ ، لېكىن سىزنىڭ ساپايىڭىزنى بىلىدۇ ، سىزنىڭ چىرايىڭىزنى بىلمەيدۇ ، لېكىن ئەخلاقىڭىزنى بىلىدۇ ، ئادەممۇ نۆۋىتى كەلگەندە ئۆزىنىڭ ساپاسى ، ئەخلاقى ،بىلىمىگە قاراپ كىشىلەرگە زىيانلىق ئەخلەت ئادەم ۋە ئۆزىنى قەدىرلەيدىغان قەدىرلىك ئادەم دەپ ئايرىلىدۇ . ئالدىنقىسىدىن كىشىلەر يىرگىنىدۇ ،كىيىنكىسىنى ھۆرمەتلەيدۇ ، گەرچە سىزنى باشقىلار تونۇمىسىمۇ ، ئەگەر سىز مۇنبەرنى " قالماق“،مەھەللىسىگە ئايلاندۇرىدىكەنسىز ، مۇنبەر ئەخلەتخانىغا ئايلىنىدۇ ، ئۇ چاغدا سىزمۇ ئەخلەت ھېسابلىنىسىز . لېكىن قارشىسى بويىچە دىگەندە ، ئۆزىڭىزنى بېسىۋېلىپ ، مۇنبەردىن بىر نەرسە ئۈگۈنۈشنى مەخسەت قىلىپ ، ئىلمىي پىكىر يۈرگۈزسىڭىز ، مۇنبەرنىڭ ئەخلەت ساندۇقىدىن پەرقى بولىدۇ . ئۇ چاغدا ھەممىمىز بۇ مۇنبەرنىڭ بولغانلىقىدىن پەخىرلىنىمىز .
قىسقىسى ، "ئويغانغان زىمىن"رومانىدىكى مۇڭغۇل سەردارىنىڭ سۆزلىگەن بىر ھېكايىسى بار ، بىر يىلاننىڭ بىر بېشى مىڭ تىنى بارلىقى ، يەنە بىر يىلاننىڭ مىڭ بېشى بىر تىنى بارلقى ، بىر كۈنى بىر يوغان مەخلۇق يولدا باستۇرۇپ كەلگەندە ، ئالدىنقى يىلاننىڭ ئۆزىنى چەتكە ئالغانلىقى ، كىيىنكىسىنىڭ باشلىرى بىر بىرىنىڭ گېپىنى ئاڭلىماي دەسسىلىپ ئۆلگەنلىكى بايان قىلىنغان . بەلكىم بەزىلەر" يېڭى ئىددىيەلەرنىڭ بولغىنى ياخشى ، پىكىر ئوخشىماسلىقى بولىدىغان ئىش "دىيىشى مومكىن . مېنىڭ كۆزدە تۇتقان نوقتام بۇ ئەمەس ،بەلكى سىزنىڭ نىيتىڭىز ، ئەگەر نىيەت ياخشى بولسا، تور بىر بېشى بار يىلان بولىدۇ ، لېكىن نىيتىڭىز ھەرخىل بولسا ئۇ چاغدا ئاقىۋىتىنى ئۆزىڭىز بىلىسىز ، نىيتىڭىز ياخشى ، ئەخلاقنى تاشلىۋەتمىگەن ھالدا قانچىلىك ئىلمى ۋە يېڭى پىكىر يۈرگۈزۈپ، ئوخشىمىغان پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ،يېڭى -يېڭى ئىددىيلەرنى مۇنبەرگە سۇنسىڭىز ، ئۇ چاغدا مۇنبەرنىڭمۇ ئەخلەت ساندۇقى بىلەن پەرىقى شۇنچىلىك چوڭ بولىدۇ ، كىممۇ ئەخلەت ساندۇقىنىڭ ئىچدە مۇنازىرە قىلىشنى خالايدۇ ؟
« ئالتۇن كۈمۈش ئارىلى» قاتارلىق دۇنياۋى ئەسەرنىڭ يازغۇچىسى ، ئەنگىليىلىك داڭلىق يازغۇچى روبىرت لويس ستېۋىنسون(Rorbert Louis Stevenson) ئاددىي قىلىپ مۇنداق دىگەن ئىدى :« ئۆزەڭنىڭ قانچىلىك مىۋە ئالغىنىڭنى سورىماي ، ئالدى بىلەن ئۆزەڭنىڭ قانچىلىك ئۇرۇق تېرىغانلىقىڭنى سورا » .مەن بەزى قاقشىغان سۆزلەرنى كۆپ كۆرىمەن ، باشقۇرغۇچىلارمۇ پۈتۈن كۈچىمىزنى چىقىرىمىز ،لېكىن ئاخىرى ياخشى ئۇرۇق تېرىپ مۇنبەرنىڭ ئەخلەت ساندۇقىدىن پەرقىنى چوڭايتىش مۇنبەردىكى ھەممە ئەزالاردىن ئايرىلالمايدۇ .
ئەسلىدە بىر مەزگىل ئىزدىنىپ ئۇيغۇر مۇنبەرلىرى توغۇرلۇق بىر چوڭ ئىلمى ماقالە يېزىپ چىقماقچى ئىدىم ، ۋاقىت ۋە شارائىت مۇناسىۋىتى بىلەن مۇشۇنچىلىك يېزىپ تۇرۇشقا مەجبۇرمەن ،يېقىندىن بۇيانقى شۇنداقلا داۋاملىشىپ كىلىۋاتقان ھەرخىل مۇنبەرنىڭ سۈپىتىنى چۈشۈرىدىغان ئۆسەك سۆز ۋە قالايمىقان پىكىرلەرگە چىداپ ئولتۇرالمىدىم . كىيىنچە چوڭراق ئىلمىي ماقالىمۇ بولۇپ قالار. كۆپچىلىكنىڭ ئىلمى پىكىرلەر بىلەن مۇنازىرە قىلىپ ئۇيغۇر مۇنبەرلىرىنى تېخىمۇ ئىسىل قىلىپ قۇرۇپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن .رەھمەت . |