- تىزىملاتقان
- 2015-1-11
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-1-20
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 37
- نادىر
- 0
- يازما
- 1
ئۆسۈش
12.33%
|
ئىلىم چىيى دىگەن بۇ سۆزنى تۇنجى قېتىم قاچان، قايسى توربەتتە كۆرگەنلىكىمنى ئەسلىيەلمەيمەن. لېكىن شۇ چاغدا ئىلىم چىيى ئۆتكۈزۈلسە، قاتنىشىش پۇرسىتى بولسا نىمىدىگەن ياخشى ئىش بۇلاتتى دەپ ئويلىغانلىقىم ئىسىمدە. كېيىن سۈيۈملۈك دوكتۇرىمىز زۇلپىقار بارات ئۆزباشنىڭ ئۈرۈمچى تېلىۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ 2-يۈرۈش قانىلىنىڭ « چىن يۈرەكتىن چىن سۆزلەر» پروگراممىسدا ئىلىم چىيى توغرىسىدا زىيارەت قۇبۇل قىلغانلىقىنى يىرىم-يارتا كۆرۈپ قالدىم. ئەمما يەنىلا ئۇنىڭغا قاتنىشىشنى ئارزۇ قىلغان بىلەن ئىشەنچ قىلالمايتىم. ئارىدىن قانچىلىك ۋاقىت ئۆتتى بىلمەيمەن. بىر چاغدا مەلۇم بىر تور بەتتىن ( بەلكىم باغداش بولسا كېرەك) ئىلىم چىيىنىڭ 9-سانىنىڭ سىن فىلىمىنى كۆرۈپ قالدىم. كۆڭلىمدىكىنى ئىيتسام بۇ سىن فىلىمنى كۆرگەندىن كېيىن بىرتەرەپتىن قاتناشقانلارغا ھەۋەس قىلسام بىرتەرەپتىن ناۋادا قاتنىشىش پۇرسىتى كەلسە، دەرقەمتە پىكىرلىشىپ ئولتۇرالايدىغانلىقىمغا ئىشەنچ قىلدىم. بىراق يەنىلا ئەمەلىي ھەركەتكە ئۆتكۈدەك جۈرئەتكە كىلەلمىدىم. بۇنداق بۇلۇشى بەلكىم مېنىڭ ئەڭ چوڭ كەمچىلىكىم ئۆزۈمنى تۆۋەن كۆرۈشۈم بىلەن مۇناسىۋەتلىك بۇلۇشى مۈمكىن. ۋاقىت يەنە ئۈتىۋەردى. بىر چاغدا بىر يىقىن دوستۇم بىلەن ئىلىم چىيىنىڭ پارىڭىنى قىلىشىۋاتقىنىمىزدا ئۇ ماڭا ئىلھام بېرىپ، دادىل بۇلۇشىمنى ئىيتتى. ئۇنىڭدىن سەل ئىلگىرى مەن « جەمئىيەتشۇناسلار نىمە دەيدۇ؟» دىگەن كىتاپنى ئوقۇۋىتىپ، بەزى جايلارنى چۈشەنمىگەچكە دوكتۇر زۇلپىقار بارات ئۆزباشقا تېلفۇن قىلغان ئىدىم. دوكتۇرنىڭ تېلفۇن نۇمۇرىنى بىلىكۈچ كىتاپخانىسىنىڭ مەسئولى ئابلاجان ئەزىزدىن سوراپ ئېلىۋالغان ئىدىم. چۈنكى مەندە ئىجتىمائىي پىسخولوگىيە ۋە جەمئىيەتشۇناسلىققا نىسبەتەن قىزىقىش پەيدا بولغان بولۇپ، ھامان بىر كۈنى دوكتۇرنى ئىزدەشنى ئويلايتتىم. شۇنداق قىلىپ دوستۇمنىڭ ئىلھامى بىلەن قەتئىي نىيەتكە كىلىپ، سۈيۈملۈك دوكتۇرىمىزغا ئىلىم چىيىغا قاتنىشىشنى ئىلتىماس قىلىش ئۈچۈن يەنە تېلفۇن قىلدىم... ... شۇنداق قىلىپ ئاخىرى ئىلىم چىيىغا قاتناشتىم. مەن دوكتۇر زۇلپىقاركامنىڭ كىچىك پېئىللىقىدىن ئالاھىدە مىننەتدارمەن. ناۋادا ئۇنىڭ قىزغىن مۇئامىلىسى بولمىغان بولسا، ئىلىم چىيىدىن ئىبارەت ھازىرقى مۇھىتىمىزغا نىسبەتەن ئالاھىدە بولغان ئىلمىي سورۇنغا قاتنىشالمىغان بۇلاتتىم. مەن بۇنداق بىر ئىلمىي سورۇنغا ئىرىشىشنى ئۇزۇندىن بۇيان ئارزۇ قىلىپ كەلگەن ئىدىم. ئىلىم چىيى ئارقىلىق نۇرغۇن ئىلىمخۇمارلار بىلەن تۇنۇشتۇم. بۇنىڭ ئىچىدىكى بەزى دوستلار بەلكىم ئۆمۈرلۈك دوستۇم بولۇپ قىلىشى مۈمكىن. مېنى ئەڭ خوشال قىلىدىغان يەنە بىر تەرەپ، ئىجتىمائىي پىسخولوگىيە، جەمئىيەتشۇناسلىق، پەلسەپە قاتارلىقلاردىن چۈشەنمىگەن جايلارنى دوكتۇر زۇلپىقاركامدىن بىۋاستە سورىيالايدىغان پۇرسەتكە ئىرشكەنلىكىم ئىدى. بۇنىڭدىن نۇرغۇن يىللار ئىلگىرى مەن ئالبېرىت ئېينىشتىيىننىڭ تەرجىمھالىنى ئوقىغان ئىدىم. ئۇنىڭدا ئېينىشتىيىننىڭ ياش ۋاقتىدا دوستلىرى بىلەن دائىم بىللە ئىلمىي بەس-مۇنازىرە قىلىشىدىغانلىقى، شېئىر ئوقۇشىدىغانلىقى ۋە بىللە دالا ساياھىتى قىلىشىدىغانلىقى بايان قىلىنغان ئىدى. مانا بۇلار ماڭا ئىلىمگە ئورتاق ھەۋەس قىلىدىغان دوستلار ئارىسىدا ياشاشنىڭ ئوتىنى ياققان ئىدى. ياراتقاننىڭ ئىلتىپاتى بىلەن ئاخىرى بۇنىڭغىمۇ ئىرىشتىم. شۈكرى. قىسقىسى، ئىلىم چىيى ئىھتىمال ھاياتىمدىكى مەنىۋى ئىزدىنىشلىرىمنىڭ بىر مۇھىم بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولۇپ قىلىشى مۈمكىن. دوستلار! ھەممىمىز ئۆز ئورنىمىزدا داۋاملىق تىرىشايلى! |
|