قولاي تىزىملىك
ئىزدەش
بېكەت تەۋسىيەسى:
ئىگىسى: bilimhumar

بىلىمخۇمار: ئىنگلىزچە ئۆگەنگۈچىلەر ئۈچۈن

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

220

تېما

6

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

سۆزى چەكلەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8737
يازما سانى: 953
نادىر تېمىسى: 21
مۇنبەر پۇلى: 1313
تۆھپە : 6229
توردىكى ۋاقتى: 2107
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-2
يوللىغان ۋاقتى 2015-4-13 07:26:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bilimhumar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-4-13 09:30  

راستچىللىقنىڭ مۇھىملىقى، ۋە يالغانچىلىقنىڭ خىزمەت ۋە تۇرمۇشتىكى يوشۇرۇن زىيانلىرى

ئىنگلىزچە يازمىنىڭ ئاپتورى: مايكۇل جوسېفسون
ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى: بىلىمخۇمار

2014-يىلى 12-ئاينىڭ 26-كۈنى



راستچىللىق ھەر قېتىم پايدا ئېلىپ كەلمەسلىكى مۇمكىن، ئەمما يالغانچىلىق ھەر قېتىم زىيان ئېلىپ كېلىدۇ.

ئىناۋەت، ئىشىنىشكە بولىدىغانلىقى ۋە راستچىللىق نامى بىر تەشكىلات يوقىتىپ قويسا قەتئىي بولمايدىغان ئىنتايىن مۇھىم بايلىق بولۇپ، ئۇلاردىن ئايرىلىپ قېلىشنىڭ ئەڭ ئىشەنچلىك ئۇسۇلى يالغانچىلىق قىلىشتىن ئىبارەت.

ئىلاۋە: بۇ يەردە ئىنگلىزچە «organization» دېگەن سۆز ئىشلىتىلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئۇيغۇرچىدىكى ئۇتتۇر مەنىسى «تەشكىلات» تىن ئىبارەت. ئەمما ئىنگلىزچىدا ئىدارە، مەكتەپ، شىركەت، كارخانا، ھەر خىل تەشكىلاتلار ۋە ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى قاتارلىق نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئورتاق نامى ئۈچۈن «تەشكىلات» دېگەن سۆز ئىشلىتىلىدۇ.

باشقىلارنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىنى تۇرغۇزۇش خۇددى تاشلارنى بىر-بىرىنىڭ ئۈستىگە قويۇپ، بىر مۇنار ياسىغانغا ئوخشايدۇ. ئەمما بۇ مۇنار قانچە ئېگىز ۋە قانچىلىك پۇختا كۆرۈنسۇن، ئەگەر سىز ئۇنىڭ ئەڭ ئاستىدىكى بىر دانە تاشنى ئېلىۋەتسىڭىز، بۇ مۇنار چوقۇم ئۆرۈلۈپ چۈشىدۇ. يالغانچىلىق كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاقىۋەتمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش. ئۇ كىشىلەرنىڭ سىزگە بولغان ئىشەنچىسىنىڭ ئاساسىنى يوق قىلىۋېتىدۇ.

يالغانچىلىق قىسقا مۇددەت ئىچىدە بىزنى بەزى پايدىلىق شارائىت بىلەن تەمىنلەيدۇ، ھەمدە پاش بولۇپ قالمىغان يالغانچىلىق بىزگە بەزى قىسقا مۇددەتلىك پايدىلارنىمۇ ئېلىپ كېلەلەيدۇ. ئەمما يالغانچىلىقنى مەڭگۈ مەخپىي ساقلاپ قالغىلى بولمايدۇ. پاش بولۇپ قالمىغان ھەر بىر يالغانچىلىق، مەيلى ئۇ قانچىلىك كىچىك بولسۇن، كىشىلەرنىڭ ئۆزىڭىزگە بولغان ئىشەنچىنى ۋەيران قىلىۋېتەلەيدىغان بىر مىناغا ئوخشايدۇ.

يالغانچىلىق ئۆزىنى قوغداش ئۈچۈن باشقا يېڭى يالغانچىلىقلارنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرىدۇ. ئەنگلىيەنىڭ دۇنياغا داڭلىق باش مىنىستىرى ۋىنستون چېرچىل (Winston Churchill, 1874 - 1965) مۇنداق دېگەن ئىدى: ھەر بىر يالغانچىلىق ئۆزىنى قوغداش ئۈچۈن يالغانچىلىقتىن تەركىب تاپقان بىر قوغدىغۇچىغا ئېھتىياجلىق بولىدۇ. ياخشى نىيەت بىلەن ۋۇجۇدقا كەلگەن يالغانچىلىقلارنى بىز «ئاق يالغانچىلىقلار» (white lies) دەپ ئاتايمىز. ئاشۇنداق ئاق يالغانچىلىقتىن بىرسى پاش بولۇپ قالغان ھامان، بىزنىڭ ئىناۋىتىمىز تۆكۈلىدۇ. يالغانچىلىق قىلغان كىشىنىڭ ئاشۇ يالغانچىلىققا بولغان قارىشى يالغانچىلىق قىلىنغان كىشىنىڭ قارىشىغا زادىلا ئوخشىمايدۇ. «مەن ئۈچۈن پايدىلىق، دەپ قارىغان ۋاقتىڭىزدا سىز ماڭا يالغانچىلىق قىلىۋېرىڭ» دەيدىغان كىشىلەردىن قانچىسى بار؟

بىز ئۆزىمىزنىڭ قوبۇل قىلىشى ئاسانراق بولسۇن ئۈچۈن ئۆزىمىزنىڭ يالغانچىلىقىغا باھانە تاپساق، ئۆزىمىزنىڭ يالغانچىلىقىنى ئاقلىساق، ياكى ئۆزىمىزنىڭ يالغانچىلىقىنى كىچىكلەشتۈرسەك بولۇۋېرىدۇ. ئەمما ئاشۇنداق ئۆزىمىزنىڭ يالغانچىلىقىنى قوغدايدىغان ئىش-ھەرىكەتلەر يارىمىزنى ئېغىرلاشتۇرىدۇ، ھەمدە باشقىلارنىڭ ئۆزىمىزگە ئىشەنمەسلىكىنى چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ. سىز بىر «يالغانچى» دەپ ئاتىلىپ قېلىشتىن بۇرۇن يالغانچىلىقتىن قانچىنى قىلالايسىز؟ سىز باشقا بىر ئادەمگە ئىشەنمەس بولۇپ قېلىشتىن بۇرۇن ئۇنىڭ قانچە قېتىملىق يالغانچىلىقىنى قوبۇل قىلالايسىز؟ بىز باشقا بىر ئادەمنىڭ ئۆزىمىزگە يالغانچىلىق قىلغانلىقىنى بايقىغان ھامان، بىز ئۇنىڭ بىلەن بۇرۇن قىلىشقان پاراڭلارنى ئەسلەپ، «ئۇ بۇرۇن ماڭا يەنە قانداق يالغان گەپلەرنى قىلغان بولغىيتتى؟» دەپ ئويلايمىز. سىز باشقا بىر يالغانچىغا يالغانچىلىق قىلىپ، ئۆزىڭىز بىر «يالغانچى» بولۇپ قېلىشتىن ساقلىنالامسىز؟

بىز سادىر قىلغان يالغانچىلىقىمىزغا باشقىلاردىن ئەپۇ سورىشىمىز، ئۆزىمىزنى كەچۈرۈۋېتىشنى ئۆتۈنۈشىمىز، ھەمدە ئىككىنچى يالغان سۆزلىمەيدىغانلىقىمىز توغرۇلۇق ئۇنىڭغا ۋەدە بېرىشىمىز مۇمكىن. ئەمما بىز بۇ ئارقىلىق ئۆزىمىزنىڭ بۇرۇنقى يالغانچىلىقى كەلتۈرۈپ چىقارغان تارتۇقنى ئۆزگەرتەلمەيمىز، ياكى بولمىسا پەيدا قىلغان يارىنى تولۇق ساقايتالمايمىز.

بىز يېرىم راستچىللىق قىلىش ياكى پۈتۈنلەي يوشۇرۇش ئارقىلىق ئۆزىمىزنىڭ يالغانچىلىقىنى نىقابلاشقا ئۇرۇنۇشىمىز مۇمكىن. ئاشۇنداق قىلىقىمىزنى تەسۋىرلەش ئۈچۈن بىز گوللاش، شەكلىنى ئۆزگەرتىش، خاتا ئىپادىلەپ قويۇش، ۋە ياسالمىلىق قىلىش دېگەندەك سۆزلەرنى ئىشلىتىشىمىز مۇمكىن. ئەمما بىزنىڭ قانداق سۆزنى ئىشلىتىشىمىز مۇھىم ئەمەس. ئۇنىڭ تۈپ يىلتىزىدىن قارىغاندا، يالغانچىلىق مەقسەتلىك ھالدا سەمىمىيەتسىزلىك قىلىش، ۋە بىر ئادەمنى راست ئەمەس بىر نەرسىگە قەستەن ئىشەندۈرۈشتىن ئىبارەت بولىدۇ. شۇڭلاشقا ئۇ يالغۇز سەمىمىيەتسىزلىكلا ئەمەس، بەلكى ئەدەپسىزلىك ياكى ھۆرمەتسىزلىكمۇ بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

ئەسلىدىكى ئۇيغۇرچە يازمىنىڭ مەنبەسى:
http://bbs.izdinix.com/thread-61490-1-1.html
./thread-27520-1-1.html
uyghuray

220

تېما

6

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

سۆزى چەكلەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8737
يازما سانى: 953
نادىر تېمىسى: 21
مۇنبەر پۇلى: 1313
تۆھپە : 6229
توردىكى ۋاقتى: 2107
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-2
يوللىغان ۋاقتى 2015-4-13 07:29:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Importance of Trust and the Insidiousness of Lying in Business and Life
by MICHAEL JOSEPHSON on DECEMBER 3, 2014

Honesty may not always pay, but lying always costs.

Reputation, trust and credibility are assets no organization can afford to lose and the surest way to lose them is to lie.

Building trust is like building a tower, stone by stone. But no matter how high or strong the tower seems, if you remove a stone from the bottom the will collapse. That’s what lying does — it removes the foundation stone of trust.

Lying often gives us short-term  advantages and lies that remain undiscovered (as most do) may provide short-term benefits. But there is no security in secrecy or concealment. Every undiscovered lie, even a seemingly small one, is a landmine capable of destroying trust.

Lies breed more lies to cover-up. Winston Churchill spoke about each lie needing a bodyguard of lies to protect itself. Even lies we justify by our good intentions, the one’s we call “white lies” can blow up in our face when discovered. The lie often looks very different from the perspective of the person lied to than the person telling the lie. How many of us would give permission to people we know to “lie to me whenever you think it is for my own good”?

We can rationalize, justify or try to minimize our lies to ease our own conscience but usually such defensive behavior adds insult to injury and deepens distrust. How many lies can you tell before you are a liar? How many lies can someone tell you before distrust sets in? Once we discover that someone has lied to us we look back on past conversations and ask: “What else has he lied to me about?” Can you lie to a liar and not become a liar?

We can apologize, ask for forgiveness and promise to never lie again, but we usually can’t obliterate the scar or even fully heal the wound caused by our lie.

We also can’t try to disguise our lies in half-truths or concealment. While we might use other terms like deception, distortion, misrepresentation, insincerity or a lack of candor the terminology isn’t important. At its root, lying is intentional dishonesty, deliberately trying to make a person believe something that is not true. It’s not only dishonest though, it’s disrespectful.

It’s also a very bad strategy. Lying to avoid problems is like getting drunk to forget them.  It’s a temporary solution  with the worst sort of hangover.  Your problems are still there,  but they are even bigger  because now you can’t be trusted.
–Michael Josephson

0

تېما

10

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   24.17%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8496
يازما سانى: 925
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 981
تۆھپە : 5572
توردىكى ۋاقتى: 2218
سائەت
ئاخىرقى: 2016-8-4
يوللىغان ۋاقتى 2015-4-13 11:53:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىلىمخۇمار ئاكا ، ،  ماقالىلىرىڭىزنى ئېنگىلىزچىسى بىلەن قوشۇپ يوللىشىڭىز مەنچىمۇ ئېنتايىن  ئاقىللارچە ئامال بوپتۇ.  بوسا ئېنكاسلارنىمۇ ئۇيغۇرچە ۋە ئېنگىلىزچە يېزىشنى تەلەپ قىلسىڭىز تېخىمۇ پايدىلىق بولىشىغا ئىشىنىمەن. شۇ مۇناسىۋەتتە بارلىق ئىشلىرىڭىزنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك بولىشىنى بۇ ئەھمىيەتلىك ئەمگىكىڭىزنىڭ يەنىمۇ داۋام قىلىشىنى تىلەيمەن..

this is  definitely  a good  idea  sharing your article with a translation of english, and i believe it coud also be helpful for english learners by asking them to write comment in uyghur and english at the same time.  by the way, i pray all about you to be completely well and  keep  significantly working on this way of helping people to be improved ..

220

تېما

6

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

سۆزى چەكلەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8737
يازما سانى: 953
نادىر تېمىسى: 21
مۇنبەر پۇلى: 1313
تۆھپە : 6229
توردىكى ۋاقتى: 2107
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-2
يوللىغان ۋاقتى 2015-4-14 10:33:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
urkesh يوللىغان ۋاقتى  2015-4-13 11:53
بىلىمخۇمار ئاكا ، ،  ماقالىلىرىڭىزنى ئېنگىلىزچىسى بىل ...

ئۆركەش ئۇكام،

بۇ بىر ناھايىتى ياخشى تەكلىپ ئىكەن.  ئەمما بىز ئۇنى قاتتىق تەلەپ قىلىۋالساق، ئىنگلىزچىسى ئۇنچىۋالا ياخشى ئەمەس ئۇكىلار ئىنكاس يېزىشتىن پۈتۈنلەي ۋاز كېچىشى مۇمكىن.  شۇڭا ئۇنى ھازىرچە بىر «تەۋسىيە» قىلىپ تۇرايلى.

My brother Örkesh,

This is a good suggestion.  However, if we make it a serious requirement, our brothers and sisters whose English is not that good may give up writing responses completely.  So let us use it as a «suggestion» for now.
uyghuray

0

تېما

1

دوست

2042

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   1.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33767
يازما سانى: 152
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 630
توردىكى ۋاقتى: 117
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2015-4-14 15:14:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
bilimhumar يوللىغان ۋاقتى  2015-4-14 10:33
ئۆركەش ئۇكام،

بۇ بىر ناھايىتى ياخشى تەكلىپ ئىكەن.  ئە ...

ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم بىلىمخۇمار ئاكا مەن ئىنگىلىزتىلىنى ئۆزلىكىمدىم ئۇگەنگەن شۇنىڭ ئۇچۇن سىزگە نىسبەتەن ئىغىر كەلمىسە تەلەپپۇزىنى يوللاپ بەرسىڭىز

يېزىدا ئۇگۇنىش پۇرسىتى بولمىغاندىكىن

220

تېما

6

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

سۆزى چەكلەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8737
يازما سانى: 953
نادىر تېمىسى: 21
مۇنبەر پۇلى: 1313
تۆھپە : 6229
توردىكى ۋاقتى: 2107
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-2
يوللىغان ۋاقتى 2015-4-15 12:53:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يولۇچى يوللىغان ۋاقتى  2015-4-14 15:14
ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم بىلىمخۇمار ئاكا مەن ئىنگىلىزتىلى ...

ۋەئەلەيكۇم-ئەسسالام ئۇكام،

سىز ئوتتۇرىغا قويغان تەكلىپكە مەن ھازىرچە يېتىشىپ بولالمايمەن.  ھازىر ئامېرىكىدىن يازدا تۇغقان يوقلاپ يۇرتقا بېرىۋاتقان ئۇيغۇر ياشلار خېلى كۆپ.  مەن ئىمكانىيىتى بار قېرىنداشلاردىن بىرەرسى ئاشۇنداق ئۇكىلاردىن بىرىنى ياردەمگە چاقىرىپ، مەن يوللىغان ئىنگلىزچە يازمىلارنى ئۇنىڭغا ئوقۇتۇپ، ئاۋازنى ھۆججەت قىلىپ تەييارلاپ، ئاندىن ئۇ ئاۋازلىق ھۆججەتنى تورلارغا يوللاپ قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.  شۇنداق قىلغاندا ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىدىغان بىر ماتېرىيال كۆپىيىدۇ.  ئاخىرىدا مەن سىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن.

220

تېما

6

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

سۆزى چەكلەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8737
يازما سانى: 953
نادىر تېمىسى: 21
مۇنبەر پۇلى: 1313
تۆھپە : 6229
توردىكى ۋاقتى: 2107
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-2
يوللىغان ۋاقتى 2015-4-19 07:26:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى بولۇۋېلىش روھىي ھالىتىنى داۋالاش

ئاپتورى: مايكۇل جوسېفسون
ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى: بىلىمخۇمار

2015-يىلى 17-ئاپرېل


--تەپەككۇرىڭىزغا ئەھمىيەت بېرىڭ (ياكى دىققەت قىلىڭ)، ئۇ سىزنىڭ پوزىتسىيەلىرىڭىزنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
--پوزىتسىيەلىرىڭىزگە ئەھمىيەت بېرىڭ، ئۇ سىزنىڭ گەپ-سۆزلىرىڭىزنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
--گەپ-سۆزلىرىڭىزگە ئەھمىيەت بېرىڭ، ئۇ سىزنىڭ ئىش-ھەرىكىتىڭىزنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
--ئىش-ھەرىكىتىڭىزگە ئەھمىيەت بېرىڭ، ئۇ سىزنىڭ ئادەتلىرىڭىزنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
--ئادەتلىرىڭىزگە ئەھمىيەت بېرىڭ، ئۇ سىزنىڭ كىشىلىك خاراكتېرىڭىزنى شەكىللەندۈرىدۇ.
--كىشىلىك خاراكتېرىڭىزگە ئەھمىيەت بېرىڭ، ئۇ سىزنىڭ مەنزىلىڭىزنى بەلگىلەيدۇ.

يۇقىرىدىكى سۆزلەرنىڭ مەنبەسى ئېنىق ئەمەس بولۇپ، ئۇلار بىزگە مۇنداق بىر ئىشنى بىلدۈرىدۇ: بىز جىمجىت ۋە ئۆزىمىزنىڭ يوشۇرۇن ئېڭى ئاساسىدا قىلغان تاللاشلار بىزنىڭ كېلەچىكىمىزنى بەلگىلەيدۇ. ئەگەر بىز ئۆزىمىزنىڭ تەپەككۇر قىلىش ۋە ئۆتۈپ كەتكەن ئىشلار ئۈستىدە ئويلىنىش ئىقتىدارىمىزنى ئىشقا سېلىپ، ئۆزىمىزنىڭ تەپەككۇرى، پوزىتسىيەلىرى، گەپ-سۆزلىرى، ئىش-ھەرىكەتلىرى ۋە ئادەتلىرى ھەققىدە مەقسەتلىك تاللاشلارنى ئېلىپ بارىدىكەنمىز، ئۇ ھالدا، مەيلى ئۆيدە بولسۇن ياكى خىزمەت ئورنىدا بولسۇن، بىز ئۆز ھاياتىمىزنىڭ ھەممە تەرەپلىرىنى بۇرۇنقىدىن ياخشىراق قىلالايمىز.

يۇقىرىقىدەك قىلىشنىڭ ئورنىغا، نۇرغۇنلىرىمىز ئۆزلىرىمىزنى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ھېسابلايمىز. بىز ئۆز شارائىتىمىز ۋە باشقىلارنىڭ ئۆزىمىزگە قىلغانلىرى ئۈستىدە دەرد تۆكىمىز. ئىشلار ياخشى يۈرۈشمىگەن ۋاقىتتا ئۆزىنى ئامالسىز ۋە گۇناھسىز دەپ ئويلاش ئادەمگە مەلۇم پىسخولوگىيەلىك راھەتنى ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن، ئەمما سىز ئۆزىڭىزنى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ھېسابلاپ ئۆتكۈزگەن ھاياتىڭىزغا ئەڭ ئاخىرىدا سىز ئۆزىڭىز يەنىلا رازى بولمايسىز.

بىز ئەندىشە قىلىش، خەۋپلىك ھېس قىلىش، غەزەپلىنىش، ئاچچىق يۇتۇش، ھەسرەت چېكىش ۋە چۈشكۈنلىشىشكە ئوخشاش ناھايىتى كۈچلۈك ھېسسىياتلارنىڭ تەسىرى ئاستىدا تۇرۇۋاتقان ۋاقتىمىزدا ئۆزىمىزنى ئاسانلا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ھېسابلاپ قالىمىز. بۇنداق ھېسسىياتلارنىڭ تەسىرى بەزىدە ئادەم غالىب كەلگىلى بولمايدىغان دەرىجىدە كۈچلۈك بولۇپ، بىز ئۆزىمىزنىڭ ئۇنىڭدىن كېلىپ چىققان روھىي ھالىتىگە نىسبەتەن «ساقلانغىلى بولمايدىغان ئەھۋال»، دەپ ئويلاپ قالىمىز. ئاشۇنداق ۋاقىتلاردا بىزدە پەقەت «يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللار ئۆزلۈكىدىن ئوڭشىلىپ كېتىدۇ»، دەيدىغان بىرلا ئۈمىد بار بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە بولسا ھېسسىياتلىرىمىز ئاشۇنداق قالايمىقانلىشىپ كەتكەن ۋاقىتتا ئۆزىمىزنىڭ تاللاش قابىلىيىتىنى ئىشقا سېلىپ، ئۆزىمىزنىڭ ئوي-پىكىرلىرى ۋە پوزىتسىيەلىرىنى مۇۋاپىق تاللاش ھەممىدىن مۇھىم. بىز ئاغرىقنى پۈتۈنلەي يوق قىلىۋېتەلمەيمىز، ئەمما بىز ئازابلىنىشنى رەت قىلالايمىز.

بىز ئۆزىمىز قارار قىلىپ بولغان تاللاشلارنىڭ ھېچ قايسىسىنى ياخشى كۆرمىگەن ۋاقىتتىمۇ، ئەگەر بىز ئۆزىمىزنىڭ تاللاشلىرىنى ئۆزىمىز كونترول قىلالايدىغانلىقىمىزنى تونۇپ يەتكەن ھامان، بىز يەنە ئۆزىمىز ياخشى كۆرىدىغان تاللاشلارنى تاللىيالايمىز.

ئۆزىمىزنى بەختلىك بىلەن مۇۋەپپەقىيەتلىك قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئۆز ئۈستىمىزگە ئېلىش بەزىدە ناھايىتى قورقۇنچلۇق بىر ئىشتەك تۇيۇلۇشى مۇمكىن، بىراق ئۇنىڭدىن كېلىدىغان پايدا ناھايىتىمۇ زور بولىدۇ. گەرچە بىز ئۆز تۇرمۇشىمىزنى يۈزدە-يۈز كۆڭۈلدىكىدەك قىلالمىساقمۇ، بىز ئۇنى بۇرۇنقىدىن ياخشىراق قىلالايمىز، ھەمدە كۆپىنچە ۋاقىتلاردا بۇرۇنقىدىن كۆپ ياخشى قىلالايمىز.

ئەسلىدىكى ئۇيغۇرچە ماقالىنىڭ تور ئادرېسى:
http://bbs.izdinix.com/thread-63295-1-1.html
./thread-29314-1-1.html

220

تېما

6

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

سۆزى چەكلەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8737
يازما سانى: 953
نادىر تېمىسى: 21
مۇنبەر پۇلى: 1313
تۆھپە : 6229
توردىكى ۋاقتى: 2107
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-2
يوللىغان ۋاقتى 2015-4-19 07:27:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Curing Victimitis

by MICHAEL JOSEPHSON on MARCH 31, 2015

Watch your thoughts; they lead to attitudes.
Watch your attitudes; they lead to words.
Watch your words; they lead to actions.
Watch your actions; they lead to habits.
Watch your habits; they form your character.
Watch your character; it determines your destiny.

These words of unknown origin tell us that our silent and often subconscious choices shape our future. Every aspect of our lives, at home and at work, can be improved if we use our power to think, reflect, and make conscious choices about our thoughts, attitudes, words, actions, and habits.

Instead, many of us think of ourselves as victims. We complain about our circumstances and what others did to us. Whatever psychological comfort there is in feeling powerless and blameless when things aren’t going right, victims lead unsatisfied lives in the end.

We’re most vulnerable to victimitis when we’re under the influence of powerful emotions like fear, insecurity, anger, frustration, grief, and depression. These feelings can be so overwhelming that we believe our state of mind is inevitable. Our only hope is that they’ll go away on their own. Yet it’s during times of emotional tumult that using our power to choose our thoughts and attitudes is most important. We can’t make pain go away, but we can refuse to suffer.

Even when we don’t like any of our choices, we do have some – once we realize we can take control. It isn’t easy, but what we do and how we choose to feel about ourselves can have a profound impact on the quality of our lives. Victims may get sympathy for a while, but that isn’t nearly enough.

Taking personal responsibility for our happiness and success can be scary, but the payoff is enormous. Although we can’t make our lives perfect, we can make them better – usually a lot better.

This is Michael Josephson reminding you that character counts.

http://whatwillmatter.com/2013/0 ... -curing-victimitis/
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )