- تىزىملاتقان
- 2011-3-24
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-30
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2146
- نادىر
- 0
- يازما
- 119
ئۆسۈش
4.87%
|
مەيلى ئەلى مۇئەللىم ياكى زىۋىدە مۇئەللىم بولسۇن ھەممىسىلا ئۇستاز ، ھۆرمەتلەشكە ئەرزىيدۇ .
ئەلى مۇئەللىمنىڭ نۇتۇقلىرى بىز ياشلارنى تىرىشىشقا، ئالغا ئىلگەرلەشكە ،ئۈمۇتسىزلىك ، مەسئۇلىيەتسىزلىكتىن قۇتۇلۇشقا ،ئىلىىمگە ئىنتىلىشكە رىغبەتلەندۇرىۋاتىدۇ.
ئەلى مۇئەللم مەيىلى توغرا سۆزلسۇن ياكى خاتا سۆزلسۇن بىز ياشلارنى رىغبەتلەندۈردى ،بىزنى تىرششقا ئۈنددى،پەقەت تىرشسلا مۇمكىن بولمايدغان ئىش يوقلقنى چۈشەندۇردى . بىزگە بەرگەن ياخشى تەسىرى يەنىلا كۆپ .
ھەسەتخورلۇق مەسىلىسىگە كەلسەك، مەن شەخسەن ئۇنداق قارىمايمەن، زىۋىدە مۇئەللىم كەسپىي نۇقتىدىن چىقىپ تۇرۇپ ناھايىتى ياخشى يېزىپتۇ. بىر مىللەتنىڭ تەنقىدى بولمىسا راۋاج تاپالمايدۇ.
ئىلىم پەن تىمىللىرى توغرىسىدا ئۆز ئارا تەنقىدى تەكلىپ بىرىش مىنڭچە ئىنتايىن بىر ياخشى ئىش. زىۋىدە مۇئەللىمنىڭ ئەلى مۇئەللىمگە بەرگەن پىكىرى ئىنتايىن مۇۋاپىق بولغان دەپ قارايمەن، زىۋىدە مۇئەللىم بۇ تەكلىپ پىكىرلەرنى ئەلى مۇئەللىمنىڭ تېخىمۇ ياخشى بۇلۇشنى ئويلاپلا مۇشۇنداق قىلغان. بۇ ئەلى مۇئەللىمنىڭ ئۈزىگىمۇ پايدىلىق. مۇلاھىزە ۋە تەنقىت پىكىرنىڭ چىقىشى ياخشى ئىش،بىز بۇنىڭدىن تېخىمۇ كۆپرەك تەپەككۇر ۋە مۇلاھىزە بوشلۇقىغا ئىگە بولالايمىز.
ئىنسان مۇكەممەل بولمايدۇ، ئىنسان تەپەككۇرى ئوخشىمىغانكەن، چۈشىنىش يولىمۇ ئوخشىمايدۇ. ئەگەر بىرەر مەسىلىنى كاللىمىزدىن ئۆتكۈزەلمىگەن بولساق شۇنچە پاساھەتلىك ئۇيغۇر تىلىمىز بىلەن بىر-بىرىمىزنىڭ ھۆرمىتىنى قىلىپ تۇرۇپ، چىرايلىق پىكىر ئالماشتۇرساقمۇ بولىۋېرىدۇ، ھاقارەتلىك تىللارنى ياغدۇرۇپ، جاپادا بىلىم ئېلىۋاتقان ۋە بىلىم بېرىۋاتقانلارنى كەمسىتىشنىڭ ھېچبىر ئەھمىيىتى يوق.
زىۋىدەمۇئەللىمنىڭ ئىلمى تەنقىدى پىكرىگە ھۆرمەت قىلىش بىلەن بىرگە ئەلى مۇئەللىمنىڭ لىكسيەسىدىن ئۆزىمىزگە لازىملىقلىقىنى ئېلىپ قېلىپ ،شاكىلىنى چىقىرىپ تاشلاپ ماس كەلگىنىنى قوبۇل قىلىش ئوخشاشلا مۇھىم ، ئىلمى تەنقىد بىلەن غەيۋەتنىڭ پەرقىنى ئايرىشمۇ ئوخشاشلا مۇھىم .
ئاخىرىدا دەيدىغىنىم، يوقارقىلار ئوزەمنىڭ شەخسى پىكرى ،خەتلىرىمدا ئىملا خاتالىقى كۆپ بولسا تۈزۈتۈپ ئوقارسىلەر
زىۋىدە خانىم ھەم ئەلى قۇرباننىڭ ھەر ئىككىسىگە تېخىمۇ مۇۋەپپىقىيەت ۋە بەخت تىلەيمەن
|
|