- تىزىملاتقان
- 2014-11-11
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-3-14
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 830
- نادىر
- 0
- يازما
- 37
ئۆسۈش
66%
|
ئالدى بىلەن چوڭلارغا بولغان ھۆرمەت سالىمىمىز سىزگە بولسۇن.
ئەمدە گەپكە كىلەيلى. دىگەنلىرىڭىز 50% توغرا، لىكىن 100% خاتا(چۈشەنگەنسىز؟) سىز دەپسىز: بەزىبىر سۆيۈملۈك كىشىلىرىمىز سۆيۈملۈك كىشىلىرىمىزنى سېسىتىش بەدىلىگە تېخىمۇ «سۆيۈملۈك»كۆرۈنۈشنى مەقسەت قىلغاندەك قولىغا «ئېلىكتىر چىراغ» بىلەن «مېكروسكوپ»نى ئېلىپ،نەدىكى تۈكى يوق پاسار باسماس گەپلىرى بىلەن جەمئىيەتكە پاسسىپ تەسىرلەرنى بېرىشتى.
مەن دەيمەن: بۇ يىشىڭىزغا ماس كەلمىگەن مەسئۇلىيەتسىز جۈملە بولۇپتۇ. ياخشى پىكىر سەدىقە بەرگەنگە ئوخشاش. پولات قانداق تاۋلىنىدۇ؟ سۆگەتنى چاتاپ تۇرمىسا مايماق بولۇپ قالىدۇ، چاتىغان باغۋەننى تىللىغان ئادەم مايماق سۆگەت يېتىشتۈرۈپ چىقىدۇ. ئېسىڭىزدە بولسۇن، ئىلمىي تەنقىد ئېلىم-پەن ساھەسىدە بەك مۇھىم، بولسا دائىم دوختۇرخانىغا بىرىپ سالامەتلىك تەكشۈرتۈپ، دىئاگىنوز قويدۇرۇپ تۇرۇڭ، ۋاقتى ئۆتۈپ كەتسە قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەيدۇ.
سىز دەپسىز: ياشلارنىڭ قانداق بولۇشىنى چوڭلارنىڭ پوزىتسىيەسى بەلگىلەيدۇ.
مەن دەيمەن: چوڭلار قاۋاققا ئازراق بېرىڭلار ئەمسە، ياشلارنىڭ كاللىسى خىلى ئوچۇق، تۈزۈلۈپ قالدى. ئەقىل ياشتا ئەمەس، باشتا.سىلەرمۇ تېرىشىڭلار، ئۆگىنىش بىر ئۆمۈرلۈك بولىدۇ، ئۆلگەن ۋاقتىمىز ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان ۋاقتىمىز.
سىز دەپسىز: «بىزگە ئۇلار ئىككىسى يەتمەيدۇ!بىزدىن يەنە يۈزلەپ،مىڭلاپ يۈسۈپ خاس ھاجىپلار چىقىشى كېرەك!»
مەن دەيمەن: بىزنىڭ ئالىم بولالماسلىقىمىزغا بۇ ئىككى ئالىم سەۋەبكار ئەمەس. ئىككى ئالىم بىزنىڭ بىر مېنۇت ۋاقتىمىزنى ئىلىپ باقمىدى. بۇلار بىزگە روھىي مەدەت، ئۇيغۇرنىڭمۇ دۇنيانىڭ چوققىسىغا چىقالايدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ روھىمىزنى ئۇرغۇتۇپ تۇرغۇچى. باشقىلار روھىي غالىپلىقىمىزنى يوقىتىشنى مەقسەت قىلۋاتقاندا بۇلارنى ئۆزىمىز چەتكە قايرىپ قويۇش مۇناپىقلىقنىڭ جۈملىسى. ئەۋلارلىرىمىز بىز مۇشۇنداق ئۇلۇغلارنىڭ ئەۋلادلىرى دەپ پەخىرلىنىپ ئۈمىد ئىچىدە تېرىشسۇنكى، ھەرگىزمۇ بىز ئەزەلدىن ھىچ ئىش قىلىپ باقمىغان قەۋىمدىن دەپ روھىي چۈشكۈنلۈككە گىرىپتار بولمىسۇن. بىرەر ئايفۇن ئالساق خەققە داملىتىشقا ئالدىرايمىز، ئەجىبا بۇ ئالىملىرىمىزنى داملىمامدۇق؟
سىز دەپسىز: بۇ ماقالەمنى ئۇيغۇر ئانا مائارىپ سېپىدە 32يىل خىزمەت قىلغان بىر پىشقەدەم،مويسىپىت ئاكىمىزنىڭ يۈرەك سۆزىكەن دەپ بىلىپ،بۇندىن كېيىنكى تۇرمۇش مىزانىڭلاردا ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمەن.
مەن دەيمەن: بۇ ماقالىڭىزنىڭ قايسى قىسمىدا، قانداق ئىسلاھات ئېلىپ بارىمىز! مۇشۇ ماقالىنى تۇرمۇش مىزانى قىلساق بەك تەرەققى قىلالامدۇق؟
شۇڭا دەيمەن: ئوت ئۈستىگە ياغ چاچماڭ، ئەلى توغرىسىدا قايتا تېما يوللانماسلىقى كىرەكتى. بۇ ماقالە پەقەت ھاياجانلىنىشتا يىزىلغان، ئۆزىنى توختىۋالغان ئادەمنىڭ پىكىرى ئەمەس (ئەدەبسىزلىك بولسا كەچۈرەسىز، ھەقىقەت ئاتاڭدىن ئۇلۇغ). بۇنى بىز تۇرمۇش مىزانى قىلمايمىز. ئەلىنى 5 يىلدىن كىيىن باھالىساق بولىدۇ، ھازىر بەك بالدۇر. ئۇ كوت-كوتمۇ ياكى پىسخولوگمۇ ۋاقىت بىزگە ھەممىنى دەپ بىرىدۇ. تورداشلار سىز دىگەندەك مەسئۇلىيەتچان بولغاچقا، بالىلىرىمىزغا مەسئۇلىيەتچان بولۇپ، بەزى خاتا ئىددىيەلەر سېڭىپ قالمىسۇن دەپ ئىلمىي تەنقىد ئىلىپ بىرىۋاتىدۇ، سىزدەك ھاياجان ئىلكىدە سۆزلىمەيۋاتىدۇ. بالىلىرىمىز ئۆزىنىڭ مەدەنىيەت تارقاتقۇچى ئەجدادلىرى بارلىقىنى بىلىپ، روھىي كۆتۈرەڭگۈ بولسۇن، ھەرگىز ھېچ ئىش قىلىپ باقمىغان قەۋىمنىڭ ئەۋلادى ئىكەنمىز دەپ روھىي چۈشكۈلىشىپ كەتمىسۇن دەپ سۆزلەۋاتىدۇ. يولداشلارمۇ كۇڭزىنى قەدىرلەپ، كۇڭزى ئېنىستۇتلىرىنى قۇرۇۋاتىدۇ، كۇڭزىنى ئۇنتۇڭلار، بولمىسا نوبىل مۇكاپاتى ئالالمايدىكەنمىز دىمىدى. بىر بالا دادىسىنىڭ ئېسىل ئادەملىكىنى بىلسە، روھلىنىپ شۇنىڭغا خاس ھەركەت قىلىدۇ، دادىسىنىڭ كىملىكىنى بىلمىگەن بالا قانداق بولماقچى؟ جەمىيەتنى خاتا چۈشىنىۋاپسىز، ئىلىنىڭ گەپلىرى يەنە بىر مەزگىلدە تۈگەيدۇ، خۇددى ياسىن جېكسۇن، ھېلىقى ئۇسسۇلچى، يېقىلغۇسىز ماشىنا، نوبىل مۇكاپاتىغا چەكسىز يېقىنلاشقان ئۇيغۇر، ....دىگەندەك. ھازىر بەزى تورداشلار مەس بولدى، ھەرخىل ھاياجانلىق قەسەملەرنى قىلىشىدۇ، يېشىلگەندە ئۇنتۇيدۇ. ھازىر كومپىيۇتېر ئالدىدىن تۇرۇپ، تالاغا چىقسىڭىز ھەممە ئادەم تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىدە، مايلامچى ئاياغ مايلاۋاتىدۇ، دۇكانچى نەرسى سېتىۋاتىدۇ، ئوقۇتقۇچى ئىمتاھان ئىلىۋاتىدۇ، ئوقوغۇچىلار ئىمتاھانغا تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ (ياكى كۆچۈرۈشكە تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ). سىزنىڭ بۇ «مېزان»لىرىڭىز ياكى ئەلىنىڭ «تېرىشىڭلار، ئۆزەڭلارغا ئىشىنىڭلار» دىگىنىگە خەق قىلىۋاتقان ئىشىنى تاشلىغىنى يوق. مۇشۇ مۇنبەر دىگەن بەزىدە ھاراق سورۇنىغا ئوخشايدىكەن، كىرسىڭىز كاللىڭىز قىيىپ قالىدىكەن، مەۋھۇم تەپەككۇر قىلىدىكەنسىز، تالاغا چىقىپ ساپ ھاۋادا نەپەسلەنسىڭىز رىئاللىققا قايتىپ ئۆزىڭىزگە ئوىشايدىكەنسىز.
ئاتكاچىلىق قىلغان بولسام كەچۈرەرسىز! ھەقىقەت ئاتاڭدىن ئۇلۇغ.
ئەمدى بۇ تېمىلارنى يۇغۇشتۇرىدىغان ۋاقىت كەلدى. باشقۇرغۇچىلار ھەممىنى ئۆچۈرۋەتسەڭلار، 2 كۈندە ئىزىغا چۈشەتتى، تورغا چىققۇچىلارنىڭ قىزىقىشىنى قوزغايدۇ دەپ، پايدىنى كۆزلەپ چىقىرىۋەرمەي. ئۇيغۇرنىڭ مەسلىسى لىكسىيەچى مەسلىسى ئەمەس، سىياسىيون كەملىك مەسلىسى، بۇ تېمىلارنىڭ نۇرغۇن خەلقىمىزنىڭ ۋاقتىنى ئىلىپ مۇنازىرە قىلغۇچىلىكى بارمۇ؟ |
|