قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 9012|ئىنكاس: 60

ئەگەر سىز ئوقۇتقۇچى بولسىڭىز...........

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئىنسانسەن، ئىنس

32

تېما

9

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   16.05%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  62
يازما سانى: 707
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 3923
تۆھپە : 2342
توردىكى ۋاقتى: 738
سائەت
ئاخىرقى: 2014-6-22

ئۈمۈرلۈك شەرەپ مۇكاپاتى

يوللىغان ۋاقتى 2011-1-16 21:59:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
        جەمىيەتنىڭ ئۈزلىكسىز تەرەقى قىلىشىغا ، پەن- مەدەنىيەت بىلىملىرىنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا، جەمئىيەتنىڭ ئىقتىساسلىقلارغا بولغان ئېھتىياجىنىڭ ئېشىشىغا  ئەگىشىپ ھەممىمىزنىڭ پەرزەنتلىرىمىزنى تەربىيلەش جەھەتتىكى تەلىپىمىزمۇ بارغانسېرى  يوقۇرلاپ بارماقتا. مۇشۇ سەۋەپلىك جەمئىيەتتە كۆپ قىسىم ئائىلىلەردە بالىلارنى ئوقۇتۇش ئۈچۈن ھەتتا يەسلىدىن باشلاپلا مەكتەپ تاللاش ئېڭى شەكىللىنىپ بارماقتا. بىر قىسىم كىشىلەرپەقەت مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش شارائىتىنىلا ئەمەس بەلكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ساپاسىنىمۇ كۆزدە تۇتقان ھالدا پەرزەنتلىرىنى مەكتەپلەرگە بېرىدۇ. دېمىسىمۇ، ھازىرقى مائارىپ ساپاسىنىڭ تۆۋەن بولۇشى، ئوقۇتۇش سۈپىتىنىڭ يوقۇرى كۆتۈرۈلمەسلىكىدە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيىتى يوق دەپ قاراشقا بولمايدۇ.  بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلىرىمىز ئۆز كەسپىنى قىزغىن سۆيۈپ ،ئۇن-تۈنسىز خىزمەت قىلىۋاتىدۇ، ئۇلارنىڭ بۇ خىل  بارلىقىنى مائارىپ ئۈچۈن بېغىشلاشتەك روھىنى ئەلۋەتتە مەدېھلىمەي تۇرالمايمىز. بىراق بۇنىڭ ئەكسىچە بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلىرىمىزدا پەقەت مائاش  ئۈچۈن ئىشلەيدىغان،  ئەۋلادلىرىمىزنىڭ كەلگۈسى، مىللىتىمىزنىڭ تەرەقىياتى بىلەن قىلچىمۇ ھېساپلاشماي بولىشىغا كۈن ئۆتكۈزىدىغان ئەھۋاللارمۇ يوق ئەمەس، ئەلۋەتتە. ئۇلاردا بۇنداق ئىدىيىنىڭ بولۇشى پەقەت ئۇلارنىڭ ساپاسىزلىقىدىنمىكىن دەپ ئويلايمەن، خالاس.
         بىر قىسىم ئاتا- ئانىلارنىڭ ئوقۇتقۇچى تاللاشتىكى شەرتلىرى، ئوقۇتقۇچىلار توغۇرلۇق قىلىشقان سۆھبەتلىرى ھەم مەكتەپلەردە ئوقۇتقۇچىلارغا چۈشكەن پىكىر- تەكلىپلەرنى ئاڭلاپ بەزىدە ئۆزۈمدە مەن لاياقەتلىك، باشقىلار ياقتۇرىدىغان ئوقۇتقۇچى بولالىدىممۇ يوق دېگەن خىيال پەيدا بولىدۇ. شۇ سەۋەپلىك مۇنبەردە تورداشلار بىلەن <<خەلىقنىڭ قەلبىدىكى ئوقۇتقۇچى زادى قانداق بولىدۇ>>، << ئەگەر سىز ئوقۇتقۇچى بولسىڭىز...>> دېگەن تېمىلاردا ئورتاقلىشىشنى لايىق تاپتىم. سىزنىڭ بۇ جەھەتتى بەزى ئويلىرىڭىز مېنىڭ كىيىنكى ئوقۇتقۇچىلىق ھاياتىمدا ماڭا تېخىمۇ كۆپ ياردەم، ئىلھام ۋە مەدەت بەرگۈسى!
         تورداشلارنىڭ ئويلىغانلىرىنى ئەركىن ئوتتۇرغا قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىنكاسلىرىمىزنىڭ پەقەت ئوقۇتقۇچىلارنى تەنقىد قىلىش، ئۇلارنى سۆكۈش تۈسىنى ئېلىپ قالماسلىقىنى سورايمەن.

39

تېما

4

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   12.23%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  159
يازما سانى: 620
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 3350
تۆھپە : 2279
توردىكى ۋاقتى: 625
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-17 12:26:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يەردە قانداق ئۇقۇتقۇچى بۇلۇش تۇغۇرسىدا گەپ بۇلۇپ قالدى،گەرچە مەن ئۇقۇتقۇچى بولمىساممۇ ئىككى ئىغىز گەپ قىستۇرۇپ قۇيۇشنڭ لايىق تاپتىم، ھازىر ئىلمىزدە يولغا قۇيۇلۋاتقان مائارىپ تۇزۇلمىسى ئىلگىركىدىن خېلى ياخشىلانغان بولسىمۇ ئەمما يۇچۇق كوپ،مىسالەن،ئۇقۇتقۇچىلار كەسپى ساپاسى جەھەتتە كوپ قىسىملېرى مەلوم ساپانى ھازىرلىغان بىلەنبىرقىسىملىرنىڭ ساپاسى تۇلىمۇ تۇۋەن،باشلانغۇچنى پۇتتۇرگەن ئۇقۇغۇچىلار ئارسىدا ساۋاتسىزلارنىڭ ئازدۇر-كوتۇر چىقىشى بۇنىڭ دەللى،يەنە بىر جەھەتتىن ئىجىتمائى مۇناسۋەت ئارقىلىق  مائارىپ سىپىغا كىرۋالغانلارنىڭ مەلوم سالماقىنى ئىگەللىشى،يەنىلا قۇشقاچنىڭ قاسساپ سويغىنى ياخشى ،ئىككىنچىدىن مائارىپتىن قىلچە خەۋەرسىز كىشلەرنىڭ  مائارىپ مەمورى تاماقلېرنىڭ مەسئوللى  بۇلۇپ قىلشى بىزدە بىرگەپ بار  مايمۇن پادىشا بولسا ئوزى باشقۇردىغان خەلىقنى دەرەخكە چىقىشقا زورلايدۇ،دەيدىغان،يەنە بىرسى ھازىر ئۇقۇتۇش مىتودى تۇلىمۇ جانسىز باللارنىڭ تەپەككۇرىنى بۇغۇپ قۇيدۇ بۇىنى ئسلاھ قىلىش كېرەك،يەنى تۇرمۇشقا يىقىن بولغان بىز تۇرمۇشىمىزدا دائىم يۇلۇقىدىغان مەسىلەرنى دەرىسكە  بىرلەشتۇرۇپ باللارغا بىلدۇرۇش كېرەك،نىمىنىڭ ئۇڭۇشسىزلىق،نىمىنڭ غەلبە ،نىمىنڭ كەلگۇسى ئىكەنلىگنى باللارنىڭ قەلبىگە قۇيۋىتىش كېرەك،شەكىلۋاز  ماڭقۇرتلارنى ئەمەس،جەميەتكە تىز سۇرەتتە ماسلىشالايدىغان تەپەككۇرى ئۇيغاق ئەۋلاتلارنى يىتشتۇرۇش كېرەك!ھازىرچە مۇشۇنچىلىك يازاي،بۇ پەقەت شەخسەن قارشىم خالاس.
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

hayat zor, ama bende kolay sa

15

تېما

3

دوست

7628

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   52.56%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  63
يازما سانى: 305
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 1622
تۆھپە : 1253
توردىكى ۋاقتى: 1307
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-17 15:59:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوقۇتقۇچى توغرىلىق سۆز ئېچىلسىلا دەرس ئۆتۈش مېتوتى ۋە ئوقۇتقۇچىنىڭ كىيىنىشى بىرىنچى بولۇپ كۆزۈمگە كۆرىنىدۇ... مەنچە ئوقۇتقۇچى بولغانىكەن ئۆزىنىڭ مىتودى ۋە ئۇسلۇبى بولىشى كېرەك. ئەلۋەتتە كەسپىي ساپا، بىلىم ۋە ئەخلاقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. يەنە بىرى ئوقۇتقۇچىنىڭ كىيىنىشى تولىمۇ مۇھىم. 40 نەچچە بالىنىڭ ئالدىدا ئۇ ياقتىن بۇ ياققا ماڭىدىكەنسىز ئۇلارنىڭ دىققىتى پەقەت سىزنىڭ سۆزلىرىڭىزدىلا ئەمەس بەلكى يۈرۈش تۇرىشىڭىزدىمۇ بولىدۇ ئەلۋەتتە. مېنىڭ دېمەكچى بولغىنىم كۆپ بولسىمۇ لېكىن ئۆزۈم ئەڭ مۇھىم دەپ قارىغان بۇ ئىككى خىل قاراشنى ئوتتۇرىغا قويدۇم. سىزگە تەۋسىيەم، ئەلكۈيى مۇنبىرىدە بىر قېتىملىق ئوقۇتقۇچىلار توغرىلىق مۇنازىرىلىشىپ باقايلى دېگەن مۇنازىرە بار ئىدى. بەلكىم شۇنىڭدىن جەمىيىتىمىزدىكى كىشىلەرنىڭ ئوقۇتقۇچىلارغا قانداق قارايدىغانلىقى، ۋە قانداق بولىشىنى ئۈمۈد قىلىدىغانلىقىنى ئاز بولسىمۇ چۈشىنىپ قالارسز... باشقىلارنىڭ ئىنكاسىنى كۆچۈرۈش ھوقوقۇم بولمىغاچقا تېما ئىسمى ۋە مەنبەسىنى دەپ قويدۇم...
ئالىم بولۇش ئاسان، ئادەم بولۇش تەس.

ئانا تىلىم _ جان

13

تېما

8

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   23.97%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  59
يازما سانى: 856
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 4044
تۆھپە : 3270
توردىكى ۋاقتى: 2435
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-17 16:31:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن  ئوقۇتقۇچى   بولمىغاندىكىن   جىم   تۇراي   بولمىسا  بەك  قايناپ  قالىدىغاندەك  تۇرىمەن  .

3

تېما

0

دوست

3926

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   64.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  134
يازما سانى: 171
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 940
تۆھپە : 563
توردىكى ۋاقتى: 38
سائەت
ئاخىرقى: 2014-1-11
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-17 18:22:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئۆمرۈمدە ئوقۇتقۇچى بولۇشتىن بىر ساقلىسۇن  !!!!!!!!!!!!!!!!!

hayat zor, ama bende kolay sa

15

تېما

3

دوست

7628

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   52.56%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  63
يازما سانى: 305
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 1622
تۆھپە : 1253
توردىكى ۋاقتى: 1307
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-17 19:48:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولغان مىللەت قايتا ئورنىدىن تۇرالايدۇ، لېكۇن مائارىپتا مەغلۇپ بولغان مىللەت قايتا تۇرالمايدۇ...
مائارىپنىڭ ئەڭ ئاساسلىق ھالقىسى يەنىلا ئوقۇتقۇچىدا، چۈنكى ئوقۇتقۇچى مائارىپنىڭ ئەڭ ھالقىلىق باسقۇچىنى ئىجرا قىلىدۇ. شۇڭا مائارىپنى ساقلاپ قالىمىز دەيدىكەنمىز، قۇتۇلدۇرۇپ قالىمىز دەيدىكەنمىز ئوقۇتقۇچىلار سېپىنى تۈزىشىمىز كېرەك! ئوقۇغۇچىلارغا ھەقىقىي بىلىم بېرەلەيدىغان، ۋە كىملىكىنى تونۇتالايدىغان ئوقۇتقۇچىلار مىللەتنىڭ، شۇنداقلا رايونىمىزنىڭ ئېھتىياجى. بىزدە بۇنداق ئوقۇتقۇچى يوقمۇ؟ يوق دەپ كۆزىڭىزنى يۇمۇپ ئېيتالمايسىز... ئۈن تىنسىز خىزمەت قىلىۋاتقان، بارلىقىنى بېغىشلاۋاتقان ئوقۇتقۇچىلارمۇ بار، شۇنداقلا يېڭى دەۋىرنىڭ تەسىرىگە بەك ئۇچراپ كەتكەن ئوقۇتقۇچىلىرىمىزمۇ بار... ئۇنداقتا قانداق قىلىمىز؟ ئوقۇتقۇچى بولسىڭىز ئۆزىڭىزنى، ئاندىن كېيىن ئەتراپىڭىزدىكىلەرنى تۈزەشكە، ئويغۇتۇشقا ئۇرۇنۇڭ! ئۇنداق بولمىسىڭىز ئوقۇتقۇچىنى قوللاڭ~ ئۇنداقمۇ قىلالمىسىڭىز قولىڭىزنى كۆتۈرۈپ دۇئا قىلىڭ. سىز شۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ قولىدىن چىققان، بالىڭىز شۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ ئالدىغا بارىدۇ ئاخىر...
ئالىم بولۇش ئاسان، ئادەم بولۇش تەس.

ئىنسانسەن، ئىنس

32

تېما

9

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   16.05%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  62
يازما سانى: 707
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 3923
تۆھپە : 2342
توردىكى ۋاقتى: 738
سائەت
ئاخىرقى: 2014-6-22

ئۈمۈرلۈك شەرەپ مۇكاپاتى

يوللىغان ۋاقتى 2011-1-17 20:56:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مەزمۇن 3قەۋەتتىكى oguzhanدە2011-01-17 16:31يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
      مەن  ئوقۇتقۇچى   بولمىغاندىكىن   جىم   تۇراي   بولمىسا  بەك  قايناپ  قالىدىغاندەك  تۇرىمەن  .    

مەن  بۇ تېمىنى ئوقۇتقۇچىلارلا پىكىر قاتناشتۇرسۇن دەپ يازمىغان، دەل سىزدەك ئوقۇتقۇچىلاردىن قاخشاپ قاينايدىغانلار ئۈچۈن ئۆز پىكىرلىرىنى ئوتتۇرغا قويۇپ بېقىشىنى تەلەپ قىلىپ ئوتتۇرغا قويغان. قېنى تازا قايناپ  ئاچچىقىڭىزنى چىقىرۋالمامسىز؟

ئىنسانسەن، ئىنس

32

تېما

9

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   16.05%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  62
يازما سانى: 707
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 3923
تۆھپە : 2342
توردىكى ۋاقتى: 738
سائەت
ئاخىرقى: 2014-6-22

ئۈمۈرلۈك شەرەپ مۇكاپاتى

يوللىغان ۋاقتى 2011-1-17 20:57:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
maxal20
دېگەنلىرىڭىزنىڭ خېلى ئاساسى بار، رەھمەت سىزگە!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )