- تىزىملاتقان
- 2012-3-19
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-12
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 3390
- نادىر
- 0
- يازما
- 103
ئۆسۈش
46.33%
|
ئەلى مۇئەللىمنىڭ ئاتۇشتىكى لىكسىيەسىنى تولوق كۆرگەن،قوساقتا ھەقىقەتەن بىلىم بار،لېكسىيە جەريانىدا نۇرغۇن پايدىلىق ئىدىيەلەرنى تارقاتتى،ئۇيغۇرلاردىن ھازىرقى زاماندا مۇنداق بىر كىشىنىڭ چىققىنىغا خوش بولدۇم،لىكىن ئاخىرىدا مەن بۇ ئاداش بىر كۈنى بولمىسا بىر كۈنى قاتتىق مۇنازىرىگە قالىدۇ دەپ تور بەتنى ئۆچۈرگەنتىم،سەۋەبى بىرلا ئۇ بولسىمۇ مىللەتنىڭ قىرىغا بېرىپ قالغانلىقتۇر.مەن 95يىلى ئۈرۈمچىدە تۈنجى ئىنگىلىسچە كورۇستا ئوقۇغان (ھەرەمباغدىكى زۇلپىقارمۇ شۇ سىنىپتا ئىدى،)،شۇ چاغدا بىر ئوقۇتقۇچىمىز بار ئىدى،ئىسمۇ ئەكپەر،شىنجاڭ مائارىپ ئىنىستىتوتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئىدى،تۇنجى كۆرگەندە ئىڭىكىم ساڭگىلاپ قالغان،ئالتىنجى ئاي قاق ئىسسىقتا ھوشۇقتىن بىر غېرىش ئىگىز خونجىلۇق ئۆتەك،شۇنىڭغا تۇتىشىپ قالاي دىگەن كالتا ئىشتان(ئاز دىگەندە ئالتە يانچۇغى بار)،ئاق رەڭلىك ئالدى كەينى پۈتۈن ئىنگىلىسچە ھەرىپ بىلەن(سۆزلۈك ئەمەس ) تۇشۇپ كەتكەن كالتە يەڭ كۆينەڭ،قۇلاق تەرەپتە ئاساسەن چاچ قىرىۋىتىلگەن،ئۈستى تەرەپ چوتكىدەكلا (ئەممابۇ پاسون8- 10يىلدىن كىيىن ئۈرۈمچىدە رەسمىي مودا بولدى،ھازىرغىچە سوۋۇمىدىغۇ)،قولىدا بىر قۇتا كۇكا كولا(بىر سائەت دەرستە ئىچىپ بولىدۇ) ،ئىنگىلىسچە ئەھۋال سوراپ دەرسنى باشلىغانتى خېلى بىر چاققىچە ئېسىمنى تاپالماي قالغان،دەرس جەريانىدا مەن قەشقەرلىك دېگەنتى تېخىمۇ ئۇنجۇقۇپ كەتتىم،گەپ سۆز ،ئوي -پىكىر،تەپەككۈر،قىممەت قاراش،سىرتقى كۆرۈنۈشتىن ئۇ كىشىنى ئۇيغۇر دېگىلى بولمايتتى،ئەمما ئۇ ھەقىقەتەن ئۇيغۇر ،شۇنىڭ بىلەن مەن بۇ خىلدىكى يات تىلنى ھەددىدىن زىيادە زېھىن بىلەن ئۈگۈنۈپ ئۆزلۈكىدىن قېيىپ كەتكەنلەرنى قىردا قالغانلار دەيدىغان بولدۇم،مىسال ئالساق ئەتراپىمىزدا بۇ خىلدىكى ئادەملەر خېلى بار،ئۇزۇن يىللار بۇرۇن خىزمەتدىشىمنىڭ(ئەر خوتۇن ئىككىلىسى ئۇيغۇر) ئۆيىگە كومپيۇتېرىنى ئوڭشاپ بەرگىلى كىرگەندە ،مەكتەپتە ئوقويدىغان ئوغلىنى پەسكە چۈشۈپ ئوينا دېسە بالىسى :پەستە ھەممىسى ئۇيغۇر بالىلاركەن ئۇيغۇرلار ئەسكى مەن ئۇلار بىلەن ئوينىمايمەن دېۋىدى (خەنزۇ سىنىپتا ئوقۇيتتى، ئەلۋەتتە پۈتۈنلەي خەنزۇ تىلىدە دېدى楼下全是维族娃娃,维族人坏得很,我不和他们玩)تاس قالدىم ھۇشۇمدىن كەتكىلى،شۇنىڭغا ئوخشاش ئەلى مۇئەللىممۇ قېيىپ كەتكەنلەر توپىغا كىرىدۇ،يەنە كېلىپ ياش ،مىجەز خۇلۇق،كەمتەرلىك ۋە نۇرغۇن جەھەتلەردە تېخى يېتىلمىدى،كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ تەنقىد پىكىر بېرىشى بىلەن ،ئۆزىنىڭ توختىماستىن تىرىشىشىدە كەلگۈسىسىنىڭ پارلاقلىغىغا ئىشىنىمەن،10-15يىلدىن كىيىن ھازىرقى ئەسەرلىرىنى كۆرگەندە ئەجەب بەزى گەپ-سۆزلىدە ياشلىق قىپتىكەنمەن دېيىشىگە ئىشىنىمەن.ئەلى مۇئەللىم ئۆزىمۇ ئىنكار قىلماس ئۆزىنىڭ ھازىرقى ساپا سەۋىيەسى ھاياتىدىكى ئەڭ يۇقۇرى پەللىسى ئەمەس.
جاھاندا مۇكەممەل ئادەم بولمايدۇ،سىز بىز ئەلى مۇئەللىممۇ شۇنداق،ھايات يولى توختىماستىن ئۆزىنى بىلىش،ئۆزىنى چۈشىنىش، ئۆزىنى مۇكەممەللەش جەريانىدۇر،ئۆزىمىزگە يول ئەپ قويايلى ،باشقىلارغىمۇ يول بېرەيلى،ئۆزىمىزنى ئاسرايلى،باشقىلارنىمۇ ئاسرايلى،باشقىلارنى كەچۈرۈش ئۆزىمىزنى ئاسرىغانلىقتۇر.
ئىنكاس يېزىۋاتقان تورداشلار! توردا بىر بىرىڭلارنى ھاقارەت قىلىشماڭلار،قىلچە ئەھمىيىتى يوق. |
|