بۇ يازمىنى ئاخىرىدا bilimhumar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-2-7 15:03
17-تېكىست:
كىشىلىك خاراكتېرنىڭ تۈرتكىسىدە ئىش قىلىش بىلەن ھېسسىياتنىڭ تۈرتكىسىدە ئىش قىلىشنىڭ پەرقى
ئاپتورى: جون ماكسىۋېل
ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى: بىلىمخۇمار
ئىشلىتىلگەن يازمىنىڭ ماۋزۇسى: نەتىجىلىك ئۇيغۇرلار (23)
2016-يىلى 2-ئاينىڭ 5-كۈنى
مۇۋەپپەقىيەت قازىنىدىغان كىشىلەر مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمايدىغان كىشىلەر قىلىشنى خالىمايدىغان ئىشلارنى قىلىشنى خالايدۇ. مېنىڭ كۆزىتىشىمچە، يۇقىرىقىدەك 2 خىل كىشىلەر ئوتتۇرىسىدىكى پەرقلەرنىڭ بىرى ئۇلاردىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنىڭ مەنبەسى بولۇپ، مۇۋەپپەقىيەتلىك كىشىلەرنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچى ئۇلارنىڭ كىشىلىك خاراكتېرىدىن كېلىدۇ. مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمايدىغان كىشىلەرنىڭكى بولسا ئۇلارنىڭ ھېسسىياتىدىن كېلىدۇ. بۇ ئىككى نەرسە ئوتتۇرىسىدىكى پەرقلەر مۇنداق:
خاراكتېرنىڭ تۈرتكىسى بىلەن ئىش قىلىدىغان كىشىلەر:
--ئىشنى توغرا قىلىپ، ئاندىن ئۇنىڭغا قارىتا ياخشى تۇيغۇغا ئېرىشىش
--ئىرادىگە تايىنىپ ئىش قىلىش
--پرىنسىپ ئاساسىدا قارار ئېلىش
--پوزىتسىيىنى ئىش-ھەرىكەت ئارقىلىق كونترول قىلىش
--ئالدى بىلەن قىلىۋاتقان ئىشىغا ئىشىنىپ، ئاندىن ئۇنىڭ نەتىجىسىنى كۆرۈش
--يۇقىرى كەيپىيات پەيدا قىلىش
--«مېنىڭ مەسئۇلىيەتلىرىم قايسى؟» دەپ سوراش
--مەسىلىلەرگە دۇچ كەلگەندە قىلىۋاتقان ئىشىنى داۋاملاشتۇرۇۋېرىش
--كەيپىياتى تۇراقلىق بولۇش
--باشلامچى بولۇش
ھېسسىياتنىڭ تۈرتكىسى بىلەن ئىش قىلىدىغان كىشىلەر:
--ئالدى بىلەن ياخشى تۇيغۇغا كېلىپ، ئاندىن ئىشنى توغرا قىلىش
--قولايلىققا تايىنىپ ئىش قىلىش
--ئېقىمغا ئەگىشىپ قارار ئېلىش
--ئىش-ھەرىكەتنى پوزىتسىيە بىلەن كونترول قىلىش
--ئالدى بىلەن نەتىجىنى كۆرۈپ، ئاندىن قىلىۋاتقان ئىشىغا ئىشىنىش
--كەيپىياتنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىنى ساقلاپ تۇرۇش
--«مېنىڭ ھوقۇقلىرىم قايسى؟» دەپ سوراش
--مەسىلىلەرگە يولۇققاندا، قىلىۋاتقان ئىشىدىن ۋاز كېچىش
--كەيپىياتى تولا ئۆزگىرىپ تۇرۇش
--ئەگەشكۈچى بولۇش
يېقىنغىچە ياشىغان لۇيىس لامور (Louis L’Amour) تارىختىكى ئەڭ داڭلىق يازغۇچىلارنىڭ بىرى بولۇپ، پۈتۈن دۇنيا بويىچە ئۇنىڭ جەمئىي 230 مىليون پارچە كىتابى سېتىلغان. ئۇ 100 پارچىدىن ئارتۇق كىتاب يازغان بولۇپ، ئاشۇ كىتابلارنىڭ ھەممىسى ھازىرغىچە قايتا نەشر قىلىنىۋاتىدۇ. كىشىلەر ئۇنىڭدىن يېزىش ئۇسلۇبىنى سورىغاندا، ئۇ مۇنداق دەپ جاۋاب بەرگەن: «قانداق ئەھۋال ئىچىدە بولۇشىڭىزدىن قەتئىينەزەر، يېزىشنى باشلاڭ. سۇ تۇرۇبىسىنى ئاچمىغىچە، سۇ ئېقىشنى باشلىمايدۇ.»
|