- تىزىملاتقان
- 2013-4-24
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-23
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 4380
- نادىر
- 0
- يازما
- 277
ئۆسۈش
79.33%
|
دىلسۇز ئەپەندىم بۇ تىمىنى يىزىپسىز . تىمىڭىزمۇ خىلى تەپسىلى يىزىلىپتۇ ئەمما باشقا تورداشلار سىتودىنىتلارنىڭ شىركەتكە بىرىشىنى خالىماسلىقىدىكى سەۋەپلەرنى تولۇق چۇشەنمەيدىغان ئوخشايدۇ .
ئالدى بىلەن دىيارىمىزدا بولۇپمۇ جەنۇپتا كۆلەملەشكەن چوڭ شىركەتلەر بەك ئاز بولغاچقا ئوقۇش پۇتتەرگەنلەرگە قابىلىيىتىنى جارى قىلدۇرالايدىغان شارائىت بىرەلەيدىغان كارخانىلار بەكلا ئاز. شۇنداق بولغانىكەن ئويغان توردىشىمىز دىگەندەك شىركەتتە ئىشلەشنى خالىماسلىق كىلىپ چىقىدۇ .
شىركەت دىگەن بىر ئىغىز ئۆينى ئىجارىگە ئىلىپلا شىركەت قۇرۋالسىمۇ بولىدۇ . بۇنداق شىركەتلەر دىيارىمىزدا بەك كۆپ . ئۇنداق شىركەتلەر سىتودىنىتلارغا قابىلىيىتىنى ھازىرلىيالايدىغان شارائىتنى بىرەلمەيدۇ . كۆپ قىسىم شىركەتلەر ھەم كارخانچىلىرىمىز بۇنىنىڭ ئۇچىنىلا كۆرىدىغان بولۇپ ھەقىقى ئىختىزاتلىقلارنى قانداق تۇتۇپ تۇرۇشنى بىلمەيدۇ . شۇنداق بولغانىكەن تالانت ئىگىلىرىمىز يولداشلارنىڭ كۆلەملەشكەن شىركەتتە يۇقۇرى مائاش بىلەن ئىشلەۋاتقان ئىشلارمۇ دىيارىمىزدا ئاز ئەمەس .
بىلىم ئىگىلىكىدە بىلىمىڭ قەدرىنى بىلمەيدىغانلارنىڭ ئارسىدا تۆۋەن مائاش بىلەن تەرەققىيات پۇرسىتى يوق يەردە ۋاقتىنى ئۆتكۇزىۋىتىش ئەخمىقانىلىك . بۇنى بىشىدىن ئۆتكۇزۇپ باققانلار بولسا ئاندىن چۇشۇنەلەيدۇ .
بەلكىم باشقىلار مىللى ئىگىلىكىمىزنى گۇللەندىرىمىز دەپ شۇئار توۋلىشى مۇمكىن . ئەمما شۇ شىركەتتە ئىشلاۋاتقانلار ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ ئىختىزادى تۇرمۇشىنى يۇقۇرى كۆتۇرۇشنى ئىستەيدۇ . شىركەتتە ئىشلەشمۇ ئىلىپ بەر دىگەن ئايلىنىشنىڭ ئىچىدە بولۇشى كىرەكتى . يەنى قابىلىيىتى كۆپلەر شىركەتكە يارىتىپ بەرگەن ئۇنۇمى بويىنچە پايدا تەخسىملىشى كىرەكتى . ئەمما ئۇنداق ئىشلار بەك ئاز بار دىگەندە (پەقەت ساتقۇچىلارلا مۇشۇ دائىرىگە كىرەلىشى مۇمكىن ،ئەمما پايدا تەخسىماتى پەقەت ئادىل ئەمەس)
نۇرغۇن سىتودىنىتلىرىمىز ئوقۇش پۇتتۇرۇپ يۇرتىغا قايىتماي چوڭ شەھەرلەردە تەرەققىيات پۇرسىتى ئىزلىسە ئۆيى يوق ئىجارە ئولتۇرۇپ ئىشلىسە بولىدۇ تاماق ۋە باشقا چىقىملىرى بىلەن بىر ئايلىق مۇئاشى ئاران يىتىدۇ . شۇنداق شارائىتتا چوڭ شەھەردە تەرەققىيات پۇرسىتى ئىزلەش بەسىي مۇشكۇلدۇر . سىتودىنىتلارمۇ توي قىلىشى كىرەك، ئۆي ئىلىشى كىرەك . ئەمما مۇشۇ مەسلىگە كەلگەندە نۇرغۇن سىدودىنىتلىرىمىز يەنىلا بىر مەزگىل ئىشلەپ يۇرتىغا قايتىدۇ .
يۇرتىغا قايىتقاندا كەسپىنى جارىي قىلدۇرالايدىغانلار يوق دىيەرلىك . چۇنكى بىز ئوقۇپ چىقىۋاتقان كەسىپلەر قانچە تۆۋەنگە چۇشكەنسىرى كەسپىمىزدىن شۇنچە يىراقلىشىمىز (پىداگوكىكا كەسپىدىن باشقا) شۇنىڭ بىلەن نەچچە يىل ئوقۇپ چىققان كەسپىمىزنى بارا -بارا ئۇنتۇيمىز .
توردا ئولتۇرۇپلا مەن مەمۇر بولغۇم يوق ياكى خىزمىتىمدىن ئىستىپا بىرەيمىكى دەۋاتقانلار ئالدى بىلەن شۇنى ئوبدان ئويلىشىپ بىقىشى كىرەككى مەن شۇ تۇرۇشلۇق ئورنۇمدا نىمە ئىش قىلالايمەن ماڭا شارائىت بارمۇ كاپىتالىم قانچىلىك ،دىگەنلەرنى ئوبدان ئويلىشىپ بىقىشى كىرەك .
يەنە بىرسى دىپلۇم ئۇچۇنلا ئۇقۇدى دىگەن پىسپاس گەپلەرنى يۇغۇشتۇرۇڭلا .سىلەر شۇنۇڭغا ئىشىنىڭلاركى ئوننەچچە يىل ئوقۇيالىغان ئادەمنىڭ كاللىسى ۋە كەسپى بىلىمى پىسخىكا ساپاسى جەھەتتە بىر قەدەر يىتىشىكەن دىيىشكە بولىدۇ . شۇڭا ئۇلارغا شارائىت بولسىلا قابىلىيىتىنى جارىي قىلدۇرالايدىغانلار ناھايتى كۆپ بولىدۇ . بەزى سىتودىنىتلارنى كۆرەلمەيۋاتقانلارغا دەيدىغىنىم يۇقۇرى ئوقۇش تارىخى بار ئادەمنىڭ ھەممىسى تالانىت ئىگىسى ئەمەس ئەمما تالانت ئىگىسىگە يىقىنلىشىدىغان ئادەملەر كۆپ سانلىقنى ئىگەللەيدۇ . تۆۋەن ئوقۇش تارىخى بار ئادەملەردىنمۇ تالانىت ئىگىسى بار ئەمما ئۇلارنىڭ سانى شۇ توپقا نىسبەتەن بەك ئاز سانلىقنى ئىگەللەيدۇ .
نۇرغۇن يىلنى سەرىپ قىلىپ ئوقۇغان كىشىلەر ھەرگىزمۇ باشقىلارنى دەپ ئوقۇپ يۇرمەيدۇ ياكى مىللىتىم ئۇچۇن ئۇگەندىم دىيەلمەيدۇ .بەلكى ئۆزى ئۇچۇن ئۇگىنىدۇ
شۇڭا ياخشىراق تۇرمۇشقا ئىرىشىشى ئۇچۇن تۆمۇر تاۋاققا ئىرىششنى ئىستەيدۇ .
تۆمۇر تاۋاق دىيارىمىزغا نىسبەتەن بىر قەدەر يۇقۇرى بولغان تەمىنات ۋە مۇقىم تۇرمۇشنى تەمىنلەيدۇ . شۇنداق بولغانىكەن سىتودىنىتلارنىڭ تۆمۇر تاماققا ئىرىشىشنى ئارزۇ قىلىشى بورمال ئەھۋال . |
|