- تىزىملاتقان
- 2015-1-30
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-8-3
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 12855
- نادىر
- 0
- يازما
- 1240
ئۆسۈش
7.14%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا putin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-1-29 12:34
qarabeg يوللىغان ۋاقتى 2016-1-28 21:52
پۇتىن
ئەسلىدە مەن بۇ تىمىدا تەپسىلىرەك پىكىرلىشەرمەن ...
قارابەك :
سىزنىڭ بۇقىتىمقى مەقسەتلىك بۇ يازمىڭىز مىنى سىزگە بولغان قارىشىمنى ئۆزگەرتتى .تۈنۈگۈندىن بۇيان سىزگە قايتۇرما جاۋاب يازماسلىقنى ئويلىغان ئىدىم .بىراق ،بۇنداق قىلسام سىزدىن پەرقىم يوق بولۇپ قالىدىغانلىقىنى ھىس قىلىپ قالدىم .
ئەمىلىيەتتە سىز ماڭا كۆرسىتىپ ئۆتكەن تۆت ئىش پەقەت بىرلا ئىدىيە ئۇ بولسىمۇ سىز كۆپ قىسىم ئۇيغۇر مۇنبەرداشلىرىنىڭ روسلارغا بولغان ئۆچمەنلىكىدىن پايدىلانماقچى خالاس .مەيلى مەن قانداق ئىنكاس يازاي ئالدى بىلەن مۇنبەردىكى ئىتىقاد تەشىۋىقاتچىللىرى ۋە تار مىللەتچىلىك ئىدىيەسى بار كىشىلەرنىڭ ئىنكار قىلىشىغا ئۇچرايدىغانلىقىمنى بىلىسىز .مۇشۇنداق ئوڭايسىز .ئەھۋالغا قويماقچى بولغانلىقىڭىزنىڭ ئاساسىي مەقسىدىنى مەن بىلىپ بولالمىدىم ھەم بىلىشنىڭمۇ ھاجىتى يوق دەپ ئويلاپ قالدىم .
ئەمدى خوش ،تۆت تۈرلۈك ئىشىڭىزغا كىلەيلى .قۇربانبىككە ياندۇرغان ئىنكاسىڭىزدىكى روسلارنىڭ ئازادلىك ھەركەتلىرىمىزگە بولغان قوللاشلىرىنىڭ مەقسەتلىك ئىكەنلىكىنى ئىيتىپسىز .كىمنىڭ مەقسىدى يوق ؟باشقىلارنىڭ بىزدە پايدىلىنىش مەقسىتىنىڭ بارلىقى بىزنىڭ قىممىتىمىزنىڭ بارلىكىنى بىلدۈرىدۇ .
يەنە ئۇيغۇرللار ئىدۇقۇت خانلىقى ،يەنە چىڭگىزخانغا ئەگىشىپ ئوتتۇرا ئاسىيا ،روسىيە ،ئوتتۇرا شەرق ،ياۋروپاغا بارغۇچە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىرقى قىرغىنچلىك قىلغانلىق ھەققىدىكى يازمىلار خاتىرلەنگەن .بۇ خاتىرىلەر بىزنىڭ يازما خاتىرىمىزدە بولمىغان بىلەن شۇ مىللەتلەرنىڭ تارىخىدا بىز روسلارنى ئۇنۇتمىغاندەك ئۇلارمۇ ئۇنۇتماي خاتىرىلىگەن .يەكەن خانلىقى كەشمىرنى ئەمىلى كونتىرول قىلغاندا كەشمىردىكى ھىندى بۇددىستلىرى ۋە يەرلىك خەلىقلەرنى قىرغىن قىلغان بۇ تارىخنى بىلەمسىز بىلىپ قالسىڭىز ئىتراپ قىلىشنى خالامسىز ؟ئەجىبا ئۇيغۇر دىيارىمىزنى ئەمىلى كونتىرول قىلىپ تۇرغان ۋاقىتتىكى باشقا مىللەتلەرنىڭ ئۇيغۇرلىشىشىنى ئۇيغۇرلارنىڭ مەدىنىيەت ،سەۋىيىسىنىڭ ئىلغارلىشىپ ئۇلارنىڭ ھەۋەسلىنىشىدىن بولغان دەپلا قارامسىز ؟ئىدىقۇت ،كۆك تۈرك قاتارلىق خانلىقلارنىڭ قىرغىزلارنى قانداق كونتىرول قىلغانلىقىنى ،قانداق بۆلۈپ باشقۇرغانلىقى ھەققىدە ئاندىن تارىخنىڭ يەنە قانداق مىللەتنى شەكىلەندۈرۈشىگە تۈرتكە بولغانلىقى ھەققىدە بىلىمدىن خەۋىرىڭىز بارمۇ ؟
قارابەك :مۇنبەر ،مەۋھۇم بىلىم ئالىدىغان جاي ھەرگىزمۇ سىزنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ۋەياكى مىنىڭ كەيپىياتىمىزدىكى ھەرخىل ئىشلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىتىدىغان جاي ئەمەس .بىلمىسەك ،بىلىۋالساق بولىدۇ .توغرا تاپمىغان ئىنكاس ۋە يەكۈنلەر بولسا ھىچقىسى يوق بۇ سىزنىڭ ئىزدىنىشتىن كىيىنكى ئۆزىڭىزنىڭ ھۆكىمىگە ئىشەنسىڭىز بولىدۇ .سىزنىڭ مىنىڭكىنى خاتا دەپ پۈتكۈل مىللەتنىڭ شۇ مىللەتكە بولغان قارىشىنى ئۆزگەرتىپ بولالمايسىز مەنمۇ ھەم .نادان كىشىلەردەك تالىشىپ يۈرۈشنىڭ ھاجىتى يوق .
ئاخىرىدا سىزگە دەيدىغىنىم .يىڭى مۇنبەرچىلەردەك قاملاشمىغان ئۇسۇللار بىلەن مىنى ئوڭايسىز ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ ،قوللاش ئاۋازلىرى يىغىمەن دىمەڭ .چۈنكى ،مەيدانى يوق قوللاش پەقەت ھاياجان خالاس . |
|