- تىزىملاتقان
- 2013-9-14
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-19
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2162
- نادىر
- 0
- يازما
- 73
ئۆسۈش
5.4%
|
ئۇيغۇرلارغا نىمە بولغاندۇ ؟ ئۇ ماڭا شۇنداق سۆيۇملىك ، جاپاكەش ئەمما چىداملىق ، قەيسەر ، ھەرقانداق ئېغىرچىلىق دەرت - ئەلەملەر بېشىغا كەلگەندىمۇ ئەقىل پاراسىتى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلىقىنى نامايەن قىلىپ ، قەيسەرلىك بىلەن ياشاپ كېلىۋاتقان بىر قەۋىم سۇرتىدە زاھىر بولۇپ كېلىۋاتقان . تۇيغۇم مېنى ئالدىمىغاي ئىلاھىم !
تارىختىن بۇيان مىللىتىمىزنىڭ بېشىغا كەلگەن كۇلپەتلەر ئاز بولدىمۇ ؟ ئادەم ئاتىدىن باشلاپ ھىساپلىغاندا ،مانا يىگىرمە بىرىنچى ئەسىرگىچە ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلىقىنى يوقاتماي ، ئەجداتتىن -ئەۋلاتقا ھاياتلىق يىپلىرنى ئۈزمەي ياشاپ كېلىۋاتقان بىر مىللەتنى بىر قىسىم كىشىلەر باشقىلارغا كېسەلمەن كۆرسىتىپ نىمە قىلماقچىدۇ ؟ بۇ دۇنيانىڭ ئىشلىرى ياراتقۇچى تەرپىدىن ‹‹ئەجىر -ئەزىم ›› قانۇنىيتى بويىچە شۇنداق مۇكەممەل ، رىقابەت ، خىرىسلىق ، بوران چاپقۇنلۇق قىلىپ يارتىلغان . جانلىقلار ياشاش جەريانىدا خرىسقا رىقابەتكە مىنۇت -سىكونت چارە - ئامال تېپىپ ياشايدىغان گەپ . بۇ ئۇزۇن تارىخى جەرياندا ئۈزلىكسىز داۋاملىشىدۇ ، مۇشۇ جەرياندا رىقابەت ، خرىسقا بەرداشلىڭ بېرىپ ھاياتى كۈچىنى ساقلاپ قالمىسا ئۇ شاللىنىدۇ . شۇڭا ھەيۋىسى بىلەن باشقىلارنى سېپىل سوقتۇرۇپ نەچچە يۈز يىل ساراسىمە قىلغان قەۋىملەرنىڭمۇ ھازىر ئىسمى بار جىسمى يوق ، ئەمما ئۇيغۇر مانا مەۋجۇتقۇ ؟!
بىر مىللەت ،مىللەت بولۇپ شەكىللىنىپ تەرەققىي قىلىش ، باشقا قەۋىملەرنىڭ ئۇۋېرسال ساپادا ئالدىغا كىرىپ كېتىش ياكى ئارقىدا قېلىشى بۇ مۇتلەق باقىۋەندە ھادىسە بولماستىن ئۆزگۈرىشچانلىققا ئىگە ، بۇنىڭغا ھەممىمىز بىلىدىغان يەھۇدىيلار مىسالدۇر .دېمەك ئارقىدا قېلىش ، ئالدىغا كىرىپ كېتىش بۇ تۆت كۈندە بولىدىغان ئىش ئەمەس ! بۇ ئۇزاق ۋاقىت كېتىدىغان ئىش . ئاغزىدىكى سوسكىنى تۈنۈگۈن تاشلىۋېتىپ بۇگۇن چەكچىيىپلا مىللەتتىن قۇسۇر ، كېسەل ئىزدەپ ، دىئاگىنوز قوياپ ،ئۇنداق -مۇنداق دەپ ، ئارقىدا قاپتۇق دەپلا خەخنى قوغلاپ يېتىشىدىغان يۈگۇرۇش مۇسابىقىسى ئەمەس -دە بۇ .
كىتاب- ئىنسان ئەقىل پاراسىتىنىڭ جەۋھىرى ! ئەقىل پاراسەتنىڭ ياخشىسى يامىنى بولامدا ؟ ئۇنىڭ ياخشى -يامىنى شۇ ئەقىلنى ئۆزلەشتۈرۈپ ئىشلەتكەن ئادەمنىڭ ياخشى ياكى يامان نەتىجىلىشىدە ئىپادىلىنىدۇ . ئۈمىد غەنى ئۇيغۇر تىلىدىكى كىتاپلارنى ئوقۇمىسا مەيلى ، بۇ ئۆزىنىڭ خائىشى ، ئۇنىڭغا ئەدىپلىرمىز پۇل ئۈچۈن يازىدىغاندەك تۇيلۇپتۇ ، بۇ ئاخبارات ۋاستىسىدە مۇئەييەنلەشتۈرۈپ ئۇيغۇر جامائىتىگە جاكارلىغۇدەك ئومۇمىيلىق ئەمەس ! ئۇيغۇر كىتاپلىرنى ئوقىماي غۇلجا چاخچاقلىرنى ئومۇملاشتۇرغىدەك ئەھۋالدىمۇ ئەمەس ! پۇل ئۈچۈن كىتاپ يازغان ئەدىپلىرمىزنىڭ نە داچىسى ، نە خۇسۇسى ئايروپىلانلىرى بولسا -ھە ؟بىر يىلدا ئالتە پارچە كىتاپنى تۈگىتىپ ئوقۇمايدىغان ئادەم ‹‹قۇرئان كەرىم ›› دەك ئىلاھى كىتاپنى ئەسەر دەپ جۆيلىدىغان بولاپ قالىدۇ . ئۇ سىزنىڭچە كىمنىڭ ئەسىرى ؟!
ماقۇل ،ئۇيغۇر ئەدىپلىرنىڭ ئۆمۇر بويى قان -تەر بەدىلى بىلەن ، ئوڭچى -پوڭچى بولۇپ ھاياتىنى ،جىسمانىيتىنى بەدەل قىلىپ يازغان كىتاپلىرنى ،ھالال ئەمگىگىنىغۇ بىر پۇڭغا ئالمىدۇق ، يات قەۋىمنىڭ كىتىپىنى ئوقۇيالايدىغان ئۇيغۇردىن نەچچىسى بار ؟ چەتئەل ئەدەبىياتى ئۇيغۇرنى قۇتقۇزامدا ؟ رومان ئوقۇسا بولمايمىش ، بۇ قانداق مەنتىقىدۇ ئەمدى .رومان پىرسۇناجلارنىڭ ھاياتلىقتىكى ياشاش پائالىيەتلىرنى ۋاستە قىلىپ بىر تارىخى دەۋىرنى يورتۇپ بېردۇ ، ئىنسانلىقنى ، مۇھەببەتنى ، تەبىئەتنى سۆيۈشنى ئۈگىتىدۇ ، ئۇنى ۋەقەلىك تىزمىسى دېسەك نەق شۇ ،ئۇنى بىلىم ، ئەقىل پاراسەت دېسەك ئۇممۇ نەق ئۆزىدۇر . ھەسەلنى زەھەر بىلىپ يىمىسەڭ ئۇ ساڭا ئوغىدۇر ! نەچچە مىڭ يىللاردىن بېرى ھاياتلىق ئالىمىدە ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلىقىنى نامايان قىلىپ ئىنسانلار ئالىمىنى ئاۋات قىلىپ كېلىۋاتقان بىر قەۋىمنىڭ روھىيتىدىن بىتاپلىق ئىزلەپ ، تېخى ئالەمگە كەلگىلى 30-40 يىل بولغان بىر ئىنساننىڭ مەنتىقىغا تازا مۇناسىپ كەلمەيدىغان تۆت كەلىمە جۆيلىمىسى بىلەن ، ھەممە ئادەمنى چاقچاقچى قىلىش ياكى ھازىرقى رىياللىقتىكى بىراز ئىلگىرى كەتكەن قەۋىملەرنى قوغلاپ يېتىش ، ھىلىلا ئىشقا ئاشىدىغان ئىش ئەمەس . بۇنداق نەتىجىنى كۆرۈش ئۈچۈن نەچچە ئەسىر ، نەچچە مىڭ يىل ياشاشقا توغرا كېلىدۇ . مىللەتنى مىللەتكە قانداق سېلىشتۇرغىلى بولىدۇ ؟ دېمەكچى ، بۈگۈن سېلىشتۇرساڭ تۈنۈگۈن قانداق ئىدى ، ئەتە قانداق بولىدۇ ؟! |
|