- تىزىملاتقان
- 2012-5-12
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-8-4
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 11868
- نادىر
- 0
- يازما
- 521
ئۆسۈش
4.67%
|
putin يوللىغان ۋاقتى 2016-1-27 12:48
ئىنكاسلىرىمغا نەزەر ئاغدۇرۇپ كەلگەنلىكىڭىزگە رەھم ...
پۇتىن
ئەسلىدە مەن بۇ تىمىدا تەپسىلىرەك پىكىرلىشەرمەن دەپ ئويلىغان ئىدىم. ئەپسۇسكى مېنى 28 قەۋەتتىكى ئىنكاسىڭىز ئىنتايىن ئۈمۈتسىزلەندۈردى. مېنىڭ باشتىكى ئىنكاسىمدىمۇ بىلىمىڭىزنى ئىشلىتىشكە ئامالسىز قاپسىز دەپ پۇرۇتۇپ قويغان ئىدىم. 28-قەۋەتتىكى ئەشۇ ئىنكاسىزىڭىزدىن مەلۇم بولدىكى، بىلىمنى ئىشلىتىش تۈگۈل قۇتقۇزۇۋالغۇسىز دەرىجىدە ماڭقۇرتلىشىپ كېتىپسىز. سىز ئۆز قەۋمىڭىزگە زەھەرخەندىلەرچە يامان نىيەتتە بولىۋېتىپسىز. شۇڭا سىز بىلەن ئارتۇق پىكىرلىشىشنىڭ ھاجىتى يوق دەپ قارىدىم. ئەمما سىزگە يەنە تۆۋەندىكىدەك بىرنەچچە تۈرلۈك ئەسلەتمە بېرىشنى لايىق كۆردۈم.
1. سىز ئەلبەتتە ئەل قىلىش، ئىستىلا قىلىش، پەتھى قىلىش بىلەن تاجاۋۇز قىلىش، بويسۇندۇرۇش، تالانتاراج قىلىش، بېسىۋېلىش دىگەن گەپلەرنىڭ مەنىسىنى چۈشۈنىسىز. شۇڭا ئۇيغۇرنىڭ تارىختىكى قوشۇۋېلىش ھەركەتلىرى مۇشۇلارنىڭ قايسى بىر تۈرىگە كىرىدۇ. ئورۇسنىڭچۇ؟
2. مەن سىزگە ئورۇسنىڭ شىمالدىن تارتىپ خوشنىلىرىنى ساناپ بېرەي، قېنى روسنىڭ مۇشۇلاردىن بىرەسىگە ناچارلىق قىىلغان رەزىل تارىخنىڭ يوقلىقىغا دىققەت قىلىپ بېقىڭ.
فىنلاندىيە، ئىستونىيە، لاتۋىيە، لىتۋا، بىلىروسىيە، پولشا، ئۇكرائىنا، قىرىم تاتارلىرى، قازان تاتارلىرى، چىچىنىيە، گىرۇزىيە، تۈركىيە، ئەزەربەيجان، تۈرۈكمەنىستان، ئۆزبەكىستان، قازاقىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان، ئافغانىستان، ئۇيغۇر، موڭغۇل، خەنزۇ، ياپون.
بۇ دەۋلەت ۋە مىللەتلەر ئورۇس بىلەن بەزىلىرى بىۋاستە چىگرىلانسا، بەزىلىرى چىگرىلىنىش تۈگۈل بىرنەچچە دەۋلەت ئارقىلىق ئايرىلىپ تۇرىدۇ. فىرانسۇز، گېرمان قاتارلىق ياۋرۇپا دەۋلەتلىرىنى دىمەي تۇرايلى.
3. قىرغىنچىلىق بولىدىكەن دەۋاگىرى بولىدۇ. ئورۇسنىڭ چىچىنىيە قىرغىنچىلىقى، كاتىن ئورمانلىقى قىرغىنچىلىقى، يەھۇدى قىرغىنچىلىقى، 30- يىللاردىكى تاتار، ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركى مىللەتلەرنى قىرغىن قىلغان، كۆچكۆچ قىلغان تارىخى، ھەتتا كۈنىمىزدىكى سۈرىيەدىكى بىگۇنا مەزلۇم-نارىسىدىلەرنى قىرغىن قىلغان تارىخى بار. قېنى ئېيتىڭە پوتىن ئۇيغۇرنىڭ ئەشۇنداق قىرغىنچىلىق تارىخى بارمۇ؟ ئۇيغۇرنى قىرغىنچىلىق قىلدى دەيدىغانغا دەۋاگەر بارمۇ؟ بۇنى بىلمىسىڭىز پۇتىن: ئۇيغۇرنى ئۆزلىرىنىڭ تارىخى دۈشمىنى ساناپ يۈرگەن بىرەر قەۋىم بارمۇ؟ بولسا ئۇ قايسى قەۋىم؟
4 ئاخىرىدا سىزگە تەۋسىيە قىلىدىغىنىم: سىز ئۆز قەۋمىڭىزنىڭ ئىسمىنى ئاڭلىسىڭىز بېشىڭىز ئاغرىيدىكەن، نومۇس ھىس قىلىدىكەنسىز، ئورۇسنىڭ ئىسمىنى ئاڭلىسىڭىز سۆيۈنۈپ كېتىدىكەنسىز. مۇشۇنداق كېسىلىڭىزگە قارىتا ھون تەڭرىقۇتى ئاتىللانىڭ بىر نۇتقى بار. تاپالىسىڭىز شۇ نۇتۇقنى بىر ئوقۇپ كۆرۈڭ. |
|