قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 4519|ئىنكاس: 129
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

يالقۇن روزى ئەپەندىگە يېزىلغان ئوبزۇر !

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

0

تېما

1

دوست

743

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   48.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  23818
يازما سانى: 58
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 10
تۆھپە : 230
توردىكى ۋاقتى: 15
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-12
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش |تەتۈر تىزىش
ئۇيغۇر يېڭى مائارىپى ئىلىدىن باشلانغان !!!

دولقۇن روزى


مەن «ئىلى تارىخ ماتېرىياللىرى» كىتابىنىڭ مەسئۇل مۇھەررىرلىكىنى ئىشلەۋاتقان ئون نەچچە يىل مابەينىدە، ئىلى يېقىنقى زامان تارىخىنىڭ تەۋەررۈك شاھىدلىرى بىلەن يۈزتۇرانە ئۇچرىشىش، ئۇلار ۋە ئۇلارنىڭ ھەقدا ۋارىسلىرى تەمىنلىگەن كىتاب- ژۇرنال، تارىخىي ھۆججەت، قول يازما، فوتو سۈرەت ۋە باشقا ماددىي بۇيۇملارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قىممەتلىك تارىخىي ماتېرىياللارنى توپلاش پۇرسىتىگە ئېرىشتىم.

ماتېرىيال ئىگىلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكى تارىخىي ھەقىقەتنى ئەينەن تاپشۇرۇشنى تارىخ ۋە خەلقئالدىدىكى مۇقەددەس بۇرچى  سانايدىغان كىشىلەردىن بولغاچقا، ئۇلارنىڭ تەمىنلىگىنى تارىخ ماتېرىياللىرى توپلاشنىڭ «ئۆزبېشىدىن ئۆتكۈزگەن، ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن، ئۆز قۇلىقى بىلەن ئاڭلىغان بولۇش» تىن ئىبارەت «ئۈچ ئۆز» لۈك پىرىنسىپىغا تامامەن ئۇيغۇن كېلەتتى. ئۇنىڭ ئىچىدە ئىلىدايېڭى مائارىپنىڭ قانداق باشلانغانلىقى، قانداق يوللار بىلەن تەرەققىي قىلغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان بىباھا ماتېرىياللارنىڭ موللىقى كىشىنى تولىمۇ سۆيۈندۈرەتتى.ئەمما، ئۇلار ئىچىدە قولىدا قەلەم توختايدىغانلار ساناقلىق بولغاچقا، بۇ قىممەتلىك تارىخىي ماتېرىياللارغا نېگىزلىنىپ، سىستېمىلىق تارىخىي  ماقالە يېزىپ چىققۇچىلار ساناقلىقلا بولدى.بەزىلەرنىڭ قولىدىكى تارىخىي ماتېرىياللار ئەسلىمە تارىخ يازغۇچىلارتەرىپىدىن  ۋاسىتىلىق يوسۇندا قەلەمگەئېلىنغان، تارىخىي ماقالە ياكى ئەسلىمە تارىخ شەكلىدە مەتبۇئات يۈزى كۆرگەن بولسىمۇ، ئىلىدا يېڭى مائارىپنىڭ قانداق باشلانغانلىقىنى ئىلمىي ۋە سىستېمىلىق رەۋىشتە بايان قىلىپ بېرەلىگۈدەك بىرەر مۇكەممەل ئەسەر تا ھازىرغىچە يېزىلماي كەلدى. مەن ئىلى تارىخىنىڭ ئىخلاسمەنلىرىدىن بىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن بۇ «بوز تېما»ئۈستىدە چۆكۈنۈپ ئىزدىنىش، ئەتراپلىق ئىلمىي تەتقىقات ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق ئومۇم ئېتىراپ قىلغۇدەك ئىلمىي ئەسەرلەرنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈشنىڭ تولىمۇ زۆرۈرلىكىنى ھېس قىلماقتا ئىدىم.

دەل مۇشۇكۈنلەردە، «ئىلى دەرياسى» ژۇرنىلىنىڭ 2013- يىللىق 3-سانىغا يالقۇن روزىنىڭ«ئىلىدا يېڭى مائارىپ قانداق باشلانغان» ناملىق ماقالىسى بېسىلدى. مەن بۇ ماقالىنى بۆلەكچە قىزىقىش ئىچىدە ئوقۇشقاكىرىشتىم. ماقالىنىڭ مۇقەددىمە قىسىمىنى ئوقۇۋېتىپ، ئۇنىڭ ئىلى مائارىپ تارىخىدىن ئىبارەت بۇ «بوز تېما» ئۈستىدە ئىزدىنىشكە جۈرئەت قىلغانلىقىدىن سۆيۈنگەن ۋە ئۇنىڭ بۇ تېمىدا يېزىلغان ماقالە- ئەسلىمىلەردە كۆرىلىۋاتقان بىر قىسىم مەسىلىلەرئۈستىدە تەنقىدىي مۇھاكىمە يۈرگۈزمەكچى بولغانلىقىدىنمۇ ئالاھىدە خۇرسەن بولغان ئىدىم.

تولىمۇ ئەپسۇس!ماقالىنى ئىچكىرىلەپ ئوقۇغانسېرى بۇ خۇرسەنلىكىمنىڭ قۇيرۇقىنى قۇم باستى. مۇئەللىپنىڭ ماقالە يېزىشتىكى مۇدىئاسى بىلەن ماقالىدا ئىلگىرى سۈرمەكچى بولغان مەۋقەسىنىڭ ئۆزئارا زىددىيەتلىك ئىكەنلىكى، ماقالە روھىغا ئىنتايتىن قويۇق ئىنكارچىلىق خاھىشىنىڭ سىڭدۈرۈلگەنلىكى مېنى تولىمۇ ئۆكۈندۈردى. بولۇپمۇ، مۇئەللىپنىڭ  باشقىلارنىڭ «خاتالىق»لىرىنى تۈزىتىمەن، دەپ خاتالىق ئۈستىگە خاتالىق سادىر قىلغانلىقى ۋە ئۇنى «مۇتلەق ھەقىقەت» سۈپىتىدەباشقىلارغا تاڭماقچى بولغانلىقى مېنى تېخىمۇ ئۆكۈندۈردى. دېمەك، ئۇ «چاپىقىنى ئالىمەن دەپ، كۆزىنى قارىغۇ قىلىپتۇ» دېگەندەك ئىش قىلغان بولۇپ، بۇ مەندە« يالقۇن روزى ئىلىدا يېڭى مائارىپنىڭ ئانا يۇرتىمىزنىڭ باشقا جايلىرىدىن بالدۇرباشلانغانلىقىنى تارىخىي چىنلىق ئاساسىدا يورۇتۇپ بەرمەكچىمۇ ۋەياكى ئۇنى ئۈزۈل–كېسىل يوققا چىقارماقچىمۇ؟» دېگەن سوئاللارنى ئويغاتتى.

مۇئەللىپ تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان خاتا ھۆكۈملەر ئىلمىي تارىخ يېزىش ئىستىلىغا مۇناسىۋەتلىك زىل مەسىلىلەرگە بىۋاسىتە چېتىلىدىغانلىقى ئۈچۈن، بۇ ھەقتە مەخسۇس ماقالە يېزىپ، ئەستائىدىل ۋە ئىلمىي مۇلاھىزە ئېلىپ بېرىشنى تارىخ ۋە خەلق ئالدىدىكى ۋىجدانىي بۇرچىم، دەپ قارىدىم.

ماقالىدا سادىرقىلىنغان بىرىنچى چوڭ خاتالىق ئىلىدا يېڭى مائارىپنىڭ شىنجاڭنىڭ باشقا جايلىرىدىن بالدۇر باشلانغانلىقى ھەققىدىكى ئوخشاشمىغان تارىخىي قاراشلارنى مەيلى ئۇنىڭ توغراياكى قىسمەن توغرا بولۇشىدىن قەتئىينەزەر قار قويۇق ئىنكار قىلىشتا كۆرۈلىدۇ.

يالقۇن روزى ئىلىنىڭ يېقىنقى زامان تارىخى ھەققىدە ئەستائىدىل تەتقىقات ئېلىپ بارمىغانلىقى ئۈچۈن، ئىلى ئۇيغۇرلىرى باشتىن كەچۈرگەن تارىخىي قىسمەتلەرنى تارىخنىڭ رېئال قانۇنىيىتى بويىچە ئانالىز قىلىش ئىمكانىيىتىدىن مەھرۇم قالغان. شۇڭا، ئۇلارياراتقان مەدەنىيەت ئۆرنىكىنىڭ قانداق مەدەنىيەت ئەسلى تىپىنى مەنبە قىلغان ئاساستا شەكىللەنگەنلىكى، ئۇلار ۋۇجۇدىدىكى مائارىپ ۋە مەدەنىيلىكنى ئەلا بىلىشتەك خاس مەنىۋىي خاراكتېر، يېڭىلىق ۋە ئىلغارلىقنى ئۇيۇتقا قىلغان دادىل ئەكىلىشپەرۋەرلىك روھىنىڭ قانداق مۇرەككەپ تارىخىي شارائىتتا بارلىققا كەلگەنلىكى ئۈستىدە سالماق تەپەككۇر يۈرگۈزمەيدۇ. ئىلى ئۇيغۇرلىرىنىڭ يېڭى مائارىپقا كۆچۈش جەريانى ھەققىدە ئىلمىي نۇقتىدا تەپەككۈر يۈرگىزمىگەننى ئاز دېگەندەك ئىلىدا يېڭى مائارىپنىڭ ئانا دىيارىمىزنىڭ باشقا جايلىرىدىن بۇرۇن باشلانغانلىقىنى دەلىللەيدىغان تارىخىي قاراشلار ۋە ئۇلاردا ئەكس ئەتكەن يىل تەرتىپلىرىگە قەستەن كۆز يۇمىدۇ . ئۇلارنىڭ تارىخىي ھەقىقەتكە ئۇيغۇن ياكى ئۇيغۇن بولماسلىقىدىن قەتئىينەزەر ئۈزۈل- كېسىل ئىنكار قىلىشقا ئۇرۇنىدۇ.

مۇئەللىپ بىرقارىماققا ئىلىدا يېڭى مائارىپنىڭ كىم تەرىپىدىن، قاچان، قانداق باشلانغانلىقىنى خالىس نىيەت، لىللا مەيداندا تۇرۇپ ئىسپاتلاۋاتقاندەك قىلغىنى بىلەن ئۇنىڭ بۇ«خالىس» نىيىتىگە «سۇنى لېيىتىپ بېلىق تۇتۇش» مۇددىئاسى يوشۇرۇنغانغانلىقى ئۈچۈن،ئىلىدا يېڭى مائارىپنىڭ باشلىنىشىغا ھەقىقىي تۈرتكە بولغان شەخسلەرنى بىرئاماللارنى قىلىپ يوققا چىقىرىشقا، ئۇنىڭغا ئالقىدار يىل تەرتىپلىرىنى قەستەن كەينىگەسۈرۈشكە ئۇرىنىدۇ. بۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ «ئاكا- ئۇكا مۇسابايېفلارنىڭ توققۇز چوڭ تۆھپىسى» ناملىق ماقالىسىدا ئوتتۇرىغا قويغان «تەرەققىي پەرۋەر سودىگەر ئاكا- ئۇكامۇسابايېفلار 1899- يىلى ئانا يۇرتى ئاتۇش ئېكىساقتا جەدىدچە مەكتەپ ئېچىپ، شىنجاڭ تارىخىدا تۇنجى بولۇپ يېڭى مائارىپنى يولغا قويغان.» دېگەن بىرتەرەپلىمە قارىشى بىلەن «ئۇيغۇر يېڭى مائارىپى قاچاندىن باشلانغان» ناملىق ماقالىسىدا ئوتتۇرىغاقويغان «ئاكا- ئۇكا مۇسابايېفلارنىڭ بىر قولىدا يېڭى مائارىپنىڭ مەشئىلىنى يېلىنجاتقانلىقىنى، يەنە بىر قولىدا مىللىي سانائەتنىڭ بايرىقىنى لەپىلدەتكەنلىكىنى خاتىرىلىگەندە 1899- يىلىنى ئانا دىيارىمىزدا يېڭى مائارىپ ھەرىكىتىنىڭ باشلىنىش يىلى، 1909- يىلىنى كاپىتالىستىك زامانىۋىي مىللىي سانائەتنىڭ بارلىققا كەلگەن يىلى سۈپىتىدە خاتىرىلەشنى، تەتقىقاتچىلارنىڭ ماقالە-ئەسەر يازغاندا مۇشۇ بويىچە يېزىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.» دېگەن ھاكىم مۇتلەق قارىشىنى ئاستىرىتتىن  گەۋدىلەندۈرۈپ،ئىلىدا يېڭى مائارىپنىڭ شىنجاڭنىڭ باشقا جايلىرىنىڭكىدىن بۇرۇن باشلانغانلىقىغائالاقىدار پاكىتلارنى «قان چىقارماي جان ئېلىش» ئۇسۇلىدا بىراقلا يوققا چىقارماقچى بولىدۇ.

يالقۇن روزى ئۆزىنىڭ شىنجاڭ پەن- تېخنىكا نەشرىياتى تەرىپىدىن 2012- يىلى نەشر قىلىنغان « لاي قەلئەنىڭ سىرى » كىتابىدىكى « ئۇيغۇر يېڭى مائارىپى قاچاندىن باشلانغان » ناملىق ماقالىسىدا، ئۇيغۇر مائارىپ تارىخى تەتقىقاتچىلىقىدا كۆرۈلىۋاتقان مېتودىكاسەۋەنلىكى مەسىلىسىنى ئاياۋسىز ئەيىپلەپ:«بىزنىڭ تەتقىقاتچىلىرىمىز ئارىسىدائىلمىي تارىخ يېزىش ئېڭى ۋە مېتودىنى شەكىللەندۈرۈشكە سەل قاراش خائىشى خېلىلائېغىر دېيىشكە بولىدۇ. تەتقىقات ساھەسىدە ئىلمىي تارىخ يېزىش ئېڭى ۋە مېتودىنىڭ بولماسلىقى ئىلىم ساھەسى كۆرۈشنى قەتئىي خالىمايدىغان مەسىلىدۇر.» دېگەن ئىدى. بولۇپمۇ، ئۇ، قەشقەر پېداگوگىكا ئنستىتوتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئىبراھىم نىيازئەپەندىنىڭ  «قەشقەر پېداگوگىكا ئىنستىتوتى ئىلمىي ژۇرنىلى» نىڭ 1983-يىللىق 2-سانىدا ئېلان قىلىنغان «ئېكساق كەنتىدە يېقىنقى زامان پەننىي مائارىپى» دېگەن ماقالىسى ( ماقالە «شىنجاڭ تارىخ ماتېرىياللىرى» نىڭ1984-يىلى نەشر قىلىنغان 2- سانىدىمۇ ئېلان قىلىنغان) ئارقىلىق ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ،1985-يىلى ئېكساق مەكتىپىنىڭ 100 يىللىق تويى مۇناسىۋېتى بىلەن ئاتۇشتا بېسىلغان«مەشئەل» ناملىق ژۇرنالدا «يەرلىك قىزغىنلىقنىڭ كۈچى بىلەن يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا بېيىتىلغان ھەم ئىنتايىن مۇقىملاشتۇرۇلغان»، « ئۇيغۇر يېڭى مائارىپى1885-يىلى ئاتۇش ئېكساقتا قۇرۇلغان پەننىي مەكتەپتىن باشلانغان. » دېگەن بىمەنەقاراشنى دەل ۋاقتىدا ئىنكار قىلىپ، جامائەتچىلىكنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە تارتقان ئىدى. چۈنكى، ئەينى ۋاقىتتا مەسئۇليەتسىزلىك بىلەن ئويدۇرۇپ چىقىلغان بۇ بىمەنەقاراش ئابدۇللا تالىپ ئەپەندىنىڭ 1986-يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشر قىلغان«ئۇيغۇر مائارىپ تارىخىدىن ئوچېركلار» ناملىق كىتابى ئارقىلىق مەتبۇئاتلاشتۇرۇلۇپ،ئۇيغۇر تەتقىقاتچىلىرىنىلا ئەمەس، بەلكى جۇڭگو ۋە چەتئەل  تەتقىقاتچىلىرىنىمۇ قايمۇقتۇرغان ئىدى.

كۆڭۈلنى غەشقىلىدىغىنى شۇكى، مۇئەللىپ بۇ قېتىمقى ماقالىسىدا، « ئۇيغۇر يېڭى مائارىپى1899-يىلى ئاكا- ئۇكا مۇسابايېفلار تەرىپىدىن ئۈستىن ئاتۇشنىڭ ئېكساق كەنتىدەقۇرۇلغان جەدىدچە مەكتەپتىن باشلانغان.» دېگەندىن ئىبارەت تېخىمۇ بىرتەرەپلىمەقاراشنى كۆتۈرۈپ چىقىپ، ئۆزى يۇقۇرىدا ئەيىپلىگەن « ئىلمىي تارىخ يېزىش ئېڭى ۋەمېتودىنى شەكىللەندۈرۈشكە سەل قاراش خائىشى»نى ئۆزى تەكرارلايدۇ. ھەتتا بۇ قاراشنى ئۆزى ئاغدۇرۇپ تاشلىغان ئىلگىرىكى بىمەنە قاراش ئۈستىگە دەسسىتىشكە ئۇرۇنۇپ،«ھەممە ئىشنى موللا بىلىپتۇ، موللا قوپۇپ كۆلگە سىيىپتۇ» دېگەندەك ئىش قىلىدۇ.

ھەرقانداق بىرخاتالىقنىڭ جاھىللىق ۋە ئىلىم روھىغا ھۆرمەت قىلماسلىقتىن تۇغۇلىدىغانلىقى ئېنىق.ماقالە ئىستىلىدىن يەنە « ھەممىدە مېنىڭ دېگىنىم راست! » دەيدىغان ئىلىم زومىگەرلىكى خائىشى پۇراپ تۇرىدىغان بولۇپ، ئۇ ئۆزىنىڭ بايىقى بىر تەرەپلىمەقارىشىنى «ھاكىم مۇتلەق قاراش» سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەنلا كۇپايىلەنمەستىن،ئۇنى ئاكسى يۇمىلاشقان ھۆكۈم شەكلىدە باشقىلارغا تاڭماقچى بولىدۇ. ئىلمىي مۇھاكىمەروھى دېموكراتىيەلىشىۋاتقان بۈگۈنكىدەك كۈندە، باشقىلارنىڭ تەپەككۇر ئەركىلىكىنى بوغىدىغان بۇنداق ئۆكتەم ھۆكۈماچىلىققا رايىشلارچە كۆنىۋەرگۈلىكمۇ، ئاخىر !؟تۆۋەندە، مەن يالقۇن روزى ئىنكار قىلغان «بەش خىل قاراش» ئىچىدىكى «بىرىنچى خىل قاراش»نىڭ تارىخىي ھەقىقەتكە ئۇيغۇن ياكى ئۇيغۇن ئەمەسلىكى ھەققىدە توختىلىمەن.

بۇ قاراش مۇھەممەتخان كامالىنىڭ «ئىلىدىكى ئوقۇتۇش ئىشلىرى– ئۇسۇلى قەدىم ۋە ئۇسۇلى جەدىدتوغرىسىدا» ناملىق ئەسلىمىسىدىكى (بۇ ئەسلىمە «ئىلى تارىخ ماتېرىياللىرى» نىڭ 1-سانىدا ئېلان قىلىنغان) « ئاتىمىز مەرھۇم ئابدۇمۇتائالى كامالى (خەلپەم) ئىلىغائۇسۇلى جەدىدنى ئەڭ بۇرۇن ئېلىپ كىرگۈچىلەرنىڭ بىرى »، « ئاتام دەسلەپتە موللائېلى دېگەن شائىردا، كېيىن شۇ دەۋردىكى مەشھۇر ئېشان ۋە شائىر نىزامىدىن ئاخۇنۇمدائوقۇغان. بۇنىڭدىن سەل كېيىن ياركەنتكە ئابدۇراھمان داموللام دېگەن تاتار ئالىم كېلىدۇ. بۇ كىشىمۇ مەكتەپ ئېچىپ بالا ئوقۇتىدۇ. بۇ كىشىنىڭ شۆھرىتىنى ئاڭلاپ كۆپلىگەن ئوقۇغۇچىلار بېرىپ دەرس ئوقۇيدۇ. ئاز ۋاقىتتىن كېيىن ئاتىمىزمۇ بېرىپ دىنىي دەرس ئوقۇشنى ئىلتىماس قىلىدۇ. ئابدۇراھمان داموللام دىنى دەرس ئوقۇۋاتقانلاركۆپ، سەن ئۇسۇلى جەدىدچە ئوقۇغىن. بۇنى ئوبدان ئۆزلەشتۈرگەندىن كېيىن خەلققەئىلىم-مائارىپ ئۆگەتسەڭ شۇنچە ياخشى دېگەن سۆزنى قىلىدۇ. ئاتىمىز داموللامنىڭ سۆزىنى ماقۇل كۆرۈپ جەدىدچە ئوقۇيدۇ. بىرقانچە يىلدىن كېيىن ئوقۇشنى تۈگىتىپ غۇلجىغا قايتىپ كېلىدۇ. 1895- يىلى ئەلاباي مەسچىتىگە چۈشۈپ، بالا يىغىپ 40 چە ئوقۇغۇچىنى ئوقۇتىدۇ. » دېگەن قۇرلاردىن كەلگەن. مانا بۇ قاراش ۋە ئۇنىڭ ئۇيۇتقۇسى بولغان «1895- يىلى» دېگەن رەقەم يالقۇن روزىنىڭ «ئۇيغۇر يېڭى مائارىپى قاچاندىن باشلانغان»، «ئاكا-ئۇكا مۇسابايېفلارنىڭ توققۇز چوڭ تۆھپىسى» قاتارلىق ماقالىلىرىدا تەرغىپ قىلىنغان «ئۇيغۇر يېڭى مائارىپى1899-يىلى ئاكا-ئۇكا مۇسابايېفلار تەرىپىدىن ئۈستىن ئاتۇشنىڭ  ئېكساق كەنتىدە قۇرۇلغان جەدىدچە مەكتەپتىن باشلانغان.» دېگەن بىرتەرەپلىمە قارىشىنى تەۋرىتىپ قويغانلىقى ئۈچۈن، ئۆزىنىڭ ئومۇم تەرىپىدىن تا ھازىرغىچە تولۇق ئېتىراپ قىلىنماي كېلىۋاتقان بۇ قارىشىنى«مۇتلەق ھەقىقەت» سۈپىتىدە پۈتكۈل ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىگە قوبۇل قىلدۇرۇش يولىدا تىنماي ئات چاپتۇرىۋاتقان مۇئەللىپنىڭ ئوغىسى ئۇشتۇمتۇت قاينايدۇ- دە، مۇھەممەتخان كامالى ئوتتۇرغا قويغان قاراشنىڭ «ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەسلىكى» نى جان- جەھلى بىلەن ئىسپاتلاش كويىغا چۈشىدۇ.

يالقۇن روزى بۇمۇددى ئاسىغا تولۇق يېتىش ئۈچۈن، تارىخ ۋە ھەقىقەت روھىغا تىغ تەڭلەشتىنمۇھېيىقمىغان بولۇپ، ئىلى خەلقىنىڭ يېڭى مائارىپنى يولغا قويۇش يولىدىكى دادىل ئۇرۇنىشلىرى ۋە بۇ جەھەتتە كۆرسەتكەن جانپىدالىقىنى خۇپسەنلىك بىلەن مەسخىرەقىلىدىغان «قەشقەردىكى جەدىدچە مەكتەپ ئابدۇلكەرىم ئەپەندى ئۈستىن ئاتۇشنىڭ ئېكساق كەنتىدە ئاچقان ‹ھۈسەينىيە› مەكتىپىنى كۆرسىتىدۇ. غۇلجىدىكى جەدىدچە مەكتەپلەرنى كىملەر ئاچقان بولۇشى مۇمكىن؟ يۇقۇرىقى بايانلاردا كۆرسىتىلگەندەك ‹ھۈسەيىن باينىڭ بۇ جەھەتتىكى تىرىشچانلىقى›ئاساسىدا ئېچىلغانمۇ ياكى غۇلجىغا كېلىپ ئولتۇراقلىشىپ سودا- تېجارەت بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان رۇسىيەلىك تاتارلارنىڭ پەرزەنتلىرىنى ئوقۇتۇش ئېھتىياجى بىلەن ئۇلار تەرىپىدىن ئېچىلغانمۇ ۋە ياكى ئابۇمۇتائالى خەلپىتىم تەرىپىدىن 1895-يىلى ئېچىلغانمۇ؟ مېنىڭچە ئابدۇمۇتائالى خەلپىتىم 1895-يىلى ياركەنتتىكى ئابدۇراھمان داموللا دېگەن تاتار كىشىدىن جەدىتچە ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى ئۆگىنىپ كېلىپ غۇلجىدا تۇنجى جەدىدچە مەكتەپ ئاچقان، دېگەن قاراشنى ئويلىنىپ بېقىشقا ئەرزىيدۇ. بۇ قاراشتا مەن باشتا ئېيتقاندەك مەلۇم دەرىجىدە ئاساس بار.لېكىن بۇ ئاساس بۇ قاراشنىڭ پۇت دەسسەپ تۇرۇشىغا يېتەرلىك ئەمەس.» دېگەندەك پەلىپەتىش  گەپلەرنى قىلىپ، ئىلى خەلقىنىڭ يېڭى مائارىپنى مۇستەقىل يولغا قويۇش جەھەتتىكى تەشەببۇسكارلىق روھىنى چۆكۈرىدۇ.

يالقۇن روزى قازانلىق ۋەلى شاھ غالى ئەكبەرېۋنىڭ«تەرجىمان» گېزىتىنىڭ 1902- يىلى 3- ئاۋغۇستتىكى سانىغا بېسىلغان خەۋىرىدىكى «ھۈسەيىن مۇسابايېف يەنە بىر ھاجى سوفى ئوغلى مەسۇم ئەپەندى دېگەن ئۇيغۇرنى جەدىدچە ئۇسۇلنى پۇختا ئۆگىنىپ كېلىشكە باغچەساراي شەھىرىگە ئەۋەتكەن. بۇ مەسۇم ئەپەندى قەشقەر ۋەغۇلجىدا جەدىدچە توققۇز مەكتەپنىڭ دائىمىي رەۋىشتە ئىشلەپ تۇرغانلىقىنى مەلۇم قىلغان.» دېگەن قۇرلارنى ئىستات ئالغان تۇرۇقلۇق «ئىلىدا مۇنتىزىم يېڭى مائارىپنىڭ قانداق باشلانغانلىقىنى بىرقەدەر كۈچلۈك ئاساسلار بىلەن ئوتتۇرغا قويغىلى بولىدىغان قاراش مەسۇم ئەپەندى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارايمەن.» دېگەندىن ئىبارەت ئۆز مۇددىئاسىغىلا پايدىلىق، ئەمما، تولىمۇ مەنتىقىسىز خۇلاسىنى كۆتۈرۈپ چىقىدۇ. ئۇنداقتا، ئىلىدا مۇنتىزىم مائارىپنىڭ قانداق باشلانغانلىقىنى تېخىمۇكۈچلىك ئاساسلار بىلەن ئوتتۇرىغا قويغىلى بولىدىغان باشقا ھەرقانداق قاراش ئۇنىڭ نەزىرىدە نۆلگە تەڭ ئوخشىمامدۇ !؟  

ئۇ گەرچەمۇھەممەتخان كامالىنىڭ ئەسلىمىسىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان قاراشنىڭ توغرا بولۇشىغاپايدىسىز ئىككى گۇمانلىق نۇقتىنى ئەسكەرتكەندە، ئابدۇمۇتائالى كامالى خەلپەمنىڭ غۇلجىدا مەكتەپ ئېچىپ، ئۇسۇلى جەدىدنى ئېلىپ كىرگەنلىكىنىڭ «مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان قاراش» ئىكەنلىكىگە چىن پۈتسىمۇ، بۇ مەكتەپنىڭ «دىنىي مەكتەپ»لىك خاراكتېرىنى ئالاھىدە پۇرىتىپ، جەدىدچە مەكتەپلىك خاراكتېرىنى قەستەن ئېتىراپ قىلغۇسى كەلمەيدۇ. مۇھەممەتخان كامالىنىڭ بايىقى ئەسلىمىسىنى ئابدۇمۇتائالى كامالى خەلپەم جەدىدچە مەكتەپ ئاچقان 1895-يىلىدىن ئالاھىزەل 90 يىل ئۆتكەندىن كېيىن يازغانلىقىنى تەكىتلەش ئارقىلىق ئۇنىڭ چىنلىق دەرىجىسىدىن يوچۇق ئىزدەيدۇ.مۇھەممەتخان كامالىنىڭ غۇلجا تاتارلىرى «مەكتەبى نۇر» نامىدا قىزلار مەكتىپى قۇرغان ۋە ئۇنىڭ قارمىقىدا «نۇر قىرائەتخانىسى» ئاچقان «1914- يىلى»نى «1910-يىلى» قىلىپ يېزىپ قويغانلىقى ۋە مەكتەب قۇرۇش تەشەببۇسكارىنى «ئابدۇللا بوبى»دېمەي، «كەشفۇل ئەسرار داموللام» دەپ سالغانلىقىدەك گىدىككىنە سەۋەنلىكىگە مەھكەم ئېسىلىۋېلىپ، ئىلى خەلقىنىڭ يۈكسەك ئىززەت-ئېھتىرامىغا ئېرىشكەن بۇ لەۋزى ھالال،پاراسەتلىك زاتنى ئاساسسىز پاكىت ئويدۇرۇپ چىقىرىدىغان چاكىنا ئادەمگە ئايلاندۇرۇپ قويغىلى تاسلا قالىدۇ. ھەتتا، «ئەلنىڭ كۆزى ئەللىك» ئىكەنلىكى بىلەنمۇھېسابلاشماي، «مۇھەممەتخان كامالى ئەپەندى ماقالىسىدا‹1895-يىلى›دېگەن يىلنامىنى دەلىل-ئىسپاتسىز ئوتتۇرىغا قويغان.» دېگەن سۆزىدە جاھىللىق بىلەن چىڭ  تۇرىۋالىدۇ. قازاقىستانلىق ئۇيغۇر ئالىم مۇرات ھەمرايېف بىلەن نەزەرغوجا ئابدۇسەمەتوفلارنىڭ يازمىلىرىدىكى مەزمۇنلارنى ئۆزمۇددىئاسىغا بويسۇندۇرۇپ تەھلىل قىلىپ، «مۇرات ھەمرايېف بىلەن نەزەرغوجائابدۇسەمەتوفنىڭ ماقالىلىرىدىكى ئۇچۇرلار ياركەنتنىڭ مائارىپ ئەھۋالىنىڭ 1895-يىلى ئۇ دەرىجىدە ئۈستۈن ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتىپ تۇرىدۇ.» دېگەن يۈزە خۇلاسىگە كېلىدۇ.

يالقۇن روزىيەنە مۇھەممەتخان  كامالى ئوتتۇرىغاقويغان  قاراشنىڭ توغرا بولۇشىغا پايدىلىق ئىككى ئامىلنى تەكىتلەپ كېلىپ، «مۇھەممەتخان كامالى ئەپەندى ئابدۇمۇتائالى كامالى خەلپىتىمنىڭ ئوغلى بولۇپ، ئوقۇمۇشلۇق، مۆتىۋەر كىشىدۇر. ئۇ دادىسىدىن ئاڭلىغانلىرىنى يازغان بولۇپ، ئىشەنچىلىك دەرىجىسى خېلىلا يۇقۇرى.» دېگەننى نومۇس كۈچىدىن تىلغا ئالغان بولسىمۇ، ئەمما، بۇ زاتنىڭ ئادىمىيلىكىدىن شۈبھىلەنگەنلىكىنى  راۋۇرۇس چاندۇرۇپ قويىدۇ. ئۇ، مۇھەممەتخان كامالىنىڭ بۇ ھەقتە يالغان ئېيتمىغانلىقىنى ئۆزىنىڭ«ياركەنت شەھىرىدە ھەقىقەتەن ئابدۇراھمان داموللا دېگەن كىشىنىڭ بىر مەزگىل تۇرغانلىقى توغرا بايان قىلىنغان. ئابدۇللا بوبى بۇ ئۇچۇرنى 1913-يىلى 9-ئاينىڭ25-كۈنى غۇلجىغا كېلىپ، تاتار قىزلار مەكتىپى بىلەن ئوغۇللار مەكتىپىدەئوقۇتقۇچىلىق قىلىشقا باشلاپ بىرەر ئاي ئۆتمەي، غۇلجىدىكى رۇسىيە كونسۇلى تاتارلارئۈچۈن تەيىنلىگەن فازىلجان ئاقساقال دېگەن كىشىنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىغاندا بايان قىلغان.» دېگەن سۆزى ئارقىلىق قىسمەن ياقلىغان بولسىمۇ، ئابدۇمۇتائالى كامالى خەلپەمنىڭ غۇلجىدا مۇسابايېفلاردىن بۇرۇن جەدىدچە مەكتەپ قۇرۇپ، ئىلىغا ئۇسۇلى جەدىدنى سىستېمىلىق رەۋىشتە ئەكىرگەن تۇنجى جەدىدچى ئىكەنلىكىدەك ئەمەلىيەتنى ئىنكار قىلىش غەرىزىدىن پەقەتلا يانمايدۇ.

ئابدۇللا بوبىنىڭ ئەينى چاغدىكى شەخسىي خاتىرىسىدە يېزىلغان «بۇنىڭدىن بۇرۇن، بىزدىن مۇسابايېفلارغا مۇئەللىم بولۇپ كەلگەن ئابدۇلمۇتەللىپ ئىلكايېفنىمۇ فازىلجان ئەپەندى يولغا سېلىپۋەتكەن ئىكەن.مېنىمۇ ئۇ، ئابدۇلمۇتەللىپنى يولغا سېلىۋەتكەندەك يولغا سېلىۋەتمەكچى ئىكەن. لېكىن ئىش ئۇنىڭ دېگىنىدەك بولمىدى.»، « ئۇنىڭ پۈتۈن مەقسىتى ھەركىمنى ئۆزىگەبېقىندۇرۇپ، ئۆزىنى ھەممىدىن بىلىملىك قىلىپ كۆرسىتىشتۇر. ئۆزىگە بېقىنمىغان،ئۆزىدىن پازىل بىر ئادەمنى ھەرۋاقىت بار كۈچى بىلەن بوزەك قىلىشقا، يوقىتىشقا ھەرىكەت قىلىپ يۈرىدۇ. ياركەنتتىكى داموللام ئابدۇرەھماننىمۇ ئۇ خاراب قىلغان. پىتنە توقۇپ ئىناۋىتىنى تۆككەن.» دېگەندىن ئىبارەت شەخسىي ئاداۋەت پۇرىقى قويۇق ۋايساشلىرىنى بىردىن-بىر پاكىت سۈپىتىدە كۆتۈرۈپ چىقىپ، «بۇ ئۇچۇردىن بىز ئابدۇراھمان داموللىنىڭ ياركەنتتە قاچان تۇرغانلىقىنى بىلەلمىسەكمۇ، بىر مەزگىل تۇرغانلىقىنى دەلىللىيەلەيمىز.» دېگەن مۈجىمەل قاراشنى تەكىتلەيدۇ.

ئەمدى مەن يالقۇن روزى «بىرىنچى خىل قاراش»نى ئىنكار قىلغاندا ئوتتۇرىغا قويغان «دەلىل- ئىسپاتلار»نىڭ چىنلىق دەرىجىسىنى باھالايمەن:

بۇنىڭ ئۈچۈن ئابدۇمۇتائالى كامالى خەلپەم  ياركەنتتىكى ئابدۇراھمان داموللا دېگەن  ئالىمنىڭ قولىدا ئوقۇغانمۇ-يوق؟، ئۇنىڭ 1895-يىلى غۇلجىدا جەدىدچە مەكتەپ ئاچقانلىقى تارىخىي ھەقىقەتكەئۇيغۇنمۇ-ئەمەسمۇ؟ دېگەن نازۇك مەسىلىلەرگە لىللا جاۋاب بېرىشكە توغرا كېلىدۇ.

يېقىندا، مەن خەلپەم ھەزرەتنىڭ غۇلجىدىكى نەۋرىسى ئابدۇراھمان ھاجىنى زىيارەت قىلدىم. ئۇ ماڭا:«دادام مۇھەممەتخان كامالىنىڭ ئېيتىشىچە، بوۋام ئابدۇمۇتائالى كامالى خەلپەمنىڭ تەكتى قورغاس مازاردىن بولۇپ، 1881- يىلىدىكى ‹كۆچ-كۆچ»تە، ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللەياركەنتكە كۆچۈپ چىقىپتۇ. دەسلەپتە كونا قورغاسلىق موللا ئېلى دېگەن شائىردا،كېيىن ياركەنت  مەدرىسەسىگە كىرىپ،شائىر  موللا بىلال نازىمىنىڭ ۋە مەشھۇر دىنىي ئالىم ، شائىر نىزامىدىن ئاخۇنۇمنىڭ قولىدا ئوقۇپتۇ. بۇ دەل ئابدۇراھمان مىشارالىيا داموللام دېگەن تاتار ئالىمنىڭ ياركەنتتە جەدىدچە مەكتەپ ئېچىپ، شۆھرەت تاپقان ۋە نىزامىدىن ئاخۇنۇم بىلەن بىللە «ياركەنتتىكى ئىككى پازىل» دەپ ئۇلۇغلانغان چاغلىرى ئىكەن. داموللامنىڭ داڭقىنى ئاڭلىغان خەلپەم بوۋام ئۇنى ئىزدەپ بېرىپ، داۋاملىق ئوقۇش ئارزۇسى بارلىقىنى ئېيتىپتۇ. ئۇ خەلپەم بوۋامغا:‹ھازىر قولۇمدا دىنىي دەرس  ئۆگەنگۈچىلەرجىق. ئىلىدىن كەلگەن ئاسىپ ئاخۇن، ياقۇپبايلارمۇ دىنىي ئىسلامدىن دەرس ئېلىۋاتىدۇ.مېنىڭچە، ئۇسۇلى جەدىدنى ئوقۇغىن! ئەگەر، ئۇنى ئوبدان ئۆزلەشتۈرۈپ،خەلققە ئىلىم-مەرىپەت ئۆگەتسەڭ ساۋابى تېخىمۇ چوڭ بولىدۇ.› دەپتۇ. خەلپەم بوۋام  ياركەتتە ئوقۇپ «ئېرشادنامە» ئالغاندىن كېيىن،جەدىدچە مەكتەپ ئېچىش ئۈچۈن، غۇلجىغا قايتىپ كەپتۇ.

خەلپەم ھەزرەت بوۋىمىز1895-يىلى ئەتىيازدا، غۇلجا مەھكى مەئى شەرئىنىڭ ئىجازىتى بىلەن سۇدەرۋازامەھەللىسىدىكى ‹ئەلاباي مەسچىتى›گە ئىمامەتچىلىككە قويۇلۇپتۇ. جامائەتنىڭ مەسلىھەتىنى ئالغاندىن كېيىن، مەسچىت قورۇسى ئىچىگە جەدىدچە مەكتەپ ئېچىپتۇ ۋە  دەسلەپ 40 نەپەرچە بالىنى يىغىپ ئوقۇتۇپتۇ. شۇيىلى كۈزدە، ئابدۇقادىر ئاقساقال باشلىق ئاتا-ئانىلار ۋەكىللىرى ئالدىدا بالىلاردىن ئوچۇق ئىمتىھان ئاپتۇ. ئۇلار دوسكىغا بىر بىرلەپ چىقىپ، ئىملا يېزىپتۇ، تۆت ئەمەل بىلەن ھېساب ئىشلەپتۇ، جۇغراپىيە دەرسىدە ئۆگەنگىنى بويىچە خەرىتىنى چېنەپ تۇرۇپ، قىتئەلەرۋە ئۇنىڭغا جايلاشقان شەھەر، مەركەزلەر، تاغ- دەريالارنىڭ ئورنى، نامىنى ئەپچىللىك بىلەن ئېيتىپ بېرىپتۇ. جامائەت بۇ بالىلارنىڭ خەلپەم بوۋىمىزنىڭ قولىدا ئوقۇپ ناھايىتى تېزلا ساۋادلىق بولغانلىقىنى كۆرۈپ، مەمنۇن بولۇپتۇ ۋە بالىلارنىڭ تار سىنىپ تاقىستىلىپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ، مەكتەپنى كېڭەيتىش قارارىغا كەپتۇ. ئابدۇقادىرئاقساقال مەھكىمەئى شەرئىنىڭ رۇخسىتىنى ئالغاندىن كېيىن، مەكتەپنى ئۆزىنىڭ تۆت كۆۋرۈك مەھەللىسىدىكى قورۇ-جايىغا كۆچۈرۈپ ئاپىرىپتۇ. بۇ مەكتەپ جامائەتنىڭ قوللىشىداناھايىتى تېز تەرەققىي قىلىپ، بىر مۇدىر، تۆت ئوقۇتقۇچى، ئىككى يۈزدىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىسى بار تۆت سىنىپلىق باشلانغۇچ مەكتەپكە ئايلىنىپتۇ. مەكتەپ نامىمۇ خەلپەم بوۋىمىزنىڭ مۇبارەك ئىسمىغا يارىشا‹تائالىيە›مەكتەپ، دەپ ئاتىلىپتۇ. 1911- يىلى بوۋىمىزنىڭ تېرەكمازاردىن قورۇ- جايلىق يەر سېتىۋېلىشى بىلەن تېخىمۇ كېڭىيىش ئىمكانىيىتىگەئېرىشىپ، رۇشتى (يەتتە يىللىق) مەكتەپكە تەرەققىي قىلىپتۇ.

ئابدۇراھمانمى شارالىيا داموللام دەل مېنىڭ ئانا جەمەت بوۋام بولىدۇ. ئابدۇراھمان بوۋام ئالاھىدىن (تاتارچە غەلەتتىن)، خەلىمە، خەنىپە، خەدىچە ئىسىملىك تۆت پەرزەنت يۈزى كۆرگەن بولۇپ، كىچىك قىزى خەدىچەنى (مېنىڭ رەھمەتلىك ئاپامنى) خەلپەم بوۋامنىڭ چوڭ ئوغلىغا يەنى دادام مۇھەممەتخان كامالىغا چېتىپتۇ. خەلپەم بوۋام ئابدۇراھمان بوۋىمىزنى چىن ئىخلاس بىلەن يادلاپ تۇرۇش ئۈچۈن، ماڭا ئەنە ئاشۇ  زاتنىڭ ئىسمىنى قويغان ئىكەن. دادامنىڭ ئەسلىشىچە، ئابدۇراھمان بوۋام ياركەنتتىن غۇلجىغا بىر نەچچە قېتىم كېلىپ، خەلپەم بوۋام، ئاسىپ ئاخۇنۇم (ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى دەۋرىدە مىللىي سوتنىڭ باشلىقى بولغان مۇھەممەتجان مەخسۇمنىڭ ئاتىسى)، ياقۇپ موللا (چاپچاللىق) قاتارلىق ئۈچ شاگىرتى بىلەن قاينۇقتا يەرلىشىپ قالغان تاتار بۇرادىرىنى ئالاھىتەن يوقلاپ كەتكەن ئىكەن.  ئۇ ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىدىن بۇرۇنراق ۋاپات بولۇپتۇۋە ياركەنتتىكى تاتارلار قەبرىستانلىقىغا يەرلىنىپتۇ. 1984- يىلى ياركەنتكەبارغىنىمدا، ئابدۇراھمان بوۋام ئاچقان‹نوغاي مەدرىسەسى›نى زىيارەت قىلغان بولساممۇ، ئۇنىڭ قەبرىگاھىنى بىلىدىغانلارنى تاپالمىغاچقا، تاۋاب قىلالماي،ئارماندا قايتقان ئىدىم. 1989- يىلى بېشكەكلىك تۇغقىنىمىز ئابدۇمېجىت قارىدىن  دۆڭ مازارنىڭ تار كەنتىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىپ،ياركەنتكە قايتقان ئۆمەرجان ئەپەندىنىڭ قەبرە ئورنىنى ئېنىق بىلىدىغانلىقىنى ئاڭلىدىم. ۋەتەنگە قايتىشىمدا يەركەنتكە چۈشۈپ، ئۆمەرجان ئاكا بىلەن مەرھۇمنىڭقەبرىگاھىنى تاۋاب قىلىپ قايتتىم.» دېدى.

ئابدۇراھمانمى شارالىيا داموللام جەمەتىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىنى سۈرۈشتۈرۈش ئۈچۈن، «غۇلجا رۇس مەكتىپى» نىڭ سابىق مۇدىرى، غۇلجا تاتارلىرىنىڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر مۆتىبىرى ئىليارگابى توفنى ئىزدىدىم. ئۇ ماڭا:« 2006- يىلى تاتارىستانغا ئوت پۇسكىغا بېرىپ يانارىمدا يەركەنتكە چۈشتۈم. تاتار مىللەتداشلار بۇ يەردىمۇ خۇددى غۇلجىدىكىگەئوخشاش مۇستەھكەم مىللىي گەۋدە بولۇپ ياشاپ كېلىۋېتىپتۇ. شۇ كۈنلەردە، سالىخوفلارجەمەتى بەرگەن كاتتا نەزىرگە قاتناشتىم. مېنى سۆيۈندۈرگىنى شۇكى، ئۇلار ئۇلۇغ بوۋىلىرى مۇھەممەدى سالىخوف ۋە ئابدۇراھمان مىشارالىيا داموللاملارنىڭ ئىزىنى ئۆچۈرمەي كېلىۋېتىپتۇ.» دېدى.

مىرقاسىم گوسمانوف «ئىسمائىل گاسپىرالى ۋە شىنجاڭدا يېڭى ئۇيغۇر مائارىپى» ناملىق ماقالىسىدا، «تەرجىمان» گېزىتىنىڭ 1901-يىلى 1- ئاينىڭ 1- كۈنىدىكى سانىغابېسىلغان «غۇلجىدىكى جەدىد مەكتەپلىرىدە 500 نەپەردىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى بار. ئىمتىھان بايرام مەزگىلىدە ئېلىندى.»(1) دېگەن خەۋەرنى ئالاھىدەمىسالغا ئالغان بولۇپ، بۇ خەۋەر ئابدۇمۇتائالى كامالى خەلپەم قاتارلىقلارنىڭ غۇلجىدا جەدىدچە مەكتەپ ئېچىپ، بالىلاردىن ئوچۇق ئىمتىھان ئالغانلىقىغا ئىسپات بولالايدۇ.

خوش. يالقۇن روزىنىڭ تارىخىي ئەمەلىيەتنى ئېنىق تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلماي چىقارغان «ئابدۇراھمان داموللىنىڭ ياركەنتتە قاچان تۇرغانلىقىنى بىلەلمىسەكمۇ، بىر مەزگىل تۇرغانلىقىنى دەلىللىيەلەيمىز.» دېگەن ھۆكۈمى قىپ-قىزىل يالغان بولۇپ چىقمىدىمۇ!؟ ئېيتىڭلارا،ئۇنىڭ «ئادالەتنىڭ قازىسى»دەك چورتلا كېسىپ ئېيتىۋەتكەن «قىسقىسى، ئابدۇمۇتائالى خەلپىتىم ئىلىدا ئۇسۇلى جەدىد ئوقۇتۇشىنى يولغا قويغان پېشىۋا مائارىپچىلاردىن ھېسابلانسىمۇ، ئەمما، پاكىت يېتەرلىك بولمىغاچقا، ئاساس كۈچلۈك بولمىغاچقا تۇنجى جەدىدچى دېگەن ئاتاققا نائىل بولالمايدۇ.» دېگەن تاقا-تۇقا گەپلىرىگە نېمەدېگۈلۈك؟

غۇلجىدىكى تارىخ بىلىمى مول زىيالىيلاردىن پولات بۇرھان ئاكىنىڭ ئېيتىشىچە، ئابدۇمۇتائالى كامالى خەلپەم ئوغلى مۇھەممەتخان كامالىنىڭ تارىخقا ئىنتايىن ھېرىسمەنلىكىنى بىلگەچكە،ئۇنى نۇقۇل دىنىي ئىلىم ئۈگىنىشكىلا زورلىماستىن، تارىخقا ئائىت بىلىملەرنىمۇئۆگىنىشكە دەۋەت قىلغان ئىكەن. ئۇ، ئاتىسىنىڭ رىغبىتى بىلەن بېرىلىپ تارىخ ئۆگىنىپ، ئىلى تارىخىدا بولۇپ ئۆتكەن ۋاقى ئەلەرنى بەش قولدەك ئېنىق بىلىدىغان«تىرىك تارىخ» لاردىن بولۇپ چىقىپتۇ. شۇڭا، تېيىپجان ھادى قاتارلىق تارىخ ئىخلاسمەنلىرى ئۇنى  ئۇستاز سۈپىتىدەھۆرمەت قىلاتتىكەنتۇق. مانا مۇشۇنداق تارىخىي ھەقىقەت  تۇيغۇسى كۈچلۈك بىر زاتنىڭ ئۆز يىلتىزى،بىۋاسىتە تۇغقانلىرى ھەققىدە خالىغانچە توقۇلما قىلىشى مۇمكىنمۇ، ئاخىر؟!

پولات بۇرھان ئاكىنىڭ مۇھەممەتخان كامالى بىلەن بولغان بىر قېتىملىق سۆھبەت خاتىرىسىدىن مەلۇم بولىشىچە، ئابدۇمۇتائالى كامالى خەلپەم ئىنتايىن كىتابخۇمار كىشى بولغاچقا،ئۇستازى ئابدۇراھمان مىشارالىيا داموللام ھەزرەتلىرىنىڭ شەخسىي كۈتۈپخانىسىدىن تۈركىيە، مىسىر، تاتارىستان قاتارلىق يەرلەردە نەشر قىلىنغان كىتاب-ژۇرنال،گېزىتلەرنى ئارىيەت ئېلىپ ئوقۇپ، ۋاقتىدا قايتۇرۇپ تۇراتتىكەن. ئەل ئۆمرىدەباشقىلارنىڭ قىل چاغلىق نەرسىسىگە خىيانەت قىلمىغان بۇ پازىل زات بىركۈنى «شۇرا»ژۇرنىلىنىڭ مەلۇم بىر سانىنى ئۇستازىدىن بىسوراق ئېلىپ كېتىپتۇ ۋە ئۇنى قايسى يۈزىبىلەن قايتۇرۇشىنى بىلەلمىگەنلىكتىن، يادىكار سۈپىتىدە ساقلاشقا مەجبۇر بولۇپتۇ.كېيىنچە، ئۇستازى بۇ ئىشنى ئۇقۇپ سالىۋات قىلىۋېتىپتۇ. ئەمما خەلپەم ھەزرەت مۇشۇكىچىكىنە ئىش تۈپەيلى ئۆزىنى بىر ئۆمۈر ئەيىپلىك سانىغان ئىكەن.

يالقۇن روزى زورۇقۇپ ئىنكارقىلماقچى بولغان ئەسلىمىنىڭ چىنلىقىغا كەلسەك، مەزكۇر ئەسلىمە خەلپەم ھەزرەت ئۆزئېغىزى بىلەن ئېيتىپ بەرگەن راست ئىشلارنى بىرىنچى قول ماتېرىيال قىلغانلىقتىن،ئۇنىڭ يالغان بولۇش ئېھتىماللىقىنى نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولىدۇ. ئەسلىمە ئېلان قىلىنغان 1984- يىلى ئىلىدا خەلپەم ھەزرەتنىڭ زامانداشلىرى ۋە ئۇ ياشىغان دەۋرنىڭ تىرىك شاھىدلىرى ئاساسەن دېگۈدەك ھايات بولۇپ، ئەگەر، ئەسلىمىدىكى بايانلار ساختا بولسائۇلارنىڭ قىلچە يۈز–خاتىرە قىلماي ئىنكار قىلىشىغا ئۇچرىغان بولاتتى. دېمەك،شاھىدلارنىڭ بۇ ھەقتە تەمىنلىگەن ماتېرىياللىرى تارىخىي ماتېرىيالنىڭ چىنلىق دەرىجىسىنى بېكىتىشنىڭ «ئۈچ ئۆز»لىك پىرىنسىپىغىمۇ تامامەن ئۇيغۇن كېلىدۇ.

يۇقۇرىقىلاردىن بىزئابدۇمۇتائالى خەلپەمنىڭ ياركەنتتىكى ئابدۇراھمان مىشارالىيا داموللامنىڭ قولىدائوقۇغانلىقىنى ۋە 1895- يىلى غۇلجىغا قايتىپ كېلىپ جەدىدچە مەكتەپ ئاچقانلىقىنى دەلىللىيەلەيمىز.

ئارىمىزدا«باشقىلاردىن ئاڭلاپ يېزىۋېلىنغان تارىخقا ئىشەنگىلى بولمايدۇ. تارىخ دېگەننىڭ ئېقى قەغەز، قارىسى سىياھ بولۇشى كېرەك.» دەيدىغانلارمۇ بولۇشى مۇمكىن. ئۇنداقتا،بارلىق تارىخنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىمىنى قايتىدىن يېزىشقا توغرا كېلىدۇ. مەسىلەن،بۈگۈنكى قانلىق جەڭنىڭ ئەھۋالىنى بۈگۈننىڭ ئۆزىدىلا  خاتىرىلەپ قالدۇرۇش ئەسلا مۇمكىن بولمايدىغان ئىش. ئۇنىڭ شاھىدلارنىڭ بايانىدىن ئاڭلاپ ئەتىسى خاتىرىلەنگەنلىكىگە قاراپ،بىراقلا يالغانغا چىقىرىۋەتكىلى بولامدۇ؟

1916-يىلى «تائالىيە» مەكتەپ تەرىپىدىن بۇ مەكتەپنىڭ4– سىنىپىنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرگەن 42– نومۇرلۇق ئوقۇغۇچى ئابدۇلخەمىت ئابدۇل ۋەكىلىگە تارقىتىپ بېرىلگەن تۆۋەندىكى «ئىمتىياز» گۇۋاھنامىسى بۇ سۆزىمىزنىڭ چىنلىقىنى يەنىمۇ ئىسپاتلايدۇ.

بىز بۇ «ئىمتىياز»نىڭ رەڭلىك ۋە ئۆلچەملىك ئىشلەنگىنىگە قاراپ، «تائالىيە» مەكتەپنىڭ ئەينى دەۋردىكى مۇنتىزىم باشقۇرۇلۇش ھالىتىنى كۆرىۋېلىپلا قالماي، ئىلى مەتبەئەچىلىك تېخنىكىسىنىڭ قانچىلىك سەۋىيەگەيەتكەنلىكىنىمۇ كۆرىۋالالايمىز.

ئىلىم تەھسىل قىلغۇچىلارنىڭ  ئارىلىقنى يىراق كۆرمەي غۇلجىغا كېلىپ، ئابدۇللا بوبىنىڭ قولىدا ئوقۇشنى ئارمانلىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەبلەرنىڭ بىرى شۇكى، ئابدۇللا بوبى (1917-1871)ئاتاقلىق پېداگوك بولۇپلا قالماي، قولىدا راۋرۇس قەلەم توختايدىغان ئاقارتقۇچى ۋەئەدىب ئىدى. ئۇنىڭ «بوبى مەدرىسەسى تارىخى»، «تەئەددۇدى زەۋجاتى ھىفزىىس سىھھاتەتەتبىق»، «تەرەققىئى فۇنۇن  دىنسىزلىقى مۇجۇپمۇ؟»، «ھەقىقەت ياخۇد دوغرۇلۇق»، «تاتارچە خۇتبە ئوقۇش دۇرۇسمۇ؟»، «زامانى ئىجتىھاد مۇنقەرىزمۇ – ئەمەسمۇ؟» قاتارلىق كىتابلارنى  يازغانلىقى ۋە مۇھەممەت ئابدۇھنىڭ «تەۋھىد»كىتابىنىڭ تەرجىمىسىنى ئىشلىگەنلىكى مەلۇم. دېمەك، ئۇ ئالىملىق شەرتى ھازىرلىغان مەرىپەتچى بولۇپ، ئۇنىڭ 1913-يىلى تاتارىستان «مائارىف» كىتابخانىسى تەرىپىدىن قازاندا نەشر قىلىنغان «قىرائەت فەنىيە» («پەننى ئوقۇش») ناملىق خىمىيە تەجرىبە كىتابى غۇلجىدا ساقلىنىۋاتقانلىقى بۇ سۆزىمىزنى تەستىقلايدۇ.  

ئىلى ۋە يەتتەسۇ ئۇيغۇرلىرى يېڭى مائارىپنى يولغا قويۇش ۋە بۈگۈنكىدەك مۇنتىزىم ھالەتكە كەلتۈرۈش يولىدا ئازبولمىغان بەدەللەرنى تۆلىگەن، تىللاردا داستان بولغىدەك شانلىق نەتىجىلەرنى قولغاكەلتۈرگەن بولۇپ، ئىلى يېڭى مائارىپى ئەسىردىن ئۇزاق شانلىق تەرەققىيات مۇساپىسى جەريانىدا پۈتۈن سۈرۈك ئۇيغۇر يېڭى مائارىپىنىڭ يوقلۇقتىن بارلىققا كېلىشى،مۇستەھكەم ئاساستا شەكىللىنىشى،  سىستېمىلىق يوسۇندا تەرەققىي قىلىشى ۋە بۈگۈنكىدەك مۇنتىزىم ھالەتكە كېلىشىدە ئۇل تاشلىق رول ئوينىغان.

يۇقۇرى سەۋىيەلىك مەدەنىي مائارىپ سىستېمىسى بولمىسا، يۇقۇرى ساپالىق ئىختىساس ئېگىلىرىنىڭ يېتىشىپ چىقىشىدىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ. سان ئۆزگىرىشىنىڭ سۈپەت ئۆزگىرىشىگە تۈرتكەبولىدىغانلىقى ئەڭ ئەقەللىي پەلسەپەۋىي ساۋات. سان ۋە ساپا جەھەتتىن كىشىنى قايىل قىلكغۇدەك ناماياندىلەرنىڭ بارلىققا كەلگەنلىكىدىن ئىبارەت بۇ  ئەمەلىيەت بىزگە جەدىدچە مائارىپ تۈرتكىسىدەشەكىللەنگەن يېڭى مائارىپنىڭ ئىلى ۋە يەتتەسۇ ۋادىسىدا قانچىلىك چوڭقۇر يىلتىزتارتقانلىقىنى ۋە قانداق مول مېۋە بەرگەنلىكىنى ئېنىق ئەسكەرتىپ تۇرىدۇ.

تۆۋەندە، مەن ئەنە شۇلارئىچىدىكى ناماياندا خاراكتېرلىك شەخسلەرنىڭ مۇبارەك نامىنى ئېھتىرام بىلەن تىلغائېلىپ ئۆتىمەن:

دۆلەت ۋە ئۆلكەرەھبەرلىرى:ۋېلىباي يولداشېف (1916-1836) چار رۇسىيە دۆلەت دۇماسىنىڭ ئەزاسى بولغان، ئابدۇللاروزى باقىيېف (1938-1897)، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ دۆلەت دەرىجىلىك رەھبىرى بولغان،سىياسىي- ئىجتىمائىي پائالىيەتچى، ئىسمائىل تاھىروف (1937-1900) تۈركىستان سوۋېت جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەھبىرى بولغان، ياقۇپ روزېن (1978-1905) سوۋېت ئىتتىپاقى شەرق ئەللىرى بۆلۈمى مەركىزىى كومىتېتىنىڭ رەئىسى بولغان، ئىسمائىل يۈسۈپوف (1914-)قازاقىستان كومپارتىيەسىنىڭ باش سېكرىتارى بولغان، مەسئۇد سابىرى (1951-1888)شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسى بولغان، ئوسمان خوجايېف (1970-1898) ئۆزبېكىستان مەركىزى كومىتېتىنىڭ باش سېكرىتارىبولغان، ئەخمەتجان قاسىمى (1949-1914) شىنجاڭ ئۆلكىلىك بىرلەشمە ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان، ئابدۇللازاكىروف (1982-1914) ش ئۇ ئا ر خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان، تۇرسۇن رەخىموف (1986-1912) سوۋېت كومپارتىيەسى مەركىزى كومىتېتىنىڭ مەسئۇلى بولغان،ئابلەت ئابدۇرېشىت (1942-) ش ئۇ ئا ر خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ رەئىسى، جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان، مېجىت ناسىر (1938-) ش ئۇ ئا ر خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ش ئۇ ئا ر خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان، پاشا ئېشان (1938-) ش ئۇ ئار سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان، ئابدۇللا ئىزباقىيېف (1990-1914) قازاقىستان ئىچكى ئىشلارمىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى، مەروپ مەمەتوف (1983-1901) ئۆزبېكىستان رادىئوتېلېۋىزىيە كومىتېتېنىڭ رەئىسى بولغان، خېلەم خۇداي بېردىيېف (2004-1918)ئۆزبېكىستان رادىئو-تېلېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان، سەييارەسەيدىۋاققاسېۋا (1942-) سوۋېت قارى قالپاق ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇئاۋىن سەھىيە مىنىستىرى بولغان، روبېرت تۇردىيېف (2000-1939) دېپلومات، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تۇنىستا تۇرۇشلۇق كونسۇلى بولغان، دىئاس ھاسانوف (1991-1942) دىپلومات، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ باغداتتا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بولغان، ئابدۇلئەھەت خوجايېف (1942-)دوكتور، دىپلومات، ئۆزبېكىستاننىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ باش كاتىبى بولغان.


ئاكادېمىكلار: ئەزىزئىسلام جانوۋىچ نارىنبايېف (1924-) پىروفېسسور، دوكتۇر، قىرغىزىستان پەنلەرئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى، غوجاخمەت سەدۋاققاسوف (1991-1929) دوكتور، قازاقىستان پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ فىلولوگىيە پەنلىرى ئاكادېمىكى، ماخمۇت ئەبەيدۇللايېۋىچ ئابدۇراخمانوف (1936-) پىروفېسسور، دوكتور، قازاقىستان پەنلەر ئاكادېمىيەسىسوتس ئالوگىيە پەنلىرى ئاكادېمىكى، ماھمۇتجان ھەۋەيدۇللايېۋىچ ئابدۇللايېف (1934-)دوكتور، قازاقىستان پەنلەر ئاكادېمىيەسى يېزا ئىگىلىك پەنلىرى ئاكادېمىكى،مۇراتبېك كەرىموۋىچ ھەمرايېف (1983-1936) س س س ر پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى، رەخىمجان ئاۋۇتوف (1999-1936) پىروفېسسور، دوكتور، قازاقىستان پەنلەرئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى، دولقۇن ياسىن (ئۇچقۇن) (1938-) شائىر، ژۇرنالىست،ئامېرىكا كالفورنىيە خەلقئارا ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى، يارمۇھەممەت مۇبارەكوف(1999-1944) ئۆزبېكىستان پەنلەر ئاكادېمىيەسى تېخنولوگىيە پەنلىرى ئاكادېمىكى،تۇرغان قۇربانوۋىچ سوپىيوف (1942-) مېدىتسىنا پەنلىرى پىروفېسسورى، دوكتور،قازاقىستان پەنلەر ئاكادېمىيەسى مېدىتسىنا پەنلىرى ئاكادېمىكى، ھوشۇر ئىسلام(1942-) شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى، جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى، ھاكىمجان ئارۇپوف (1962-) ئىقتىساد پەنلىرى دوكتورى، خەلقئارالىق ئىنفورماتسىيە پەنلىرى ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى، تۇران ئۇنىۋېرسىتېتى ئىگىلىك باشقۇرۇش فاكولتېتىنىڭ مۇدىرى.

دوكتور، پىروفېسسور، دوتسېنتلار: بۇرھان قاسىموف(1938-1902) سوۋېت ئىتتىپاقى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى، ئابدۇسېمەتوف رابېك (1986-1915) مېدىتسىنا پەنلىرى دوكتورى،  قارىبايېۋا ساھىپجامال (1921-) مېدىتسىناپەنلىرى دوكتورى، پىروفېسسور، تۇغلۇقجان تالىپوف (1925-) فىلولوگىيە پەنلىرى دوكتورى، ئىدۋارت رەخىموف (1930-) دوكتور، پىروافېسسور، قاپىيە ئابدۇللايېف(1932-) پېروفېسسور، دامېر ساتتاروف (1934-) دوكتور، مامىدوۋا فىلورا (1940-)مېدىتسىنا پەنلىرى دوكتورى، پىروفېسسور، رۇسلان روزىباقىيېف (1941-)  مېدىتسىنا پەنلىرى دوكتورى، پىروفېسسور، تېمۇريالتاشېف (1956-) تېخنىلوگىيە پەنلىرى دوكتورى، ئامېرىكا كالفورنىيە دۆلەتلىكئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى، ئابدۇرېشىت ئەلىيېف (1934-) فىزىماتېكا پەنلىرىدوكتورى، پىروفېسسور، ئابدۇلئەزىز ئابدۇللايېف (1936-) دوكتور ھەم پىروافېسسور،تېلمان ساتتاروف (1940-) تارىخ پەنلىرى دوكتورى، پىروفېسسور، تامارا ئەلباقىيېۋا(1941-) مۇزىكا پەنلىرى دوكتورى، پىروفېسسور، بەھرامجان گىلاۋدىنوف (1942-)،ئارخېتىكتورىيە پەنلىرى دوكتورى، پىروفېسسور، ئالېكساندىر رەخىموف (1943-) يادروفىزىكا پەنلىرى دوكتورى، موسكۋا دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى، خەمىتتىلاشېف (1944-) دوكتور ھەم پىروفېسسور، كىلارا رەخىموۋا (1939-) مېدىتسىناپەنلىرى دوكتورى، پىروفېسسور، شەرىپىدىن ئۆمەر (1995-1932) شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ فىلولوگىيە پەنلىرى پىروفېسسورى،تۇردى ئوسمان (1938-) شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ يادرو فىزىكا پەنلىرى پىروفېسسورى،مۇھەممەتجان سادىق (2012-1936) ئىلى پىداگوگىكا ئىنستىتوتىنىڭ فىلولوگىيە پەنلىرىپىروفېسسورى، شۈكۈرخان زەيدۇن (1939-) شىنجاڭ تىببىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئاياللاركېسەللىكلىرى پىروفېسسورى، ئابدۇلھەي مۇھەممىدى (تولۇق ئىسمى مۇھەممىدوف ئابدۇلھەيزاكىر ئوغلى) (1946-1901) تىلشۇناس، ئەدەبىياتشۇناس، دوتسېنىت،  مامىدوف مەرۇپ (1966-1901) ئىقتىساد پەنلىرىدوتسېنتى، ئەرشەم ھىدايەت تولۇق ئىسمى ئەرشىدىن ھىدايەت (1951-1906) تارىخ پەنلىرىدوتسېنتى، سالىھبايېف خەمىت سالىھ ئوغلى(1970-1909) دوتسېنت، روزىباقىيېفئابدۇمېجىت ئەكبەر ئوغلى (1910-) بىئولوگىيە پەنلىرى دوتسېنتنى، مۇخامېدىۋا مەريەم(1946-1910) تارىخ پەنلەر دوكتۇر نامزاتى، دوتسېنت، تۇرغانوف مىرغىياسىدىن (1987-1911)تارىخ پەنلىرى دوتسېنتى، ئايشەم شەمىيېۋا (1978-1912) تىلشۇناسلىق پەنلىرىدوتسېنتى، ئەيسىراخۇن دەرام (1966-1912) ئىقتىساد پەنلىرى دوتسېنتى، غوجامبەردىيېفۋاھاپ (1988-1912) مېدىتسىنا پەنلىرى دوتسېنتى، نىيازوف باھاۋىدۇن (1975-1912)بىئولوگىيە پەنلىرى دوكتور نامزاتى، دوتسېنت، تۇرسۇنوف ئەخمەتجان (1967-1920) ئىقتىسادپەنلىرى دوكتور دوتسېنتى، ئىسمائىلىۋا ئازادگۈل (1925-)، تېخنىلوگىيە پەنلىرىدوتسېنتى، ساتتار سالىخ (1992-1926) ھايۋانات پەنلىرى دوتسېنتى، ئابابەكرى ئىسلام (1936-) ماتېماتىكا پەنلىرىدوتسېنتى، قۇببەس يولداش (1938-) شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ فىزىكا پەنلىرىدوتسېنتى، ئەخمەتجان ئەسقەرى (2000-1938) شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تىلشۇناسلىقپەنلىرى دوتسېنتى قاتارلىقلار.

مەرىپەتچىلەر: خەلپەت مەۋلانىدىن (1810-1738)، خەلپەت قاھاۋىدىن (1888-1786)،  يۈسۈپ خەلپەت، ئابدۇقادىر خەلپەت، خەلپەت زاھىتئەپەندى (1871-1845)، خەلپەت غوجامبەردى ھاجىم (1939-1848)، موللائىمىن ھەمەش(1849-1901)، ئابدۇراھمان مەخسۇم (1935-1855)، كەشفۇلئەسرار داموللا (1858-1957)ۋە رەپىقىسى ئامىنە ئابىستاي، تاھىر خەلپەت (1953-1860)، خامۇش خەلپەم، خەلپەتئەمىردىن ھاجىم (1917-1862)، مەنسۇر خەلپەت (1900-1865)، ئىمىر داموللام (1929-1866)،ئابدۇمۇتائالى خەلپەم (1960-1867) ۋە رەپىقىسى زۆھرە ئابىستاي، تاھىر ئىمىننىياز(1947-1869)، ئابدۇللا بوبى (1922-1871)، سېپىئايىم توختىيېۋا (1934-1872)،ئاقموللا خەلپەت (1948-1880)، ئايخان ئانا (1942-1882)، ئابدۇللا غوجامبەردى (1883-1956)،مەمتىلاخۇن سەئىدى (1962-1884)، مەسۇم ئەپەندى، رەپىق ئەپەندى ۋە رەپىقىسى شەفىقەئابىستاي، شاكىر خەلپەت، ئابدۇللا توقماق، پىدا خەلپەت، مۇھەممەت باراتسوپى، مەشۇرتوختاخۇن، ھەسەن ئاقچۇرىن، يۈسۈپ خەلپەت، قاسىمئاخۇن ئوسمان خەلپەت (1931-1886)،ئەمرۇللا خەلپەت (1954-1887)، ناسۇھا ئىمىن (1944-1888)، ھارۇن ھاجى، داموللارازىيېف (1952-1889)، رەيھان خەلپەت (1944-1895)، سوپى زارۋات (1922-1890)،ھۈسەيىنبەگ يۇنۇسوف (1935-1890)، ئابدۇراھمان شادى (1937-1894)، ئىمىنجانباھاۋىدۇن (1948-1897)، سەيدۇللا خەلپىتىم، ئەسقەر قارى، ھاكىم ئەپەندى، ھاشىررازاق، تۇرسۇن ئەپەندى، خېلىل ئەپەندى، ھاشىر گۆھەرباقى، شەمشىدىن مۇھەممەتنۇرى،گابىتوف شېرفىدىن، مەرۇپ سەئىدى (1940-1898)، تېيىپزات تاھىرى (1947-1901)، ئابدۇلخەمىتئابدۇلۋەكىلى (1995-1902)، مەشىر روزىيېف (1982-1902)، زەينەپ گابىتوۋا (1984-1905)،ئەزىم سۇچەكوف (2008-1895)، خەمىت سەئىدى (1964-1906)، مالىك بېكتېمىروف،ئابدۇسالام ئەسقەرى (1972-1909)، ئابدۇرېھىم ئەيسا (1958-1909)، ھەسەل ئەپەندىتۆلەگەن (1955-1910)، ئۆمەرجان گۆلەم (1968-1913)، نۇرمۇھەممەت يۈسۈپى (1994-1920)،ھۈسەيىن رەشىتوف (1995-1922)، زەينىدىن يۈسۈپ (1987-1924)، كېۋىر نىياز (2001-1921)،ئىمىنجان يۈسۈپ (1998-1921)، ئاسىم مەسۇم ئەپەندى (2007-1922)، ھاكىم جاپپار (2002-1925)،مەسئۇد ئىسمائىل (1971-1925) قاتارلىقلار.

يازغۇچى- شائىرلار: نىزامىدىنئاخۇنۇم، موللا بىلال نازىمى (1900-1823)، سېيىت مۇھەممەت قاشى (1905-1820)،ئابدۇللا ھاپىز (1956-1875)، ئارۇپ قاسىمى (1936-1887)، نەزەرغوجا ئابدۇسەمەتوف(1951-1887)، نامەت خەلپەت (1962-1888)، پاشا غوجا ھاكىمبەگ (1962-1893)، مەرۇپسەئىدى (1942-1898)، ئايۇپ مەنسۇرى (1942-1902)، ئۆمەر مۇھەممىدى (1931-1906)،ھېزىم ئىسكەندەروف (1970-1906)، مۆمىن ھەمرايېف (1955-1907)، نەسرۇللا قارىفەرھەتى (1997-1907)، نۇر ئىسرائىلوف (1953-1910)، ئابدۇرېھىم يۈسۈپى (1974-1911)،زۇنۇن قادىرى (1989-1911)، ئىبراھىم نورۇز (1971-1911)، (1974-1911)، خېلىل ساتتارى(1943-1912)، قادىر ھەسەنوف (1912)، ئەنۋەر ناسىرى (1945-1914)، زىيا سەمەدى (2000-1914)،نۇرمۇھەممەد بوساقوف (1946-1914)، ئابدۇرېھىم ئەيسا (1958-1914)، ئىسمائىلساتتاروف (1944-1916)، جامالىدىن بوساقوف (1987-1918)، داۋۇت تۇرەخمەتوف (1978-1918)،لۇتپۇللا مۇتەللىپ (1945-1922)، ئابدۇرېشىت ئىمىن (1949-1922)، تۇرسۇن قاھارى(2008-1924)، ھېزمەت ئابدۇللىن (1986-1925)، يۈسۈپ ئىلياس (1999-1925)، تېيىپجانھادى (1989-1925)، باتۇر ئەرشىدىنوف (1926-)، خېلىل ھەمرايېف (1993-1928)، ئىلىيابەختىيا (1987-1932)، تېيىپجان ئېلىيېف (1989-1930)، ئەلقەم ئەختەم (1922-)،زوردۇن سابىر (1998-1937) ، ئىسرائىل ئېبراگىموف (1934-)، پاتىگۈل سابىتېۋا(1936-)، ئەخمەتجان ھاشىرى (1938-) قاتارلىقلار.

ھەربىي سەپتىكىلەر: سوۋېت ئارمىيەسى گېنېرالى راۋېل تۇرسۇنوف،  ئۈچ ۋىلايەت مىللىي ئارمىيەسى مۇئاۋىن باش قوماندانى زۇنۇن تېيىپوف، گېنېرال مايور مەرغۇپ ئىسخاقوف، گېنېرال مايور زاھىر ساۋدانوف، گېنېرال مايور مۇزەپپەر ئابدۇللايوف،گېنېرال مايور ئىبراھىم سۇلايمان، گېنېرال لېيتنانت مامىتوف تۇرسۇن، پولكوۋنىك ئابدۇرېھىم ھەسەنوف، پولكوۋنىك غېنى باتۇر، پولكوۋنىك رەخىمجان سابىر ھاجىيوف،پولكوۋنىك ئابدۇغوپۇر سابىر ھاجىيوف، پولكوۋنىك ئاۋاكرى ناسىروف، پولكوۋنېك قاھارشارىپوف، پولكوۋنېك رۇستەم دۇگاشوف، پولكوۋنىك مۇناجىدىن باراتوف، پولكوۋنىك مىرغىياس ياقۇبوف، پودپولكوۋنىك سالاھىدىن سىدىق، پودپولكوۋنىك ئابلاخان، پودپولكوۋنىك يۈسۈپجان ياسىنوف، ئاۋىئاتسىيە باش ئىنژىنېرى رۇشىدىن كىچىكوف، ئاۋىئاتسىيەئىنژىنېرى ئابدۇكېرىم ئابدۇشۈكۈروف، باشلامچى ئۇچقۇچى ئابدۇخېلىل زەيناۋىدىنوف ،ئۇچقۇچى ياقۇب پەرھاتوف  قاتارلىقلار.

سەنئەتكارلار: ئاتاقلىق مۇقامشۇناس روزى تەمبۇر، قازاقىستان كومپوزىتورلار ئىتتىپاقىنىڭ رەئىسى، مۇزىكاپەنلىرى پىروفېسسورى قۇددۇس غوجامياروف، قازاقىستان خەلق ئارتىسى، موسكۋا بالىشويتىياتىرىنىڭ دىرېژورى، مۇزىكا پەنلىرى پىروفېسسورى غەزىز دۇگاشېف، سەنئەتتەتقىقاتچىسى يۈسۈپجان غاپپاروف، غۇلجا سانائىينەفىسەنىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن مەتتاھىرھەسەن، ئابدۇنەبى ماناپوف، گۈلسۈم ئىسمائىلوۋا، سەيدۇللام رەخمىتۇللام(ئىسكىروپكىنى شىنجاڭغا تۇنجى ئەكىرگۈچى)، نۇرمۇھەممەت ناسىروف، ئاتاقلىق رېژىسسورجالالىدىن يەھيارى، ئاتاقلىق ناخشىچى ئابدۇۋەلى جارۇللايېف، دۆلەتلىك بىرىنچىدەرىجىلىك كومپوزىتورلاردىن: زىكرى ئەلپەتتا، ھۈسەنجان جامى، ئابلىكىم ئابدۇللا،ئوسمانجان ئۆمەر، غىياسىدىن بارات، قازاقىستاندا خىزمەت كۆرسەتكەن كومپوزىتورسېلىماخۇن زەينالوف، دۆلەتلىك بىرىنچى دەرىجىلىك ناخشىچى پاشا ئېشان،ئۆزبېكىستاندا خىزمەت كۆرسەتكەن ئارتىسلاردىن: ئەيسا ئىبراگىموف، سۇلتانمۇراتئەزىموف، قازاقىستاندا خىزمەت كۆرسەتكەن ئارتىسلاردىن: غۇلام جەلىلوف، ئاسقارجانئاكباروف، سەيدەكرەم تۆلىگەنوف، قازاقىستان خەلق ئارتىسلىرىدىن: جالال ئاسىموف،ئەخمەت شەمىيېف، رۇقىيە ساتتاروۋا، ئايتۇرغان ھاسانوۋا  قاتارلىقلار.

تارىخ تارىخ ياراتقۇچىلارنى ئۇنتۇمايدۇ. ئۇلارنىڭ سۆيۈملۈك نامى تارىخنىڭ ئالتۇن قۇرلىرىغا مەڭگۈ مۆھۈرلەنگۈسى. يۇقۇرىدا مەن سەھىپە ئېھتىياجى بىلەن ئىلى مائارىپىنىڭ گۈللەپ- يشنىشى ئۈچۈن، قىممەتلىك يۈرەك قېنىنى سەرپ ناماياندا خاراكتېرلىك كىشىلەرنىڭنامىنىلا تىلغا ئالالىدىم. بۇلار پەقەت تارىخ پاراۋۇزىنىڭ ئەڭ پىداكار رولچىلىرى، خالاس.ئەمما ئۇنىڭ ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولغۇچىلارنىڭ سانىنى ئېنىقلاش بەسى مۈشكۈل.

خەلق يەنىلا ھەقىقىي قەھرىماندۇر. مائارىپتىكى ئويغىنىش ۋە يېڭىلىققا كۆچۈشنىڭ پۈتكۈل جەمئىيەت خاراكتېرلىك ئىدىيەۋى ئويغىنىش، يېڭىلىققا ئىنتىلىش ھەرىكىتى تۈرتكىسىدە ئەمەلگەئاشىدىغانلىقى ھەممىمىزگە ئايان. ئىلىدا يېڭى مائارىپنىڭ باشلىنىشى ۋە ئىزچىل تەرەققىيات مۇساپىسىغا قەدەم قويۇشى تارىخ تەرەققىياتىنىڭ ئەنە ئاشۇ ئوبيېكتىپ مەنتىقىسىدىن مۇستەسنا بولغان ئەمەس، ئەلۋەتتە.

بىز ئىلى ۋە يەتتەسۇئۇيغۇرلىرىنىڭ مەدەنىي مائارىپ جەھەتتىكى تەرەققىياتى ۋە ئىجتىمائىي مەدەنىيلىشىش دەرىجىسىنىڭ يۇقۇرى بولۇشىدىكى ئوبيېكتىپ ۋە سۇبيېكتىپ سەۋەبلەرنى تەھلىلقىلغاندا، ئۇلار ھايات كەچۈرگەن تەبىئىي ۋە ئىجتىمائىي مۇھىت بىلەن ئۇلارنىڭ ئادىمىيلىك ساپاسىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسەتكەن ئالاھىدە گىرەلەشمە مەدەنىيەت ئارقاكۆرىنىشىنىڭ مۇھىم رولىنى تىلغا ئالغان ئىدۇق.

مانا بۇ خىل ئالاھىدە مۇھىت ئىلى خەلقىنىڭ ئاڭ ۋە ئىدىيە جەھەتتىكى ئويغىنىشنى ئانا دىيارىمىزنىڭ باشقا جايلىرىدىكى قېرىنداشلىرىغا قارىغاندا بالدۇرراق ئەمەلگە ئاشۇرۇشىغا ماددىي ۋە مەنىۋىي ئاساس يارىتىپ بەرگەن ھەمدە ئىلىدا يېڭى مائارىپنىڭ ئانا دىيارىمىزنىڭ باشقا جايلىرىدىن بالدۇر باشلىنىشى ۋە مۇستەھكەم ئاممىۋىي ئاساسقا ئىگە بولۇشىغا بىۋاسىتە تۈرتكەبولغان.

دېمەك، ئىلىدا يېڭى مائارىپنىڭ باشلىنىشى ۋەئۇنىڭ ئىلىنىڭ شەھەر، يېزا- قىشلاقلىرىغىچە تەڭلا ئەۋج ئېلىپ، كۈچلىك مەدەنىي مائارىپ ھەرىكىتى دولقۇنىغا ئايلىنالىشىدا ئەنە ئاشۇنداق مۇستەھكەم ئاممىۋىي ئاساس ۋە قويۇق ئىجتىمائىي مەدەنىيلىك ئاتموسفېراسى ۋە ئىدىيە-ئاڭ جەھەتتىكى ئىلغارلىق ھەل قىلغۇچ رول ئوينىغان بولۇپ، ئۇنىڭ توسقۇنسىز تەرەققىياتلارغا ئېرىشىشىنى مائارىپ ۋە مەدەنىيلىكنى قەدىرلەيدىغان ئىلى خەلقىنىڭ بىردەك قوللىشى ۋە ئۇلارئىچىدىن چىققان مەرىپەت پېشىۋالىرىنىڭ پائال ۋە ئىزچىل تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىدىن ئايرىپ قارىيالمايمىز.

ئىلى خەلقى يېڭى مائارىپنى يولغا قويۇش ۋە بۈگۈنكىدەك مۇنتىزىم ھالەتكە كەلتۈرۈش يولىدا ئاز بولمىغان بەدەللەرنى تۆلىدى، تىللاردا داستان بولغىدەك نەتىجىلەرنى ياراتتى. شۇڭا، بىز ئىلى يېڭى مائارىپىنىڭ ئەسىردىن ھالقىغان شانلىق تەرەققىيات مۇساپىسىدا پۈتۈنسۈرۈك ئۇيغۇر يېڭى مائارىپىنىڭ يوقلۇقتىن بارلىققا كېلىشى، مۇستەھكەم ئاساستاشەكىللىنىشى،  سىستېمىلىق يوسۇندا تەرەققىي قىلىشى ۋە بۈگۈنكىدەك مۇنتىزىم ھالەتكە كېلىشىدە ئۇلتاشلىق رول ئوينىغانلىقىدەك ھەقىقەتكە زىبىز كۆز يۇمالمايمىز. چۈنكى ئىلىدا يېڭى مائارىپنىڭ قانداق باشلانغانلىقىغائوبيېكتىپ ۋە ئىلمىي باھا بەرگەنلىك يالغۇز ئىلى مائارىپىنىڭلا ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل ئۇيغۇر يېڭى مائارىپىنىڭ تارىخىي تەرەققىيات مۇساپىسى ۋە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىگە ئادىل ھەم ۋىجدانەن باھا بەرگەنلىكتۇر.

خۇلاسە كالام شۇكى،  ئىلىدا يېڭى مائارىپ 1850-يىللاردىن كېيىن بارلىققاكەلگەن پەننىيلەشكەن مائارىپ ئاساسىدا بىخ سۈرگەن، 1867–يىلى  قورغاس مازارلىق زاھىت ئەپەندىنىڭ دىنىي دەرسلەرنى دادىل ئىسلاھ قىلىپ پەننىي دەرسلەرنى قوشۇپ ئۆتۈشى بىلەن دەسلەپ كىقەدەمدە شەكىللەنگەن، 1873-يىلى رۇسلارنىڭ غۇلجىدا ياۋروپا مائارىپ ئەندىزىسى بويىچە مۇنتىزىم پەننىي مەكتەپ ئېچىشى بىلەن رەسمىي باشلانغان، 1883-يىلى ئىسمائىل غاسپىرالى قوزغىغان جەدىدچىلىك ھەرىكىتىنىڭ ئىجابىي تەسىرىدە يەنىمۇ سىستېمىلاشقان، خەلپەم ھەزرەت، مەسۇم ئەپەندى قاتارلىق مائارىپ پېشىۋالىرىنىڭ ئىزچىل جانپىدالىق كۆرسىتىشى ۋە ئۇيغۇر مائارىپىغا بارلىقىنى بېغىشلىغان كەش فۇلئەسرار داموللا، ئابدۇللا بوبى قاتارلىق تاتار مەرىپەتچىلىرىنىڭ جان كۆيەرلىك بىلەن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى نەتىجىسىدە ساغلام تەرەققىي قىلىپ، تېخىمۇ مۇنتىزىم ھالەتكە كەلگەن ھەمدە 20- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا بارلىققا كەلگەن يېڭى مەدەنىيەت ھەرىكىتى ۋە كېيىنكى تۈرلىك يېڭىلىقلار داۋامىدا زورىيىپ، ئۈزۈلمەس مائارىپ ئېقىنى دولقۇنىغا ئايلانغان ۋە ئانا دىيارىمىز يېڭى مائارىپىنىڭ بارلىققا كېلىشى،مۇنتىزىملىشىشىغا كۈچلۈك تۈرتكە بولغان.

مەن ماقالىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان تارىخىي پاكىتلار ۋە دوكمېنتلىق ماتېرىياللارغا ئاساسلىنىپ، ئۇيغۇر يېڭى مائارىپى ئىلىدىن باشلانغان، دېگەن ئىلمىي قاراشنى دادىل ئوتتۇرىغا قويىمەن. ئۇيغۇر مائارىپ تارىخى ساھەسىدە ئىزدىنىۋاتقان كەسىپداشلارنىڭ بۇ ھەقتىكى ئوخشاشمىغان قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىنى سەمىمىي تەۋسىيە قىلىمەن.


پايدىلانغان ماتېرىياللار:

(1)،(2)،(3)،(4)،(5)،(6)،(7)،(8)،(25)،(26)،(27)–كوللىكتىپ ئاپتورلۇقىدىكى «ئىسمائىل بەگ گاسپىرىنىسكى» ناملىق كىتاب، تاتارىستانجېيېن نەشرىياتى، تاتارچە نەشرى، 2006-يىل، قازان.

(9) ،(21) - ۋاسىلى ۋاسىلىيېۋىچ رادلوف،«ئىلىغا ساياھەت خاتىرىسى» ناملىق ماقالە، «ئىلى دەرياسى» ژۇرنىلى 2013-يىللىق 3-سان،  غۇلجا، پولات بۇرھان تەرجىمىسى.

(10) - ۋ. ئا.موئېسېيېف، «رۇسىيە ۋە جۇڭگو ئوتتۇرا ئاسىياسىدا» ناملىق كىتاب،  رۇسىيە تارىخ نەشرىياتى، 2000 - يىل، رۇسچەنەشرى، موسكۋا.

(11) ـ رەھمىتۇللاھەسەن، «چىڭسۇلالىسىنىڭ ئاخىرلىرىدىكىئۇيغۇرلارنىڭمائارىپ ئىسلاھاتچىلىق ھەرىكىتى» ناملىقماقالە، «شىنجاڭ ئىجتىمائى پەنلەر تەتقىقاتى» ژۇرنىلى،ئۇيغۇرچە، 2013-يىللىق 2–سان، ئۈرۈمچى.

(12)،(31) ـ كوللىكتىپ ئاپتورلۇقىدىكى «20 ـئەسىر ناماياندىلىرى» ناملىق كىتاب، قازاقىستان روند نەشرىياتى، ئۇيغۇرچە نەشرى،2005-يىل، ئالمۇتا.

(13)،(14)،(20)،(22)، (28)،(29)،(30)– نەزەرغوجائابدۇسەمەتوف، «يورۇق ساھىللار» ناملىق كىتاب، قازاقىستان جازۇشى نەشرىياتى،ئۇيغۇرچە نەشرى، 1991-يىل، ئالمۇتا.

(15)،(16)،(18)،(19) ـ نۇشرىۋان يائوشېف، «قەشقەرمەكتۇپلىرى»، «مىللەتلەر نەشرىياتى»، ئۇيغۇرچە نەشرى، 2013-يىل، بېيجىڭ.

(17) – شې بىن،«شې بىننىڭ ‹شىنجاڭغا ساياھەت خاتېرىسى› دىن ئۈزۈندىلەر»، «ئىلى تارىخماتېرىياللىرى» ، 19- سان، پولات بۇرھان تەرجىمىسى.

(22) – چوقانچىڭگىزوۋىچ ۋەلىخانوف، «ئالتەشەھەرگە سەپەر»، ئالمۇتا ئاتا مۇرا نەشرىياتى،قازاقچە نەشرى، 2006-يىل، 133-بەت.

(23) – مىرقاسىمگوسمانوف، «يېپىلمىغان كىتاب»، تاتارىستان كىتاب نەشرىياتى، تاتارچە نەشرى،1996-يىل، قازان  .

(24)  ـ كوللىكتىپ ئاپتورلۇقىدىكى «ئۆچمەس ئوتلارلاۋۇلدايدۇ» ناملىق كىتاب، تاتارىستان كىتاب نەشرىياتى، تاتارچە نەشرى، 2006-يىل،قازان.



[1] 伊宁市地方志编纂委员会:《伊宁市志》,新疆人民出版社,2002年版,第680页。

[2] DelmarMorgan, A Journey through Semiretchia toKuldja in 1880, proceedings of the Royal Geographical Society New Monthlyseries Vol.3 (1881), pp.163-164. See the description offered in Linda Bensonand Ingvar Svanberg, The Russians inXinjiang, Central Asian Survey, Vol.8, No .2. 1989 Printed in GreatBritian, p.105.

[3] Mirkasım OSMANOV,İsmail Bey Gaspıralı Ve Doğu Türkistanda Yeni Uygur Maarifçiliği[A]. Hakan KIRIMLI, İsmail Bey Gaspıralı İçin[C]. Ankara, 2004, 669.[4] Masamihamada, La Transmission du Mouvement Nationaliste au TurkestanOriental (Xinjiang) [J] ,Central Asian Survey, Vol.1, 1990.[5] EugeneSchuyler, Turkistan. Notes of a Journeyin Russian Turkistan, Kokand, Bukara, and Kuldja Vol.2(London, 1876),p.199.See the description offered in Linda Benson and Ingvar Svanberg, The Russians in Xinjiang, Central AsianSurvey, Vol.8, No .2. 1989 Printed in Great Britian, p.105.6 伊宁市地方志编纂委员会编,《伊宁市志》,新疆人民出版社,2002年版,第682页。

0

تېما

0

دوست

2003

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   0.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  31970
يازما سانى: 155
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 616
توردىكى ۋاقتى: 126
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-14
دېۋان
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
ئىنكاس يازاي دىسەم تېخى،يازمىسام يەنە تېخى!ئىشقىلىپ مەزكۈر ماقالە كۆپ ئىزدىنىشلار نەتىجىسى ئىكەنكىلىكىنى چوڭقۇر ھىس قىلدىم،بۇ ھەقتە مۇئەللىپكە ئاپىرىن دىمەي بولمايدىكەن،لېكىن سۆز ئىشلىتىش ئۇسلۇبىدىن رازى بۇلالمىدىم،بىر خىل يۇرتۋازلىق ئىدىيىسى چوڭقۇر سىڭدۈرۈلگەندەك بىلىنىۋاتىدۇ ماڭا....دوسلارنىڭمۇ ئۆزى ھىس قىلغىنىنى ئەركىن ئۇتتۇرىغا قۇيۇشىنى سىمىمى ئۈمىد قىلىمەن!
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

1

دوست

2083

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   2.77%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25524
يازما سانى: 172
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 622
توردىكى ۋاقتى: 72
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-14
ئورۇندۇق
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
رەھمەت سىزگە، قىممەتلىك ماتېرىيالدىن بىرنى يوللاپسىز، بۇ مائارىپلار داۋاملىق تەرەققىي قىلالىغان بولسىچۇ

21

تېما

0

دوست

2393

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   13.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  13883
يازما سانى: 120
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 260
تۆھپە : 574
توردىكى ۋاقتى: 170
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-14
يەر
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
بۇنى تالاش تارتىش قىلىشنىڭ ئەھمىيىتى بارمۇ؟
نىمە قىلىمىز بۇنداق ئەھمىيەتسىز ئىشلارغا زىھنىمىزنى
خورۇتۇپ. ھالىمىز بۇنداق ئىشلارغا يار بىرەمدۇ؟

0

تېما

0

دوست

1545

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   54.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27927
يازما سانى: 69
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 492
توردىكى ۋاقتى: 56
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-13
5#
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
رەھمەت سىزگە،جاپا چېكىپسىز.

0

تېما

10

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   7.49%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8496
يازما سانى: 382
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 981
تۆھپە : 3530
توردىكى ۋاقتى: 1444
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-14
6#
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
غۇلجىدا قۇرۇلغىنى نېمىسى ئاتۇشتا قۇرۇلغىنى نېمىسى. تارتىشقۇدەك ئىشمۇ بۇ. يالقۇن روزى پۈتۈن ئېنسانلارنى 30 مىڭ يىل ئاۋالقى ئاتۇش ئادىمىدىن ئۆزگەرگەن دەپ قوپسىمۇ  ئۇنداق بوپ قالمايدۇ.  غۇلجىنىڭ روسلار ۋە تاتارلارنىڭ مەدەنىيەت تەسىرىگە دېيارىمىزنىڭ باشقا جايلىرىدىن بالدۇر ۋە كۈچلۈك ئۇچىرغانلىقى مەلۇم.  ئېلىمۇ خۇددى قەشقەرگە ئوخشاش مەرىپەت گۈلزارلىرىدىن بىرى.  موھىمى مەرىپەت روھىغا ۋارىسلىق قىلىش.  يېڭى دەۋىردە يېڭى مەرىپەت بۆشكلىرىنى قۇرۇپ ئەۋلادلارنى ئۇنىڭدا ئۆستۈرۈش موھىم.

2

تېما

8

دوست

5372

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   7.44%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15034
يازما سانى: 566
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 24
تۆھپە : 1594
توردىكى ۋاقتى: 173
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-14
7#
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
ئەمدىكى  ئىش  :  يىڭىچە مائارىپنىڭ  ئاتۇشتىن  باشلانغانلىقى ياكى  ئىلىدىن باشلانغانلىقىنى تالىشش بولدىكەندە.....     ھە بوپتۇ بومۇ  بولغىنى مۇشۇنداق تالاش -تارتىش ، مۇنبەرنى قىزتىدۇ .. تېما ئىگىللىرنى  ياشنىتىدۇ ئەمەسمۇ   ؟‹     
  ھەي خەق  ساپلا  نىزا تىرىيدىغان  تېمىدىن باشقا تىما يوقما  مۇنبەردە.....  بىردەم ئەلى قۇربان، بىردەم ئۈمد غەنى ، بىردەم   مەھمۇد قەشقىرى  ،  ئەمدى  يىڭى مائارىپ ...     ئاھ خۇدا... نەدە باشلانغان بولسا  ئۇيغۇر دىيىارىدا باشلىنپتۇ بولدىغۇ...  

0

تېما

0

دوست

13

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   4.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34208
يازما سانى: 1
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 4
توردىكى ۋاقتى: 0
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-11
8#
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
ياخشى ماقالىكەن
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )