- تىزىملاتقان
- 2014-11-14
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-9
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 505
- نادىر
- 0
- يازما
- 37
ئۆسۈش
1%
|
دوكتور زۇلپىقار بارات ئۆزباش كورلىدا تۇنجى قېتىم لېكسىيە سۆزلەيدۇ
ئائىلە جەمىيەتنىڭ ۋە مىللەتنىڭ ھۈجەيرىسىدۇر. بىز ئائىلىدىن كەلگەن، ئائىلىگە قايتىمىز، بىز ئائىلىسىز ياشىيالمايمىز، ئائىلىسىز بىز ئۆز خوشاللىقىمىز، بەختىمىزنى يارىتالمايمىز، بىزنىڭ يىغىمىزمۇ، كۈلكىمىزمۇ ئائىلىمىزدىن كېلىدۇ. ئائىلىمىزدىكى خۇشاللىقنىڭ ئەڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى يەنىلا بالىلىرىمىزدۇر. بالىلىرىمىزنىڭ كەلگۈسىدە ياراملىق كىشىلەردىن بولۇپ، جەمىيەت ئۈچۈن بىر كىشلىك ھەسسە قوشالىشى پۈتۈن ئۆمۈرىمىزدىكى ئەڭ زور خۇشاللىقلارنىڭ بىرىدۇر. بىز ئائىلىدە ياشايمىز، لېكىن كۆپىنچىمىز ئائىلىنىڭ ھەقىقىي مەنىسىنى ۋە ئۇنىڭغا مۇجەسسەملەنگەن ھەقىقىي بەختنى ھېس قىلالمايمىز. بىز جەمىيەتتە ياشايمىز، بىز قۇرىغان ئائىلىنىڭ جەمىيەتتە قانچىلىك رولى بارلىقىنى بايقىيالمايمىز. بىز ئائىلىدە بالىلارنى تەربىيەلەش ئۈچۈن ھەر قانداق بەدەل تۆلەشتىن باش تارتمايمىز، ئەمما، قانداق قىلغاندا كۆڭلىمىزدىكىدەك تەربىيەلەپ چىقىشنى بىلەلمەي گاڭگىراپ قالىمىز. مانا مۇشۇنداق جەمىيەت، ئائىلە، پەرزەنت تەربىيەسى ھەققىدىكى سۇئاللىرىمىز كۆپەيگەنسىرى، بۇلارغا كۆڭۈلدىكىدەك جاۋاب تاپالمىغانسىرى تىت-تىت بولىمىز، تۇرمۇشىمىز مەزىسىزدەك بىلىنىپ چۈشكۈنلۈك ۋە ئۈمىدسىزلىق پاتقىقىغا پېتىشقا باشلايمىز. لېكىن تىرىشقان كىشىگە ماڭىدىغان يول كەم ئەمەس، سىز تېگىگە يېتەلمەيۋاتقان نۇرغۇن سۇئاللىرىڭىزغا ئامېرىكا ھاۋاي ئۈنۋېرسىتېتى جەمىيەتشۇناسلىق فاكولتېتىدا دوكتورلۇقنى تاماملىغان جەمئىيەتشۇناس، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ دوتسېنتى، تەڭرىتاغ ئالىمى، «ئۆزلۈك گىرۋەكلىرىدە»، «جەمىيەتشۇناسلار نېمە دەيدۇ» ناملىق كىتابلارنىڭ ئاپتورى زۇلپىقار بارات ئۆزباشنىڭ باش ئەگىم دىيارىدىكى تۇنجى لېكسىيىسىدىن جاۋاب تاپالىشىڭىز مۇمكىن. پۇرسەت كۈتۈپ ياتقانلارغا ئەمەس، بەلكى تەييارلىقى بارلارغا قۇچاق ئاچىدۇ.
لېكسىيە تېمىسى : چوڭ تېما " جەمىيەت ۋە ئائىلە " يانداش تېما " پەرزەنت تەربىيسى ھەققىدە قايتا ئويلىنىش "
ئويۇشتۇرغۇچى ئورۇن : كورلا زۈبەيىر كىتابخانىسى
ئورنى : كورلا شەھەر خۇايۈەن مېھمانخانىسى 5- قەۋەت يىغىن زالى
ۋاقتى : 2015-يىلى 1- ئاينىڭ 24- كۈنى ( شەنبە ) ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 5:00 دە
بېلەت باھاسى : 110يۈەن .
زۈبەيىر كىتابخانىسىنىڭ ئەزالىق كارتىسى بارلارغا 10% ئېتىبار قىلىنىدۇ .
بېلەت سېتىش ئورنى : زۈبەيىر كىتابخانىسى (37- ئولتۇرق رايۇنى سودا كوچىسى ئىخلاس تاللا بازىرىنىڭ يېنىدا )
چوڭ بازار ئوسمانىيە تاللا بازىرى
فىردوست ساتىراشخانىسى
تەكلىماكان تاللا بازىرى
شەھرىستان تېز تاماقخانىسى
قۇياش نۇرى ئولتىراق رايۇنى تۇلپار تاللا بازىرى
ھەمكارلاشقۇچى ئورۇنلار :
فىردوست ساتىراچخانىسى
شەھرىستان تېز تاماقخانىسى
تېلفۇن :
0996-2204294 13899000631
13667504394 13309961039 15999009255 |
|