- تىزىملاتقان
- 2016-3-4
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-4-15
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 4337
- نادىر
- 0
- يازما
- 502
ئۆسۈش
77.9%
|
موسۇلماننىڭ ئائىلىسى بالىلار ئۆسۈپ يىتىلىدىغان بىر كىچىك< جەمئىيەت> بولۇپ ، بۇ جەمئىيەتتە بالىلار چوڭلار بىلەن باغلىنىدۇ . بالىلارنىڭ ئەجدادلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئورنىتىلىدۇ . قىممەت قاراش ، ئەخلاق ، ئەنئەنە ، دوستلۇق ، مىھىر -مۇھەببەت . . . . قاتارلىقلارنى بالىلار ئائىلىدىن تاپىدۇ ياكى ئۆگىنىدۇ . بۇ گۈزەل خىسلەت ۋە ئىنسانىي پەزىلەتلەرنىڭ تۈپ مەنبەسى ئىسلامدۇر .
بىراق ، ئەھۋال ئۆزگەردى . . . .
كىشىلەرنى ئائىلىنىڭ سىرتىغا تارتىدىغان ھەر تۈرلۈك ئامىللار پەيدا بولدى . . . .
كىشىلەر كىرىپ بىمالال ھاراق ئىچەلەيدىغان قاۋاقخانا ۋە مەيخانىلار پەيدا بولدى ، كىشىلەر يېرىم كېچىگىچە قاۋاقخانىلاردا قەرت ، شاھمات ئوينايدىغان بولدى ، بۇرۇنقىدەك ئۇرۇق تۇغقانلىرىنى يوقلايدىغان ۋاقىتلىرىنى بىكار ئىسراپ قىلىشتى . بۇ ئىشلار ئەمەلىيەتتە ئاللاھ ۋە پەيغەمبەر ھارام قىلغان ئىشلاردىن ئىدى . ئۇندىن باشقا تىياتىرخانا ، تانسىخانا ، ئارامگاھ ۋە كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرى كۆپلەپ پەيدا بولدى . . .
پاھىشىخانىلار پەيدا بولدى . . . . پاھىشىلەرنى ۋە پاھىشىلەرگە ھەمراھ بولۇپ كەلگەن ھەر قانداق بۇزۇق ئەر -ئاياللارنى قوغدايدىغان قاراۋۇللار پاھىشىخانىلارنىڭ ئالدىغا تىزىلىپ كەتتى .
بۇنىڭغا ئەگىشىپ ئاياللارنىڭ سىرتقا چىقىدىغان دەۋرى يىتىپ كەلدى . ئايال ئۆيىدىن چىققاندا ، ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئۆيگە مۇناسىۋەتلىك ھەر قانداق قىممەت قاراشلىرىنى چۆرۈپ تاشلىدى ، ھەتتا ئاللاھ ۋە پەيغەمبىرى بۇيرىغان دىننىڭ تۈپ ئاساسلىرىنى تاشلىۋەتتى .
ئايال سىرتقا چىقىپ ، خالىغان ئەزالىرىنى يالىڭاچلاشنى باشلىغان چاغدا ئېزىش ۋە ئازدۇرۇش باشلىنىپ كەتتى . ئايال ھىجابىنى تاشلاپ ، ئۇنىڭدىن سۇغۇرۇلۇپ چىقتى ، ئاندىن كىيىن تەدرىجىي ھالدا ئۆز جىسمىنى يالىڭاچلىدى ، ئاخىرى بېرىپ دېڭىز ساھىللىرىدا يالىڭاچلىنىشتىن نۇمۇس ھىس قىلمايدىغان ھالغا كەلدى ، ھالبۇكى ، بۇ ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى ھارام قىلغان ئىشلار ئىدى . . دەسلەپتە ئايالنىڭ سىرتقا چىقىشىدىكى مەقسىتى ئەرلەرنى ئازدۇرۇش ئەمەس دىسەكمۇ ، بىراق ، ئايال سىرتغا چىققان ھامان پىتنە ئەر -ئاياللارنىڭ قەلبىگە كىرىدىغان ئەڭ ئاسان يولنى تاپتى . . . . مانا ئايال ئەرنىڭ ئالدىدا ئاشكارا بولدى ، زىبۇ زىننەتلىرىنى كۆز كۆز قىلىشقا باشلىدى ، بۇنىڭ بىلەن ئەرلەرنىڭمۇ دىققىتى قوزغالدى . ئىشلار بۇنىڭ بىلەنلا تۈگەپ قالمىدى . يىڭى - يىڭى پاسونلارنى ۋە خىلمۇ خىل مودىلارنى ئىجاد قىلىدىغان ئورۇنلار پەيدا بولدى . ھەر تۈرلۈك گىرىم بۇيۇملىرى ، گىرىمخانا ۋە پەردازخانىلار مەيدانغا كەلدى . شۇنىڭ بىلەن بۇزۇقچىلىق يەنە بىر پەللە يۇقىرى كۆتۈرۈلدى ، ئەمما ئىش تۈگىگەن ئەمەس .
جەمئىيەتنىڭ بارلىق ئۆرپ -ئادەتلىرىگە ، ئەنئەنىلىرىگە ، قىممەت قاراش ۋە ئەخلاقلىرىغا ھۇجۇم قىلىش باشلاندى ، ئىشلار بەكمۇ خەتەرلىك باسقۇچقا چىقتى .
دۇمباقچى ۋە سۇنايچىلار ئورنىدىن تۇرۇپ بۇ بۇزۇقچىلىقلارنى چەكلەيدىغان بەلگىلىمىلەرگە ھۇجۇم قىلىشقا باشلىدى، دىن بەلگىلىگەن چەكلىمىلەرنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى كۈچەپ تەشۋىق قىلىشغا باشلىدى .
ئەمدىكى مەسىلە 《كىشىلەر قانداق قىلىپ دىن چەكلىگەن ئىشلارنى بىمالال قىلىشقا جۈرئەت قىلدى ؟》بولماستىن ، بەلكى ، 《دىن نېمىشقا بىزنىڭ نورمال قىلىدىغان ئىشلىرىمىزنى چەكلەيدۇ ؟》 بولۇپ قالدى .
مانا بۇ بىزنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىمىز ئىدى . . . .
|
|