قولاي تىزىملىك
ئىگىسى: dilsuz990

ئۇيغۇر سىتودىنتلىرى نىمىشقا شىركەتلەردە ئىشلەشنى تاللىمايدۇ؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

2

تېما

6

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   10.58%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12274
يازما سانى: 1118
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1585
تۆھپە : 3233
توردىكى ۋاقتى: 833
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-8 22:44:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   بانكىر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-8 22:46  

يەنىلا تۆمۈر تاۋاق ئەڭ ياخشى. بىخەتەر تۇرمۇشقا ئىرىشىدۇ.

ھازىر بىر ئائىلىدە ئەر -خوتون تۈمۈر تاۋاقتىن ئىش ھەققى ئالسا،  ئەر-خوتوننىڭ يىللىق كىرىمى 10 تۈمەنگە يىتىپ قالىدۇ.

0

تېما

0

دوست

76

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   25.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33703
يازما سانى: 4
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 24
توردىكى ۋاقتى: 4
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-8 23:01:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى ياخشى تەھلىل قىلىپسىز . ئازراق ھېكايەم باتى سۆزلەپ ئۆتسەم . مەنمۇ ئالدىنقى يىلى مالىيە - ئىقدىساد ئونۋېرسىتىتىنى پۇتتۇرۇپ  ئارزۇيۇم بىلەن مەلۇم شىركەتتە ئىشلىدىم ( ئاتا - ئانامنىڭ تۈمۈر تاۋاققا ئىگە  قىلىش ئارزۇسىغا قارشى چىقىپ ) ، مەكتەپتە ئۆگەنگىنىم ئىقدىسات ئىلمى ئىدى ،شىركەتكىمۇ شۇ توغرىسدا تەرجىمالىمنى تاپشۇرغان ئىدىم ، لىكىن شىركەتكە كىلىپ تۇنجى قىلغان ئىشىم بۇغالتىرلىق بولدى ( لىكىن رەسمى بۇغالتىرلىق ئەمەس كاسىرلىق بىلەن بۇغالتىرلىق ئوتتۇرسىدىكى ئىشلار،  ) ، بۇنىمۇ بوپتۇ بىلىپ ئىشلىدىم( شىركەتنىڭ ھېساپ ئاچقان بانكا ھېساباتىدا 3 كوي پۇلنى كۈرۈپ قۇرقۇپ كەتكىنىمنى ھېساپقا ئالمىغاندا يامان ئەمەس ئىشلىدىم )  ، شۇ ئارلىقتا مەكتەپتە ئۇگەنگەن ئاساسى بۇغالتىرلىق ئىلىمى بۇيۇنچە ئۆزىمنىڭ ئىقتىسادى ئارقىلىق توردىن ماتتىريال سېتىۋېلىپ ئۈگەندىم ، يىگىرمە نەچچە كۈن بولغاندا بەكلا ئۈگۈنۈشكە كىرىشىپ كەتكەنلىك سەۋەبىدىن ، شىركەتتە ئانچە خىزمەت ئۈنىمى كۆرسىتەلمىگىنىم ئۈچۈن باشلىقىم تەرپىدىن چاقىرتىلدىم ، ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىش جەريانىدا ئۇنىڭ  مېنىڭ ئۈگەنگەن كەسپىم ۋە شىركەتنىڭ قايسى ئىشلىرنى قىلىپ بېرەلەيدىغانلىقىم توغرىسىدا ئانچە توغرا چۈشەنچىگە ئىگە ئەمەسلىكىنى بىلىپ ، قايتىدىن چۈشەندۈردم . باشلىقىمىز ئازراق چۈشەنگەندەك بۇلۇپ مېنى قالغان ئون كۈن ئىچىدە بىر مەلۇم بىر تۈرنىڭ سودا پىلانىنى [خەنزۇچە )商业计划书,可行性研究报告 )مۇشۇ خىلدىكى ماتتىيالنى كۆرسىتىدۇ ]يېزىپ چىقىشقا بۇيرىدى،  ( ناۋادا يېزىپ چىقالمىسام شىركەتتىن ئايرىلدىغان ، يېزىپ بولسام داۋاملىق ئىشلەيدىغان بولدۇم ) سۆزلىشىش ئارقىلىق ئۈزەم قىلدىغان ئىشلارنى ئازراق بولسىمۇ چۇشەندۈرەلىگىنىمگە خۇش بوپ يېنىپ چىقتىم  . شۇنداق قىلىپ قالغان ئون كۈن ۋاقىتتا بىرتەرەپتىن بۇغالتىرلىق ئىشىمىنى قىلىپ يەنە بىر تەرەپتىن سودا پىلانى يېزىشقا  باشلىدىم ،( مەكتەپتىمۇ پاراكتىكا قىلغاندا نەچچە پىلان يېزىپ باققاشقا ئازراق تەجىربەم باتى ) ساق بىرئاي بۇلۇپ ئەتە مائاش تارقىتىدۇ دىگەن كۈنى 30 بەتلىك پىلاننى يېزىپ تاپشۇردۇم ، باشلىقىم مەمنۇن بولغاندەك بولدى ، مەنمۇ خۇداغا شۇكرى دەپ يېنىپ چىقىم ، شۇ تەرىقدە داۋاملىق ئىشلىدىم، بۇغالتىرلىقنىمۇ قىلدىم ،   ماقالە تەرجىمە قىلىپ  ئۇندىدار سۇپىسىدا يوللايدىغان ئىشنىمۇ قىلدىم ( ئىشقىلىپ باشلىقىم بۇيرىغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى قىلدىم )بۇ ئارلىقتا ئۈمۇدسىزلىنىپ نەچچەرەت شىركەتتىن  يېنىپ چىكىتىشنى ئويلىدىم  ، لىكىن ئۈمۈدۇم مەن يازغان ھېلقى پىلاندا بۇلۇپ ، ناۋادا مۇشۇ پىلان ئىجرا بۇلۇپ قالسا ، قىلدىغان ئىشلىرىم ئۆز يۇلدا ماڭا دەپ ئويلاپ يەنە داۋاملىق ئىشلىدىم ( بەك ئەجىرسىڭدۈرۈپ تەپسىلى يازغان ئىدىم ، ئىجرا بۇلۇپ قالسا رايۇنمىزدىكى خېلى چوڭ بوشلۇقنى تولدۇرغان بۇلاتتى ) ، بۇ جەريندا باشقا خىزمەتچىلەر بىلەن كىشلىك مۇناسىۋەت جەھەتىمۇ خېلى چوڭقۇرلاشتىم ، باشلىقىمىزنىڭ يالدەمچىسى بىلەن خېلى ياخشى پاراڭلىشىدىغان بولدق ( ئۇ كىشنىڭ مەن ئۇقۇغان كەسىپكە بۇلغان چۈشەنچىسى ياخشى ئىدى ) ، ئۇنىڭدىن مەن يازغان پىلاننىڭ ئىجرا بولشىنى سوراپ تۇردىم ، لىكىن ئۇ ئۆزىنىڭمۇ بۇ پىلان توغرىسىدا ئانچە جىق نەرسىلەرنى بىلممەيدىغانلىقىن ئېيتتى ۋە ئۇزىنىڭمۇ بىر پىلانىىڭ بارلىقىنى شۇنى يېزىپ چىقىشنى تاپشۇردى ( بۇ پىلان مەن يازغان پىلان بىلەن گىرەلەشمە مۇناسىۋىتىنى بار ئىدى ) ،  بۇ پىلاننىمۇ يېزىپ تاپشۇردۇم ، مەبلەغ سالدىغان تەرەپنىمۇ تاللاپ قويدۇق ، بۇ پىلاننى يەنەبىرقەدەم تۇزۇتۇپ مەبلەغ سالدىغان تەرەپكە تاپشۇردىغان ۋاقىتتا باشلىقىمىز بۇ كىيىنرەك ئىجرا بولدىغانلىقىنى ئېيتىپ  پىلاننى توختىتىپ قويدى . شۇ ئارلىقتا شىركىتىمىزنىڭ بىر خېرىدارنىڭ تەۋسىيى بىلەن شىركەتتە بىر پەن - تېخنىكا ئۇيۇشمىسى(科协 )قۇردىغان بولۇپ مەن ماتتىريال تەييارلايدىغان بولدۇم . [ ماتتىريال پۇتۇپ، تەستىقلىنىپ  مۇناسىۋەتلىك ئۇرۇنلارنىڭ رەھبەرلىرى كىلپ باشلىقىمىز بىلەن كۈرشۇپ ، سانائەت رايونىدىن زاۋۇت قۇرۇشقا يەرھەل قىپ بېردىغان بولدى ( ئىچىمدە بەكمۇ خوش بولدۇم چۇنكى بىرزاۋۇتنىڭ قۇرلىشى رايۇن ئىقدىسادىغا ئاكتىپ تەسىىر كۆرسىتىدۇ ئەمەسمۇ ) ، ئەسلى  مەن شىركەتكە كەلگەندە زاۋۇت باردىگەنتى ، كىيىن بىلسەم زاۋۇت دىگىنى بىر شەخسى تۇرالغۇنىڭ يەر ئاستى ئۇيگە ئۇرۇنلاشتۇرغان بىر نەچچە ئۇسكىنكەن ، ئۇ يەرگە ئادەتتە بىزنى كىرگۇزمەيتى ، بۇ قېتىپ ھېلقى رەھبەرلەرنىڭ زاۋۇت قۇردىغان يەر ھەل قىپ بېرىمىز دېگىنى تازا ياخشى ئىش بولدى دەپ بەكمۇ خۇشال بولغان ئىدىم ، چىنكى سانائەت رايۇنىدا زاۋۇت قۇرسا نۇرغۇن ياخشى سىياسەتتىن بەھرىمان بۇلدىغان ئىش ئەمەسمۇ ] ، كىيىن نىمە ئىش بولغانلىقىنى بىلمىدىم بۇ ئىشمۇ ئاستا - ئاستا ئېغىزغا ئېلىنمايدىغان بولدى، ئارقىدىنلا شىركەتتە يېڭىدىن بىر سىياسەت يۈرگۈزۈلۇپ پۇتۇن كۈچنى تەشۋىقاتقا قارتىدىغان بولدۇق ( ئۈندىداردا) ، شۇنداق قىلىپ ئىشلا بارغانسىرى ئىش ئىش بولماي قالدى ، تەشۋىقاتچى باللار شىركەتكە تۆكمە بولغاندەك كىلىۋەردى ( تەمىنلەش ئېھتىياجدىن ئېشىپ كەتتى ) ، شۇنداق قىلىپ شىركەتنىڭ تۇزۇلمە تەرتىپلىرىمۇ سەل جايىدا بولماي قالدى ، بۇ ئارلىقتا يىغىندا  نەچچە رەت تەكلىپ پىكىر  بەردىم ، لىكىن ھەر قېتىم بىرمۇنچە قۇرساق كۈپىكى تارتىۋېلىش بىلەن ئاخىرلاشتى ، شۇنداق قىلىپ چىداپ بۇلالمايدىغان يەرگىمۇ ئۇلۇشۇپ شىركەتتىن يېنىپ چىكەتتىم . ( مەن بىلەن بىللە ھېلقى دېرىكتۇر ياردەمچىسى ئاكشمۇ يېنىپ چىقتى ) .  ئۇندىن كېيىن ئازراق ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن بىر پۇل - مۇئامىلە شىركىتىگە كىرىپ ئىشلىدىم ( مەلۇم پۇل - مۇئامىلە شىركىتىنىڭ تارماق شىركىتى )  بۇشىركەت تېخىمۇ قۇرقۇنۇشلۇق بۇلۇپ تۇزۇك بىر خىزمەت تۈزۈلمىسىمۇ يوق ئىدى ، باشقۇرغۇچىمىز مەندىن بىريىل ئىلگىرى مەكتەپ پۇتۇرگەن ئىكەن ، ( كۈندە ئىشخانىسدا «قەھرىمانلار بىرلەشمىسى » دىگەن ئۇيۇننى ئويناپ ئولتىراتتى، مەنمۇ ئامراقتىم بولمىسا بۇ ئۇيۇننى ئويناشقا ) كۈنىىمىز تېلفۇن قىلىپ خېرىدار ئىزدەش بىلەن ئۈتەتتى ،  بۇ شىركەتتە سىنىاق ۋاقتىم توشقىچە خىزمەت قىلدىم ( مۇشۇ ساھەدە ئازراق بىلىپ ئىگەللىۋالدىم بولمىسا، نەچچە خېرىدار تېپىپ خىزمەت نەتىجەممۇ ياخشى چىقانتى  ) ، لىكىن داۋاملىق ئىشلەشكە رايىم سوۋۇپ كەتتى،  چۇنكى خىزمەت مۇھىتى ، خىزمەت ئۆلچىمى ( مۇلازىمەت كەسپنىڭ كەسپى ئۆلچىمى نەزەردە تۇتىلدۇ ) ،  باشقۇرغۇچىمىزنىڭ باشقۇرۇش  ئىقتىدارى قاتارلىقلار  قەتتى ياخشى ئەمەستى . ( بۇ ئۈچ ئاي جەيانىدا باشقا شىركەتلەرنىڭ ئەھۋالىنى ساۋاقداشلىرىمدىن ئىگەللەپ تۇردۇپ ، ئەپسۇس ئۇلارنىڭمۇ تەقدىرى مېنىڭكىگە ئوخشاش ئىكەن )  شۇنداق قىلىپ نەچچە ئايلىق بېرىلمىگەن مۇئاشلىرىمنى ئېلىپ  شىركەتتىن يېنىپ چىقىپ ، ناھىيەمدە بۇ يىللىق مەمۇرلۇق ئىمتاھاننى كۈتۇپ كومپىيوتۇر ئېكرانى ئالدىدا ئولتۇرۋاتىمەن .
   
بەزى قاراشلىرىم ياقمىغان بولسا ئەيىپكە بۇيرىمغايسىلەر .   
   
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

0

دوست

191

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   63.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33366
يازما سانى: 14
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 44
توردىكى ۋاقتى: 7
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-1
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-8 23:25:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەكتەپداشكەنمىز،مەنمۇ مالىيە-ئېقتىساد ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى پۈتتۈرۈش ئالدىدا تۇرۋاتىمەن.

0

تېما

1

دوست

2158

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   5.27%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25524
يازما سانى: 175
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 646
توردىكى ۋاقتى: 74
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-8 23:30:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىمە بۇ خىزمەت دىگەن

0

تېما

1

دوست

2234

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   7.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1069
يازما سانى: 119
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 690
توردىكى ۋاقتى: 120
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-8 23:39:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئومۇملۇق نوقتىسىدىن قارىغاندا ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىمتىھان بىرىپ بىرەر ئورۇنغا مۇقىم ھالدا خىزمەتكە چۈشۈشى ھەرگىز خاتا ئەمەس. موقىم خىزمىىتى بار، ھەر جەھەتتىن شارائىتقا ئىگە بولغانلارنىڭ تاپقان گىپى بۇ. شىركەت ھامان شەخسى ئۇرۇن. قانچىلىك بەرداشلىق بىرەلەيدۇ ئۇنىڭغا بىر نېمە دېمەك تەس. يىل دېگەن ئۇنداق مۇنداق قىلغۇچە ئۆتىدۇ. ئەگەر تورداشلار دېگەندەك ياش بىر يەرگە بىرىپ قالسا ئۈگەنگەنلىرىنىمۇ ئىشلىتىش پۇرسىتىگە ئىگە بولالمايدىغان گەپ . ئەمدى گەپ ئوقۇش جەريانىدا ئوقۇغان كەسپى شۇنداق ئورۇنلارغا ماس ، ئۆزىدە شۇ جەھەتتە مەلۇم تالانىت بارلار شىركەتلەرگە بارسىمۇ يېتىپ ئاشىدۇ.
14#
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن

0

تېما

1

دوست

652

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   30.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  30604
يازما سانى: 19
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 196
توردىكى ۋاقتى: 27
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-3
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-8 23:55:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
jokker يوللىغان ۋاقتى  2015-2-8 22:07
60سائەتلىق تېرىشچان ئەزا بولغانغا چۇشلۇق بىرە تېما ياز ...

باشقا مۇنبەرلەرگە يوللاپ كۆرۈڭ،شۇنداق ئېسىل مۇنبەرلەر باركەنغۇ

0

تېما

1

دوست

652

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   30.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  30604
يازما سانى: 19
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 196
توردىكى ۋاقتى: 27
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-3
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-9 00:04:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنىڭ جاۋابى ناھايتى ئېنىقكى ، 90پىرسەنىت ئالىي مەكتەپ باللىرى دىپلۇم ئۈچۈن ئوقۇيدۇ ،ئىمتىھان مەزگىلدە ئۆلگىدەك ئۆگۈنىدۇ ياكى ئارقا ئىشىك ماڭىدۇ.شۇنىڭ بىلەن مەكتەپ پۈتىدۇ،نىمە ئىش قولۇڭدىن كېلىدۇ دېسە يەنە شۇ ئىمتىھان بېرىپ مەمۇر بولشتىن باشقا ئىش قىلالمايدۇ.
ئەمدى شىركەت دېگەنگە جانلىق ،كەسپىي بىلمى مول بولغان ،ئونىۋېرسال ساپاسى ياخشى بولغان ئوقۇغۇچى ماس كېلىدۇ،بولمىسا شىركەتكە كىرسىمۇ ئىتىۋارى يوق ئادەتتىكى ئىشلەمچىدەك ئىشلەپ قالىدۇ،شىركەتتىن ئاغرىنىدۇ.
بۇنىڭدىن باشقا شىركەتلەرنىڭ تازا دېگەندەك مۇنتزىملىشىپ كېتەلمەسلىكمۇ بىر مەسىلە.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )