- تىزىملاتقان
- 2012-8-27
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-13
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1214
- نادىر
- 0
- يازما
- 41
ئۆسۈش
21.4%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا lopnuri تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-2-1 16:49
ئۈمىد غەنى بارلىق ئۇيغۇرلارغا «ئۇيغۇرچە كىتابلارنى ئوقۇماڭلار» دەپ جار سالغان بولسا، ئۈمىد غەنىگە ئېيتىپ قويۇڭلار ، ئۈمىد پاراڭلىرىدا خەنزۇچە ياكى ئىنگىلىزچە سۆزلىسۇن. ئۇيغۇرچە سۆزلىمىسۇن. ئۈمىد پاراڭلىرىدا گەرچە «ئۇيغۇرچە كىتابلارنى ئوقۇماي تورۇۋېلىپ ، ئۇيغۇر يازغۇچىلارغا يېزىقچىلىق سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە بېسىم ئىشلىتىش كېرەك» دېگەندەك گەپلەرنى قىلىپ ئۆزىنىڭ كەتكۈزۈپ قويغان تەرەپلىرىنى يېپىشقا ئۇرۇنسىمۇ، ئۇنىڭ بۇ پروگراممىدىكى قالايمىقان سۆزلەشلىرى ئۇنىڭدىن ئۇيغۇرلار نەپ ئالغۇدەك، ياشلىرىمىز ئىلھام ئالغۇدەك نەرسىنىڭ چىقمايدىغانلىقىغا ئىشەندىم. ماۋزېدۇڭنىڭ گېپى بويىچە ئېيتقاندا «تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلمىغاننىڭ سۆزلەش ھوقۇقى يوق ». ئۆزى تۈزۈكرەك بىرەر پارچە كىتاب يازماي تۇرۇپ، ئۇيغۇرچە كىتابلارنى ئوقۇماي تۇرۇپ، قارغۇلارچە بىلجىرلىسا بۇنداق ئادەمنىڭ گېپىنى يەنە تىڭشاش زۆرۈرمۇ؟ ياشلىرىمىزدا بىر كىشىنىڭ شەخسىي نوپۇزىغا قاراپ تۇرۇپ شۇلارغا قارغۇلارچە ئەگىشىش خاھىشى ئېغىر. ئۈمىد غەنى بىر پروگراممىدا رىياسەتچىلىك قىلىپ ئازراق نام قازانسىلا ئۇنىڭ ھەممە گېپى توغرا بولىۋەرمەيدۇ. شۇڭا، شەخسىي نوپۇزغا ۋە خىزمەت ئورنىغا قاراپلا ئۇنىڭ سۆزلىگىنى توغرا ئوخشايدۇ دەپ قالمايلى. تەنقىدىي مۇئامىلە قىلايلى! ئۇيغۇر يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرىدە ئۇيغۇرنىڭ تىلى، مەدەنىيىتى، تارىخى، ئۆرپ-ئادەتلىرى، ئېسىل ئەخلاق-پەزىلەتلىرى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن بولىدۇ. بۇ ياشلىرىمىزنىڭ ھەر قايسى تەرەپلەردىن روھى ئوزۇق ئېلىشىغا ياردىمى بولىدۇ. بەلكىم، پەلسەپە قاتارلىق پەنلەردە بىزدە ئوقۇغىدەك يۇقىرى سەۋىيەلىك كىتابلار بولمىسىمۇ، ئەمما باشقا ساھەلەردە بىز ئوقۇشقا تېگىشلىك نۇرغۇن ئېسىل ئەسەرلەر بار. «قۇتادغۇبىلىك»، «تۈركىي تىللار دىۋانى» كەبىي كىلاسسىك ئەسەرلىرىمىز يەنىلا ئۆزىنىڭ ئىلمىيلىكىنى ۋە بۈيۈكلىكىنى يوقاتقىنى يوق. بىر تەرەپكە زىيادە ئېغىش، ئۆزىنىڭكىنىلا راست دېيىش قوڭامدا ئىشتان يوق، ئېتىم مارجان بۈۋى دېگەندەك بىر ئىش. مۇشۇ لېكسىيە سۆزلەۋاتقان ناتىقلىرىمىزغا تەكلىپىم: ئۆزۈڭلارنى زىيادە ئەقىللىق چاغلاپ كەتمىسەڭلار، تاغنىڭ كەينىدە تاغ بار دېگەندەك، سىلەرگە ئوخشاش كىتابنى دوست تۇتۇپ، ئۆزىنى تاكاممۇللاشتۇرۇپ كېلىۋاتقانلار ئارىمىزدا ئاز ئەمەس. ئىلىم ئۆگىنىش بىلەن بىللە ئىلمدارنىڭ پەزىلىتىنىمۇ قوشۇپ ئۆگەنسەڭلار. ئالدىڭلاردىكى بارلىق تىڭشىغۇچىلارنى ھەممىسى ئوخشاشلا بىر تۈپ بەسەي ئوخشايدۇ، دەپ قالمىساڭلار. كەمتەر بولساڭلار سىلەرگە ئىگىلىپ ھۆرمەت بىلدۈرۈشكە ھەر ۋاقىت تەييارمىز. ئالىم بولماق ئاسان، ئادەم بولماق قىيىن. |
|