- تىزىملاتقان
- 2014-5-1
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-20
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2701
- نادىر
- 0
- يازما
- 223
ئۆسۈش
23.37%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ilqi62 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-1-18 16:19
astanam يوللىغان ۋاقتى 2015-1-12 23:41
ئەلىگە تەنقىدى پىكىر بەرگەنلەرنى قارا-قۇيۇق ئەيىپلىمە ...
ئەلى قۇربانغا قارىتا ئەلبەتتە پىكىر بىرىش كىرەك، پىكىر بەرگەنلىك ئۇنىڭغا ياردەم قىلىغانلىق، پىكىر بەرگەنلىك ئۇنىڭغا تېخىمۇ يۇقۇرى تەلەپ قويغانلىق. پىكىر بەرگەنلىك ئەسلىدە ئۆز مىللىتىمىزنىڭ كەلگۇسىگە كۈڭۈل بۆلگەنلىك. .....، ئەمما پىكىر بىرىش چۇقۇم ۋاخىت، ئۇرۇن، مۇۋاپىق پەيت، مۇھىتنىڭ چەكلىمىلىرىدىن ئۈتۈشى كىرەك ئىدى. بىزنىڭ ئەجداتلىرىمىز ھېچقانداق ۋاخىتتا خەلقى ئالەم ئالدىدا بىرەرسىنىڭ خاتالىغىنى كۆرسۈتۈپ قويغان ئەمەس. ئەگەر خاتالىغىنى كۆرسۈتۈپ قۇيۇش زۈرۈيىتى بۇلۇپ قالسا چۇقۇم پىنھان ئۇرۇننى تاللاپ ئىلمىلىك بىلەن يىتەكلەش ۋە ئىلھام بىرىش ئاساسىدا ناھايىتى ئىھتىياتچانلىق بىلەن كۆرسۈتۈپ قۇيۇپ كەلگەن. بىر ئادەمنىڭ ئەپتى - بەشىرىسىنى خەلقى ئالەمگە يېيىش ئۇسۇلى بىلەن كۆرسۈتۈپ قۇيۇش ئەخلاققا، ئادىمىيلىككە تۈپتىن خىلاپ. ئەگەر بىرەر يېقىن ئادىمىڭىز سىزنىڭ بىرەر كەمچىلىگىڭىزنى ئۇرۇن تاللىماي خالىغان يەر خالىغان ئادەملەر ئارىسىدا كۆرسۈتۈپ قويسا سىز شۇ ئاغىنىڭىزگە قانداق قاراشتا بۇلارسىز؟ ئەگەر مەلۇم بىر ئۇرۇندا ئىشلىگەن بولسىڭىز باشلىقىڭىز سىزنى شۇنچە كۆپ خىزمەتداشلىرىڭىزنىڭ ئالدىدا تەنقىتلىسە سىز شۇ باشلىقىڭىزغا ھۆرمەت قىلغۇڭىز كىلەرمۇ؟ ھەممىمىز بالاغەتكە يەتكەن ئادەملەر بۇلۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئۈزىمىزگە بىر قۇر تەدبىقلاپ باقساق بۇ قېتىمقى ئېلى قۇربان دولقۇنىدا ھەممىمىزنىڭ چەكتىن ئاشۇرۋەتكەنلىگىنى ھېس قىلىمىز. ئۇنىڭ ئۈستىگە توردىكى تەنقىت بىلەن گىزىت زورنالدىكى تەنقىت بىر -بىرگە ئوخشىمايدۇ. تور بىلەن ئەدىبى كىتاپنى ئوخشاش ئۇرۇنغا قويغىلى بولمايدۇ. شۇنداق بولغاچقا ئەدىبى تەنقىت بىلەن تور ئارقىلىق قىلىنغان تەنقىتنىڭ ئاسمان زىمىن پەرقى بار. ئەدىبى كىتاپتىكى تەنقىتتە پەقەت كەسىپ ئەھلىلىرىلا پىكىر قىلالايدۇ. ئەمما توردىچۇ؟ تورغا خەت يازالايدىغان ھەر قانداق ئادەم سۆز قىلالايدۇ، قىسقىسى كىم نىمىنى يېزىش ئەدىبى تەنقىتكە ئوخشاش چەكلىمىلىككە ئىگە ئەمەس. زىۋىدە خانىممۇ ناھايىتى ئىھتىياتچانلىق بىلەن بەزى مەسىلىلەرنى ئوتتۇرغا قويۇپتۇ. لېكىن بىز زىۋىدە خانىمنىڭ ياخشى كۆڭلىنى چۈشەنمەيلا قالماستىن بەلكى زىۋىدە خانىمغىمۇ زور بېسىم ۋە كۈڭۈلسىزلىك تېرىپ بىرىۋاتىمىز. زىۋىدە خانىم ئاشۇ تىمىنى يازغانلىغىدىن مىڭ پۇشايمان قىلغان بۇلۇشى مۇمكىن، بىز شۇنداق پۇشايمان قىلىشقا مەجبۇرلاپ قويدۇق. ئەسلىدە زىۋىدە خانىممۇ يازغان تىمىسىنى بىرەر مەتبۇئاتتا ئوتتۇرغا قويغان بولسا ياكى ئۈزى بىلەن بىۋاستە كۈرۈشكەن بولسا بۇلار ئىكەن، بۇنداق كۈڭۈلسىزلىكلەرمۇ بولماس ئىدى.
مەن سىزنىڭ پىكىر قىلىش ئىختىدارىڭىزنىڭ يۇقۇرلىغىغا قايىل بولغاچقا بۇ ئىنكاسنى يازدىم. خاتا چۈشۈنۈپ قالماڭ. |
|