مەدەنىيەت سىستېمىسىنىڭ توقۇنۇشى، كۆپ ساندىكى ئەھۋالدا پەقەتلا جۇغراپىيىلىك ياكى مەنپەئەت زىددىيىتىنىڭ ئىپادىلىش شەكلىدىن ئىبارەت، ئادەتتىكى ئەھۋالدا ھايات- ماماتلىق دەرىجىسىگە بارمايدۇ. ئەمما بۇ خىل قانۇنىيەت ئەكسىچە رۇسىيە- تۈركىيە مۇناسىۋىتىدە بۇزۇپ تاشلاندى. رۇسىيە بىلەن تۈركىيەنىڭ نەچچە يۈز يىللىق تىركىشىش داۋامىدا، مەدەنىيەت سىستېمىسىنىڭ توقۇنۇشى ئاساسلىق سەۋەبلەرنىڭ بىرىدۇر. نېمە ئۈچۈن بۇنداق بولىدۇ؟ بۇ رۇسىيە- تۈركىيە ئىككى دۆلەتنىڭ مەدەنىيەت مەنبەسى، ھەتتاكى ئىككىسى ئوتتۇرىسىدىكى مەنپەئەت باغلىنىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. رۇسىيە بولسا پراۋوسلاۋىيان دىنى دۆلىتى. گەرچە سوۋىت ئىتتىپاقى مەزگىلىدە، پراۋوسلاۋىيان دىنى ھۆكۈمەت قاتلىمىدا باستۇرۇلغان بولسىمۇ، ئەمما خەلق ئارىسىدا يەنىلا كەڭ تارقالغان. سوۋىت ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندىن كېيىن، پراۋوسلاۋىيان دىنى قايتىدىن گۈللىنىپ، رۇسىيەنىڭ مىللى ۋە مەدەنىيتىگە بولغان ئىتراپ قىلىنىشىنى ساقلاپ تۇرىدىغان ئاساسلىق قورالىغا ئايلانغان. ئەمما پراۋوسلاۋىيان دىنىنىڭ رۇسىيەدىكى رولى بۇنىڭ بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ. پراۋوسلاۋىيان دىنى شەرقىي ياۋروپا، يېقىن شەرق قاتارلىق رايونلاردا ئاۋام ئارىسىدا ئالاھىدە نوپۇزغا ئىگە، ئەگەر رۇسىيە ئۆزىنى پراۋوسلاۋىيان دىنى مەدەنىيەت سىستېمىسىنىڭ ھەقىقىي رەھبىرى قىلالىسا، بۇ ئۇنىڭ شەرقىي ياۋروپا، يېقىن شەرق رايونىدا كېڭىيىشىدە ناھايىتى زور تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ. ھالبۇكى، رۇسىيە پراۋوسلاۋىيان دىنى دۆلەتلىرى ئىچىدىكى ئەڭ كۈچلۈكى بولسىمۇ، ئەمما ئىزچىل رۇسىيەدىن سىرتقى رايونلاردىكى پراۋوسلاۋىيان دىنى مۇرىتلىرىنىڭ ئېتراپ قىلىشىغا ئېرىشەلمەي كەلدى. تاكى بۈگۈنگە قەدەر، 15- ئەسىردە گۇمران بولغان ۋىزانتىيە ئىمپېرىيەسى يەنىلا پراۋوسلاۋىيان دىنىنىڭ سىياسىي سىموۋولى بولۇپ كەلمەكتە. ۋىزانتىيە ئىلگىرى شەرقىي ئوتتۇرا يەر دېڭىزىدا مىڭ يىللار قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان، پراۋوسلاۋىيان دىنىمۇ كەڭ ئەۋج ئالغان. سىياسىي جەھەتتە قەدىمكى دەۋردىكى رىم ئىمپېرىيەسىنىڭ داۋامى، قەۋملەر توپى ۋە مەدەنىيەت جەھەتتە، ۋىزانتىيە ئىمپىرىيسىگە گرىتسىيەنىڭ چوڭقۇر مۆھۈرى بېسىلغان. گرىتسىيە ۋە رىم ياۋوروپا مەدەنىيتىدە يۈكسەك ئورۇندا تۇرىدۇ، بۇ ئىككىسى بىلەن مەنبەداش كەلگەن پراۋوسلاۋىيان دىنى، تەبئىيلا ئاقسۆڭەكلەرچە خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولغان. روسيە جايلاشقان شەرقىي ياۋروپا، قەدىمدە ئورنى يىراق، نامرات قالاق، ياۋروپالىقلارنىڭ تەسىراتىدىكى مەدەنىيەتسىز جاي ھېسابلانغان، روس مىللىتى بولسا سىلاۋىيان مىللىتى ئائىلىسىگە كىرىدۇ، شۇڭا ئۇزۇن مەزگىل غەربىي جەنۇبىي ياۋروپا تەرىپىدىن ئېچىلمىغان مەدەنىيەتسىز جاي دەپ قارىلىپ كەلگەن. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، ياۋروپالىقلارنىڭ روسلارغا بولغان قارىشى، بۇ نەلەردىندۇر چىقىپ قالغان ياۋايىلار، قانداقمۇ گرىتسىيە، رىم پۇشتىدىن مىراس قېلىپ يېتىپ كەلگەن ئىززەت- ئابرويغا لايىق كەلسۇن دەپ قارايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، پەقەت پراۋوسلاۋىيان دىنىغا ئېتىقاد قىلىشلا كۇپايە قىلمايدۇ. مەيلى رۇسىيە ئۆزىنى قانداقلا پەردازلاپ كۆرسىتىشىدىن قەتئىنەزەر، پراۋوسلاۋىيان دىنى مۇرىتلىرىنىڭ نەزىرىدە، بۇ پەقەت «مايمۇنغا دوپپا كىيدۈرۈپ قويغاندەك» لا بىر ئىش خالاش. ئەگەر رۇسىيە بۇ خىل قاراشتىن ئۈزۈل كېسىل قۇتۇلماقچى، پراۋوسلاۋىيان دىنىنىڭ خوجايىنىغا ئايلانماقچى بولسا، چوقۇم ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ بۇ خىل ئىززەت- ئابرويغا لايىق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىشى لازىم. ئۇنداقتا قانداق ئىسپاتلايدۇ؟ ئۇنىڭ جاۋابى: تۈركىيەنى سۈپۈرۈپ تازىلاشتىن ئىبارەت. 1453- يىلى، ئوسمان تۈركلىرى ۋىزانتىيەنى يوقىتىپ، شەرقىي ئوتتۇرا يەر دېڭىزىدىكى كەڭ پراۋوسلاۋىيان دىنى رايونلىرىنى، ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ زېمىنىغا ئايلاندۇرغان. ۋىزانتىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ پايتەختى، پراۋوسلاۋىيان دىنىنىڭ مۇقەددەس جايى كونىستانتىنوپولمۇ، ئوسمان تۈركلىرىنىڭ يېڭى پايتەختى ئىستانبۇلغا ئۆزگەرگەن. ۋىزانتىيەنىڭ گۇمران بولۇشى، پراۋوسلاۋىيان دىنىنىڭ تارىختىن بۇيان ئۇچرىغان ئەڭ چوڭ مەغلۇبىيىتى. ئەمما ئوسمان تۈركلىرىنىڭ ئىسلامىيەتلىك خاراكېترى، پراۋوسلاۋىيان دىنىنىڭ ئورنىنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىتىپ، مۇرىتلىرىنىڭ كەڭ دائىرىدە ئېقىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئەگەر تۈركىيەنى سۈپۈرۈپ تاشلاپ، كونستانتىنوپولنى قايتۇرۇپ ئالغاندا، رۇسىيە ئوڭۇشلۇق ھالدا پراۋوسلاۋىيان دىنىنىڭ رەھبىرىگە ئايلىنىپ، بارلىق پراۋوسلاۋىيان دىنى مۇرىتلىرىنىڭ ھەتتا خىرىستىيان مۇرىتلىرىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشەلەيدۇ.
|