- تىزىملاتقان
- 2016-1-29
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-2-27
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 366
- نادىر
- 0
- يازما
- 25
ئۆسۈش
33%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا alpamixaziz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-1-31 05:01
مەن بۇ مۇنبەرگە يېڭى ئەزا بولۇپ كىردىم.
بۇ تېمىنى قىزىقىش بىلەن كۆردۈم.
تورداشلارنىڭ قىسمەنلىرى ئىچىدىكى پىكىر ئىختىلاپلىرى ئۆتمۈشىدىن مەن خەۋەرسىز.
خەۋەردار بولۇشمۇ ياخشى ئەمەس. مېنىڭ ئۇ ئىشلار بىلەن قىلچە ئالاقەم يوق.
مېنىڭ بۇ يەردە ئىنكاس يېزىشىم بۇ تېمىدىكى تۈرك ۋە رۇس ئاتالغۇلىرىغا ئىككى ئۇچۇرنى قوشۇپ قويۇش ئۈچۈن.
ئەنۋەر بايتۇرنىڭ «شىنجاڭدىكى مىللەتلىرى تارىخى »ناملىق كىتابىدا ھازىرقى تۈركىيە تۈركلىرىنىڭ ئەسلى مەنبەسى ۋە رۇسلارنىڭ ئەسلى مەنبەسى ھەققىدە
مەلۇمات بار.
شۇ كىتاپتا ئېيتىلىشىچە : كېيىنكى كۆك تۈرك خانلىقى 682-يىلى قۇرۇلغاندىن كېيىن
غەربىي يۇرتقا ھۇجۇم قىلىپ ،ئىلگىرىكى غەربىي كۆك تۈرك خانلىقىنىڭ 658-يىلدىن ئىلگىرىكى بارلىق زېمىنىنى قايتۇرۋالغان.دەل شۇ كېيىنكى كۆك تۈرك خانلىقى غەربىي
يۇرتقا يۈرۈش قىلىۋاتقان 7-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ يەنە بىر چوڭ
تۈركۈمى بولغان تەڭرى تاغ ئوغۇزلىرى غەرىبكە سۈرۈلگەن.تەدرىجى غەرىبكە سۈرۈلۈش
ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىپ ،10-ئەسىرگە كەلگەندە ئوغۇز تۈركلىرى دەپ ئاتالغان.ئۇلارنىڭ ئاق ساقىلى سەلجۇق دېگەن كىشى زور بىر ئىمپىريەنى قۇرغان ،ئوغلى تۇغرۇلبېك باغدادقا بېسىپ كىرىپ،باغداد خەلىپىسىنى ئوغۇز تۈرۈك ئىمپىرىيىسىنى ئېتراپ قىلىشقا قىستىغان.ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى ھازىرقى تۈركىيە مىللىتى بولۇپ شەكىللەنگەن.
يەنە شۇ كىتاپتا ئېيتىلىشىچە : 9-ئەسىردە ۋولگا ۋادىسىدا قازارلار بىلەن بىرلىكتە
ئورۇس دەپ ئاتاىلىدىغان ناھايىتى كۈچلۈك بولغان بىر تۈركىي قەبىلە بولۇپ،سىلاۋيانلارنى ئۆزىگە بويسۇندۇرغانلىقى، ئورۇس قەبىلىسى ھەربىي جەھەتتە
كۈچلۈك بولسىمۇ لېكىن سىلاۋيانلارنىڭ ئۈستۈن مەدىنىيىتى تەرىپىدىن ئاستا-ئاستا
ئاسىلماتسىيە قىلىنىپ، نامى تۈرك ، ئاھالىسىنىڭ ناھايىتى زور كۆپ قىسمى سىلاۋيان بولغان يېڭى مىللەت -ئورۇس مىللىتىنى شەكىللەندۈرگەنلىكىنى،كىيىۋنى مەركەز قىلىپ
دۆلەت قۇرغانلىقىنى بايان قىلىنغان.كىتاپتا ئېيتىلىشىچە ئەسلىدىكى تۈركىي قەبىلە
بولغان ئورۇس قەبىلىسى قازارلارنىڭ بىر تەركىبى قىسمى ئىكەن.قازارلار بولسا ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ ئىچكى توققۇز قەبىلىسى ئىچىدىكى توققۇزىنچى قەبىلە قازار شۇ.
ئۇندىن باشقا «ئوغۇزنامە»دىمۇ ئوغۇز قاغاننىڭ ئورۇس بەگ بىلەن ئۇچراشقانلىق
دېتالى بار. قەدىمدە ئورۇس دەپ ئاتىلىدىغان بىر قەبىلىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچكى
توققۇز قەبىلىسىنىڭ توققۇزىنچىسى بولغان قازارلارنىڭ تەركىبى قىسمىدىكى قەبىلە
ئىكەنلىكى تارىخىي ئەمىلىيەتكە ئۇيغۇن.
يۇقۇرىقى ئىككى مەلۇماتنىڭ يۇقۇرىدا تىلغا ئېلىنغان كىتاپنىڭ نەچىنچى بەتلەردە
بايان قىلىنغانلىقى ھەققىدە باشقا كۈنى ئىنكاس يازاي.
خۇلاسە قىلغاندا بۈگۈنكى تۈركىيە تۈركلىرىنىڭ ئەسلى مەنبەسى ۋە رۇسلارنىڭ ئەسلى
مەنبەسى قەدىمكى ئۇيغۇرلار بىلەن زىچ باغلىنىشلىق. |
|