- تىزىملاتقان
- 2011-7-11
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-3-31
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 14453
- نادىر
- 0
- يازما
- 736
ئۆسۈش
11.13%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا albax تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-1-9 18:48
مويسىپىت ئاكىمىزنى ئايايلى !
بىز ياكى زىۋىدە خانىم ئەلى قۇرباننى خاتالىق ئۆتكۈزمىسۇن دىمىدۇق ، خاتالىق ئۆتكۈزدى ، زىۋىدە خانىم كۆرسىتىپ بەردى ، بىز ئەلىنىڭ خاتالىقىنى تۇنۇپ كىيىنكى نۇتۇق ھاياتىدا تېخىمۇ قالتىس بۇلۇپ كەتسۇن دەپ پىكىر بەردۇق . بۇنىڭ ھىچقانداق يامىنى يوق ، چۈنكى بىز ھاياتنىڭ ھىندىستاننىڭ كىنوسى ئەمەسلىكىنى ئوبدان بىلىمىز ، بىرىنى سەمىمى تەنقىد قىلىشنى ئۇنىڭغا ياردەم بىرىش دەپ قارايمىز ، قانداقتۇ بايىقى كىنودەك توغرا دىسەك ھەممە يېرىنى توغرا دىمىگەنگە ئوخشاش خاتا دىگىنىمىزمۇ ھەممە يېرىنى ئىنكار قىلىشتىن دىرەك بەرمەيدۇ . مىنىڭچە نۇرغۇن تورداش مۇشۇ نوقتىدا خاتالاشتى . مەرھۇم ئابدىشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن بىزدىكى بۇ ئىللەتنى « ئۇ قۇتۇپتىن بۇ قۇتۇپقا ئېغىپ كىتىش » دەپ ئاتىغان ، بۇ قېتىملىق مۇنازىرىدە بىزدىكى بۇ ئىللەت يەتكۈچە ئىپادىلەندى . مەيلى قايسىلا قۇتۇپنىڭ چوققىسىدا تۇرۇپ پىكىر بىرىڭ ، سىز شەرتسىز خاتالاشقان بۇلىسىز ، بىلىڭكى ، ھەرقانداق شەيئىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئارىلىق بۇلىدۇ . تەڭرىم بىلەن ئىنسان ئوتتۇرىسىدا پەيغەمبەر بولغاندەك ..............
ئاۋۇ يولداشنقا ئوخشاشلارنىڭ گىپىنىمۇ تەنقىدى قۇبۇل قىلىشنى بىلىۋېلىش كىرەك ، بىزدىكى ئۆملۈك ، قوللاش ،قىزغىنلىقنى بەزى مىللەتلەر 10يىللىق ج د پ سىنى گۆرۆگە قۇيۇپمۇ سېتىۋالالمايدۇ . بۇنىڭدەك گەپلەرنى ئۇيغۇر قۇبۇل قىلماسلىقى كىرەك ، شەخىس قۇبۇل قىلسا ئۇنىڭ يۇلى باشقا . ئېنىقكى بۇنداق گەپلەر ئۆملۈكنى بۇزىدىغان پىتنىلەر بىلەن سۇغۇرۇلغان . باشقىلار بىلەن بىللە يۈرۈپ باققاندىلا ئاندىن ئۇيغۇرنىڭ قانچىلىك ئىسىل خەلق ئىكەنلىكىنى ئاندىن ھىس قىلالايسىز ، يۇقىرىقىدەك ئىللەتلەر بىزدە بار ئىللەت بولماستىن كۆپىنچىسى باشقىلار كاللا قاتۇرۇپ ياسىغان ئىللەتلەردۇر ، بۇنىڭدىن ئېھتىيات قىلىش كىرەك .
بەلكىم ئەلى قۇرباننى بىز ئەشۇ ئالى مەكتەپ ئوقوغۇچىلىرىدىن بەكرەك قوغدايمىز ، ياخشى كۈرىمىز . بىراق ئەلىنىڭ لىكسىيە ئۇيۇشتۇرغۇچىلارنىڭ بىلەت باھاسىنى 150 ، 200 قىلىۋېلىپ تېخىمۇ كۆپ كىشىنىڭ ئىقتىسادىغا ماس كەلمەي ئاڭلىيالمىغانلىقىنى ئەلۋەتتە تەنقىد قىلىمىز ، ئاۋۇ لىكسىيىدىكى زىۋىدە خانىم تەنقىد قىلغان جايلىرىنى ئوخشاشلا تەنقىد قىلىمىز .
ئاخىرقى مەقسەت ئەلىنى يىتەكلەش بولسا ڧىرىئودتىن ئېشىپ كىتىشىگە چاۋاك چېلىش ................ |
|