بىزنى نېمە بەختلىك قىلىدۇ؟
ئەسلىدىكى يازمىنىڭ ئاپتورى: مايكۇل جوسېفسون
ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى: بىلىمخۇمار
ھازىر بەختلىك بولۇشنىڭ ماھىيىتى ۋە سەۋەبلىرى توغرىسىدىكى بىلىملەر كۈنسايىن كۆپىيىپ مېڭىۋاتىدۇ.
ھەممىگە ئايان بولغان بىر نۇقتا شۇكى، بەختلىك بولۇش بىر خىل ھېسسىيات بولۇپ، ئۇ ھەرگىزمۇ بىر خىل ئەھۋال ئەمەس. بەخت خۇشاللىقتىن كۆپرەك نەرسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇ ئۇزۇن مۇددەت داۋاملىشالايدىغان راھەتلىك، ساغلاملىق ياكى خۇشاللىق تۇيغۇسىدىن ئىبارەت.
بىزنىڭ بەختلىك بولۇشىمىزنى ئۆزىمىزگە نېمە ئىش يۈز بەرگەنلىكى بەلگىلىمەيدۇ، بەلكى ئۆزىمىزنىڭ ئىچىدە نېمە ئىش يۈز بەرگەنلىكى بەلگىلەيدۇ. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، بەخت دېگىنىمىز، ئۆز ھاياتىمىزغا باھا بېرىشتە ئۆزىمىز تاللىغان ئۇسۇلدىن ئىبارەت. ئابې لىنكولىن (Abe Lincoln) مۇنداق دېگەن: «كىشىلەر قانچىلىك بەختلىك بولۇشنى خالىسا، ئادەتتە شۇنچىلىك بەختلىك بولىدۇ.» بىر بۇددا دىنى ماقال-تەمسىلى بىزگە مۇنداق دەيدۇ: ئاغرىقتىن ساقلانغىلى بولمايدۇ، ئەمما ئاغرىقنىڭ ئازابىنى تارتىش-تارتماسلىق ئۆزىمىزگە باغلىق.
ئۇنداقتا، بەختلىك كىشىلەرنىڭ ئەڭ ئورتاق خۇسۇسىيىتى نېمە؟ ئۇ پۇل ئەمەس، ئۇ نام-شۆھرەت ئەمەس، ياكى ئۇ چىرايىنىڭ چىرايلىقلىقىمۇ ئەمەس. ئۇ بىر ئادەمنىڭ ئەقلىمۇ ئەمەس، ياكى تالانتىمۇ ئەمەس. بەلكى، بەختلىك بولۇشتىكى ئەڭ مۇھىم ئىككى ئامىل رازىمەنلىك، ۋە قانائەتلىنەرلىك كىشىلىك مۇناسىۋەتلەردىن ئىبارەت.
بەختنىڭ فورمۇلاسى ناھايىتىمۇ ئاددىي: ئاللاھ ئاتا قىلغان نېمەتلەرنى ساناپ، ئائىلىسى بىلەن دوستلىرىدىن ئوبدان ھۇزۇرلىنىش.
ئېچىنىشلىق بولغىنى شۇكى، ئاددىي ئىش داۋاملىق ئاسان ئىش بولۇپ كەلمەيدۇ.
تەبىئىي خاراكتېرى ئۆز كۆڭلىدە بىر قاراڭغۇ كېلەچەك ۋە ئۈمىدسىزلىكنىلا پەيدا قىلىدىغان كىشىلەر ئۆز كۆڭلىنى قايتىدىن تەربىيەلىمىسە بولمايدۇ. «بەختلىك بولۇش دېگىنىمىز ئۆزى ئىستىگەن نەرسىلەرگە ئېرىشىش ئەمەس، بەلكى ئۆزى ئېرىشەلەيدىغان نەرسىلەرنى ئىستەش» دېيىش بىر ئىش، ئۆزى ئېرىشكەن نەرسىلەر بىلەن ھەقىقىي تۈردە قانائەت ھاسىل قىلىش بولسا باشقا بىر ئىش.
نۇرغۇن كىشىلەر ئىجابىي تەپەككۇر قىلىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن، ئۆزى ئۈچۈن بىر قاتار قاتتىق تۈزۈملەرنى تۈزۈپ چىقمىسا، ھەمدە ئاشۇ تۈزۈملەرگە قاتتىق ئەمەل قىلىشنى ئوبدان مەشىق قىلمىسا بولمايدۇ.
بەزىدە بىر ئادەم مەلۇم بىر مەسىلىگە نىسپەتەن قاراش نۇقتىسىنى ئۆزگەرتىپ، ئۇنىڭ ئۈمىدسىزلىككە تولغان يۈزىنىلا ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ ئۈمىدكە تولغان ئىچكى قىسمىنى كۆرۈپ، يېرىمىدا سۇ بار يېرىمى قۇرۇق ئىستاكاننىڭ قۇرۇق يېرىمىنى ئەمەس، بەلكى سۇ بار يېرىمىنى كۆرسىلا، ئۇ ئادەم بەختلىك بولالايدۇ. يەنە بەزىدە بىر ئادەم ئۆزىنى ئازاب، ئۈمىدسىزلىك ياكى ھەسەتنىڭ پاتقىقىغا پاتۇرۇپ قويماي، ئۆزىنىڭ كۆڭلىنى ياخشى ئوي-پىكىر تەرەپكە، ۋە ئۆزى مىننەتدار بولۇشقا تېگىشلىك نەرسىلەرگە مەجبۇرى ھالدا بۇرىسىلا، ئۇ ئادەم بەختلىك بولالايدۇ.
بىر ئادەمنىڭ ھەر بىر ئىشنىڭ ياخشى تەرىپىنى كۆرۈش ۋە ئىجابىي پوزىتسىيەلىك بولۇش قابىلىيىتى باشقىلار بىلەن ئەھمىيەتلىك مۇناسىۋەتلەرنى ئورنىتىش ۋە ساقلاش ئۈچۈنمۇ ئىنتايىن مۇھىم.
|