- تىزىملاتقان
- 2012-12-19
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-3-25
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 3905
- نادىر
- 1
- يازما
- 237
ئۆسۈش
63.5%
|
مەنمۇ ‹‹ئۈمۈد پاراڭلىرى››نىڭ1-،2-قىسىملىرىنى كۆرۈپ چىقتىم.مەنمۇ بىر قىسىملا بولۇپ قالدىم.ئۈمۈد غەنى ئەڭ ياخشىسى‹‹ كۆڭۈلدىكى سۆز پىرۇگىراممىسىنىڭ داڭلىق رىياسەتچىسى››دىگەن قالپىقىنى كىيىپ يۈرىۋەرگىنى ياخشىدەك قىلىدۇ.بۇ پىرۇگىرامما ئۇنىڭغا سەل چوڭ كىلىپ قالغاندەك.مەن پىرۇگىرامما ئىسمىدىن بۇ پىرۇگىراممىدا ‹‹ئۈمۈدلۈك پاراڭلار››سۆزلىنىدىغان ئوخشايدۇ دەپ ئويلىغان ئىدىم،ئەسلىدە ئۈمۈد غەنىلا سۆزلەيدىغان بولغاچقا شۇنداق نام بىلەن ئاتىلىپتىكەن ئەمەسمۇ.
مەنمۇ بۇ ھەقتە بىر نەچچە تەكلىپىمنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتەي:
1.‹‹ئادەم19ياشقىچە رومان ئوقۇشى كىرەك.ئۇنىڭدىن كىيىن پەلسەپە،پىسخولۇگىيەگە ئائىت كىتاپلارنى ئوقۇش كىرەك››...بۇ يەردىكى ‹‹رومان››ئاتالغۇسى‹‹ ئىز››،‹‹ئويغانغان زىمىن››،‹‹ئانا يۇرت››،‹‹قۇم باسقان شەھەر››،‹‹باھادىرنامە››...قاتالىق رومانلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالامدۇ يوق؟قىنى سىز يۇقاردا ئىسمى ئاتالغان رومانلارنىڭ ئىددىيۋى مەزمۇنىنى بىر ئىغىز ياكى بىر جۈملە پەلسەپىۋىي پىكىرگە يىغىنچاقلاپ بىقىڭ؟(ئەلۋەتتە،يۇقارقى رومانلارنى ئوقۇغان بولسىڭىز)،ئەلۋەتتە يىغىنچاقلىيالايسىز،چۈنكى سىز دىگەن ئەدەبىياتچى(ناتىق)لىكىن سىز يەكۈنلىگەن پەلسەپىيۋى پىكىرىڭىز ئادەمنى ئۈنچىۋالا تەسىرلەندۈرەلىشى،قەلبىنى لەرزىگە سالالىشى مومكىن ئەمەس.ئۇستاز ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ كىتاپلىرىدىن بىر نەرسىنى چۈشىنىلمىگەن بىراۋ جالالىدىن بەھرامنىڭ رومانىدىن ئابدۇقادىر جالالىدىن دىمەكچى بولغان نەرسىنى بىلىۋىلىشى مومكىن.بىر ئىغىز گەپ رومان دىگەن رومان،ماقالە دىگەن ماقالە،بىرسى بىرسىدىن ئۈستۈن ئەمەس.
2.ئىمكان بار ئۇيغۇرچە سۆزلىسىڭىز ،سىزدەك داڭلىق رىياسەتچىلەر短信,小西门儿دەپ يۈرسە بۇ قانداق بولغىنى.سىز ئۆزلىرىمۇ ئۇيغۇرچە سۆزلەۋاتقان،باشقىلار ئارلاش سۆزلەپ قالسا ئىرىنمەي تۈزۈتۇپ ماڭىدىغان107.4سەنئەت رادىئۇسىدىكى رىياسەتچىلەردىن ئۆگەنسىڭىز بولغىدەك.باشقىلارنى مەسخىرە قىلىش جەريانىدا ئۆز مەسخىرە ئوبىكتى بولۇپ قىلىش نىمە دىگەن كۈلكىلىك،ئىچىنىشلىق ھە؟!
3.سىزنى تونىمايدىغان بىراۋ سىزنىڭ ئۇيغۇر دىگەن ئۇنداق،ئۇيغۇر مۇنداق دىگەن گىپىڭىزنى ئاڭلىسا بەلكىم سىزنى قايسى چەتئەللىكتۇ دەپ قىلىشى مومكىن.بىز ئاتالغۇسىنى كۆپرەك ئىشلەتسەك.
4.‹‹تارىخى،دىنى كىتاپلارنىڭ كۆپ سىتىلىشى ئىدىيەدىكى چىكىنىش››.بۇ گىپىڭىزنى چۈشنىشكە ئەقلىم يەتمىدى.سىزنىڭچە ‹‹زورۇئاستىر شۇنداق دەيدۇ››،‹‹ئەپلاتۇن پاراڭلىرى››...لا بىزنىڭ ئىددىيىمىزنى ئۆستۈرەلەمدۇ.بىر ئادەم،بىر مىللەت ئۈچۈن ئىتىقاد،تارىخ نىمىدىن دىرەك بىرىدۇ؟
5.‹‹بىز ئۇيغۇر مىللىتى بولماسلىقىمىز كىرەك.بىز يەرشارى پۇقراسى بولۇشىمىز كىرەك››.دىمەكچى بولغىنىڭىز‹‹ئۇيغۇرلار دۇنياغا يۈزلىنىش كىرەك››دىن ئىبارەت بولسا باشقا پىكىرىم يوق.لىكىن ‹‹سەن ئىتىقاتىڭدىن،مىللىتىڭدىن تان،ئۇيغۇرلۇق -ئەبگارلىق،ئۇيغۇرلۇق-ساپاسىزلىق ››دىگەنلىك بولۇپ قالسا بۇ تۇزكۇرلۇققا چىداپ تۇرۇش تەس.بىز دۇنياغا يۈزلىنىشىمىز كىرەك،يۈزلەنگەندىمۇ ئۇيغۇرلۇق قالپىقىمىزنى كىيىپ يۈزلىنىشىمىز كىرەك.بىرخىل ئەيمىنىش،ھىيىقىش،كۆڭۈل بۆلۈش تۈسىنى ئالغان جەمئىيەت مىنىڭچە ئەڭ سۆيۈملۈك جەمئىيەت.
|
|