قولاي تىزىملىك
ئىگىسى: kuxlan

لىكىسيە ھەققىدە چالا قالغان گەپلەر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

4

تېما

1

دوست

1475

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   47.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  16349
يازما سانى: 126
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 434
توردىكى ۋاقتى: 146
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-4
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-13 03:31:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abdukeram- يوللىغان ۋاقتى  2015-1-13 00:34
بىر قىسىم كىشىلەر ئارىغا بۆلگۈنچىلىك پەيدا قىلىش ئۈچۈ ...

مەسىلەن: قانداق كىشىلەر؟ قارشى تۇرغۇچىلارمۇ ياكى قوللىغۇچىلارمۇ؟ ۋاي ما چاي ئىچكەچ ئولتۇرۇپ ،گەپنىڭ پوسكاللىسىنى دەڭا بىزگە بىي ئوغۇل بالىدەك.

0

تېما

2

دوست

1945

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   94.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25749
يازما سانى: 79
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 622
توردىكى ۋاقتى: 126
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-13 09:15:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇ ھەپتە ئەلى قۇربان،يەنى ئەلى مۇئەللىمنىڭ بىيجىڭ مىللەتلەر ئونۋىرسىتىدىكى لىكسىيەسى پۈتۈن مۇنبەرلەردە غۇلغۇلا بولۇپ بۇ غۇلغۇلا تەدرىجى كىشىلەرنى ئىككى توپقا ئايرىپ قويدى. بەزىلەر قوللىدى ،بەزىلەر ئاتالمىش رەدىيە ،ياكى تەكلىپ نامى ئاستىدا ئەلى مۇئەللىمنىڭ ھەممە نەرسىسىنى ئىنكار قىلدى. مەن دەسلەپ ئەلى مۇئەللىمنى بىرقانچە يىل بۇرۇن مايلامچىلىق قىلغان سۈرئىتىنى مۇنبەرلەردىن كۆرۈپ ،بىر زىيالىنىڭ ئىنتايىن ئۆزگىچە (تىجارەت )ئۇسۇلى مىنى قىزىقتۇرغان ئىددى.ئىسىمدە قىلىشىچە ئۇ ئۆزىگە ئاياق مايلاتقۇزغانلارغا 5يۈۋەن بىرىمەن دەپ ئىلان قىلغانلىقى ماڭا چۇڭقۇر تەسىر قالدۇرغان.راستىننى ئىيتسام ئۇنىڭ نىمە مەقسەتتە بۇنداق قىلغانلىقى كۆپ ئويلىدىم،جاۋابىنى ئۆزەمچە تاپقان بولدۇم،بىراق مۇمكىن بولسا ئەلى مۇئەللىم ئەگەر خالىسا مۇشۇ پۇرسەتتە ئۆزى بىر چۈشەنچە بىرىپ باقسىكەن دىگەن ئۈمۈدتە مەن.مەنچە بۇ ئىنتايىن ئۆزگىچە پىسخىك سىناش دەپ قارىدىم.بەلكى ئەلى مۇئەللىم بىر تەجىربە ئىشلىگەندۇ،بىراق مەزكۇر يازمام بۇ ئىشلار بىلەن مۇناسىۋەتسىز. ئۆز گىپىمگە كەلسەم بۇ مىللەرلەتلەر ئونۋىرسىتىدىكى لىكسىيە ماڭا بەك تىتىدى.مەنمۇ ئەشۇ ئاتالمىش  بىر قىسىم كاللىسىنى ئىشلىتىشنى خالىمايدىغان ئاڭلىغۇچىلار ،قىسقارتىپ (نادان )بالىلار بىلەن ئىككى يىرىم سائەت كۈلۈپ ئولتۇرغاچ ئەلى مۇئەللىمنىڭ ھۇجۇدىدىن پارتىلاپ چىقىۋاتقان  ياشلارغامەسئۇلىيەتچانلىق تۇيغۇسى،ئۆزىگە بولغان ئىشەنچ ۋە مىللەتكە بولغان سۆيگۈسىدىن يۇقۇملاندىم .يەنى ماڭا قالتىس تەسىر قىلدى. مەن ياۋروپادا بىلىم ئاشۇرۋاتقان بىر مۇساپىر ئۇيغۇر يىگىتى بولۇش سۈپىتىم بىلەن شۇنى كىسىپ ئىيتالايمەنكى مەن كۈلمىگىلى بەك ئۇزۇن بولغان.بىراق بۇ لىكسىيە ماڭا بىرتوم كىتاپنىڭ بىلىمىنى بەرگەچ مىنى ھەقىقەتەن يىنىكلىتەلىدى،بۇنىڭ ئۈچۈن ئەلى مۇئەللىمگە رەھمەت ئىيتىمەن. ئەلۋەتتە مەن بىلەن بىرگە مىللەتلەر ئونۋىرسىتىدىكى ئەشۇ ئاتالمىش نادان بالىلار قاتارىدا مەنمۇ كۈلىۋالدىم.ئەگەر بۇنداق پۇرسەن قانچە قىتىم بولسا شۇنچە قىتىم نادانلىق قالپىقىنى كىيسەممۇ لىكىن يەنىلا كۈلۈشكە تەييارمەن. خۇددى ئۇستاز ئابدۇقادىر جالالىدىن ئەپەندى ئىيتقاندەك كۈلۈشكىمۇ سەۋىيە كىتىدۇ.بىر ئادەمنىڭ نىمىگە كۈلگىنى شۇ ئادەمنىڭ مەدەنىيەت ساپاسىنى يورىتىپ بىرەلەيدۇ.
مەن ئۆزەم تارىخى كىتابلارنى كۆپ كۆرىمەن ۋە قىزىقىمەن.شۇ سەۋەپتىن مەن بۇ ئەلى قۇربان تىراگىدىيەسىنى تارىخى نوقتىدىن يورىتىشقا تىرىشىمەن ۋە نىمە ئۈچۈن بۇنى تىراگىدىيە دەپ ئالغانلىقىمنى مەزكۇر تىما تۈگىگىچە ئوقىسىڭىز تەبى چۈشىنىپ يىتەلەيسىز.
گەپنى ئاۋال ئۇلۇغ مۇتەپپەككۈرىمىز ۋە پەيلاسوپىمىز ئابدۈشكۈر مۇھەممەد ئىمىن ئەپەندىنىڭ (بىز ئۇيغۇرلاردا ئەزەلدىن ئەۋلىيا چەتتىن مۇرتى بىزدىن بولۇپ كەلگەن) دىگەن مەنچە مەشھۇر جۈملىسى بىلەن  بىرگە يەنە (ئويغۇتۇش شۇنىڭ ئۈچۈن تەسكى ئۇ ھەر ئىككى تەرەپنى تەڭلا بىئارام قىلىدۇ) دىگەن جۈملىسىدىن باشلاي. ئۆزەمگە سۇئال قويدۇم ،نىمىشقا مۇشۇنداق مۇۋاپىقىيەتلىك بىر لىكسىيە ،مۇشۇنداق ئۈمۈدۋارلىق  ۋە ئۆزىگە ئىشەنچ تۇيغۇسى كۈچلۈك بىر ئۇيغۇر ئوغلانى  بىرقىسىم ئۆز خەلىقىلىرى تەرىپىدىن ئىنكار قىلىنىدۇ؟ئويلاپ باقسام جاۋابى بەكلا ئاددى،ئۇيغۇرلار يىقىنقى زامان تارىخدىكى خىلمۇ خىل بوران چاپقۇن ۋە ئۆزگۈرۈشلەر ئۇزۇن ۋاقىت بىكىنمە ياشاش ۋە ئۇزۇن ۋاقىت (ئۆزلۈك)سىز ياشاش جەريانىدا تەبىيلا يىتىلدۈرگەن ئىنتايىن پاسسىپ مىللى پىسخىكىسى سەۋەپلىك  تىخى بىر قانچە كۈن بۇرۇنقى ئەلى مۇئەللىم پاجىئەسىدەك پاجىئەلەرنى كۆپ ياراتتى شۇ سەۋەبلىك تەبىيلا نۇرغۇن تىراگىدىيەلىك قۇربانلار ۋە بەدەللەر مەيدانغا كەلدى. ئىيتايلۇق بۇنىڭدىن بىرقانچە يۈزيىل بۇرۇن ئاتا بوۋىللىرىمىز ئۆزىنى پەيغەمبەر ئەۋلادى دەپ ئاتىۋالغان بىر شەخىسنىڭ پەقەتلا سىھىرلىك گىپىلا قۇلىقىغا كىرىپ مەقتىستىنى كۆرەلمەي  قۇللۇق دەرۋازىسىنى ئۆزقۇلى بىلەن ئىچىپ بەرگەن شۇ كىشىلەرنىڭ ئەۋلادلىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن  ئۆز ئىچىمىزدە نوقۇل بىرلا سۆزنى تۇتىۋىلىپ بارلىق ئەمگەكنى ئىنكارقىلىش خائىشىمىزنىڭ كۈچلۈكلىگى سەۋەپچى بولسا ،تومۇر خەلىپىدەك  ،خوجىانىياز ھاجىدەك باھادىر پالۋانلارنىڭ باشقىلارنىڭ ئەپسۇن سۆزلىرىگە ئەگىشىپ ئامانەتنى قوش قوللاپ تۇتقۇزۇپ قويىشىمىزدىن ئىبارەت نادانلىقىمىزنىڭ خۇرۇچلىرى تىخى تۈگىگىنى يوق.تىخى يىقىنقى زامانلاردا مۇشۇ نادانلىق سەۋەپلىك ئابدۇقادىر دا موللا  ۋە ئابدۇخالىق ئۇيغۇرلار نادانلىق قۇربانى بولۇپ كەتمىگەنمىدى؟ئەگەر شۇ چاغدىكى خەلىق ئاشۇنادىر سەركىلەرنىڭ نەسھىتىنى ئاڭلىغان بولسا ئىددى ئەلۋەتتە ئەتىمىز تىخىمۇ پارلاق بولماسمىدى؟ ئىنكارچىلارلارنىڭ ئىنكارلىرىغا قاراپ باقسام بەزىلەر ئەلى قۇربان ئۆزىنى مەھمۇد قەشقىرى ۋە يۈسۈپ خاسھاجىپتىن ئۈستن كۆردى ياكى مەنسىتمىدى،ياكى روھ توغۇرلۇق بىرنىمىلەرنى بىرنىمە قىلدى ۋە ياكى ئۇ باشقىلارنىڭ سۆزىنى ئۆزىنىڭ قىلىۋالدى، ۋە ياكى بولمىسا (ق) ھەرىپى توغۇرلۇق ئىكەن.ئەگەر تارىخ بىلىدىغان كىشى بولسىلا قازاق بىلەن ئۇيغۇر ،ئۆزبىك تاتتار، قىرغىز، ئەزھەر، تۈرۈكمەنلەر بىزگە بەك يات قەۋىمدىنمۇ ئەمەس. چۈنكى ئوغۇزغاننى بىز پاتىشاھىمىز دىگەندەك ئۇلارمۇ ئۇنى ئۆز پادىشاھى كۆرىدۇ.ئۇلاردىمۇ كۆك بۆرە رىۋاتىتى بار ۋە بىزنىڭكى بىلەن ئوخشاش،شىۋا پەرىقىنى ھىسابقا ئالمىغاندا ئوخشاش تىلدا پاراڭلىشىمىز شۇڭا بۇ گەپلەر ھەرگىزمۇ پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ . ئەگەر مۇشۇلارنىلا باھانە قىلىپ ئەلى مۇئەللىمنىڭ مەقسىتىنى ئىنكار قىلغۇچىلار بولسا ئۆزىڭىزنىڭ دانالىقىغا قايتا دىئاگۇنۇز قويۇپ بىقىڭ .بەلكىم سىزدىمۇ ئۆتمۈشتىكى كىشىللىرىمىز نىڭ خۇرۇچلىرى تىخى تۈگىمىگەن بولىشى مۇمكىن .مەن بۇلارنى رەدىيە ياكى تەكلىپ دەپ قارىمايمەن.ئەكىسچە بۇ قارا قۇيۇق ئىنكار قىلىش. بىز چۇقۇم باشقا سەركىلەردەك ئەلى مۇئەللىممۇ پاسپورىتسىز يەرگە مەگگۈلۈك يولغا ئالغاندا ئاندىن ئەسلىشىمىز كىرەكمۇ؟نىمە ئۈچۈن ئۇنىڭ ئاتەشلىك قەلبىگە تىخىمۇ كۆپ ئۈمۈدلەرنى بىغىشلاپ ئۇنىڭدىكى ئۆز-ئۆزىگە ئىشىنىش ۋە تىرىشچانلىق روھىنى باشقا چۈشكۈن ۋە يول تاپالمايۋاتقان ياشلارغا تەشۋىق قىلمايمىز؟ئۇنىڭ ياشلارغا دەۋاتقان ۋە دىمەكچى بولغان (سىللەرمۇ مۆجىزە يارىتالايسىلەر،سىللەرنىڭ ئەقلىڭلار مەيلى ياپونلار مەيلى گىرمانلار مەيلى يەھۇدىلار مەيلى ئامرىكىلىقلاردىن ئۈستۈن تۇرسا تۇرىدىكى كەم ئەمەس)دىگىنىنىڭ نەرى خاتا؟ھاياتنىڭنىڭ مەنىسىنى تاپ، قىلىمەن دەپ بىر نىيەتكە كەلدىڭمۇ قىلالايسەن دىگەن گەپلىرىنىڭ نەرى خاتا؟نۇغۇن پىسخىكا ۋە رھىيەتتىكى ئاتالغۇلارنى ئاۋام چۈشەنگۈدەك قىلىپ يۇمۇرلۇق شەكىلدە بىلىم بىرىش ،سۈرلۈك ھالدا قۇلىدا بىرتال چىۋىق كۆتۈرۈپ توختىماي ئەيىپلەيدىغان،ياش  مايسىلارنىڭ غورۇرىغا تىگىپ  ئۇلارنىڭ ئۆزلۈك غورۇرىنى پۈكلىۋىتىدىغان ئوتتۇرا ئەسىر مائارىپىدىن ئەۋزەل ئەمەسمۇ؟ بۇ تىراگىدىيە زىيالىلاردىكى ھەسەتخورلۇقنى ۋە ئاۋامدىكى بىرقىسىم كىشىلەرنىڭ بۇرۇنقىلار بىزگە يالداما قىلغان پاسسىپ تەپەككۈر ئۇسۇلىنى جانلىق ۋە ئىنىق يورۇتۇپ بەردى .ئەلۋەتتە بۇ مىنىڭ سەخسى قارىشىم .مەنچە ئەلى مۇئەللىمدىكى ئۆزگىچە ئىپادلەش ئۇسۇلى توسقۇنلۇققا ئەمەس ھىمايە قىلىنىپ تەرەققى قىلدۇرۇلۇشقا مۇختاج. قاراڭلار ھىلىقى ئاتالمىش نادان  مىللەتلەر ئونۋىرسىتىدىكى بالىلارنىڭ كەيپىياتىغا،ئىككى يىرىم سائەت ھىچ تەنەپپۇسسىز بۇ لىكسىيەدە ،ئۇلارنىڭ چارچىغانلىقىنى كۆرەلىدىڭلارمۇ؟ سەخسەن مەن چارچىمىدىم ئەكىسچە يىنىكلەپ قالدىم.مانا بۇ ئەلى قۇربان ياكى ئەلى مۇئەللىمنىڭ غەلبىسى.مىسرانىم تورىدىكى ئەلى مۇئەللىمنىڭ بۇ ئىشلارغا قىلغان ئىنكاسىنى كۆرۈپ راستىننى ئىيتسام بىئارام بولدۇم. سەۋەبى ئۆز خەلىقى ئىچىدە ئىتراپ قىلىنىشنى ئۈمۈد قىلغان ئۆز ياش ئەۋلادلىرىغا يۈكسەك مەسئۇلىيەتچانلىقىنى كۆرسىتىۋاتقان بۇ قەلىپ سەل چارچىغاندەك،سەل ئۈمۈدسىزلەنگەندەك سەل باتنىغاندەك كۆرۈندى. بۇ پەقەتلا مىنىڭ شەخسى قارىشىم .ئەلۋەتتە ئەلى مۇئەللىمنىڭ ئۆزىگە شۇ ئىشلار ئايانكى ئۇ ئۈمۈدسىزلەنسە ،ئۇ چارچىسا ئۇنىڭغا ئەگىشىپ كۆپ ياشلار ئۈمۈدسىزلىنىدۇ ۋە چارچايدۇ.شۇڭا ئەلى مۇئەللىم ھازىر يالغۇزلا ئۆزىگىلا ۋەكىللىك قىلىپ قالماستىن  بەلكى بىرقىسىم ئىلىم سۆيەر ياشلارغىمۇ ۋەكىللىك قىلىدۇ.بۇ يازمىنى يىزىشىمنىڭ مەقسىتى مىنىڭ ئۇنى قوللايدىغانلىقىمنى بىلسىكەن ،ئۆزىنى يالغۇز ھىس قىلمىسىكەن دىگەن ئۈمۈدتە يازدىم. شۇنداقلا مەيلى ئۇيغۇرلاردا قانچىلىپ پىسخولوگ بولسۇن ،لىكىن ئەمەلى، ياشلارنى تەربىيلەۋاتقان يەنى ئەمەلى ئىش قىلىۋاتقان پەقەت بىرلا ئەلى قۇربان بار.بۇ ئەلۋەتتە مىنىڭ شەخسى تۇيغۇم.
قالغىنىنى ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئۆزىگە قويىمەن. ئاخرىدا قوشۇپ قويىدىغىنىم بۇ مۇنبەر بىلىم خۇمار ئاكا ۋە تاشپولاتكام ، بىلگىجان ئاكام ۋە شۇنداقلا ئەلى مۇئەللىملەر بىلەن گۈزەل.
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

0

دوست

279

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   93%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33483
يازما سانى: 3
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 92
توردىكى ۋاقتى: 5
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-13 11:20:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
951986172 يوللىغان ۋاقتى  2015-1-12 19:01
مەرھۇم زۇردۇن سابىركام ھايات ۋاقتىدا بىرسى سوراپتىكەن ...

مانا كۆڭۈلدىكىدەك ئىنكاس

0

تېما

0

دوست

172

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   57.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32784
يازما سانى: 4
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 74
توردىكى ۋاقتى: 14
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-8
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-13 11:44:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
2015-يىلىنى كىتاب يىلى قىلىمىز دەۋەتقان ئىدۇق،ئەسلى غاجىلاش يىلى قىلغان بولساق توغرا بولاركەن

0

تېما

1

دوست

643

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   28.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28539
يازما سانى: 22
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 192
توردىكى ۋاقتى: 46
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-13 12:57:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېما ئىگىسى ، ئىملا دىگەنگە دىققەت قىلىپمۇ قويماپسىزغۇ لىكىن...

hasalharisi

8

تېما

1

دوست

2268

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   8.93%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  13190
يازما سانى: 151
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 180
تۆھپە : 570
توردىكى ۋاقتى: 129
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-3
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-13 13:32:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
gullen يوللىغان ۋاقتى  2015-1-13 09:15
مۇشۇ ھەپتە ئەلى قۇربان،يەنى ئەلى مۇئەللىمنىڭ بىيجىڭ م ...

ئەجەپ ھاردۇقۇم چىقىپ قالدى. قوللايدىغاننى چوقۇم قوللاش،قوللاش،قوللاش، يەنە قوللاش  كېرەك.

0

تېما

0

دوست

133

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   44.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33494
يازما سانى: 4
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 28
توردىكى ۋاقتى: 5
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-13 13:39:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پەرھات ئەپەندى سىزگە ئاپىرن بولسۇن. سىز ئەلى ئەپەندىم دىگەن غاجۇلغۇچىلارنىڭ بىر تۇرگە تەۋەكەنسىز !مىنڭچە سىز چىشلىرىڭىزنى يۇلىۋىتىپ قايتىدىن ئالماس ياكى بىليارىتىن ئالماشتۇرۇپ ئاندىن ھۇجۇمغا ئۇتسىڭىز قانداق؟

7

تېما

4

دوست

5483

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   9.66%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2867
يازما سانى: 442
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 156
تۆھپە : 1551
توردىكى ۋاقتى: 350
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-13 14:57:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kuxlan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-13 15:12  

بىر ياپونلۇق ئۆزنىڭ بالىسغا ئالۋاستى دەپ ئىسىم قويغاچقا  پۈتۈن ياپونىيە خەلقى غۇلغۇلا قىلىپ ئۇنىڭ ئىسمنى ئۆزگەرتىشكە مەجبۇرى قىلغان ئىكەن،چۈنكى ئىسىم بىر مىللەتنىڭ بەلگسى نامايەندىسى بولالايدۇ ۋاقتى كەلگەندە


مەن  ئۆز قۇلقىم بىلەن ئاڭلاپ باقىمدىم لىكىن ئىنكاسلاردىن بىلىشمچە،پەلتو بىلەن قەسەم قىلمەن،،،دېسە ھېلى ئوقۇغۇچىلارنى ئەخلەت دېگەن گەپلەر بار ئىكەن،بۇنىڭغاھەدە پ تۇرغاندا  بۇدا (بۇنىمۇ توردىكى ئىنكاسلاردىن كۆردۇم نەق فىىلمنى كۆرمىدىم) مەھمۇد قەشقىرىدن مۇھىم دېگەندەك گەپلەر بولىنپتۇ،،بۇ گەپلەر نېمشقا پەيدا بولىدۇ،؟ ،بۇلارنى نېمە دەپ يۈرۈيدۇ،ئۆزنىڭ پسخولوگىيسى ھەققىدىلا سۆزلىسە بولىدىغان ئشلارغۇ؟ قارشى پىكىرلەرمۇ ئاساسەن شۇنىڭدىن كېلىپ چىقتى.باشقىلارنى جەلىپ قىلىش ئۈچۈن بۇنداق پاد پاد سەزگۈر گەپلەرنى قىلمسا بىزمۇ غاجىلمايمىزدە. سىلەر ئۇ تەرەپلەرگە كەلگەندە چاپان ياپسىلەر بىز دەل شۇ يەرلەرنى تىلغا ئالىمىز ھەمدە باشقا ئىجادى تەرەپلەرگە  سەلبىتەسىر كۆرستىپ قويماسلىقىنى سەمىمى ئەسكەرتىمىز،شۇلارغا ئاساسەن مەن ئۇنىڭ ئىدىيسىى غەربچە دېدىم.مەسىلىلەرگە تۇتقان پوزىيتىسىلەردىن بۇلارنى ھېس قىلىغىلى بولىدۇ،
مەن ئۇنىڭدىن باشقا ياشلارغا كىشلەرگە ئۈمىد،ئىشەنچە تۇيغۇسى بەرگەن ھەرقانداق لېكسيسىگە قارىتا قوللاش پوزىتسيسدە بولۇپ كەلدىم. ئۇنىڭغا نېسبەتەن ھۆرمەت تۇيغۇسىىمۇ بار،لىكىن ئەگەر شۇنداق گەپلەرنى لىكسىيگە ئارلاشتۇرۋالسا ئۇنى تۇتامى يوقكەن دەۋرىمەن.
بۇنى غاجاش دەپ چۈشىنىپ ھېسى پىكىر بويىچە بىرمۇنچە ئىنكاس يېزىپتۇق،ھەتتا تارىختىكى مەشھۇلارنى تىلغا ئېلىپ كېتىپتۇق..ئۇ گەپلەرنى شۇ زاماندىكى ھېچ بولمسا30 يىلنىڭ ئالدىدىكى ئادەملەرگە دەپ قايىل قىلڭلار،.ھازىر دەۋرىر ئۇ چاغقا ئوخشمايدۇ،،،ئۇچاغلاردا كىشلەردە پەقەت ھەسەت قىلش،پىتخورلۇق بارئىدى   يېڭى زاماندا بىز ئۆز ئويلىرىمىزنى كۆپ نۇقتىدىن تەھىلىل قىلىمىز،ئەلى مۇئەللىممۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس. تەپەككۇرىمىز نىبوغۇپ تۇرۇپ قانداقتۇر ئۇيۇشىچانلىق ئۈچۈن ھېس قىلغانلىرىمىزنى دېيەلمەسلىكىمىزنى ئۇنىڭ ئۆزىمۇ قوللىمايدىغۇ دەيمەن،چۈنكى بۇ بىر پىسخىك توسالغۇنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ.
[ناۋادا شۇنداق بولسا بىزدە قارىشى پىكرلەر بولىنمايدىغان  بولۇپ كەتمەمدۇ؟
ئەھۋال بۇنداق بولسا ساقلانغان مەسىللەرنىمۇ كۆرستىپ بېرەلمەيدىغان ،ئۆزىگە تەنقىد  قارىيالمايدىغان ئاجىزخەق بولۇپ قالمامدۇق؟

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )