- تىزىملاتقان
- 2011-3-10
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-2-19
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 4494
- نادىر
- 10
- يازما
- 141
ئۆسۈش
83.13%
|
توختىنىياز كىم ، ئۇ ھېچكىم ئەمەس دىمەيمەن ،ئۇ بىر جەمئىيەتنىڭ ئەزاسى ، دىموكراتىك نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ئۇنىڭ جەمئىيەتنىڭ بىر ئەزاسى بولۇش سالاھىتى بىلەن ھەرقانداق گەپ قىلىش ھوقوقى بار . ئەمەلىيەتتە بۇ خىل ھوقۇق ھەربىر كىشىدە بار . لېكىن بۇ ھوقوقتىن پايدىلىنىپ ھەممە ئادەم سۆزلىسە چوڭ بىر شاۋقۇندىن باشقا نەرسە چىقمايدۇ ، بۇ چوڭ شاۋقۇندا بىز ھەقىقىي ئاڭلاشقا تېگىشلىك سادالارنى ئاڭلىشىمىزغا تەسىر يېتىدۇ ياكى ئاڭلاتمايدۇ . توختىنىاز دىگەن بۇ يىگىتنى سىرتتىن تونۇيمەن ، شۇنداقلا بۇ كىشى مېنىڭ دىققىتىمنى تارتىشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ . بەلكىم بۇ سۆزۈم سەل غەلىتە بولىشى مۇمكىن. ھەقىقەتەن چۈشىنىكسىز بىر گەپ بولغىنى ئېنىق ، ئەمەلىيەتتە توختىنىياز ئىسملىك قارا قاشلىق بۇ يىگىت مېنى تونىمايدۇ ياكى تونۇيدۇ، لېكىن بۇ يىگىتتە ئۆزى تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان چەمبەر ئىچىدە ئىزچىل باشقىلارنى ئۆزىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىشغا زور كۈچ سەرپ قىلغان ۋە ئېتىراپ قىلىشقا ئېرىشىشكە كۈچۈپ باققان ،شۇنىڭ ئۈچۈن مەن مۇشۇ چەمبەر ئىچىدىكى بىر شەخس ھەم تەسىرگە ئۇچرىغۇچى ، ھەقىقەتەن مېنىڭ دىققىتىمنى تاتتى ، لېكىن مەندە ھېچقانداق بىر ئالاھىدە تەسىر قالدۇرالمىدى ، ئەكسىچە بولسا ماڭا مەنمەنچى ، ئۆزىنىڭ روھى دۇنياسىدىكى ئۆزىنى رىئاللىقتىكى مەن دەپ بىلۋالدىغان نورمالسىز ئىنسان تەسىرىنى بەردى .
مەن توختىنىيازنى كېرەكسىز دىمەيمەن ، بەزىلەر كېرەكسىز دەپتۇ ، قانداقمۇ ئۇنداق بولسۇن : مۇنداق بىر ھېكايىنى ئاڭلىغانمۇ ؟
بىر ئادەم ئېغىلدىكى بىر تىزەكنى دومىلىتىپ يۈردىغان كىچىك قۇرۇتنى كۆرۈپ مۇنداق ئويلاپتۇ : ھەي : بۇ خۇدايىم ،نۇرغۇن نەرسىلەرنى يارىتىپتۇ ، بۇ تىزەكنى دومىلتىپ يۈردىغان قۇرۇتنى نىمىشقا ياراتقاندۇ. شۇ گەپنى قىلىپ بىر ئايدىن كېيىن بۇ كىشى قاتتىق كېسەل بولۇپ قېلىپ يىمىگەن دارىسى كۆرۈنمىگەن تىۋىپ قالماپتۇ ، ئىزدە ئىزدە چوڭ بىر تىۋىپنى ئىزدىگەندە بۇ تىۋىپ بۇ كىشىگە : ئېغىللاردا تىزەكنى دومىلىتىپ يۈردىغان بىر قۇرۇت بار ، سەن شۇ قۇرۇت دومىلىتىپ يۈرگەن تىزەكنى يىسەڭ ئوڭشىلىسەن دەپتۇ ، شۇنى يەپ ئوڭشىلىپ دەپتۇغۇ : ئەي خۇدا ،سەن بۇ دۇنيادا بىر تال قۇرۇتنىمۇ ھېكمىتى بىلەن يارىتىپتىكەنسەن ئەمەسمۇ دىگەن ئىكەن .
شۇنداق ئىكەن ، ھەربىر نەرسە بىر ئىشقا يارىتىلغان ئىكەن ،ھەربىر ئىنسان بىر رولغا ،مەلۇم خۇسىسيەت بىلەن يارالغان ئىكەن .
خوش ، ھەممە گەپنى سەمىتاخون بلەن داۋۇتقارىم بىكارچى تۇرسا ھەممە گەپنى دەۋىرەي دەپ دىگىلى بولمايدۇ ، بۇ گەپ مۇشۇ يەرگىچە بولسۇن .
جۇڭگونىڭ تونۇلغان يازغۇچىسى گومورۇ لۈشۈنگە : لۈشۈن ئەپەندى ،سىز جۇڭگو جەمئىيتىنى سۆرەپ كېتىۋاتقان بىر كالا بولسىڭىز مەن شۇ كالىنىڭ قۇيرىقى بولاي دىگەندە يەنە بىر داڭلىق يازغۇچى (ئىسمى يادىمدا قالماپتۇ) سىز شۇ كالىنىڭ قۇيرىقى بولسىڭىز مەن شۇ قۇيرىقتىكى بىر تۈك بولاي دىگەن ئىكەن .
مانا مۇشۇنداق ، ئۇيغۇر جەمئىيتىمىزدىكى ھەرساھەلەرنى بىزنىڭ بىلىم ئىگىلىرىمىز جاپاكەش كالىدەك سۆرەپ ماڭىدۇ ،بىزنىڭ زۇلپىقار بارات ئۆز باشمۇ دەل مۇشۇنداق جاپاكەش بىر كالا . كىملەر بۇ جاپاكەش كالىنىڭ قۇيرىقى بولۇشقا رازى يەنە كىملەر بۇ قۇيرىقتىكى تۈك بولۇشقا رازى بۇ شۇ كالىنىڭ مەنزىلگە يېتىشىگە زور پايدىلىق بولىدۇ ، ئەگەر بۇ قۇيرۇقتا قىچىشتۇردىغان تۈك بوپ قالسا قانداق بولىدۇ دىسەك مانا مۇشۇنداق قۇيرۇقنى قاشلايمەن دەپ يول بويىدا بىر ئېغىنىۋېتىشكە توغرا كېلىدۇ
خەير ، بارلىق ئىلىم سۆيەر دوستلارغا ئىلىم چېيى ياخشى ماڭسۇن ، زۇلپىقار بارات ئۆز باشنىڭ يوللىرى ئوچۇق بولسۇن ،كەمچىلىكلەر بولسا تۈزىتىلىپ ، سېرىق تۈكلەرنى تازىلاپ يوللىرى راۋان بولسۇن .
|
|