- تىزىملاتقان
- 2012-12-22
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-23
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 464
- نادىر
- 0
- يازما
- 8
ئۆسۈش
82%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا uyghur_jan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-2-9 17:28
oygan999 يوللىغان ۋاقتى 2015-2-8 22:26
مەن مۇشۇ ئالتىنجى ئايدا ئوقۇش پۈتتۈرمەن،بەلكىم مەن مۇ ...
دىگەنلىرىڭىز بەرھەق . مەنمۇ ئوقۇش پۈتتۈرۈپ تۇرمۇشنىڭ تۈرلۈك بېسىملىرى بىلەن ئۇيان - بۇيان سوقۇلۇپ يۈرۈپ ھەرەمباغنىڭ قەشقەر تارمىقىغا كېلىپ قالغان . دەسلەپ كەلگىنىمدە باشقىلاردىن <<قەشقەر ھەرەمباغ قەشقەر شەھىرىگە نۇرغۇن باشقۇرغۇچى تەربىيلەپ بەردى ، لېكىن بۇلاردا ئادەمنىڭ ئەتىۋارى يوق >> دىسە نىمە گەپتۇ دەپتىكەنمەن . مانا كۈنلەر ئۆتۈپ بارا - بارا ھېس قىلىۋاتىمەن . ھەر ئايدا كېمىدە 2~3 ئادەم ئالمىشىپ تۇرىكەن . يۇرتۋازلىق ، تۇققاندارچىلىق ئىشلەتكۈچى - ئىشلىگۈچىلەر ئوتتۇرىسدا زور پەرىق پەيدا قىلىدىكەن .كاشكى شۇ بېكىتىلگەن كىشىلىرىنىڭ ساپاسى بولغان بولسا .
ھوقۇق مەركەزلەشكەن ،شۇئارى <<باھانىمىز يوق >> . بىلىم ۋە ئۈنۈم سۈرۈشتۈرۈلمەيدۇ . ماقال تەمسىل بويىچە << ھۆم دىگەنمۇ بىر تاۋاق ، ھۆم دىمىگەنمۇ بىر تاۋاق >> . بەزى ئىشلار كاللىڭىزدىن ئۆتمەيدۇ ، قەشقەر شەھىرىنىڭ ئەڭ تۆۋەن مۇئاش ئۆلچىمىدىنمۇ خېلىلا تۆۋەن ( 1500 يۈەن ) ئىشلەۋاتقان خىزمەتچىلەر تۈرلۈك تۈزۈم باھانىلەر بىلەن شۇ مۇئاشمۇ نەچچە تۇتۇلۇپ قولىغا ساق تەگمەيدۇ . ئۇنداق - مۇنداق پىكىر بەرسىڭىز << باھانىگە ئورۇن يوق >> ئىشكى كەڭ ئوچۇق .ئەلۋەتتە مۇشۇ تۆۋەن مۇئاشقا ئىشلەۋاتقان مۇساپىر ياشلىرىمىزمۇ باي بولۇپ تۇرمۇشى كاپالەتكە ئىگە خاتىرجەم بوپ كېتىشنى ئويلاپ كەتمەيدۇ ، ئۇلار پەقەت قىلىۋاتقان ئىشىدىن چاتاق چىقارماي تولۇق ئادا قىلىشنى ياكى ئاشۇرۇپ قىلىۋېتىشنى ، ئۆتكۈنچە دەۋرىنى تېزراق ئاخىرلاشتۇرۇپ يوناقنى - يوناققا ئۇلاشتۇرۋېلىشنىلا ئويلايدۇ . تولىمۇ ئەپسۇس << بايدا ئارغامچا كەمبەغەلدە كۇلا ، تېخىمۇ باي بولاي دىسەڭ كەمبەغەلنى بۇلا >> دىگەندەك ئورۇنسىز جەرىمانە ئادىل بولمىغان مۇئامىلە ... قاتارلىق سەۋەپلەردىن بىر ئاي بىكارغا ئىشلەپ ھېچنىمە ئالالماي كۆڭلنى ئاغرىتىۋېلىپ قايتىۋاتقان كىشىلىرىمىزنى كۈنىدە كۆزىمىز كۆرۈپ تۇرىدۇ . ئەلۋەتتە ھەرقانداق بىر ئىش ئىزلىگۈچى ھەرەمباغقا كەلسە ھەر ۋاقىت قارشى ئېلىنىدۇ ۋە 3 كۈن سىناق ئىشلەيدۇ . سىناق مۇددىتى توشقاندىن كېيىن ئاتالمىش ئەمگەك توختامى ئەمەلىيەتتە بىرتەرەپلىك كېلىشىمنامىگە قول قويشىڭىز كېرەك . ئىشلار مانا شۇنىڭدىن باشلىنىدۇ .
|
|