قولاي تىزىملىك
ئىزدەش
بېكەت تەۋسىيەسى:
ئىگىسى: bilimhumar

بىلىمخۇمار: ئىنگلىزچە ئۆگەنگۈچىلەر ئۈچۈن

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

0

تېما

0

دوست

435

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   67.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  35168
يازما سانى: 21
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 138
توردىكى ۋاقتى: 17
سائەت
ئاخىرقى: 2016-2-4
يوللىغان ۋاقتى 2015-5-19 19:32:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
bilimhumar يوللىغان ۋاقتى  2015-4-8 09:30
ۋەئەلەيكۇم-ئەسسالام جەۋلاناي قېرىندىشىم،

مەن ئالدى  ...

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بىلىمخۇمار قېرىندىشىم سىزگە سالامەتلىك بەخت مەڭگۇ يار بولسۇن. ئالدى بىلەن ئالدىراش ۋاقىتلىرىڭىزدىن ۋاقىت ئاجرىتىپ سۆز قايتۇرغىنىڭىزغا كۆپ تەشەككۇر. ئوغلۇمنىڭ ئېنگىلىس تىلىغا بولغان قىزىقىشى بەك تۆۋەن، قىزىقمىغاندىن كېيىن تىرىشمايدۇ، خەنزۇ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئىنگىلىس تىلى تەلەپپۇزىنى ياقتۇرمايدۇ ، شۇڭا مەن ئوغلۇم بىلەن بىرلىكتە ئىنگىلىس تىلىنى نۆلدىن باشلاپ ئۇگۇنۇنەي دەپ ئويلىغان ئىدىم ،بىراق قانداق باشلىشىمنى بىلەلمەيۋاتىمەن. مەن بىر دۆلەت مەمۇرى. خەنزۇچە سەۋىيەم يۇقۇرى بىراق بىز ئوقۇغان دەۋرلەردە يېڭى يېزىق ئۇگەنگەن بولغاشقا ئىنگىلىس ھەرىپلىرىنى تونۇغان بىلەن توغرا تەلەپپۇز قىلالمايمەن ،مەسلىھەتىڭىزگە بەك ئېھتىياجىم بار. كەچۇرۇڭ ئاۋارە قىلدىم.
uyghuray

220

تېما

6

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

سۆزى چەكلەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8737
يازما سانى: 953
نادىر تېمىسى: 21
مۇنبەر پۇلى: 1313
تۆھپە : 6229
توردىكى ۋاقتى: 2107
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-2
يوللىغان ۋاقتى 2015-6-17 09:48:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئائىلە قىممەت قاراشلىرى

بىزنىڭ قىممەت قارىشىمىز، يەنى بىزنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرىمىزگە سەۋەب بولىدىغان بىزنىڭ مەركىزىي ئىدىيىلىرىمىز، بىزنىڭ كىشىلىك خاراكتېرىمىزنى، ئەخلاقىمىزنى ۋە بىز قىلالايدىغان ئىشلارنىڭ چېكىنى بەلگىلەيدۇ.  شۇڭلاشقا بىزنىڭ پەرزەنتلىرىمىز ئۈچۈن قىلىپ بېرەلەيدىغان ئەڭ مۇھىم ئىشىمىز ئۇلارنى ئۆزلىرىدە ئىجابىي قىممەت قاراشلىرىنى تىكلىشىگە رىغبەتلەندۈرۈشتىن ئىبارەت بولۇپ، ئاشۇنداق قىممەت قاراشلىرى پەرزەنتلىرىمىزنىڭ كەلگۈسىدە ئەقىللىق بولۇشىغا، بەخىتلىك بولۇشىغا، ۋە ياخشى ئادەم بولۇشىغا ياردەم قىلىدۇ.  بۇ بىر ئاددىي ئىش ئەمەس.  بىز ئالىدىغان بىرنچى قەدەم ئۆزىمىزنىڭ نېمىگە ئىشىنىدىغانلىقى بىلەن پەرزەنتلىرىمىزدىن نېمىگە ئىشىنىشنى ئىستەيدىغانلىقىمىزنى ئىمكانقەدەر ياخشىراق ئايدىڭلاشتۇرىۋېلىشتىن ئىبارەت.  كۆپۈنچە ۋاقىتلاردا بىزنىڭ باشقىلارغا سۆزلەپ بېرىدىغان قىممەت قاراشلىرىمىز (ئېغىزىمىزدىكى قىممەت قاراشلىرىمىز) بىلەن بىزنىڭ تاللاشلىرىمىز ئارقىلىق نامايان بولغان بىزدىكى ھەقىقىي قىممەت قاراشلىرى (بىزنىڭ ئىش-ھەرىكىتىمىزدىكى قىممەت قاراشلىرى) ئوتتۇرىسىدا پەرقلەر مەۋجۇت بولىدۇ.  ئۇنىڭدىن باشقا، بىز يەنە ئۆزىمىزدىكى قىممەت قاراشلىرىنىڭ قۇرۇلمىسىدىكى مۇرەككەپلىكنىمۇ ئېتىراپ قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.  بىزنىڭ ئۆمۈرلۇك نىشانلىرىمىزنى ئۆزىمىزنىڭ ئارزۇ-ئىستەكلىرى بەلگىلەيدۇ.  يەنە بىر كاتېگورىيەدىكى قىممەت قاراشلىرى بىزنىڭ نېمىنىڭ ئۈنۈم بېرىدىغانلىقى ھەققىدىكى چۈشەنچىلىرىمىزدىن تەركىپ تاپقان بولىدۇ.  بۇ خىلدىكى قىممەت قاراشلىرى بىزنىڭ ئۆزىمىز ئىستىگەن نەرسىلەرنى قانداق قىلىپ قولغا كەلتۈرىدىغانلىقىمىزنى بەلگىلەيدۇ.  ئۈچىنچى خىلدىكى قىممەت قاراشلىرى بىزنىڭ نېمىنىڭ توغرا ئىكەنلىكى ھەققىدىكى ئەخلاقىي كۆز-قارىشىمىزدىن تەركىپ تاپقان بولىدۇ.  ئېسىل كىشىلىك خاراكتېرگە ئىگە كىشىلەر ئۈچۈن مۇشۇ 3-خىلدىكى قىممەت قاراشلىرى قالغان 2 خىل قىممەت قاراشلىرىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ.  ئەگەر خالىسىڭىز، سىز ئۆز پەرزەنتلىرىڭىزنىڭ قەلبىگە ئورنىتىشنى ئىستەيدىغان قىممەت قاراشلىرىنى يېزىپ چىقىڭ.  سىز يېزىپ چىقىدىغان قىممەت قاراشلىرى تۆۋەندىكى كاتېگورىيەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالسۇن:
--كىشىلىك خاراكتېر ۋە ئەخلاق
--ئېتىقاد ۋە دىن
--توي ۋە ئائىلە مۇناسىۋەتلىرى
--دوستلۇق
--ئوقۇش
--ئۆز-ئۆزىگە تايىنىش
--پۇزۇتسىيە
--ساخاۋەت ئىشلىرى ۋە خالىسانە ئىشلار
--مۇۋەپپەقىيەت
--پۇل ۋە ماددىي مۈلۈك
--ھاراق ۋە زەھەرلىك چېكىملىك
--توي قىلىشتىن بۇرۇنقى قىز-ئوغۇل مۇناسىۋەتلىرى

بىز قىلغان ھەر بىر سۆز ۋە بىز قىلغان ھەر بىر ئىش پەرزەنتلىرىمىزدە مەلۇم قىممەت قاراشلىرىنى يېتىلدۈرىدۇ.  بۇ يەردىكى مەسىلە بىز پەرزەنتلىرىمىزگە نېمىلەرنى ئۆگىتىۋاتقانلىقىمىزنى ئۆزىمىز داۋاملىق بىلىپ تۇرالمايمىز.  شۇڭلاشقا بەلگىلىك ۋاقىت ئاجرىتىپ، بىر پارچە يازما «ئائىلە قىممەت قاراشلىرى» نى يېزىپ چىقىش ئارقىلىق بىز پەرزەنتلىرىمىزنى بىر مەڭگۈ ئۇنتۇلۇپ قالمايدىغان قىممەت قاراشلىرى مەنبەسىگە ئىگە قىلالايمىز.  

./thread-30260-1-1.html

220

تېما

6

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

سۆزى چەكلەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8737
يازما سانى: 953
نادىر تېمىسى: 21
مۇنبەر پۇلى: 1313
تۆھپە : 6229
توردىكى ۋاقتى: 2107
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-2
يوللىغان ۋاقتى 2015-6-17 09:49:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bilimhumar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-6-17 13:51  




Family Values

Our values — the core beliefs that drive behavior — determine our character, our ethics and our potential. Thus, the most

important thing we can do for our children is to stimulate them to develop positive values that will help them become wise, happy and good. This is no simple matter. The first step is to achieve greater clarity about what we really believe and what we really want our children to believe. Often there is an inconsistency between what we say we value (our stated values) and what we actually value as revealed by our choices (our operative values). We also need to recognize the complexity of our value structures. Our life goals are determined by our desires and wants. Another category of values concerns our beliefs as to what works. These often dictate what we do to get what we want. Still a final type of values comprises our ethical views as to what is right. In a person of character, these values supercede others. As my children are getting older, I’ve been thinking about constructing with my wife a Statement of Family Values expressing our beliefs about the nature and relative importance of a dozen basic matters. If you want to try it, concisely state the beliefs you hope to instill in your children regarding:


Character and ethics

Faith and spirituality

Marriage and family relationships

Friendship

Education

Self-reliance

Attitude

Service

Success

Money and material possessions

Drinking and drugs

Premarital sex

We teach our children values with everything we say and do. The trouble is we’re not always aware of what value we’re teaching. Taking the time to formulate a Statement of Family Values can provide an unambiguous source of values your children will never forget.



220

تېما

6

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

سۆزى چەكلەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8737
يازما سانى: 953
نادىر تېمىسى: 21
مۇنبەر پۇلى: 1313
تۆھپە : 6229
توردىكى ۋاقتى: 2107
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-2
يوللىغان ۋاقتى 2015-6-27 08:05:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قورقۇشنى رەت قىلىڭ

ئاپتورى: Michael Josephson
مەزمۇنىنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغۇچى: بىلىمخۇمار

ئەگەر بىز قورقۇشنى رەت قىلساق، كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان نەتىجىلەرگە ئېرىشەلەيمىز. مەيلى ئاغرىق بولسۇن، مەغلۇبىيەت بولسۇن، ياكى بىرەر ئىشتا رەت قىلىنىش بولسۇن، ئاشۇنداق ئىشلاردىن كېلىپ چىققان ئەندىشە ياكى قورقۇش بىر خىل زەھەرلىك ھېسسىيات بولۇپ، ئۇ كۆڭلىمىزدە بىر خىل ئالۋاستىلارنى پەيدا قىلىدۇ. ئاندىن ئۇ ئالۋاستىلار بىزنىڭ ئۆز-ئۆزىمىزگە بولغان ئىشەنچلىرىمىزنى يەپ تۈگىتىپ، بىزنى ئۆزىمىزنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە جارى قىلدۇرۇشتىن توسىدۇ، ياكى بولمىسا بەزىدە بىزنىڭ ئۆز قابىلىيىتىمىزنى سىناپ بېقىشىمىزغىمۇ يول قويمايدۇ.

مەن بىر قانۇن پروفېسسورى بولۇپ ئىشلەۋاتقان ۋاقتىمدا نۇرغۇنلىغان قابىلىيەتلىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئادۋوكاتلىق ئىمتىھانىدىن ئۆتەلمىگەنلىكىنى كۆردۈم. ئۇلار بىلىمىنىڭ كەمچىلىكىدىن مەغلۇپ بولمىدى، بەلكى، ئۇلاردىكى ئەندىشە ئۇلارنىڭ ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنى ياكى ئۆزلىرىدىكى بىلىملەرنى سىرتقا تولۇق چىقىرىش قابىلىيىتىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ قويغانلىقىدىن شۇنداق بولدى.

كۆپىنچە قانۇن ئاسپىرانتلىرى ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئادۋوكاتلىق ئىمتىھانىدىن ئۆتۈش ئېگىز بوشلۇققا ئېسىپ قويغان بىر دانە تاختايدىن مېڭىپ ئۆتۈشتىن تەس ئەمەس. بۇ يەردىكى مەسىلە شۇكى، ھېلىقى تاختاي ھاۋا بوشلۇقىغا ئېسىپ قويۇلغان بولغاچقا، ئوقۇغۇچىلار ئۇ تاختايدىن ئۆتۈشنى بىر خىل ھايات-ماماتلىق ئىش، دەپ ئويلاپ، ئۇنىڭ ئۈستىدە نورمال ماڭالمايدۇ. بۇ يەردە يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى بار بولغان ئەڭ ناچار ئاقىۋەت نېمە؟ ئۇ ئوڭايسىزلىنىشمۇ؟ قولايسىزلىقمۇ؟ ياكى چىقىممۇ؟ ئەمما، بۇلارنىڭ ھېچ قايسىسى مۇھىم ئەمەس.

قورقۇشنىڭ دورىسى توغرا ھۆكۈمدۇر. سىز قورققان ئىشلارنىڭ كۆپىنچىسى مەڭگۈ يۈز بەرمەيدۇ. يۈز بەرگەن تەقدىردىمۇ، سىز ئۇلارنى توغرا بىر تەرەپ قىلالايسىز.

./thread-30892-1-1.html
uyghuray

220

تېما

6

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

سۆزى چەكلەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8737
يازما سانى: 953
نادىر تېمىسى: 21
مۇنبەر پۇلى: 1313
تۆھپە : 6229
توردىكى ۋاقتى: 2107
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-2
يوللىغان ۋاقتى 2015-6-27 08:07:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


Michael Josephson

It’s amazing what we can accomplish if we refuse to be afraid. Fear — whether it’s of pain, failure, or rejection — is a toxic emotion that creates monsters in our mind that consume self-confidence and intimidate us from doing our best or sometimes even trying at all.

As a law professor, I saw scores of capable students fail the bar exam, not because they didn’t know enough but because their anxiety hindered their ability to remember or coherently express what they did know.

For most law graduates, passing the bar exam should be no more difficult than walking across a board 20 feet long and two feet wide. The trouble is, they don’t walk normally because they’re intimidated by the illusion that the board is suspended 100 feet in the air and that getting across is a life-or-death matter. What’s the worst thing that could happen? Embarrassment, inconvenience, and expense – but none of these is fatal.

Perspective is an antidote to fear. Most things you fear will never happen, and even if they do, you can handle it.

http://whatwillmatter.com/2013/0 ... efuse-to-be-afraid/

220

تېما

6

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

سۆزى چەكلەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8737
يازما سانى: 953
نادىر تېمىسى: 21
مۇنبەر پۇلى: 1313
تۆھپە : 6229
توردىكى ۋاقتى: 2107
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-2
يوللىغان ۋاقتى 2015-8-21 12:58:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bilimhumar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-8-21 14:34  

ئۆزىڭىزنىڭ قايناق ھېسسىياتىنى ئۆستۈرۈڭ

ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى: بىلىمخۇمار
ئاپتورى:  جون ماكسىۋېل (John C. Maxwell)

2015-يىلى 8-ئاينىڭ 21-كۈنى


ئادەتتىكى كىشىلەردەك كۆرۈنىدىغان بەزى ئادەملەرنىڭ ئۇلۇغۋار ئىشلارنى ۋۇجۇتقا چىقىرالىشىغا سەۋەب بولىدىغان نەرسە نېمە؟  ئۇ بولسىمۇ قايناق ھەسسىيات ياكى قاتتىق ئىنتىلىش (passion) دىن ئىبارەت.  بىر باشلامچى ياكى لىدېرنىڭ ھاياتىدا ھېچ قانداق نەرسە قاتتىق ئىنتىلىشنىڭ ئورنىنى ئالالمايدۇ.

تۆۋەندىكى قاتتىق ئىنتىلىش ھەققىدىكى 4 ھەقىقەتكە قاراپ چىقىپ، ئۇلارنىڭ سىزگە قانداق پايدىلارنى يەتكۈزەلەيدىغانلىقى ھەققىدە ئويلىنىپ بېقىڭ:

(1) قاتتىق ئىنتىلىش نەتىجە يارىتىشنىڭ بىرنچى قەدىمى:  سىزنىڭ ئارزۇيىڭىز سىزنىڭ ئاخىرقى مەنزىلىڭىز ياكى تەقدىرىڭىز (destiny) نى بەلگىلەيدۇ.  ئادەتتىن تاشقىرى ھاياتنى ياشىغان ھەر بىر ئادەم ئۇلۇغۋار ئارزۇغا ئىگە ئادەمدۇر.  ھەممە ساھەلەر ئۈچۈن ئورتاق بولغان مۇنداق بىر ھەقىقەت بار:  ئاجىز تىلەك كىشىنى ئاجىز نەتىجىگە ئېرىشتۈرىدۇ.  بۇ خۇددى بىر تال كىچىك ئوت پەقەت كىچىك ئىسسىقلىقنىلا پەيدا قىلالىغانغا ئوخشاش.  سىزدىكى ئوت قانچىكى كۈچلۇك بولىدىكەن، سىزدىكى تىلەكمۇ شۇنچە چوڭ بولۇپ، شۇنىڭ بىلەن سىز ئېرىشەلەيدىغان نەتىجىلەرمۇ شۇنچە زور بولىدۇ.

(2) قاتتىق ئىنتىلىش سىزنىڭ ئىرادىڭىز (willpower) نىمۇ ئۆستۈرىدۇ:  قاتتىق ئىنتىلىشنىڭ ئورنىنى ئالالايدىغان باشقا بىرەر نەرسە يوق.  ئۇ سىزنىڭ ئىرادىڭىزنىڭ يېقىلغۇسىدۇر.  ئەگەر سىز مەلۇم بىر نەرسىنى يېتەرلىك دەرىجىدە قاتتىق ئىستەيدىكەنسىز، سىز ئۇنىڭغا ئېرىشىش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ئىرادىنى تاپالايسىز.  ئاشۇنداق ئارزۇغا ئىگە بولۇشنىڭ بىردىن-بىر ئۇسۇلى ئۆزىڭىزدە بىر خىل قاتتىق ئىنتىلىشنى يېتىلدۈرۈشتىن ئىبارەت.

(3) قاتتىق ئىنتىلىش سىزنى ئۆزگەرتىدۇ:  ئەگەر سىز باشقىلارنىڭ سىز توغرىسىدىكى چۈشەنچىسى بويىچە ئىش تۇتماي، ئۆزىڭىزنىڭ قاتتىق ئىنتىلىشى بويىچە ئىش تۇتىدىكەنسىز، سىز چوقۇم كۆڭلىڭىزگە پۈككەن ئارزۇلارغا ئۆزىڭىزنىڭ بارلىقىنى تېخىمۇ تولۇق ئاتا قىلغان، تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى ياراتقان بىر ئادەم بولۇپ چىقالايسىز.  شۇنىڭ بىلەن سىز باشقىلارغا تېخىمۇ زور تەسىر كۆرسىتەلەيسىز.  ئەڭ ئاخىرىدا سىزدىكى قاتتىق ئىنتىلىشنىڭ باشقىلارغا كۆرسەتكەن تەسىرى سىزنىڭ كىشىلىك خاراكتېرىڭىزنىڭ تەسىرىدىنمۇ زور بولىدۇ.  

(4) قاتتىق ئىنتىلىش ئەسلىدە مۇمكىن ئەمەس دەپ قارالغان ئىشلارنى مۇمكىنلىككە ئىگە قىلىدۇ:  ئىنسانلار مۇنداق يارىتىلغان: بىر نەرسە سىزنىڭ روھىڭىزغا ئوت تۇتاشتۇرغاندا، ئەسلىدىكى مۇمكىنسىزلىك غايىپ بولىدۇ.  يۈرىكىڭىزدىكى بىر تال ئوت ھاياتىڭىزدىكى ھەممە ئىشلارنى يۈكسەلدۈرىدۇ.  قاتتىق ئىنتىلىش ياكى قايناق ھېسسىياتقا ئىگە لىدېرلەرنىڭ ناھايىتى ئۈنۈمدار كېلىشىدىكى سەۋەب ئەنە شۇ.  ئىنتايىن كۈچلۇك ئىنتىلىشكە ئىگە، ئەمما ماھارەتكە ئۇنچىۋالا باي ئەمەس بىر لىدېر ناھايىتى ماھارەتلىك ئەمما قاتتىق ئىنتىلىشقا ئىگە ئەمەس يەنە بىر لىدېرگە قارىغاندا بەكراق نەتىجىلىك كېلىدۇ.






k09_IMG_4045.JPG

220

تېما

6

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

سۆزى چەكلەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8737
يازما سانى: 953
نادىر تېمىسى: 21
مۇنبەر پۇلى: 1313
تۆھپە : 6229
توردىكى ۋاقتى: 2107
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-2
يوللىغان ۋاقتى 2015-9-11 09:44:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bilimhumar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-9-11 11:53  

ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئۆتۈش

ئاپتورى: جون ماكسۋېل
ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى: بىلىمخۇمار

2015-يىلى 9-ئاينىڭ 4-كۈنى


گېرمانىيىلىك شائىر ۋە رومان يازغۇچىسى يوھان ۋولفگاڭ (Johann Wolfgang von Goethe) بىر قېتىم مۇنداق دېگەن: «ئويلاش ئاسان، ئىش قىلىش تەس، ۋە ئادەم ئويلىغان ئىشنى ئەمەلىيەتتە قىلىش بۇ دۇنيادىكى ئەڭ تەس ئىش.» نىشان تىكلىگەن كىشىلەر ئىچىدە ئۆز نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىدا ئەمەلىي ئىش قىلغانلارنىڭ شۇنچە ئاز بولۇشىدىكى سەۋەب ئەنە شۇ بولۇشى مۇمكىن. گرېگ ھاررىس (Gregg Harris) بۇ ھەقتە بىر قېتىم 100 ئادەم ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى 67 كىشى ئۆزلىرى ئۈچۈن نىشان تىكلىگەن. ئەمما، ئاشۇ 67 ئادەمنىڭ ئىچىدىكى ئاران 10 كىشى ئۆزلىرىنىڭ نىشانلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىدا رېئاللىققا ئۇيغۇن كېلىدىغان پىلانلارنى تۈزۈپ چىققان، ھەمدە ئاشۇ 10 ئادەمنىڭ ئىچىدىكى ئاران 2 كىشى ئۆزلىرىنىڭ پىلانلىرىنى ئىجرا قىلىپ، ئەسلىدىكى نىشانلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان.

ئۆز نىشانىڭىزنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئەڭ مۇھىم ئۇسۇل (trick) ئىش باشلاشتىن ئىبارەت. ئامېرىكىنىڭ 32-نۆۋەتلىك پرېزىدېنتى فرانكلىن روزۋېلت (1882-1945) مۇنداق دېگەن: «بىر ئۇسۇلنى بىلىۋېلىپ، ئۇنى سىناپ بېقىش بىر ئەقەللىي ساۋات. ئەگەر ئۇ ئۇسۇل مەغلۇپ بولىدىكەن، ئۇنى ئېتىراپ قىلىپ، يەنە بىر ئۇسۇلنى سىناڭ. بۇ يەردىكى ھەممىدىن مۇھىم نەرسە بىر ئىشنى سىناپ بېقىشتىن ئىبارەت.» بۇ بىر ناھايىتى ياخشى مەسلىھەت. بۇنداق ئىشلاردا سىز بىر مۇكەممەل ئادەم بولمىسىڭىزمۇ بولۇۋېرىدۇ. سىز پەقەت قىلماقچى بولغان ئىشىڭىزدا ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلسىڭىزلا بولدى. بۇ جەھەتتە جۇڭگولۇقلارنىڭ مۇنداق بىر ماقال-تەمسىلى بار: «ئاستا مېڭىپ قېلىشتىن قورقماڭ، ئەمما ئورنىڭىزدا جىم تۇرۇپ قېلىشتىن قورقۇڭ.»



p0_IMG_4110.JPG

220

تېما

6

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

سۆزى چەكلەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8737
يازما سانى: 953
نادىر تېمىسى: 21
مۇنبەر پۇلى: 1313
تۆھپە : 6229
توردىكى ۋاقتى: 2107
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-2
يوللىغان ۋاقتى 2015-9-11 12:10:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تارتىنچاقلىق ۋە ئىجتىمائىي ئەندىشىنى يېڭىشنىڭ 7 خىل ئۇسۇلى

ئاپتورى: دەيۋىد شانلېي
ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى: بىلىمخۇمار
2015-يىلى 9-ئاينىڭ 11-كۈنى


مۆلچەرلىنىشىچە 17 مىليون ئامېرىكىلىقلار ئۆز ھاياتلىرىنىڭ مەلۇم بىر مەزگىلىدە ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتتە ئەنسىرەش كېسىلى (social anxiety disorder) گە گرىپتار بولغانلارنىڭ شەرتىگە چۈشىدىكەن.  تارتىنچاقلىقنىڭ دەردىنى تارتىۋاتقان چوڭلارنىڭ سانى ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ ئېشىپ چۈشىدۇ.  تەلىيىمىزگە يارىشا، تارتىنچاقلىق ۋە ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتتە ئەنسىرەش كېسىلىنى يېڭىپ، ئۆز-ئۆزىدە ئىشەنچ تۇرغۇزۇشنىڭ بىر قىسىم ئۈنۈملۈك ئىستراتېگىيىلىرى بار.

1.        ئىش قىلغاندا ئۆز-ئۆزىگە ئىشىنىش

ئۆز-ئۆزىگە بولغان ئىشەنچ ئەمەلىي ئىش-ھەرىكەت، ئۆگىنىش، مەشىق قىلىش، ۋە يېڭى قابىلىيەتلەرنى يېتىلدۈرۈشتىن كېلىدۇ.  بۇ خۇددى ۋېلىسىپىت مىنىشنى يېڭى ئۆگەنگەن ۋاقىتتىكى ئەھۋال بىلەن ئوخشاش.  ۋېلىسىپىت مىنىش دەسلەپتە ناھايىتى قورقۇنچلۇق بىر ئىشتەك تۇيۇلىدۇ.  ئەمما سىز غەيرەتكە كېلىپ، ئۇنىڭغا مېنىپ سىناپ باققاندىن كېيىن، سىزنىڭ بۇ ئىشنى قىلالايدىغانلىقىڭىزغا كۆزىڭىز يېتىپ، سىزدە ئۆز-ئۆزىڭىزگە بولغان ئىشەنچ پەيدا بولىدۇ.  ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتتىكى ئۆزىگە بولغان ئىشەنچمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش يېتىلىدۇ.  سىزدە ئەنسىرەش تۇيغۇسىنىڭ مەۋجۇت بولغانلىقى بىر مەسىلە ئەمەس، ئەمما ئىجتىمائىي ئالاقىدىن ئۆزىڭىزنى تارتىش بىر مەسىلە.  ئىجتىمائىي ئالاقىدىن ئۆزىڭىزنى تارتىشنى توختاتسىڭىز، سىز چوقۇم ئۆزىڭىزدىكى ئەندىشىنى يېڭەلەيسىز.

2.        ھەر خىل ئىشلارغا قاتنىشىش

تاماققا ئۇچرات تۇرغان ۋاقتىڭىزدا قېشىڭىزدىكى كىشىلەر بىلەن پاراڭلىشىڭ، ھەمدە سىرتلاردىكى ئادەملەر توپى ئىچىدە يۈرگەن ۋاقىتلىرىڭىزدا سىز تونۇمايدىغان ئادەملەر بىلەن سۆزلىشىڭ.  ئۇنىڭدىن باشقا، قارشى جىنستىكى سىز ياخشى كۆرگەن كىشىڭىزگىمۇ يېقىنلىشىڭ.  ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىڭ.  ئۇنى ئۇسۇلغا تارتىڭ.  ئۇنى سىرتقا چىقىپ سىز بىلەن بىللە سەيلە قىلىشقا تەكلىپ قىلىڭ.

كىشىلىك ھايات ناھايىتىمۇ قىسقا بولىدۇ.  ئەگەر سىز رەت قىلىنسىڭىز، ئۇنىڭغا پەرۋا قىلماڭ.  يەر شارىدا 7 مىليارد ئادەم بار.  سىز ئاشۇ 7 مىليارد ئادەملەرنىڭ ھەممىسىنى ياخشى كۆرۈپ كەتمەيسىز.  ئۇلارنىڭ ھەممىسىمۇ سىزنى ياخشى كۆرۈپ كەتمەيدۇ.  بىر ئاز تەۋەككۈلچىلىك قىلىپ، يېڭى ئادەملەر بىلەن تونۇشۇڭ.  

3.        يېڭى ئىشلارنى سىناپ بېقىش

ئوقۇغۇچىلار كۇلۇبى، بىر تەنھەرىكەت ئەترىتى، ياكى بىر ئوقۇش نەتىجىسىنى ياخشىلاش سىنىپى دېگەنگە ئوخشاشلارغا قاتنىشىڭ.  ئۆزىڭىزگە بىر يېڭى پروجېكت (تەتقىقات ياكى ئىش تۈرى) نى تاللىۋېلىڭ، خىزمەتتىكى بىر ئېغىر ۋەزىپىنى ئۆز ئۈستىڭىزگە ئېلىڭ، ياكى بولمىسا يېڭى ماھارەتتىن بىرنى ئۆگىنىڭ.  سىزنى ئۆزىڭىزدىكى «راھەت رايونى» نىڭ سىرتىغا چىقىشقا مەجبۇرلايدىغان ئىشلاردىن بىرەرنى قىلىڭ.

تارتىنچاقلىقنى يېڭىشنىڭ ئۇسۇللىرىنىڭ بىرى، ئۆز تۇرمۇشىڭىزنىڭ بىر قانچە ساھەسىدە ئۆز-ئۆزىڭىزگە بولغان ئىشەنچنى يېتىلدۈرۈپ، ئەنسىرەش، مەغلۇپ بولۇش ئەندىشىسى، رەت قىلىنىش ئەندىشىسى، ياكى يۈزى تۆكۈلۈش ئەندىشىسىنىڭ سىزنىڭ يولىڭىزنى توسۇۋېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىن ئىبارەت.  سىز يېڭى پائالىيەتلەرگە قاتنىشىش ياكى يېڭى ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىش ئارقىلىق، سىز مەنبەسىنى بىلمەيدىغان ئەندىشىگە تاقابىل تۇرۇپ، ئەنسىرەش تۇيغۇسىنى يېڭىشنىڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلىنى ئۆگىنىۋالالايسىز.

4.        سۆزلەش

ھەر بىر پۇرسەتتىن تولۇق پايدىلىنىپ، نۇتۇق سۆزلەش، دوكلات بېرىش، چاقچاق قىلىش ياكى ھېكايە ئېيتىش ئىشلىرىنى مەشىق قىلىڭ.  تۇرمۇشىڭىزنىڭ ھەممە ساھەسىدە كۆپرەك سۆزلەيدىغان ۋە ئۆز ئىدىيىلىرىڭىزنى كۆپرەك بايان قىلىدىغان بولۇڭ.  مەيلى سىز خىزمەت ئورنىدا بولۇڭ، دوستلىرىڭىز بىلەن بىللە بولۇڭ، ناتونۇش ئادەملەر بىلەن بىللە بولۇڭ، ياكى كوچىدا يول مېڭىپ كېتىۋاتقان بولۇڭ، بۇرۇنقىغا قارىغاندا تېخىمۇ ئاشكارە سۆزلەشنى مەشىق قىلالايسىز.  كىشىلەرگە ئۆز ئاۋازىڭىزنى ۋە ئۆز ئىدىيىلىرىڭىزنى ئاڭلىتىڭ.

ئۆز-ئۆزىگە ئىشەنچىسى بار كىشىلەر باشقىلارنىڭ ئۆزى دېگەن گەپنى ياقتۇرۇش ياكى ياقتۇرماسلىقىغا ئانچە پەرۋا قىلىپ كەتمەيدۇ.  ئۇلار باشقىلار بىلەن ئورتاقلىشىش ئۈچۈن ئۆز كۆڭلىدىكى گەپلەرنى دەيدۇ، پاراڭلارغا ئارىلىشىدۇ، ۋە باشقىلار بىلەن مۇناسىۋەتلىشىدۇ.  سىزمۇ شۇنداق قىلالايسىز.  ئەندىشە ۋە تارتىنچاقلىق سۆزلىمەي جىم تۇرۇشقا سەۋەب بولالمايدۇ.  

5.        باشقىلارغا ئۆزىنى باھالاش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىش

باشقىلارنىڭ ئۆزىگە ناتوغرا باھا بېرىپ قويۇشىدىن ئەنسىرەش ئىجتىمائىي ئەندىشە ۋە تارتىنچاقلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.  ئاشۇنداق ئەندىشىنى يېڭىشنىڭ بىردىن-بىر ئۇسۇلى باشقىلارنىڭ باھالاش ئوبيېكتى بولۇپ بېرىشتىن ئىبارەت.  بۇ ئىشنى ئۆزىڭىز بىلەن يېقىن ئۆتىدىغان ۋە سىز ئىشىنىدىغان ئادەملەر بىلەن مەشىق قىلىپ بېقىڭ.  سىز مۇشۇنداق مەشىقنى قانچە كۆپ قىلغانسېرى، باشقىلار سىزنى ئۆزلىرىگە تېخىمۇ يېقىن كۆرىدۇ، ھەمدە سىز ئاشۇنداق كىشىلىك مۇناسىۋەتتىن تېخىمۇ كۆپ ھۇزۇر ۋە قىممەتكە ئېرىشەلەيسىز.  شۇنىڭ بىلەن سىز ئۆز-ئۆزىڭىزگە ۋە ئىجتىمائىي ئالاقىلەرگە تېخىمۇ ئىشىنىدىغان بولىسىز.

باشقىلارغا سىزنى باھالاش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىش سىزدە باشقىلارنىڭ ئۆزىڭىزنىڭ ھەقىقىي قىياپىتىنى بىلىۋېلىشىغا يول قويۇش ئىستىكىنىڭ بار بولۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ.  ئۆزىڭىزنىڭ قانداق ئادەم ئىكەنلىكىدىن پەخىرلىنىڭ.  سىز قانچە سەمىمىي بولسىڭىز ۋە باشقىلارغا سىزنى باھالاش پۇرسىتىنى قانچە كۆپ يارىتىپ بەرسىڭىز، باشقىلار سىزنىڭ ئاشۇنداق ئەخلاقىڭىزدىنمۇ شۇنچە بەك سۆيۈنىدۇ.

6.        ئۆز-ئۆزىگە ئىشىنىدىغان بەدەن تىلىنى نامايان قىلىشنى مەشىق قىلىش

بىر ئادەم بىلەن سۆزلەشكەندە، ئۇنىڭ كۆزىگە قاراپ تۇرۇپ سۆزلەڭ.  يول ماڭغاندا بېشىڭىزنى ئېگىز كۆتۈرۈپ مېڭىڭ.  سۆزلىگەندە كۆڭلىڭىزنى ئېنىق ۋە ئۈنۈملۈك بايان قىلىڭ.  باشقىلار بىلەن قول تۇتۇشۇپ ياكى قۇچاقلىشىپ كۆرۈشۈڭ.  باشقىلار بىلەن سۆزلىشىۋاتقاندا، ئۇلارغا يېقىن تۇرۇڭ.

7.        ئەتىراپىدىكىلەرنىڭ گەپ-سۆزلىرىگە قاتتىق دىققەت قىلىش

ئەتىراپىڭىزدا بولۇۋاتقان ئىشلارنى ئېنىق بىلىپ تۇرۇڭ.  ئۇخلاپ قالماڭ.  ھەممە ۋاقىتتا ئۆزىڭىزنىڭ تەپەككۇرلىرى، ھېسسىياتلىرى، سېزىملىرى ۋە ئەسلىمىلىرىنى بىلىپ تۇرۇڭ.  سىزنىڭ سەرگۈزەشتىلىرىڭىزنىڭ ئىچىدە سىز يوشۇرمىسىڭىز ياكى ئۆزىڭىزنى تارتمىسىڭىز بولمايدىغان قىسمى يوق.  ئۆزىڭىزنى ۋە ئەتىراپىڭىزدىكى دۇنيانى قەدىرلەشنى ئۆگىنىڭ.  «قورقۇنچلۇق» ئىدىيىلەر ۋە ھېسسىياتلارنىمۇ قەدىرلەڭ، ھەمدە ئۇلارنى باھا بەرمەي تۇرۇپ ئەستە تۇتۇڭ.  

سىز ھەر بىر پەيتنىڭ ئىچىدە تولۇق مەۋجۇت بولۇپ تۇرغاندا، ئىجتىمائىي ئالاقىلەر سىز ئۆزىڭىزنى قاچۇرۇشقا تېگىشلىك بىر ئىش ئەمەسلىكىنى تونۇپ يېتىسىز.  سىز پاراڭلارغا ۋە ئۆز مۇھىتىڭىزدىكى ھەر خىل ئۇچۇرلارغا ھەقىقىي تۈردە دىققەت قىلىپ تۇرىۋاتقان بولغاچقا، سىزنىڭ ئىپادىڭىز بۇرۇنقىدىن ياخشىراق بولىدۇ.  كۆپلەپ مەشىق قىلىپ بېرىش ئارقىلىق سىز ئۆزىڭىزنىڭ ئەتىراپىدىكى دۇنيادىن ئۆگىنىپ يېتىلدۈرگەن ئىجتىمائىي ئىقتىدارلىرىڭىزنى توختاۋسىز ھالدا ياخشىراق ئىشقا سېلىپ ۋە ئۇلارنى تېخىمۇ ياخشىلاپ، ئەڭ ئاخىرىدا ئۆز-ئۆزىڭىزگە تولۇق ئىشىنىدىغان بولالايسىز.

پايدىلىنىش ماتېرىياللىرى:

[1] 7 Ways to Overcome Shyness and Social Anxiety
<http://psychcentral.com/blog/arc ... and-social-anxiety/>
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )