- تىزىملاتقان
- 2015-1-30
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-8-3
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 12855
- نادىر
- 0
- يازما
- 1240
ئۆسۈش
7.14%
|
baturkarahan يوللىغان ۋاقتى 2016-1-28 13:35
پۇتىن بىلىمى باركەن دەپ قويساق مىللەتكە تۆھمەت چاپلا ...
ماڭا كىمنىڭ مىنى بىلىمى بار دەپ تونىشى كىرەك ئەمەس ھەم مىنىڭ ئىتراپ قىلىنغانلىقىمنىڭ مەناسىمۇ ئەمەس .ھەربىر كىشىنىڭ بىلىمىنىڭ بولىشى باشقىلارغا نىسبەتەن نىسپىيلىككە ئىگە.دۇنيادا ئىنىشتايىننى بىلىملىك دەپ قارايدۇ .بىراق ئۇنى ھاماقەت ،دىۋەڭ قارايدىغان كىشىلەرمۇ بار .ئۇنى جىنايەتچى دەپ قارايدىغان كىشىلەر بار .مەيلى قانداق بولىشىدىن قەتئىي نەزەر كىشىلەر ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش قىممىتى بار نەرسىلەرنى تاپالىدى.بۇ دەل ھەرقانداق بىلىمنىڭ مەۋجۇتلىقى .
خوش ،ئەمدى روسلار سىز دىگەندەك دۇنياۋى سەھنىدە چىقىپ ،يەنە ئۆچۈپ يەنە چىقىپ كەلدى .شىمالى ئامىرىكا ،ئوتتۇرا شەرق ،كاۋكاز ...ئۇلارنىڭ قولى يوق يەر يوق .بۇ روسلارنىڭ خاتالىقىمۇ ؟بىر مىللەت روھقا ،يولباشچىغا ئىگە بولغاندا مۇشۇنداق ئۇلۇغ مىللەت ،دۇنياۋى مىللەت بولۇپ ياشايدۇ ،دۇشمەنلىرى تاپىنى ئاستىدا ،ئىستىلا زۇلىمى ئاستىدا ياشايدۇ .باشقىلار ھەسەت قىلىدۇ ،قارغايدۇ ...ئۇيغۇرلار تارىخ تەرىپىدىن نەزەردىن ساقىت قىلىنغىنى 1000يىل بولدى .بىز ئاللاھنى تونىيمىز دەپ مىللەتنىڭ روھىنى يوقاتتۇق .شۇڭا ،ئىستىلا ئاستىدا ياشايمىز ،غوجىڭىزدىن ئاشقىنىنى ،بەرگىنىنى يەيسىز .بەرگەننى يەپ تۇرۇپ يەنە خەقنىىڭ ئارتۇقچىلىقىنى ئىتراپ قىلماي كۆزگە ئىلمايسىز ،ئۆزىڭىزنىڭ ئاجىزلىقىنى ئىتراپ قىلماي ،ئادىىللىقنىڭ قۇربانلىقىغا ئايلاندۇرىسىز .
مەن ئۇيغۇر ،مەيلى دۆلەت ئىچىدە ياكى دۆلەت سىرتىدا مەن ئۇيغۇر دەپ كەلدىم لىكىن ،مىنىڭ بۇ ئۇيغۇرلۇق سالاھىيىتىم ماڭا نە ئادىللىق نە ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى ئاتا قىلمىدى .باشقىلار داۋاملىق ئىسمىمغا قاراپ مىنى ئەزار ،تۈرك ،ئەرەپ دەپ خاتا ئويلاشتى .ئۇيغۇر دىگەن نامنى دىسەم ئۇلارنىڭ داڭقىرىغان ھالدىكى :شۇنداقمۇ دىگەن جاۋابىلا بولدى خالاس .
مەن داۋاملىق ئىككى كىتاب ۋە بىر قانچە كىشى تۈپەيلى مىللىتىمدىن پەخىرلىنىپ ،سىلەر بىلەن تەڭ ‹ئۆزۈمچە›مەستخۇش بولۇپ يۈرمەيمەن .چۈنكى ،ئۇلار شۇ دەۋرنىڭ .ئەركىللىرى .ئۇ دەۋر مەن ۋە مىنىڭ مىللىتىمنىڭ ماھىيىتى ،مۇھىتىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ .روسلار ،گىرمانلار ،ئىنگىلىزلار ،خەنلەر ،ياپونلار ،ھىندىلار دۇنياۋى ئۇلۇغ مىللەتلەر .بۇلارنىڭ تارىخى پۈتكۈل ئىنسانىيەتنى بەخىتكە ئىرىشتۈردىكى ھەم ئىنسانىيەتكە بالايى ئاپەتمۇ بولدى .ئەمما بۇلار بىزدەك توختاپ قالمىدى .
قولىمىزدىن قىلىچ چۈشۈپ ،ئاسمانغا ئىلتىجا قىلىدىغان ،ئاللاھتىن تىلەيدىغان ،قوڭىمىزدىكى ئات جەينىمازغا ئايلىنىپ پەرھىز قىلىنىۋاتقان ۋاقىتتا بىز بۇرچنى تاشلىدۇق ھەم ئۇنۇتتۇق .ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئەقىل پاراسىتى بولۇپ كەلگەن يىزىقنى تاشلاپ ،مۇسۇلمانلىشىش (ئەرەپلىشىش)ئىلىپ بارغاندا مىللىتىمىزدىكى روھنىڭ سۇنغانلىقىنى ئۇنۇتتۇق ....
باشقىلار ئۇرۇش ياكى مەلۇم زۇلۇمدىن مىللىتىنى قايتىدىن تونۇيدىكەن ،بىز تىخىمۇ دۇئاۋاز ،چۈشكۈن ،تىخى ھەسەتخور ،قاغىشۋاز بولۇپ كەتتۇق .روسلار دۇنيادا تارىىخىدىكى ئەڭ قارا كۈنلەرنى ،دۇنيا تارىخىدىكى ئەڭ ۋەھشىي ئۇرۇشلارنى باشتىن كەچۈرۈپمۇ چۈشكۈنلەشمەي دۆلەت زىمىنىنى ياتلارنىڭ ئاياغ ئاستىدا قالدۇرمىدى .بىز نىمە قىلالىدۇق ؟
مىنى ئۇيغۇرلاردىن ئەمەس دىيىشكە سىنىڭ سالاھىتىڭ يوق .روسلارنى ھاقارەتلەش ياكى ئۆزۈڭدەك مىللەتكە دۈشمەن كۆرۈشكە تىخىمۇ سالاھىتىڭ يوق . |
|