- تىزىملاتقان
- 2011-2-13
- ئاخىرقى قېتىم
- 2011-2-28
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1478
- نادىر
- 1
- يازما
- 65
ئۆسۈش
47.8%
|
ئوقۇتقۇچىلىق كەسپى شۇ خىزمەت بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنىڭ ئاغزىدا سۆيىشىنى ئەمەس بەلكى ئەمىلىيىتىدە سۆيۈشنى تەلەپ قىلىدۇ.
ئوقۇتقۇچىلىق كەسپى شۇئارۋازلىقنى ئەمەس بەلكى ئەمىلى كۆڭۈل بۈلۈشنى تەلەپ قىلىدۇ.
ئوقۇتقۇچىلىق كەسپى بىلىملىك ئىقتىدارسىزلارنى ئەمەس بەلكى بىلىمى ئادەتتىكىچە بولسىمۇ مىتودى ياخشى بولغان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بولىشىنى تەلەپ قىلىدۇ.
ئوقۇتقۇچى باشقىلارنىڭ ئۆزىنى «كۆيۋاتقان شام»دىگەندەك جانسىز نەرسىلەرگە ئوخشىتىشىنى ياكى «ئۆزىنى قۇربان قىلغۇچى» دەپ ئاتىشىنى ئەمەس ئەمەس بەلكى ئەمىلى قوللىشىغا ئىرشىشنى ئۆمۈت قىلىدۇ.
ئوقۇتقۇچى ئىككى بايغا بىر مالاي، ھەتتا بىر نەچچە بايغا بىر مالاي بولۇپ قالماستىن بەلكى ئادەم تەربىيلەش ۋە بىلىم بىرىشتىن ئىبارەت بىردىن-بىىر ۋەزىپىسنى ئورۇندىشىنى ئۆمۈت قىلىدۇ.
ئوقۇتقۇچى ئىككى ئاساسەن خىزمىتىدىكى ساۋاتسىزلار خىزمىتى، مەكتەپ ئۈسكۈنە ئەسلەھەلەر تىزىملىكى ۋە ئوقۇغۇچىلار تىزىملىك خىزمىتىدىن باشقا بارىلىق مەزمۇنلارنىڭ ئىخچاملىنىشىنى ئۆمۈت قىلىدۇ.
ئوقۇتقۇچى شەنبە، يەكشەنبە ۋە تەتىل ۋاقىتلىرىنىڭ كاپالەتكەئىرشىشىنى ئۆمۈت قىلىدۇ.
ئوقۇغۇچى مىجەزى ئىتتىك، قوپال ئەمەس بەلكى كۆيۈمچان ئوقۇتۇچىسىنىڭ بولىشىنى ئۆمۈت قىلىدۇ.
ئوقۇغۇچى مەكتەپنىڭ ئۆز ئەركىنلىكىنى بوغىدىغان تۈرمە ئەمەس بەلكى تايلاپ- سەكرەپ ئوينايدىغان گۈزەل بىر باغ بولىشىنى ئۆمۈت قىلىدۇ.
ئوقۇغۇچى ھەممە ئوقۇغۇچىغا ئوخشاش كۆزدە قارايدىغان ئوقۇتقۇچىسىنىڭ بولىشىنى ئۆمۈت قىلىدۇ.
بىر قىسىم ئاتا ئانىلار پەرزەنتلىرىنىڭ ئوقۇتقۇچىنىڭ ئەمەس بەلكى ھەقىقى بىر ئادەمنىڭ قولىدا تەربىيلىنىپ ئادەمدەك ياشاشنى ئۈگۈنىۋىلىشىنى ئۆمۈت قىلسا يەنە بىر قىسىم ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرىنىڭ ئوقۇتقۇچىنىڭ يىتەكلىشىدە «يوقىرى نۇمۇر ئىشلەپ چىقىرىدىغان ماشىنا»دەك تەربىيلىنىشىنى ئۆمۈت قىلىدۇ. لىكىن بۇنداق تەربىيلەنگەنلەرنىڭ ئاخىرىدا ئۆزى ۋە جەمئىيەتكە 99نۇمۇرلۇق يۈك بولۇپ قالدىغانلىقىنى ئويلىمايدۇ.
ئوقۇغۇچىلار ھازىرقى ئائىلە، جەمئىيەت، مائارىپ قاتارلىقلارنىڭ ئوخشاش بولمىغان يۆلنۈشتىكى تەربىيىسىدە ھاڭۋاقتى بولۇپ قىلىشتى.
مەكتەپتە سوتسىيالىستىك ئاتىزىم تەربىيىسىنىڭ توغرا خاتا ئۆلچىمى بىلەن تەربىيلەنسە ئائىلىدە دىنى ئىتىقاتنىڭ توغرا خاتالىق ئۆلچىمى بىلەن تەربىيلەنمەكتە، جەمىئيەتنىڭ بىر قاتلىمىدا مىللى مەدىنىيەتنىڭ تەسىرىگە ئۇچىرىدا يەنە بىر قاتلىمىدا غەرىپ مەدىنىيىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچىرىماقتا. پەرزەنتلىرىمىزدىكى كۆز بىلەن كۆرگىلى بولمايدىغان بۇ خىل روھى ھالەت ئۇلارنى ھەقىقەتەن گاڭگىراتتى ۋە ھالسىراتتى.
بۇ خىل موھىتتا تەربىيلەنگەن ئەۋلاتلار نىمىنىڭ توغرا، نىمىنى خاتا ئىكەنى بىلىپ بولالماي ھاڭۋىقىپ يۈرشىدۇ.
بۇ خىل قارمۇ قارشى يۆلنۈشلۈك، كۆپ قاتلاملىق تەربىيە ئاستىدا چوڭ بولغان بىر ئەۋلات كىشىلىرىنىڭ ئىڭىدا ھەرگىزمۇ توغرا خاتانى ئارىيالايدىغان تارازا بولمايدۇ ھەم مەڭگۈ تايماي ماڭىمەن دەيدىغان ئۆزى توغرا دەپ قارايدىغان يولمۇ بولمايدۇ، شۇنداق ئىكەن ئۇلاردا ئىرادە ئەسلا بولمايدۇ. |
|